RSS ھەققىدە «ئۇيغۇر كومپيۇتېر تەجىربىخانىسى» تورىدا ئەتراپلىق توختالغان.
RSS ھەممىزنىڭ ئايرىلماس ئۇچۇر قۇرالىغا ئايلىنىپ بولدى. مۇبالىغەلەشتۈرۈپ ئېيتقانداق بىز RSS سىز ھالدا 21-ئەسىر(ئۇچۇر دەۋرى) گە كىرىپ قالغان بولساق بەلكىم ئەخلەت ئۇچۇر، بومبىسىمان پارتىلايدىغان ئۇچۇر، يالغان ئۇچۇر، ئېلان-تەشۋىق ئۇچۇرى…. كاساپىتىدىن ساراڭ بولۇپ قالاتتۇق.
«ئۇيغۇر كومپيۇتېر تەجىربىخانىسى»دىكى ئالدىنقى ئىككى يازمىدا RSSنىڭ ئالاھىدىلىكى، كومپيۇتېر نۇسخسى، تور بەت نۇسخسىى قاتارلىقلاردىن ساۋات بىرىپ ئۆتكەن. بۈگۈن مەن تونۇشتۇرىدىغان دېتال بولسا بۇ خىل RSS ئوقۇغۇچىنىڭ iPhone,ipodtouch,ipad كە قاچىلايدىغان نۇسخىسى. iTunes دا ھەقسىز نۇسخسى بار، لىكىن ئازراق ئىقتىدارى چەكلىمە قىلىنغان، ئېلان قىستۇرۇلغان.
تۆۋەندە تەمىنلىدىغىنى يېشىۋىتىلگەن نۇسخسى بولۇپ تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئۈسكنىلەرگە قاچىلاشقا بولىدۇ، تۈرمىدىن قاچمىغانلار iTunes دىن mobilerss دەپ ئىزدەپ ماس نۇسخسىىنى قاچىلىسا بولىدۇ. بۇ دېتال Googlereaderنىڭ iOSنۇسخسى بولۇپ ../1836.html تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان بويىچە googlereaderنىڭ زاكاس مەنبەلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. يەنى شۇ بەتتىكى ھىساب نومۇرى ئارقىلىق iPhoneدا ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپقىلى ۋە تور ئۈزۈلەەن شارائىتتىمۇ ئاپتوماتىك چۈشۈپ، ساقلانغان ماقىلىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.
1.دېتالنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن چۈشۈرۈڭ http://dl.dbank.com/c0ho3yijf3
2. itools ئارقىلىق بۇ دېتالنى قاچىلاڭ،../1124.html
3. Googleھىسابات نومۇرىڭىز ئارقىلىق كىرىڭ.https://www.google.com/accounts/NewAccount?continue=http%3A%2F%2Fwww.google.com.hk%2Fwebhp%3Fhl%3Dzh-CN%26sourceid%3Dcnhp&hl=zh-CN
مۇۋاپقىيەتلىك كىرگەندىن كىيىنلا googlereader غا قوشۇلغان بارلىق مەنبەلەر ئاپتوماتىك يىڭىلىنىدۇ.
بارلىق مەزمۇنلار سىستىمىدا ساقلىنىدۇ، خالىغان ۋاقىتتا كۆرۈشكە بولىدۇ. كۆرۈپ بولۇنغان ماقلىلەر مۇ googlereader بىلەن ماس قەدەملىشىپ تەكرارلىقتىن ساقلىنىدۇ.