خىزمىتىنى تاشلاپ قاچقان مۇئەللىم
(ھېكايە)
_ ئەخمەت مۇئەللىم،سىز تۆتىنچى سائەت دەرس ۋاقتىنىڭ يېرىمى قالغاندا نەگە باردىڭىز؟
_ ياتىقىمغا كىرىپ تاماق ئىتىپ يىگەن ئىدىم.
_ تاماقنى چۈشلۈك ئارامدا ئىتىپ يىسىڭىز بولمامدۇ؟
_ قىرىق مىنۇتلۇق چۈشلۈك ئارامدا تاماق پىشۈرۈپ يەپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايدىكەنمەن،شۇڭا تۆتىنچى سائەتتە دەرسىم بولمىغاندىن كېيىن بالدۇرراق تاماق ئىتىپ يىگىلى چىققان ئىدىم.
_ تۆتىنچى سائەتتە دەرسىڭىز بولمىغان بىلەن خىزمىتىڭىز بارنى بىلمەمتىڭىز!
_ بىلىتىم،بىلسەممۇ قانداق قىلىمەن! ئاچ قورساق خىزمەت قىلغىلى بولمايدىكەن بۇ سەھرادا.
_ كىم سىزنى ئاچ قورساق خىزمەت قىلسۇن دەپتۇ،تاماق ئىتىپ بېرىدىغان خوتۇن ئالسىڭىز بولمامدۇ!؟
_ ئەمدى شۇ شۇجاڭ،قىز بالا بىكارغا تەگمەيدىكەن،بۇ ئاتمىش يۈەن ئىش ھەققىم بىلەن يا ئۆيلەنگۈدەك پۇل يىغالمىدىم.
_ پۇل يىغالمىغان بولسىڭىز،مەن خوتۇن ئالىتىم،ياردەم قىلىڭلار دەپ،خورجۇن كۆتۈرۈپ تىلەڭ!
_ ئۇنداقمۇ دەپ كەتمىسىلە شۇجاڭ،مەنمۇ رەسمىيلىشىپ قالامەن بىر كۈنى.
_ نېمىشقا دېمەيمەن! بىر كۈنى بولسا كېچىكىڭ،بىر كۈنى بولسا بالدۇر ئارام ئېلىۋېلىڭ!‹‹ھېجىقىز تۆۋە قىلماپتۇ،تۆۋە قىلسا كۆڭلى قويماپتۇ››دەپ شۇنچە قېتىم نەسىھەت قىلسام تۈزەلمىگەن...
_ ھەي ئوغىرى كىم ھېجىقىزىكەن!ئاغزىڭنى چاغلاپ گەپ قىل جۇمۇ!كىچىكەن،بالدۇر ئارام ئالغان بولسام،ھەر ئايدا كاڭگۇڭ قىلىۋاتىسەنغۇ!
_ سەن ھېجىقىز! سەن بولماي كىم ھېجىقىز بولۇتتى!
_ مېنىڭ قېيىرىم ھېجىقىزكەن،ھېجىقىزلىقىمنى كۆرسىتە!
_ ھېجىقىزلىقىڭنى تېخىچە بىلمەيۋاتامسەن!ھېجىقىز بولمىساڭ يىگىرمە ئالتە يېشىڭغىچە خوتۇن ئالالماي يۈرەمتىڭ!
_ نېمە دەيدۇ ماۋۇ ماز ئوغىرى،چىشىڭنى بىردىن تۆكۈمەن ھازىرلا!
ئەخمەت مۇئەللىم چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ مەكتەپ مودېرى تۇرەك توختىنىڭ ئالدىغا ئېتىلدى.دەل شۇ چاغدا دەرستىن چۈشۈپ ئىشخانىغا كىرگەن ئوقۇتقۇچىلار قولىدىكى ماتېرياللىرىنى قۇيۇپ ئۇلارنى تۇتىۋېلىشتى.
_ ۋوي نېمە بولدى ئەخمەتجان،گەپ بولسا چىرايلىق دەڭ!
_ مېنى قويۇپ بېرىڭلار ئاداش،ماۋۇ ماز ئوغۇرى مېنى ھېجىقىز دەيدا ئەجەپ،بۈگۈن يا ئۇ مېنىڭ ھېجىقىزلىقىمنى چىقىرىدۇ، يا مەن ئۇنىڭ چىشلىرىنى بىردىن تۆكۈمەن.
_ ھېجىقىز بولماي نېمە سەن،يەنە دەيمەن،سەن ھېجىقىز!ھېجىقىز بولمىساڭ،خوتۇن ئالالايتىڭ!
_ شوجاڭ،سىلىمۇ چىرايلىق گەپ قىلسىلا بولمامدۇ! ماڭسىلا،بىردەم ئۆيلىرىگە كىرىپ تاماكا چىكىپ چىقسىلا!
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىككەيلەننى ئايرىۋېتىشى بىلەن بۇ جىدەل ئاران بېسىقتى.
X X
_ مائارىپ ئىدارىسىغا قەدەملىرى يىتىپ قاپتىغۇ تۇرەك شۇجاڭ!ئۆزلىرى،بالا-ۋاقىلىرى،مەكتەپ ئىچى تىنىچلىقتۇ؟
_ تېچلىق...،جۇيجاڭ،سىلىگە مەلۇم قىلىدىغان جىددىي ئىش بار ئىدى، شۇڭا...
_ ھە،نېمە ئىشتى،يەنە ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشىلىتەلمىدىم،بوي سۇنمىدى،دەپ كەلمىگەنلا!
_ ياق... بۇ قېتىم،ئىقتىسادىي ئىش بىلەن كەلگەن.
_ ئىقتىسادىي ئىش؟ قانداق ئىقتىسادىي ئىش، تېز دېسىلە!
_ مەكتىۋمىزنىڭ بۇغالتىرى ئەخمەت مەمەت مەكتەپنىڭ ئالتە مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك نەچچە يۈەن نەق پۇلى بىلەن بۇيىل تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ئونبەش ياشلىق چىرايلىق قىزىمنى ئېلىپ قېچىپتۇ!
_ ۋوي تۈز گەپ قىلسىلا،بىر ئوبدان خىزمىتنى تاشلاپ قاچىدىغان ئوقۇتقۇچىمۇ بولامدۇ؟
_ ئۇ ئاتمىش يۈەن ئىش ھەققى ئالدىغان دەيكۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى،شۇڭا...
_ دەيكۇ ئوقۇتقۇچى؟!مەكتەپتە گۇڭبەن ئوقۇتقۇچى يوقمىتى! سىلە نېمىشقا دەيكۇ ئوقۇتقۇچىغا بۇغالتىرلىقنى تۇقۇزغان؟ئۇنى نەدىن تاپسىلا –تاپسىلا، بولمىسا ئۇ ئېلىپ قاچقان پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى تۆلەيلا!
_ ھۈ..ھۈ.... مەن يا خەنزۇ تىلى بىلمىسەم،ئەمدى قانداق تاپامەن ئۇ ھېجىقىزنى كۇلىيدىن.....
_يىغلىماي سۆزلىسىلە!ئۇلارنىڭ كۇلىيگە كەتكىنىنى سىلە قانداق بىلدىلە؟
_ ئاخشام تېلېفۇن قىلىپتۇ بىز لەنجۇدا دەپ.
_ كىم تېلېفۇن قىلىپتۇ؟
_ ئەخمەت دېگەن ھېجىقىز تېلېفۇن قىلىپتۇ.
_ چىرايلىق گەپ قىلسىلا،قىزلىرىنى ئېلىپ قاچقان ئادەمى تولا ھېجىقىز دەۋەرمىسىلە.نېمە دەيدۇ ئۇ تېلېفۇندا؟
_ قىزلىرىدىن خاتىرجەم بولسىلا،كېلەر يىللىققا قىزلىرى يەڭگىگەندە ئاندىن ئۇنى ئېلىپ مەھەللىگە بارمەن دەيدۇ.ھۈ...ھۈ...قىزىم تېخى يەنە ئونبەش كۈندىن كېيىن تولۇقسىزنى پۈتۈرەتتى.مەن ئۇنى ئالىي مەكتەپ پۈتۈرگىچە ئوقۇتاي دەپ ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم.ھۈ...ھۈ...
_ ئۇلار قاچقىلى قانچە كۈن بولدى؟
_ قىزىم بىلەن ئىككىسى يوقاپ كەتكىلى بىر ھەپتە بولدى،بىز ئۇلارنى ئىزدىمىگن جاي قالمىدى.
_ بىر ھەپتە بولغىچە نېمە ئىش قىلدىلا،ئىدارىگە مەلۇم قىلماي،ئۇلارنى ئۆزلىرى قاچۇرۋەتلىمۇ يا!
_ تۆۋە دېسىلە جۈيجاڭ،مەن ئۇنىڭغا بەك ئۆش.بىز ئۇرۇشۇپ قالغان،گەپ قىلىشمىغىلىمۇ يېرىم يىلدەك بولغان...
_ ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتىدىغان سىنىپى بارمىتىى؟
_ سىنىپ تۇتمايتى،خەنزۇ تىلى دەرس ئۆتەتتى.
_ بولدى،كۆڭۈللىرىنى پاراكەندە قىلماي،ئىدارىگە قارىتا بۇ ئىش توغۇرلۇق تەپسىلى مەلۇمات يازسىلا! ئۇ كەلمىسە ئېلىپ قاچقان پۇلنى سوت ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىدىن ئالارمىز.
_ ۋاي جۈيجاڭ،نەدە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسۇن،دادىسى ئۇ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن،ئاپىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردىغان چاغدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ.ھېچنىمىسى يوق يالاڭتۆش دېسىلە ئۇ......
1995-يىل قارىۋاغ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-15 18:43