گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

uqur
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 276 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 489|ئىنكاس: 8

خىزمىتىنى تاشلاپ قاچقان مۇئەللىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
8
تېما
32
قىزغىنلىق
366
تىللا
1064
تۆھپە
277
توردا
22 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 17:07:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خىزمىتىنى تاشلاپ قاچقان مۇئەللىم
(ھېكايە)

_ ئەخمەت مۇئەللىم،سىز تۆتىنچى سائەت دەرس ۋاقتىنىڭ يېرىمى قالغاندا نەگە باردىڭىز؟
_ ياتىقىمغا كىرىپ تاماق ئىتىپ يىگەن ئىدىم.
_ تاماقنى چۈشلۈك ئارامدا ئىتىپ يىسىڭىز بولمامدۇ؟
_ قىرىق مىنۇتلۇق چۈشلۈك ئارامدا تاماق پىشۈرۈپ يەپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايدىكەنمەن،شۇڭا تۆتىنچى سائەتتە دەرسىم بولمىغاندىن كېيىن بالدۇرراق تاماق ئىتىپ يىگىلى چىققان ئىدىم.
_ تۆتىنچى سائەتتە دەرسىڭىز بولمىغان بىلەن خىزمىتىڭىز بارنى بىلمەمتىڭىز!
_ بىلىتىم،بىلسەممۇ قانداق قىلىمەن! ئاچ قورساق خىزمەت قىلغىلى بولمايدىكەن بۇ سەھرادا.
_ كىم سىزنى ئاچ قورساق خىزمەت قىلسۇن دەپتۇ،تاماق ئىتىپ بېرىدىغان خوتۇن ئالسىڭىز بولمامدۇ!؟
_ ئەمدى شۇ شۇجاڭ،قىز بالا بىكارغا تەگمەيدىكەن،بۇ ئاتمىش يۈەن ئىش ھەققىم بىلەن يا ئۆيلەنگۈدەك پۇل يىغالمىدىم.
_ پۇل يىغالمىغان بولسىڭىز،مەن خوتۇن ئالىتىم،ياردەم قىلىڭلار دەپ،خورجۇن كۆتۈرۈپ تىلەڭ!
_ ئۇنداقمۇ  دەپ كەتمىسىلە شۇجاڭ،مەنمۇ  رەسمىيلىشىپ قالامەن بىر كۈنى.
_ نېمىشقا دېمەيمەن! بىر كۈنى بولسا كېچىكىڭ،بىر كۈنى بولسا بالدۇر ئارام ئېلىۋېلىڭ!‹‹ھېجىقىز تۆۋە قىلماپتۇ،تۆۋە قىلسا كۆڭلى قويماپتۇ››دەپ شۇنچە قېتىم نەسىھەت قىلسام تۈزەلمىگەن...
_ ھەي ئوغىرى كىم ھېجىقىزىكەن!ئاغزىڭنى چاغلاپ گەپ قىل جۇمۇ!كىچىكەن،بالدۇر ئارام ئالغان بولسام،ھەر ئايدا كاڭگۇڭ قىلىۋاتىسەنغۇ!
_ سەن ھېجىقىز! سەن بولماي كىم ھېجىقىز بولۇتتى!
_ مېنىڭ قېيىرىم ھېجىقىزكەن،ھېجىقىزلىقىمنى كۆرسىتە!
_ ھېجىقىزلىقىڭنى تېخىچە بىلمەيۋاتامسەن!ھېجىقىز بولمىساڭ يىگىرمە ئالتە يېشىڭغىچە خوتۇن ئالالماي يۈرەمتىڭ!
_ نېمە دەيدۇ ماۋۇ ماز ئوغىرى،چىشىڭنى بىردىن تۆكۈمەن ھازىرلا!
ئەخمەت مۇئەللىم چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ مەكتەپ مودېرى تۇرەك توختىنىڭ ئالدىغا ئېتىلدى.دەل شۇ چاغدا دەرستىن چۈشۈپ ئىشخانىغا كىرگەن ئوقۇتقۇچىلار قولىدىكى ماتېرياللىرىنى قۇيۇپ ئۇلارنى تۇتىۋېلىشتى.
_ ۋوي نېمە بولدى ئەخمەتجان،گەپ بولسا چىرايلىق دەڭ!
_ مېنى قويۇپ بېرىڭلار ئاداش،ماۋۇ ماز ئوغۇرى مېنى ھېجىقىز دەيدا ئەجەپ،بۈگۈن يا ئۇ مېنىڭ ھېجىقىزلىقىمنى چىقىرىدۇ، يا مەن ئۇنىڭ چىشلىرىنى بىردىن تۆكۈمەن.
_ ھېجىقىز بولماي نېمە سەن،يەنە دەيمەن،سەن ھېجىقىز!ھېجىقىز بولمىساڭ،خوتۇن ئالالايتىڭ!
_ شوجاڭ،سىلىمۇ چىرايلىق گەپ قىلسىلا  بولمامدۇ! ماڭسىلا،بىردەم ئۆيلىرىگە كىرىپ تاماكا چىكىپ چىقسىلا!
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىككەيلەننى ئايرىۋېتىشى بىلەن بۇ جىدەل ئاران بېسىقتى.

     

X              X      

         
_ مائارىپ ئىدارىسىغا قەدەملىرى يىتىپ قاپتىغۇ تۇرەك شۇجاڭ!ئۆزلىرى،بالا-ۋاقىلىرى،مەكتەپ ئىچى تىنىچلىقتۇ؟
_ تېچلىق...،جۇيجاڭ،سىلىگە مەلۇم قىلىدىغان جىددىي ئىش بار ئىدى، شۇڭا...
_ ھە،نېمە ئىشتى،يەنە ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشىلىتەلمىدىم،بوي سۇنمىدى،دەپ كەلمىگەنلا!
_ ياق... بۇ قېتىم،ئىقتىسادىي ئىش بىلەن كەلگەن.
_ ئىقتىسادىي ئىش؟ قانداق ئىقتىسادىي ئىش، تېز دېسىلە!
_ مەكتىۋمىزنىڭ بۇغالتىرى ئەخمەت مەمەت مەكتەپنىڭ ئالتە مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك نەچچە يۈەن نەق پۇلى بىلەن بۇيىل تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ئونبەش ياشلىق چىرايلىق قىزىمنى ئېلىپ قېچىپتۇ!
_ ۋوي تۈز گەپ قىلسىلا،بىر ئوبدان خىزمىتنى تاشلاپ قاچىدىغان ئوقۇتقۇچىمۇ  بولامدۇ؟
_ ئۇ ئاتمىش يۈەن ئىش ھەققى ئالدىغان دەيكۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى،شۇڭا...
_ دەيكۇ ئوقۇتقۇچى؟!مەكتەپتە گۇڭبەن ئوقۇتقۇچى يوقمىتى! سىلە نېمىشقا دەيكۇ ئوقۇتقۇچىغا بۇغالتىرلىقنى تۇقۇزغان؟ئۇنى نەدىن تاپسىلا –تاپسىلا، بولمىسا ئۇ ئېلىپ قاچقان پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى تۆلەيلا!
_ ھۈ..ھۈ.... مەن يا خەنزۇ تىلى بىلمىسەم،ئەمدى قانداق تاپامەن ئۇ ھېجىقىزنى  كۇلىيدىن.....
_يىغلىماي سۆزلىسىلە!ئۇلارنىڭ كۇلىيگە كەتكىنىنى سىلە قانداق بىلدىلە؟
_ ئاخشام تېلېفۇن قىلىپتۇ بىز  لەنجۇدا دەپ.
_ كىم تېلېفۇن قىلىپتۇ؟
_ ئەخمەت دېگەن ھېجىقىز تېلېفۇن قىلىپتۇ.
_ چىرايلىق گەپ قىلسىلا،قىزلىرىنى ئېلىپ قاچقان ئادەمى تولا ھېجىقىز دەۋەرمىسىلە.نېمە دەيدۇ ئۇ تېلېفۇندا؟
_ قىزلىرىدىن خاتىرجەم بولسىلا،كېلەر يىللىققا قىزلىرى يەڭگىگەندە ئاندىن ئۇنى ئېلىپ مەھەللىگە بارمەن دەيدۇ.ھۈ...ھۈ...قىزىم تېخى يەنە ئونبەش كۈندىن كېيىن تولۇقسىزنى پۈتۈرەتتى.مەن ئۇنى ئالىي مەكتەپ پۈتۈرگىچە ئوقۇتاي دەپ ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم.ھۈ...ھۈ...
_ ئۇلار قاچقىلى قانچە كۈن بولدى؟
_ قىزىم بىلەن ئىككىسى يوقاپ كەتكىلى بىر ھەپتە بولدى،بىز ئۇلارنى ئىزدىمىگن جاي قالمىدى.
_ بىر ھەپتە بولغىچە نېمە ئىش قىلدىلا،ئىدارىگە مەلۇم قىلماي،ئۇلارنى ئۆزلىرى قاچۇرۋەتلىمۇ يا!
_ تۆۋە دېسىلە جۈيجاڭ،مەن ئۇنىڭغا بەك ئۆش.بىز ئۇرۇشۇپ قالغان،گەپ قىلىشمىغىلىمۇ يېرىم يىلدەك بولغان...
_ ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتىدىغان سىنىپى بارمىتىى؟
_ سىنىپ تۇتمايتى،خەنزۇ تىلى دەرس ئۆتەتتى.
_ بولدى،كۆڭۈللىرىنى پاراكەندە قىلماي،ئىدارىگە قارىتا بۇ ئىش توغۇرلۇق تەپسىلى مەلۇمات يازسىلا! ئۇ كەلمىسە ئېلىپ قاچقان پۇلنى سوت ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىدىن ئالارمىز.
  _ ۋاي جۈيجاڭ،نەدە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسۇن،دادىسى ئۇ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن،ئاپىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردىغان چاغدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ.ھېچنىمىسى يوق يالاڭتۆش دېسىلە ئۇ......

1995-يىل قارىۋاغ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-15 18:43  



Rank: 3Rank: 3

تېما
13
قىزغىنلىق
328
تىللا
1370
تۆھپە
185
توردا
106 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-14 16:25:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي نىمانداق قىزىق ھكايە بۇ .ھېج.... دىگەنگە تازا تويغۇزۇپتۇ دە ..................


سۈكۈت قىلىش -ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
31
قىزغىنلىق
575
تىللا
2161
تۆھپە
79
توردا
906 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 00:26:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس قىزىق ھىكايىكەن. نىمانداق ساپاسىز مۇدىر ئۇ......ساۋاتسىزمۇ ئۇنىڭدىن ياخشىراق بۇلار.....
گەپ دىگەننى ئويلاپ قىلىش كىرەكتە، ئۆزىگە كىلىپ قالىدۇ ئاشۇنداق


Rank: 3Rank: 3

تېما
42
قىزغىنلىق
461
تىللا
1445
تۆھپە
270
توردا
56 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 15:59:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز kichikoghul ،قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،داۋاملىق تىرىشىڭ،تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يوللىشىڭىزغا تىلەكداشمەن...


بىلىم ئىزدەنگۈچىلەرگەھەمرا . تۇرسۇن نىياز

Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
34
تىللا
71
تۆھپە
10
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 11:33:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايپ  ېش   توۋا


Rank: 2

تېما
0
قىزغىنلىق
213
تىللا
586
تۆھپە
35
توردا
21 سائەت

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 23:57:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ قىزىق ھېكايىكەن ماۋۇ
لېكىن مېنىڭكىدە يەنىلا « ئەلپىدا» كۆرۈنىۋاتىدۇ.


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
26
تىللا
68
تۆھپە
10
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 12:05:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخڭمۇ ياخشى ئەسەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرشىڭىزگە تىلەكداشمەن


ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەيمەن

Rank: 4

تېما
68
قىزغىنلىق
1235
تىللا
1970
تۆھپە
1550
توردا
144 سائەت

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 18:00:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياخشى يېزىپسىز، «ئەمەلىي ئىشتەكلا». بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇربان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-10 18:01  



Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
62
تىللا
95
تۆھپە
10
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 18:54:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىق ھېكايىكەن جاپا چېكىپسىز!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-22 22:04 , Processed in 0.128226 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش