موللامۇسا سايرامى،نىنشېھىت ئارمىيە ئېلى داموللىغا ئوخشاش مەشھۇر تارىخچى،شائىرلارنى يىتىشتۈرگەن مۇقەددەس باي زىمىندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن توىتى ئوتتورا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا ئاشۇ مەرىپەتپەرۋەر ئەجداتلىرىنىڭ ئىزنى بېسىش ئىستىكىدە بولغان ئىدى. ئاشۇ چاغلاردا ئۇئۆز ئانا تىلدا ئۈتۈلۋاتقان دەرىسلەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگۈنۈپلا قالماي،خەنزۇ تىل-يېزىقىنىمۇ ئىگلەپ بىر-ئىككى يىلدىلا مەكتەپتە خېلى يىتىشكەن« بالا تەرجىمان »بۇلۇپ قالدى .1978-يىلى ئۆزىگە ئىشەنگەن توختى ىەنزۇ ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى.نەتىجىدە،ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغان بۇ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە خەنزۇچە ئىمتىھان بېرىپ يۇقۇرى نومۇر بىلەن مەركىزى مىللەتلەر ئنىستىتوتى(ھازىرقى مەرىكىز مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى)نىڭ تارىخ فاكولتېتىغا قۇبۇل قلىندى.ئۇقۇبۇل قىلنغان ئۇقۇبۇل قىلنغان سىنىپقا سىنىپقا پۈتۈنلەي خەنزۇچە دەرىس ئۈتۈلەتتى.شۇڭا،توختى دەسلەپتەنۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى،ئەمما ئۇئەجداتلىرىدىن قالغان قەيسەر ئىرادە بىلەن قىيىنچىلىقلارنى بىر-بىرلەپ يەڭدى.نەتىنجىدە،ئۇقىسقا ۋاقىت ئىچىدىلاھازىرقى زامان خەنزۇتىلنى خېلى ئوبدان ئىگلەپ،ساۋاغداشلىرى بىلەن ئۆگۈنۈشتە رىقابەتلىشەلەيدىغان بولدى.
ــــــــــــ«دۇنيادا ئەسلى يول يوق ئىدى،ئادەملەر ماڭغاندىن كىيىن يول پەيدا بولغان»توختى بۇ ئەقىليە سۆزنى ئىسىدە مەھكەم ساقلاپ،خەنزۇ تىلىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگۈنۈش بىلەن بىر چاغدا ئىنگىلىزتىلىنى ئۆگۈنۈشكە باشلىدى.يول ماڭغانسىرى ئېچىلدۇ . توختى ئەلا نەتىنجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ،مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتېتىغا تاللىۋېلىندى. ئۇ تۈنجى خىزمەت ئورنىغا بارغاندىن كىيىن،بىلمنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش،ئۆزرولىنى تېخمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش مەقسىدىدە رەھبەرلكىتىن ئۆزىنىڭ قانۇن ئىلمىنى ئۆگىنىشكە شارائىت يارتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلدى.ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كىيىن،ئۇ جوڭگو خەلىق ئونۋېرستىتىنىڭ قانۇن فاكولتېتىدا ئۇقۇپ قانۇن كەسپىدىن ماگىستىرلىق .ئۈنۋانىغا ئېرىشتى.توختى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتى مىللەتلەر ئىشلىرى كومتېتىنىڭ قانۇن تەتقىقات ئىشخانىسىدا تەتقىقاتچى بۇلۇپ ئىشلىدى.
ئۇ بۇ مەزگىلدە ئىلمىزدىكى كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىغا بېرىپ،مىللىي تېرتۇرىيلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە قانناشتى.مىللىي تېرتۇرىيلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇننى تەتقىق قىلىش،مىللەتلەرگە دائىر قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈش جەھەتلەردە ئەتراپلىق ئىزدەندى،بىرقىسىم تەتقىقات مااقالىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلدى.
ئوتتۇردىكى توختى مۇزئارىت
1990-يىلى 8-ئايدا توىتى ياپونيىنىڭ توكيۇ ئونېرستېىتىغابىلىم ئاشۇرۇشقاباردى.ئۇياپونيىگە بېرىپلا ياپون تىلىدىن ئىبارەت بىر قىيىن ئۆتكەلگەدۇچ كەلدى.ئۇ،ئۆتكەلدىنمۇ ئىرادىسگە،ئەقىلىگە ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۈتۈپ،ياپون تىلدا بىمالال ماقالە يازالايدىغان سەۋيىگە يەتتى.شۇنداق قىلىپ توختى خەنزۇ،ئىنگىلىز،ياپون تىللىرىنى پۇختا ئىەلەپ،كىيىنكى تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن يول ئاچتى.ياپونيىدە چىقىرىلدىغان«XX1ئەسىر»ژورنىلدا ئۇنىڭ«ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق-شاراپ مەدىنىيتى»،«قازاقلارنىڭ ئۆرىپ-ئادىتى»قاتارلىق تۆت پارچە ماقالىسى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلندى.بۇ نەتىنجىلىرى ياپونيىگە ئوقۇشقا كەلگىلى ئۇزاق بولمىغان بۇئۇيغۇر ياش بىردىنلا ياپونيلىك ئىلىم ئەھىلىلرىنىڭ دىققەت-ئتىبارىنى قوزغىدى.ياپونيىنىڭ دۆلەتلىك تەتىقىقات مەركىزى ئۇنى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات جەمىيتىگە تەتىقىقاتچىلىققا تەكلىپ قلدى.ئۇ كۆڭلىگە تېخمۇ زور ،ئۇلۇغ پىلانلارنى پۈكتى.1992-يلى5-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ،پەن-مەدىنيەت تەشكىلاتى بىلەن ياپونيىنىڭ «تويوتا »شىركىتى بىرلىكتە ياش تەتقىقاتچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش،ئۇلارغا مەدەت بىرىش پائالىيتىنى ئۇيۇشتۇردى.بۇ پائالىيەتكە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردىن 1000غا يېقىن ياش تەتىققاتچى قاتناشتى.بۇپائالىيەتتە توختى ياپون تىلىدا تەييارلىغان«تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۇيغۇر مەدىنىيتى»سەرلەھىلىك ئىلمىي ماقالىسىنى ئۇقۇپ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى ھەمدە بۇيىغىنداتاللانغان27ياش تەتقىقاتچى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. شۇچاغدائۇنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى«سىزنى تەبىركلەيمەن،سىز دۇنيانىڭ خالىغان يېرىگە ئۆگىنىش،ئىكىسكۇرىسيەگە بىرىش ئىمكانىيتىگە ۋە بۇنىڭغا كىرەكلىك ئىقتىسادىي ياردەمگە ئىرىشكەن ئىككى ياش ئالىمنىڭ بىرى بولدىڭىز،سىزگە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇق ۋە ئامەت تىلەيمەن،تىرىشىڭ! سىزگە قولىمىزدىن كىلشىچە ياردەم قىلمىز»دىدى.
شۇيىلى ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ياپونيىنىڭ جاڭيېى دىگەن يېرىدە29-نۆۋەتلىك خەلىقئارا ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغنى ئېچىلدى. توختى بۇيىغىندا«ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتورا ئاسىيا»دىگەن ماقالىسىنى ئۇقۇدى.شىنجاڭنىڭ ئىچىكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،شىنجاڭنىڭ تارىختا تۇتقان ئورنى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان ئاجايىپ توھپىلىرى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان بۇ ماقالىمۇ ئالىملارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى.
1992-يىلى 10-ئايدا ئىزدىنىش روھىغا باي بۇ ياش ئالىم دۇنيانى چۈشنىش،نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىش مەقستىدە ئامېرىكا،ياۋرۇپا ۋە ئافىرقا قتئەلىرىدىكى30نەچچە دۆلەتنى زىيارەت قىلدى. بۇ جەريانىدا ئۇخەلىقئارا تۈركىلوگىيە ئىلمى ۋ ەتەتقىقاتنىڭ تارىخى،ھازىرقى ئەھۋالى،ياپونيە،ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ تۇركىلوگىيە تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىنجىلىرىدىن خەۋەرداربولدى. «ياپونيە بىلەن ئامېركىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى،قانۇنلىرى ئۈستىدەئۇنۋېرسال سېلىشتۇرما تەتقىقات»ناملىق تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى يېزىپ چىقتى.
توختى مۇزئارىت تەتىقىقات ئىشلىرىغا كىرىشكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان مەيلى ۋەتەندە ياكى چەتئەلدە بولسۇن،ئۆزى تاللىغان بۇيولدا ھەرگىز ئىككىلنىپ قالمىدى.قىيىن ئۆتكەللەر ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ئالدىدا بىربىرلەپ باش ئىگىپ يول بەردى.ئۇ،بۇ جەرياندا«ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىق مەسلىسى ۋە سىياسىتى توغۇرسىدا تەتقىقات»،«تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇننىى تۈزۈش توغۇرسىدا»،،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى،مەدىنىيتى توغۇرسىدا تەتققات»،«ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخى ھۆججەتلەرىڭ تالان-تاراج قىلنشى تارىخى»،«جوڭگو ئۇيغۇرلىرىنىڭ نىكاھ ئىشلىرى،ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىسىم-فامىلسى توغۇرسىدا تەتقىقات»قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىلمىي،تارىخى ىممەتكە ئىگە مالىلەرنى يازىدى.بۇ ماقالىلەر جوڭگو ۋە ياپونيىدىكى نوپوزلۇق ژورناللاردا ئېلان قىلندى.ئۇنىڭ بىرقىسىم ماقالىلرى توپلام قىلنىپ ياپونيىدە نەشىر قىلندى ۋە ياپونيە بۇيۇك شەرىق مەدىنىيتى ئونۋېرستىتىنىڭ دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلدى.
توختى1993-يىلى 8-ئايدا ياپونيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىتى مىللەتلەر ئىشلىرى كومتېتىنىڭ قانۇنچىلىق تەتقىقات ئىشخانىسدىكى ئىشلىرىنى قايتا قولغا ئالدى. ئۇ،1994-يىلى 3-ئايدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالدى.بۇياشنىڭ ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىشلىرى،قولغا كەلتۈرگەن نەتىنجىلىرى ھەربىر كىشنى قاتتىق تەسىرلەندۈردۇ.ئانا يۇرتىتىن شۇنچە ئۇزاقتە تۇرۇپ،شۇ مۇقەددەس زىمىندا ئەجداتلىرى ياراتقان مەدىنيەتنى قىزىش،تەتقىق قىلىش،ئۇنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تۇنۇشتۇرۇش،شۇ مەدىنيەتنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزنى بېغىشلاۋاتقان بۇياشقا قانداقمۇ ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالايمىز!
مەنبە: «بۇگۈنكى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى» دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى ،پەقەت ماۋزوسىلا ئۆزگەرتىلدى . (شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1998-يىل نەشىرى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سايرامى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-10-11 14:27