گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 276 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 286|ئىنكاس: 2

ئاجايىپ تەملىك سايرام قېتىقى، تونۇلغاچقا چىقتى ئاتىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

يوقلىما
57
تېما
68
قىزغىنلىق
1233
تىللا
1970
تۆھپە
1550
توردا
144 سائەت

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-14 20:01:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاجايىپ تەملىك سايرام قېتىقى، تونۇلغاچقا چىقتى ئاتىقى

[2011-08-11]  
                                                                                                
                                                                                                     كېلىش مەنبەسى:جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى  

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز  قۇربان سايىم خەۋىرى ۋە فوتوسى. باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرى نەسىللىك ئىنەك باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرغانلىقتىن، ھازىر بۇ بازار بويىچە كۈندۈلىك سۈت مىقدارى 6000 كىلوگرامغا، سۈت-قېتىقچىلىق بىلەن شۇغۇلىنىدىغان ئائىلە 128گە، ئۇلارنىڭ بازارنى كۈندۈلىك سۈت-قېتىق بىلەن تەمىنلەش مىقدارى1200 قاچىغا، يىللىق سۈت-قېتىق سېتىپ قىلغان كىرىمى 1 مىليون 360 مىڭ 800 يۈەنگە يىتىپ، سۈت-قېتىقچىلىق دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى.

سايرام قېتىقى ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تەمى بىلەن يىراق-يېقىنغا داڭ چىقىرىپ، خېرىدارى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپلا قالماستىن يېمەك- ئىچمەك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

سايرام بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان قېتىق ئىستېمال تەلىپىگە ئاساسەن، نەسىللىك ئىنەك سېتىۋالغان دېھقان- چارۋىچىلارغا ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش، ئوتلاق، قورا-قوتان يېرىدە ئېتىبار بېرىش، سۈت يىغىپ سېتىۋېلىش پونكىتى قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نەسىللىك ئىنەك بېقىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى. بۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە بازار بويىچە جەمئىي ئىنەك 3842 تۇياققا، نەسىللىك كالىنىڭ نىسبىتى %68 گە، كۈندۈلىك سۈت مىقدارى 6000 كىلوگرامغا يەتتى.

ئاجايىپ تەملىك سايرام قېتىقى


ئاجايىپ تەملىك سايرام قېتىقى


سۈت-قېتىق سېتىۋاتقان دېھقانلار


سۈت-قېتىق سېتىۋاتقان دېھقانلار


11081118062429s.jpg


Rank: 3Rank: 3

تېما
42
قىزغىنلىق
460
تىللا
1435
تۆھپە
270
توردا
56 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 16:07:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقدىشىم kurban بۇ ئەسەرنى تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز،قۇلىڭىز ئەسەر يېزىشتا تولىمۇ ئەپچىلدە،باشقا يېزا-مەيدانلارنىڭمۇ ئالاھىدىلىگىنى تەسۋىرلەپ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەيسىز،ناھىيىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا سىزدەك قۇلى گۈل يازغۇچىللىرىمىز كەم بولسا بولمايدۇ،سىزگە ئۇتۇق ھەم سالامەتلىك مەڭگۈ نىسىپ بولسۇن...


بىلىم ئىزدەنگۈچىلەرگەھەمرا . تۇرسۇن نىياز

Rank: 2

تېما
9
قىزغىنلىق
97
تىللا
380
تۆھپە
28
توردا
41 سائەت

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 12:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز    سايرام قېتىقى راستىنلا باشقا ھىچ يەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.  بىز ھېلىمۇ   سايرامدىن  قېتىق  ئەكەلتۈرۈپ ئىچىمىز .. كورلىدا  قېتىق   لەمپۇڭ  پەقەت ئوخشىمايدۇ،   بايدىكى  كۆرۈك  بويىدىكى يۈسىنكام  يەنە  ئويبازاردىكى  رىيانگۈلنىڭ لەڭپۇڭىنى بەك سېغىندىم..................


دىل ئازا،خۇدا بىزا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-22 14:18 , Processed in 0.119628 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش