گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1039 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 2568|ئىنكاس: 13

مۇزات دولقۇنلىرى مەخسۇس سەھىپىسى ھەققىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش مەسئۇل

باشقۇرغۇچى

Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30

يوقلىما
293
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 3
تىللا: 3055
تۆھپە : 369
توردا: 1689
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-10-22
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 18:40:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم گۈزەل باي تورىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى ھەممىڭلارغا گۈزەل باي تورى نامىدىن ئوتلۇق سالام يوللايمەن


مۇزات دولقۇنلىرى مەخسۇس سەھىپىسى ھەققىدە

dolkun.jpg


توربىكىتىمىز ئەزالىرىنىڭ ۋە ناھىيمىزدىكى دوستلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىشلىرى شۇنداقلا ناھىيىمىزنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ئىناقلىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەتقىلۋاتقان «مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، «مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلىنىڭ بىرقىسىم مەسئۇللىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق توربىكىتىمىزگە مۇزات دولقۇنلىرى مەخسۇس سەھىپىسىنى سىناق قىلىپ قۇرۇپ چىقتۇق.

ئەسلى بۇ سەھىپگە ئەڭ ئالدى بىلەن توربىكىتىمز ئەزاسى شۇنداقلا «مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى ‹‹قەھىرمان رۇزى ئەرچىن›› ئەپەندىم «مۇزات دولقۇنلىرى» مەخسۇس سەھىپىسى توغىرسىدا ئۇقتۇرۇش يېزىپ بەرمەكچى ئىدى،خىزمەت ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلى تازا ۋاقىت چىقمىغاچ يېزىپ بۇلالماي قالدى، دوستلارنىڭ بالدۇرراق خەۋەر تېپىشىنى ئويلاپ، مەن ‹‹يەنى مۇشۇ توربىكەت مەسئۇلى›› ئالدىراپلا بۇ ئۇقتۇرۇشنى يازدىم.

مىنىڭ ئويلىغانلىرى: ھازىر «مۇزات دولقۇنلىرى» مەخسۇس سەھىپىسىگە:
1-مۇزات دولقۇنلىرى يېڭىلىقلىرى(مۇزات دولقۇنلىرى ژۇرنىلىغا بېسىلغان ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر يوللىنىدۇ)
2-مۇزات دولقۇلىرى ئۇقتۇرۇشى (مۇزات دولقۇنلىرى ژۇرنىلى توغىرسىدا ئۇقتۇرۇشلار يوللىندۇ)
3-مۇزات دولقۇنلىرى توپلىمى (دوستلار قۇلىدا بار بۇرۇنقى سانلاردىكى ئەسەرلەرنى يوللاپ مۇشۇ يەرگە توپلىساق بۇلىدۇ)
4-دوستلار يوللىغان ئەسەرلەر («مۇزات دولقۇنلىرى»ژۇرنىلىغا توربىكىتىمز ئارقىلىق ئەسەر ئەۋەتىدىغانلار مۇشۇ سەھىپىگە يوللىسا بۇلىدۇ، بۇ يەرگە يوللانغان تېمىلار چوقۇم مەتبۇئات تەلىپىگە ئۇيغۇن كىلىشى ئالدىنقى شەرت.)
5-مۇزات دولقۇنلىرىغا تاللانغان ئەسەرلەر (دوستلار يوللىغان ئەسەرلەردىن «مۇزات دولقۇنلىرى»ژۇرنىلىغا تاللانغانلىرى ژۇرنالغا بېسىلغاندىن كىيىن مۇشۇ سەھىپىگە ئايرىلىدۇ)
6-مۇزات دولقۇنلىرغا پىكىر تەلەپلەر (مۇزات دولقۇنلىرى ژۇرنىلى توغىرسىدا ھەمدا توربىكىتىمز مۇزات دولقۇنلىرى سەھىپىسى توغىرسىدا پىكىر-تەلەپ بولسا مۇشۇ سەھىپىگە يوللىسا بۇلىدۇ)

«مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلى ھەققىدە



         باي ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇپ تەستىقلاپ، مەخسۇس مەبلەغ، ئادەم كۈچى ئاجرىتىشى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە رادىيو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ بىۋاستە ئىجرا قىلىشى ئارقىلىق، نەشىر قىلىنىشتىن توختاپ قالغىلى 9 يىل بولغان «مۇزات دولقۇنلىرى»ئەدەبىي ژۇرنىلى 2010- يىلى  ئىچكى قىسىمدا قايتا نەشىر قىلىندى. قايتا نەشىر قىلىنغان 2 يىلدىن بۇيان باي ناھىيەسىدىكى كەڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئىجادىيەت سورۇنىغا ئايلاندى، شۇنداقلا، ئاپتورلارنىڭ نادىر ئەدەبىي ئەسەرلىرى  بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ،باي ناھىيەسىنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ئىناقلىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ژۇرنالنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى  ناھىيە ئىچى-سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
       «مۇزات دولقۇنلىرى»  قايتا نەشر قىلىنغاندىن بۇيان چىققان 9 سان ژۇرنالدا ناھىيەلىك  4 رەھبەرلىك كوللىكتىپىدىكى  رەھبەرلەردىن تارتىپ دېھقانلارغىچە، ئالى  مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلىرىدىن تارتىپ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە بەلگۈلىك تەسىرگە ئىگە قەلەمكەشلەردىن  تارتىپ،  تۇنجى ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ھەۋەسكارلارغىچە 300 دىن ئارتۇقراق ئاپتورنىڭ 1000 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى  بۇ ژۇرنال سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنىپ، قەلەمكەشلەرگە پۇرسەت، سورۇن، شارائىت ھازىرلاپ بەردى، ئىلھام، مەدەت بەردى. بۇ ژۇرنالنىڭ نەشر قىلىنىشى باي ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تەتەققى قىلدۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
    17 -نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 6- ئومۇمى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگۈنۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش،  ئەدەبىي ئىجادىيەت تەرەققىياتى ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت چوڭ تەرەققىياتى، چوڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى يەنىمۇ قوزغاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، جۇڭخۇا  مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا «مۇزات دولقۇنلىرى» نىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.


باشقۇرغۇچى ئورۇن:
باي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى
باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى
«مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى
ئېلخەت: muzatdolkunliri@163.com
763126417@qq.com
ھەمىمىز بىرلىكتە تىرىشىپ ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل باي تورى قۇرۇپ چىقايلى.

Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 6
تىللا: 3586
تۆھپە : 1654
توردا: 308
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-5-30
ئاخىرقى: 2012-10-22
ھازىر:

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 21:34:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       «گۈزەل باي» مۇنبىرىنىڭ «مۇززات دولقۇنلىرى» مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ يولغا قويغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. ئىشىنىمەنكى  «گۈزەل باي»مۇنبىرى ۋە «مۇززات دولقۇنلىرى» ژورنىلى  بىر بىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، بىر بىرنى تولۇقلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ناھىيىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىدۇ.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  73
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3440
تۆھپە : 161
توردا: 360
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 22:55:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹مۇزات دولقۇنلىرى››مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ مۇنبىرىمىزدە يولغا قۇيۇلىدىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم،قۇربان ئەپەندىم ئىيتقاندەك بۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى تۇلۇقلاپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ،مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ۋە يۇرتىمىز خەلقى ئۈچۈن قىممەتلىك،ئەھمىيەتلىك،نادىر ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىپ ھەممەيلەنگە مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلالىسا بۇ ئەلۋەتتە كۆپچىلىكىنڭ ئارزۇسى ۋە خوشاللىقى،بۇ ھەم كەلگۈسىدە ناھىيىمىزدىن نۇرغۇنلىغان ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋە يازغۇچىلارنىڭ چىقىشىغا ئاساس سېلىشىمۇ مۇمكىن.


  مەن تېمىنىڭ ‹‹مۇزات دولقۇنلىرى››مەخسۇس سەھىپىسىدىكى كىچىك سەھىپە( يەنى 4-سەھىپە دوستلار يوللىغان ئەسەرلەر)دىگەن جۈملىگە ئازراق قىستۇرۇش قىلىپ قويسام:دوستلار ژورنالغا ئەۋەتىشنى ئويلىغان تېمىلىرىنى بۇ يەرگە يوللايدۇ،شۇڭا بۇ يەرگە يوللانغان تېمىلار چوقۇم مەتبۇئات تەلىپىگە ئۇيغۇن كىلىشى ئالدىنقى شەرت.
كىشىگە كىشىنى مۇھتاج قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1150
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 818
تۆھپە : 61
توردا: 49
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 00:03:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان ئىش بوپتۇ.بۇنىڭ زورنال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ،شۇنداقلا يېڭى كۈچلەرنى بايقاش ئۇلارغا ئىجادىيەت سورۇنى تەمىن ئېتىپ بېرىشتە رولى ئىنتايىن چوڭ

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  241
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1218
تۆھپە : 23
توردا: 94
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 00:34:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتى ياخشى خەۋەركەن ،ئاللا خالىسا بۇ ژۇرنالغا مەنمۇ ئەسەر ئەۋەتىمەن.
مەن ھازىرغىچە ‹‹مۇزات دولقۇنلىرى›› دەپ ژۇرنالنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن،يېقىندىلا مۇشۇ مۇنبەردىن ئاڭلىدىم.
ئۈستىدىكى ژورنالنىڭ مۇقاۋىسى ئوخشايدۇ.بىرىنچى بولۇپ مۇقاۋىسىغا كۆزۈم چۈشتى.ژورنال مۇقاۋىسى بەك ياخشى چىقىپتۇ.
ژورنال مۇقاۋىسىنىڭ ئەنە شۇنداق ناھيىمىز تەۋەسىدىكى فۇتۇگىراف ۋە رەسساملارنىڭ ئىجادى ئەسەرلىرى  ناھيىمىزنىڭ ساياھەت مەنزىرە نوقتىلىرى ۋە سەھرا تۇرمۇشى ئەكىس ئەتكەن ھەم شۇنداقلا ناھيىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەسساملارنىڭ ماي بۇياق رەسىملىرى بىلەن زىننەتلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  241
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1218
تۆھپە : 23
توردا: 94
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 00:42:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەسسۇر2 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-13 22:55
‹‹مۇزات دولقۇنلىرى››مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ مۇنبىرىمىزدە  ...

گېپىڭىز ئورۇنلۇق.باشقۇرغۇچىلارمۇ شۇ سەھىپىگە يوللانغان ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ تەستىقلىشى كېرەك.ئەگەر مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشقا مۇناسىپ كەلمىدى دەپ قارالسا يۇمشاق قوللۇق قىلماي،شۇ ئەسەرنىڭ يوللانغان سەھىپىسىنى يۆتكىۋېتىشى كېرەك.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  421
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 569
تۆھپە : 42
توردا: 31
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-30
ئاخىرقى: 2012-10-19
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 12:40:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئارتۇق پىكرىم يوق.‹‹مۇزات دولقۇنلىرى››نىڭ بىز بىلەن بالدۇرراق يۈز كۈرۈشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1226
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 571
تۆھپە : 18
توردا: 39
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-10-8
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 23:31:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ خۇشال بولدۇم، مەن  مۇزات دولقۇنلىرى ژورنىلنىڭ  2010يىلدىكى  1چى2چى سانلىرىنى ئۇقۇغان ھەم ئۆزيۇرتۇمدىن چىقان ژورنالنى كۈرۈپ خۇرسەن بولغان ئىدىم،

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1276
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 328
تۆھپە : 4
توردا: 16
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-7-13
ئاخىرقى: 2012-9-25
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 18:27:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭمۇ تۈنجى ئاڭلىشىمكەن بۇ  ژورنالنى .‹‹مۇزات دولقۇنلىرى››مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ مۇنبەردە  يولغا قۇيۇلىدىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم، قابىللارنىڭ قەلەم تولپارى تازا چاپىدىغان بولدى دىسە .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1150
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 818
تۆھپە : 61
توردا: 49
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 03:29:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مۇزات دولقۇنلىرى» ژورنىلى 80-يىللاردىن باشلاپلا ناھىيەمىز تەۋەسىدىكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ قەلەم پىشۇرۇش سورۇنى بولۇپ كەلگەن.مەزكۇر ژورنالنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شۆھرىتىمۇ ناھايىتى يۇقۇرى ئىدى(گەرچە شافگىراپتا بېسىلىپ تارقىتىلغان بولسىمۇ).ئەسەر قوبۇللاش دائىرسى ناھىيە سىرتى ھەتتا ئۈرۈمچىگىچە كېڭەيگەن. مەن ئاڭلىغان خەۋەردە ئەينى ۋاقىتتا ناھىيەمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغان بىرقىسىم داڭلىق ئەدىپلەر ژورنال نامىدىن سۆيۈنۈپ، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كەتكەن ئىكەن.ھازىر ئەشۇ ژورنالغا قان-تەر ئاققۇزغان بىرقىسىم ئىجتىھاتلىق ئەدىپلەر ياشىنىپ، مويسىپىتلەرگە ئايلاندى ،بىر قىسىملىرى قەلىمىنىڭ تازا ئۆتكۈرلەشكەن ۋاقتىدا بۇ يورۇق دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز ۋىدالاشتى.مەنمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ژورنالنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن كۆپ رىغبەتلەرگە نائىل بولغان.ھازىرقى ئەدىپ،داڭلىق شائىر، ئۇستاز ئىمىن ئەھمىدى بىلەن ژورنال ئۇيۇشتۇرغان مەلۇم بىر پائالىيەتتە يۈز كۆرۈشۈش ۋە شېئىر ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ھازىر ئوقۇغۇچىلىق ھاياقىمدىكى ئەشۇ ئۇنتۇلماس مىنۇتلارنى ئەسلىسەم ژورنالدىكىلەردىن تولىمۇ مىننەتتار بولىمەن!... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-18 03:50  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-22 15:21 , Processed in 0.370042 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش