شېئىرلار
كىرەم نۇر
سانجۇدىكى سۈرەت تاش
يىغىپمۇ يامغۇر،چىقىپمۇ بوران،
ۋە يا تەپتىنى قىزىتىپمۇ قۇياش.
تا نەچچە ئەسىردىن بۇيان،
ئاشۇ پىتىچە تۇرۇپتۇ بۇ تاش.
قەدىم
سەنئەتكار ئەجدادلارنىڭكى،
بەلكى ۋاقتى بۇ غۇنچىدەك ياپياش.
ياشلىقتا باسقان ئىز ئۆچمەيدۇ چۈنكى،
گويا تاشقا مۆھۈر باسقانغا ئوخشاش.
قەدىم ئەجدادلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىدىن،
شاھىدى بولۇپ تۇتۇپتۇ بۇ تاش.
نە تارىخ بىتىدىن،يۈرەك قىتىدىن،
ئۆچمەي ساقلىنىپ تۇرىدۇ بۇ تاش.
بولسىمۇ ئۇ يىراق تاغ ئارىسدا،
گەر بولسىمۇ ئەتراپىنى قورشاش.
ئۇ يىقىنلا يەردە،كۆز قارىسىدا،
قىنى سەن كۆردۈڭمۇ ئەي دوس،ئەي ئاداش.
شائېر ئىلتىجاسى
تاغ باغرىڭنى ئاچامسەن،بۇدەم
باغرىڭغا كىرىپ ئورۇنلاشسام ئىدىم.
مىنى تىنىچ قويمىدى بۇ ئالەم،
جىمجىت ئولتۇرۇپ شىئېر يازسام ئىدىم.
قىزىق
ئىلھام بازارلىرىنى
بىر نەچچە قەەلندەر كاسات ئىتەر.
ئىشىكىم ئىچىدىن سالساممۇ دەم،
ھەيرانمەن بىر كىملەر كىلىپ چىكەر.
كۈندۈز مەن ئۈچۈن ئىچ پۇشۇپ بىلەن،
ئۆت تىرىكىشتە كېچىمۇ ھەم.
توۋا،ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولسۇن تالا،
ھەي...بى تىنىچ ئۆي ئىچىمۇ ھەم.
غاپپارنىڭ كۆۋرۈكى
دەريا بويلىرى ياپيىشىل چىملىق،
چىملىق بويلاپ ئاقار بۇلاق سۇيى.
مۇشۇ چىملىقنىڭ ئۈستى تەرىپىدىلا
دوستۇم مۇئەللىم غاپپارنىڭ ئۆيى.
ئەگەشتۈرۈپ ئوماق قىزلىرىنى
كىرىپ كەپتۇ كۆتۈرۈپ ئەسۋاپ.
چىملىق بويى –ئاشۇ ئىرىققا
بىر شال كۆۋرۈك قوياي دەپ ياساپ.
يازنىڭ كۈنى غاپپار ئىككىمىز،
شۇ ئىرىققا ياسىدۇق كۆرۈك.
بالىلارنىڭ،كۆۋرۈك پۈتكىچە
قەدەملىرى كۆۋرۈككە يۈگرۈك.
شۇ بالىلار،غاپپارنىڭ ئويى،
سۇلار كەچمەي ئۆتسىكەن ديدۇ.
كەلگۈسىگە چىملىقتەك يىشىل،
دادىل چامداپ كەتسىكەن دەيدۇ.
نەچچە سائەت ھەپىلىشىپ ئاخىر
پۈتۈپ قالدى غاپپارنىڭ كۆۋركى.
قانچىۋالا كىتەر شادلىنىپ
دەيمەن ئاشۇ بالىلارنىڭ يۈرىكى...