چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 941|ئىنكاس: 0

مىرزىباننىڭ سۈرەتلىرى(چاتما ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan

ئابلىكىم ئەبەيدۇللا

مىرزىباننىڭ سۈرەتلىرى
(چاتما ھېكايە)


مۇقەددىمە

- مەن بۇرۇنلا سەزگەن، ئەمما ھازىرغا قەدەر يۈزىڭىزگە سالمىغان ، سىز زادى باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرىسىز، مەن ئەزەلدىن كۆڭلىڭىزدە يوق، شۇنداقمۇ؟
- نېمە جۆيلىگەندەك تۇرۇپلا بۇنداق دەيسەن ، بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
- قايسى كۈنى تېلىۋۇزۇردا «بىرىنچى مۇھەببەت» دېگەن ناخشا چىقسا، ئەجەپ كۆزلىرىڭىز باشقىچە چاقناپ، ھاياندىن ئولتۇرالمايلا قالدىڭىزغۇ؟ قاراپ تۇرسام پىغانىڭىز تۇتۇپ ، ئۆزىڭىزچە ناخشىچىغا تەڭكەش بولۇپ ئېيتىۋاتىسىز تېخى! ئاڭلىسام ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا بىر قىز بىلەن يۈرگەن ئىكەنسىز ، بۇ راستمۇ؟
- ما گەپنى ئەمدى، يۈرسەم نېمە بوپتۇ؟ ياشلىقتا ھەممىلا ئادەمنىڭ بېشدىن ئۆتىدىغان ئىش ئۇ ، ئەمدىلىكتە بۇ چاغقا كەلگەندە نېمە قىلىسەن بۇرۇنقى ئىشلارنى تەگەپ؟ خەق ھەر نېمە دەيدۇ، ئۇنداق گەپلەرگە ئىشىنىپ كەتمە.
- ھە ئەمدى بىلدىم، مېنىڭ باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىم راستكەن - دە، ئۆزىڭىز ئېتىراپ قىلدىڭىز، سىز ئەسلى زاكىڭىزدىلا بۇزۇلۇپ بوپتىكەنسىز، شۇڭا ھازىرغىچە ماڭا مېھرىڭىزنى بەرمەي كەپسىز؟
- ئاغزىڭغا كەلگەننى جۆيلىمە، ئۆتۈپ كەتكەن گۇمانخور نېمىكەنسەن، - مەن گۇمانخورمۇ تېخى، ھۇ كونا بۇزۇخ!
- نېمە، تەپ تارتماي ھېچ ئىشتىن - ھېچ ئىش يوق، مېنى بۇزۇخ دىۋاتامسىنا، شۇ بۇزۇخ دېگەن ئاغزىڭغا مانا ئەمىسە!
- ۋايجان، ۋاي ئاغزىمدىن قان ئاقتى، يەنە ئۇرە بۇزۇخ! قوتقۇزۇڭلا، ئادەم ئۆلدى!
چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم. توۋا، بۇ چۈشۈمگە ئەمدى نېمە دەي؟ زادى مەن خىيال قىلىپمۇ باقمىغان ئىشلار چۈشۈمگە كىردى دېسەممۇ خاتالاشقان بولىمەن، ئىشقىلىپ چۈشۈمدىكى ئاشۇ ئىشلار ئويقۇ بىلەن رىياللىق ئارىسىدا يۈز بەرگەندەكلا ئىدى. ئايالىم مىرزىبان بولسا بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن بىخەۋەر، ئادىتى بويىچە تولۇق تاڭ ئېتىشنى ساقلاۋاتقاندەك بىرخىل پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى.....
1

-سىز كۈندە يېزا خىزمىتى دەپ، ئۆي ئىشلىرى ماڭىلا قېلىۋاتىدۇ، خىزمەتكە تولا كېچىكىپ، مەكتەپ مۇدىرىدىنمۇ بىرنەچچە قېتىم تەنقىد ئاڭلىدىم، بۇنداق كېتىۋەرسە بولماس، باشقىلار ئالدىدا ماڭىمۇ يۈز كېرەك، - ئىشتىن كېلىپ ئەمدىلا تاپسىغا پۈتۈمنى ئالغۇچە، ئايالىم تۇيۇقسىز تۇمشۇقلىرىنى سوزۇپ سۆزلەشكە باشلىدى، - سىز ھۆكۈمەتتىن مۇئاش ئالسىڭىز، مەنمۇ ئوخشاشلا مۇئاشلىق كادىر، شۇنداق بولغاندىكىن ئۆي ئىشىنى تەڭ قىلايلى.
- مىرزىبان بۈگۈن ساڭا نېمە بولدى، ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىدىغانلا بىر گەپلەرنى قىلىسەنغۇ؟ - چارچىغان نېرۋىلىرىمغا ئايالىمنىڭ گەپلىرى قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى، دېمىسىمۇ يېزا دېگەندە ئايىقى چىقماس ئىشلار ئادەمنى چارچىتىپ، ھالىنى قويمايدۇ، قۇمدەك گەپلەر ئىچىدىن ئاران قۇتۇلۇپ كەلسەم، ئايالىمنىڭ ئۇششاق گەپلىرى. تۇرۇپلا ئاچچىقىم كېلىپ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردۇم، - مەكتەپتە قىلدىغان ئىش يوق بىكار تەلەتتىن بېرەرسى ساۋاق بەرگەن ئوخشىمامدۇ ساڭا؟ - ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن كۆكۈش تاماكا ئىسىنىڭ ئاراچلىرىدىن مىرزىبانغا ئالىيىپ قارىدىم. ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا قارامتۇل كەلگەن چىرايى تاماكا ئىسىدا تېخىمۇ قارامتۇل كۆرۈنۈپ، ئىلمەك بۇرۇنلىرى ئۈستىدىكى بار - يوقنىڭ ئورنىدا چىمچىقلاپ تۇرىدىغان گازىر كۆزلىرى ماڭا بىردىنلا يېقىمسىز بولۇپ كۆرۈندى. ئاشۇ كۆزلەر شۇ تاپتا زەڭگەر ئاسماننى بىردىنلا توسۇۋالغان قارا بۇلۇتلاردەك، مېنىڭ بېشىمغا ھازىرلا مۆلدۈر ياغدۇرىدىغاندەك تۇيغۇ بەرمەكتە ئىدى.
- بارغانچە مەن سىزگە خەق ئىش ئۈگەتمىسە ھېچنىمە بىلمەيدىغاندەك كۆرۈنىۋاتامدىمەن؟ - ئۇ يوق كۆزلىرىنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ چەكچەيتكىنىچە ئەزۋەيلەشكە باشلىدى، - مەنمۇچۇ سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە سىزدىن يۇقىرراق داشۆنى پۈتتۈرگەنمەن، مەلۇماتىم مەكتەپ بويىچە ئەڭ يۇقىرى، پەقەتلا جاپا تارتىپ يۈرمەي دەپ ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ، تۆۋەن يىللىققا دەرس بېرىپ قالغانلا يېرىم بار، بولمىسا مەن ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، باشقىلار ماڭا ئىش ئۆگەتمىسىمۇ مەن ئۇنچىلىك گەپلەرنى ئۆز ئالدىمغا قىلالايمەن!
   -قانداق گەپ بولسا ئوچۇق دەۋەر، سەن زادى نېمە دىمەكچى؟- جىلى بولغۇنۇمدىن ئۇنىڭغا مىختەك تىكىلدىم.
   - خۇپسەنلىك قىلماڭ ئورمان تەتقىقاتچىسى، سىز دەل- دەرەخلەردىكى قۇرۇت - قوڭغۇزلارنىڭ مەقسىدىنى بىلىدىغان ئادەم، ئەلۋەتتە نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىمنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولدىڭىز، - ئۇ يەنە چۈشەندۈرگىلى باشلىدى، - ئىككىمىز ئۆي تۇتقىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپ قالدى، مانا يېڭى بىر جانمۇ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، شۇنداق بولغاندىكىن بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئاسىرىشىڭىز كېرەك، خىزمەتدىشىم ئالىيەنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ يولدىشى كۈندە بىر ۋاخ تاماقنى ئېتىدىكەن، بەزىدە توغرا كېلىپ قالسا ئىككى ۋاخمۇ ئېتىدىكەن، يەنە تېخى كىرمۇ يۇيىدۇ دەيدۇ، ئائىلىدە ئەر كىشى مانا مۇشۇنداق بولسا ئايال كىشىنىڭمۇ ئەتىۋارى بولغان بولىدۇ، قاچانلا قارىسا سىزدەك كىتاب- ماتىرىيالنىڭ ئارىسىدا يۈرگەن ئەرلەرچۇ ئائىلە، خوتۇن-بالىلىرى بىلەن كارى بولماي، ئۆزى ئۈچۈنلا ئىشلەيدۇ، ئەمدى چۈشەنگەنسىز؟
  ئاچچىقىمدا: ” ئەمىسە مەن بىلەن نېمە دەپ توي قىلغان؟ ئاشۇ دەردىڭگە دەرمان بولىدىغان، قاش-قاپىقىڭغا قاراپ ئىش قىلىدىغان، كىر-قاتلارنى يۇيىدىغان، بولسا ساڭا بالىمۇ تۇغۇپ بېرەلەيدىغان ئەردىن بىرنى تېپىپ تەگسەڭ بولمامدۇ! “ دېگەن گەپلەر تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ توختاپ قالدىم، چۈنكى روھى جەھەتتىن زەربە بولۇپ، قورساقتىكى ھامىلىگە تەسىر يەتمىسۇن دېدىم. دېمىسىمۇ ئالدىنقى قېتىم قورساق كۆتۈرگەندە، گەپ تەگىشىپ قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغاچقا، ئۇ ئاچچىقىنى چىقىرىمەن دەپ، زىيادە ھەركەت قىلىپ، ئۆزىنى چارچىتىۋالغاچقا بويىدىن ئاجىراپ كەتكەن ئىدى. شۇ سەۋەپلىكمۇ خېلى بىر مەزگىلگىچە گەپلەشمەي، ئۆز-ئارا تەتۈر قارىشىپ يۈردۇق.
   - ھەركىمنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، -دېدىم مەن ئۆزۈمنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۇتىۋېلىپ، - ئۆي ئىشىنى كىمنىڭ ۋاقتى بولسا، ئۇدۇل كەلگەن يېرىدە قىلسا بولىۋېرىدۇ، ئالىيەنىڭ يولدىشىنىڭ ئىشلىرى ئۇنچە ئالدىراش ئەمەس، ئۇ ماڭا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئۆي دىگەندە ئەر ئەردەك، خوتۇن خوتۇندەك بولۇشى كېرەك-تە!
   -شۇنداقمۇ تېخى، بىزدەك يېرىم دۇنيا بولمىساق بارغۇ، سىلە ئەرلەرمۇ پۈتۈن دۇنيا بولالمايسىلە، ھېلىمۇ بۇ ئۆيدە ئەر كىشى يوقتەكلا، بۇ ئۆي سىزگە مېھمان كۈتۈشتەكلا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، - مىرزىبان تەنە ئارىلاش دېدى، - سىز يېزىدا ئىشلىسىڭىز ناھايىتى بىر ئورمان پونكىتىنىڭ باشلىقى، دادۈيجاڭچىلىك ھوقۇقىڭىز بار ئەڭ كىچىك ئەمەلدار، سېلىشتۇرۇپ كەلسە ئەمەلىيەتتە سىز ئالىيەنىڭ يولدىشىچىلىكمۇ ئالدىراش ئەمەس، ئۇنىڭ يولدىشىچۇ كۈندە ئائىلە ئىشىلىرى بىلەن شۇنداق ئالدىراش چېپىپلا يۈرۈيدىكەن، سىز شۇنداق بىر ئالدىراش بولغۇدەك ئورمان پونكىتىدا قانچىلىك ئىش بولماقچى؟ ھەر ھالدا ماڭا كۆپرەك كۆيۈنسىڭىز، ئائىلە ئىشلىرىنى كۆپرەك ئۈستىڭىزگە ئالسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى قورساقتىكى بالا ئۈچۈن.
   -ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە، مەنمۇ ئۆي ئىشلىرىغا چامىمنىڭ يېتىشىچە قارىشىۋاتىمەنغۇ؟ بىر يىل بولاي دېدى، قولۇمنى سوغاق سۇغا تىقسام بولمايدۇ دەپ، كۆپىنچە ئىشلارنى ۋاقتىم يەتسىلا مەن قىلىۋاتىمەن، يەنە قانداق قىلىپ بەرسەم بولاتتى؟ - مىرزىبان ھە دېگەندىلا قورساقتىكى ھامىلىنى قالقان قىلىپ تۇرۇۋالاتتى.
   - قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇپ، بەزىدە تاماق ئېتىپ، ئاز-تولا كىر-قاتلارنى يۇيغانغىلا ھىساب ئەمەس، بىر ئۆي دىگەندە قىلىدىغان ئىش بەك كۆپ، قارىمامسىز تاملارنى ئۆمۈچۈك تورى قاپلاپ، دېرىزىلەرنىڭ توپا بېسىپ كەتكىنىنى؟ شۇڭا ئۆينىڭ باشقا ئىشىلىرىنىمۇ ئۆزىڭىز بىلىپ قىلسىڭىز بولىدۇ!
  - تاماكام تۈگەپ قاپتۇ، مەن چىقىپ تاماكا ئەكىرەي، - قاتتىق خۇمارىم تۇتقان ئىدى. يەنە بىر نەرسە دېيىشنى خالىماي، يانچۇقلىرىمنى ئاختۇرغىنىمچە سىرتقا ماڭدىم. يەنە بىر دەم تۇرسام، خۇمارىمنىڭ ئاچچىقىنى مىرزىباندىن چىقىرىدىغاندەكلا تۇراتتىم. ئۇ: ” تاماكىڭىزنى ئۆيگە ئېلىپ كىرمەي، تالادا چېكىپ كىرىڭ!  دېگىنىچە يەنە نېمىلەنىدۇر دەپ غوتۇلداپ قالدى. توۋا، يېزىلىق ئورمان پونكىتىدا ئىش يوق دىسە كىممۇ ئىشىنىدۇ؟ مېنىڭ نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىم ھېلىمۇ قازان بېشىدا، ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئۆتۈپ كەتمىدىمۇ؟ “
2

   - ئاغىينە پۇل دېگەن نېمىنى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كەتكىلى بولمايدۇ، جېنىڭنى قىينىماي قورسۇقۇڭغا ئوبدانراق يېمەمسەن، يا سەن ئۇ دەرىجىدە نامرات بولمىساڭ؟- ياتاقدىشىم سالى مېنىڭ ناشتىدا قۇرۇق نان بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇرغۇنۇمنى كۆرۈپ، چاقچاق ئارىلاش دېدى،-كىچىك بولسىمۇ بىر پونكىتنىڭ باشلىقى بولغاندىكىن، بۇنداق پىتىرلىق قىلما، ئوغۇل بالا دېگەن قورساقنى ئۇتتۇرساق بولمايدۇ، سەن بىلەن بىز ئۆز بولۇپ قالدۇق، پۇلۇڭ بولمىسا مەن بېرىپ تۇراي، قارىسام ئويۇن-تاماشاغىمۇ بارمايدىكەنسەن، يا ھاراق ئىچمىسەڭ، ئاچچىق تاماكىنى ئازراق چەك، سالامەتلىككە زىيانلىق،- سالى يەنە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىپ، قايسىبىر ئاھاڭغا غىڭشىغىنىچە چىقىپ كەتتى. ئۆگۈنىشىمىز ئاخىرلىشىدىغانغا بىر قانچە كۈنلا قالغان بولۇپ، ھەپتىلىك ئارام كۈنلىرىدە قالدى كۇرسانتلار خۇددى بۇ چوڭ شەھەرگە بەكرەك قېنىۋالماقچى بولغاندەك، ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ چىقىپ كېتەتتى. مەنمۇ ئايالىمغا بىر نەرسە سېتىۋېلىشىم كېرەك، ئۇ پاقلاندەك بىر ئوغۇل توغۇپ بەرسە، ئىككى قولۇمنى بۇرنۇمغا تىقىپ بارساممۇ سەت تۇرار، شۇڭا يىمەك-ئىچمەكتىن ئۆزۈمنى قىسىپ، ئويۇن، تاماشىغىمۇ بارماي، ئېشىنىپ قالغان ئۈچ مىڭ يۈەن پۇلنى چامۇدانىمغا تىقىپ قويغان يەردىن ئېلىپ، بازارغا ماڭدىم. شۇنىڭغا يارىشاغۇ ئورمانچىلىققا دائىر كۇرسىغا قاتنىشىپ  بۇ مېنىڭ ئايالىمغا تۇنجى قېتىم بىر نەرسە ئېلىشىم ئىدى. ئۇنى بىر خۇش قىلىۋېتەي دېدىم، چۈنكى ئايال كىشى دېگەن كىيىم بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ ئەمەسمۇ!
   -چوڭ شەھەردىن مۇشۇنداق قاملاشمىغان نەرسىلەرنى ئالدىڭىزما؟ ئېسىت پۇل! -ئايالىم مېنىڭ ئۇنىڭ چىرايىدىن تەسۋىرلىگۈسىز خوشاللىقنى كۆرىمەنغۇ دەپ ئويلىغىنىمنىڭ ئەكىسچە يوق كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ سۆزلەشكە باشلىدى،- قاراڭ مۇنۇ يۇڭ مايكىنىڭ رەڭگىنى، مېنىڭ چىرايىم بىلەن ماسلاشمىغۇدەك، مۇنۇ خۇرۇم پەلتو ھازىر مودىدىن قالدى، ماۋۇ ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ پاسۇنىنى ياخشى تاللىماپسىز، ئىشقىلىپ ھېچقايسىسى ماڭا ياخمىدى، پۇلنى بۇزۇپ-چېچىپ، ئەر كىشى دېگەنغۇ پەقەت بىرنەرسە ئېلىشنى بىلمەيدۇ! - مىرزىبان خۇش بۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، بىر ئېغىز ” رەھمىتى “ مۇ يوق، بىر تالاي تىكىنى بار گەپلەرنى دەپ، مېنى غىققىدە قىلىپ قويدى. ئايالىم يەڭگىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىنچە ئۈرۈمچىگە قىسقا مۇددەتلىك ئۆگۈنىش كۇرسىغا بارغان ئىدىم. مانا قالدى كۇرسانتلارنىڭ مېنى زاڭلىق قىلىشلىرى، ئەتەي دارىتمىلاپ مەسخىرە قىلىشلىرىغا چىداپ، شۇنچىۋالا بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلسەم، نەزىرى ئۈستۈن ” مەلىكى “ گە ھېچقايسىسى يارىمىدى. مەن شۇ ئاچچىقىمدا گەپمۇ قىلماي، ماڭا ناتونۇش ئادەمگە قارىغاندەك تەئەججۈپ ئىچىدە قاراپ تۇرغان بوۋاقنى قۇچۇقۇمغا ئالدىم. مىرزىبان بولسا، قاپاقلىرى ساڭگىلىغان ھالدا خۇددى ئەسكى لاتا قۇلىغا چىقىپ قالغاندەك، خۇرۇم پەلتۇ بىلەن مايكىنى ئۇياق-بۇياققا قايتا-قايتا ئۆرۈپ-چۆرىگەچ،” بىھۇدە خەجلەنگەن پۇل، ئارتۇقچە چىقىم “ ئۈچۈن تىنماي ۋاتىلدايتتى، ماڭا قاينايتتى، توختىماي تەگەيتتى. ئالتۇن ئۈزۈك بولسا خۇددى بوينىنى قىسىپ قالغان يىتىم بالىدەك، گېلەمنىڭ بىر بۇرجىكىدە پارقىراپ تۇراتتى...
3

  -سىز نېمە دەپ ئۆزىڭىزنىڭ دەل-دەرەخلىرىڭىز، دەل-دەرەخلەردىكى قۇرۇت-قۇڭغۇزلىرىڭىز توغۇرلۇق يازماي، نەدىكى بىر نېمىنى يېزىپ يۈرۈيسىز؟ سىزدە چوقۇم بىر ئىش بار،-مىرزىبان بىر كۈنى تۇيۇقسىز قاپاقلىرىنى سۆزۈپ، يوق كۆزلىرىنى پارقىراتقىنىچە مېنىڭ قانداقتۇر بىر مەخپىيەتلىكىمنى بىلىپ قالغاندەك سىرلىق قىياپەتتە سۆزلەشكە باشلىدى.
   -سېنى بۇنچىۋالا قاينىتىۋەتكۈدەك نېمە يېزىپتىمەن؟-مەن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي، تەئەججۈپ ئىچىدە سورۇدۇم.
   -كىتاب ئوقۇمىغاندىكىن مېنى بىلمەيدۇ دەپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ يەرنىڭ تېگىدىكى يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى بىلگۈچىلىكىم بار مېنىڭ،-مىرزىبان شۇنداق دەپ ئارقىغا ئازراق گېدىيىپ قويدى،-ئالىيە ماڭا ژورنالنى كۆرسەتتى،” يۈرەكتىن يۈرەككە يول “؟ ئەمدى ئېسىڭىزگە كەلگەندۇ؟ ئادەمنىڭ يۈرەكلىرىنى ئوينۇتۇپ، ياشلىق ئىستەكلىرىنى ئويغۇتىدىغان ئاجايىپ ماۋزۇ-ھە؟ مەزمۇنى ئۇنىڭدىن قارامكەن تېخى!
   -ۋاي شۇ ئەسەر توغۇرلۇق گەپمىدى، ناھايتى ئەدەبىي ئەسەرغۇ ئۇ، مۇنداق بىر ئىلھام كېلىپ قېلىپ يازغان ھېكايە، ئەدەبىي ئەسەر دېگەن شۇنداق بولىدۇ،-مەن پەرۋاسىزلا دېدىم.
   -ئەدەبىي ئەسەر دەپ قويۇڭ تېخى، مېنى ھېچنىمىنى ئۇقمايدىغان گالۋاڭ كۆرىۋاتامسىز، ھېكايىدىكى ئازات، ئوچۇقراق دېگەندە گۈلزارغا بارلىقىنى بېغىشلىغان كىم ئەمىسە؟ بۇ دەل سىز. ھېكايىدىكى ئۆزىنى تېخنىك دەپ ئاتىۋالغان گۈلزار ئىسىملىك ھېلىقى بىر نېمە، سىز ئەڭ دەستلەپ ياخشى كۆرگەن، ئىشقى پىراقىدا كۆيۈپ كۈل بولغان تۇنجى سۆيگۈنىڭىزنىڭ دەل ئۆزى، ھېكايىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ، ھەممىنى بىلدىم.
   -ھەي ئەخمەق، بۇ دېگەن ھېكايە، ھېكايە دېگەندە توقۇلما بولىدۇ، سەن بىر ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ مۇشۇنداق كۈلكىلىك گەپلەرنى قىلىپ يۈرسەڭ، باشقىلار نېمە دەر؟ - مەن يا ئاچچىقلاشنى يا كۈلۈشنى بىلەلمەي شۇنداق دېدىم.
   -نېمە دېسىڭىز دەڭ، ئىشقىلىپ مەن سىزنىڭ ئەپتى-بەشىرىڭىزنى تولۇق بىلىپ بولدۇم، ھازىرغىچە بەزى گەپلەرگە ئىشەنمەي كەپتىكەنمەن ، كۆڭلىڭىزنىڭ بۇرۇندىنلا بۆلۈنۈپ كەتكىنىدىن ئەجەپلىنىپ كەتمىسەممۇ بولغۇدەك. شۇڭا مېنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز.
   - بىر ئەسەرگە شۇنچىۋالا دېيىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ قالايمىقان گۇمانخورلۇق قىلماي، ئائىلىگە، ئۆزۈڭنىڭ كەسپىگە پۇختا بول، لاياقەتلىك ئانا بولۇشمۇ ئاسان گەپ ئەمەس!
   - سىز مۇشۇنداق قاملاشمىغان بىر نېمىلەرنى يېزىپ يۈرسىڭىز، مەن قانداقمۇ خاتىرجەم ئۆز كەسپىمنى قىلالايمەن؟- مىرزىبان ئاچچىق ئەلەم بىلەن دېدى.
   -ساراڭغا سۆزلىگەندەك، ئەجەپ گەپ ئۇقتۇرالمىدىم ساڭا،- مېنىڭ راستىنلا ئىچىم پۇشقان ئىدى.
   ھە مەن ساراڭ، سىز بەك ساق! توغرا دەيسىز، سىزنىڭ ھىچقانداق ئىشلىرىڭىزنى سۈرۈشتۈرمەي، ئۇ يەر- بۇ يەرلەردە ئويناپ يۈرسىڭىزمۇ بىلمىگەنگە سالغاندىكىن، مەن ھەقىقەتەن ساراڭ!
   - خەپ، نېمە دېسەم بولا، خوتۇن كىشىمۇ سەندەك بولامدۇ؟
   - ھە، يېغىرىڭىز ئېچىلىپ، ئىغىر كېلىۋاتامدۇ؟ قارىسام مۇشتلىرىڭىز تۈگۈلۈپ، چىشلىرىڭىز غۇچۇرلاپ كېتىۋاتىدۇ، مېنى ئۇرغۇڭىز كېلىۋاتىدۇ شۇنداقمۇ؟
   راست، شۇ تاپتا ئۇنى راسا بىر ئۇرساممۇ ئازلىق قىلىدىغاندەك بىلىنمەكتە، بىراق، كونىلارنىڭ ” يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر “ دېگەن سۆزلىرىنى ئويلاپ، ئۆزۈمگە ھاي بەردىم. قاتتىق خۇمارىم تۇتقان ئىدى، يانچۇقۇمغا قول سالدىم، تاماكام تۈگەپتۇ...
4

-مۇشۇ ئىشىڭىز بولمايدۇ، سىز بىلەن بازارغا چىقسا، ئۇدۇللا كىتاپخانىغا كىرىپ كېتىدىكەنسىز، كىتاپخانا دېگەن بىكار تەلەت ئادەملەر قىلغىلى ئىش تاپالماي كىرىدىغان يەر ئۇ، كىتاپخانا دېگەندە كىتاپتىن باشقا نېمە بار دەيمەن؟- مىرزىبان بىلەن بىرگە بازارغا چىقىپ، كىتاپخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە توختىماي سۆزلەپلا كەتتى،- ئۆتكەن قېتىم كىتاپخانىغا بىر كىرىپ كېتىپ، بىر سائەتتە چىقتىڭىز، ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ بولۇپمۇ يەنە سىزنى بىر مۇنچە ساقلاپ، پۇتلۇرۇممۇ تېلىپ كەتتى،-مىرزىبان ھازىرلا ھېرىپ قالغاندەك بىر قىياپەتتە دېدى،-كىتاپخانىغىچۇ بىكار بولغاندا ئۆزىڭىز يالغۇز كىرىۋېلىڭ، بۈگۈن كىتاپخانىغا كىرىشىڭىزگە بولمايدۇ!
   - ماۋۇ گېپىڭ پەقەتلا ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىگە ئوخشىمىدى، ئەمەلىيەتتە سەن مېنى كىتاپخانىغا باشلاپ كىرسەڭ توغرا بولاتتى،- كىتاپخانا دېگەن بىردىن-بىر بىلىم ئوچىقى، كىتاپخانىغا كىرىپ سەنمۇ ئۆزۈڭگە لازىملىق كىتاپ ئالمامسەن. ئاڭلىسام، بىرقانچە قېتىملىق كەسپى ئىمتاھاندىن ئوقۇتقۇچى تورۇپ ئۆتەلمەپسەن، ئۆزۈڭگىمۇ سەت ئەمەسمۇ؟!
   - ۋاي شۇنداقمۇ؟ بەكرەك ۋارقىراڭ خەقلەرمۇ بىلىپ قالسۇن، بولسا تېلۋىزوردا مېنىڭ ئايالىم مۇشۇنداق بىلىمسىز دەپ ئېلان بىرىڭ! - ئۇنىڭ ئىلمەك بۇرۇنلىرى ئۈستىدىكى ئىككى تال چىكىتكە ئوخشايدىغان كۆزلىرى ئەڭ زور دەرىجىدە چەكچىيىپ، ماڭا سەت گۆلۈيۈپ قارىدى، - مېنىڭچە سىزمۇ تايىنلىق، ناھايىتى ئورمانچىلىققا دائىر بىر نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلدىڭىز شۇ، بۇنى بەك چوڭ ئىش ھېساپلاپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ ، كىتاپ چىقىرىش قانچە بىر تەس ئىش؟ ئەگەر بالا تۇغۇپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلمىغان بولسام، مەنمۇ بۇ كەمگە ھېچ بولمىسا ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا دائىر بىرەر پارچە كىتاپ چىقىرىپ بولغان بولاتتىم،مەن سىز ئۈچۈن قۇربانلىق بەردىم ، بۇ بىلسىڭىز بولىدۇ ، سىزگە ئوخشاش ئارانلا قىلدى كىتاپخانىدا، گېزىت - ژورناللار ئىچىدە يۈرمىسەم مەن يا؟
- كىتاپ چىقىرىش سەن دېگەندەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، تەتقىقات ماقالىسىمۇ قولغا قەلەمنى ئېلىپلا يازىدىغان ئاددى نەرسە ئەمەس، - ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىغا پەقەتلا مۇناسىپ بولمىغان گەپلىرىگە مېنىڭ قاتتىق ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ يەنە ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ دېدىم، - مۇنداق بولسۇن، مەن ئورمانچىلىققا دائىر بىر پارچە ماقالە يېزىۋاتقان، شۇڭا كەسپىي ئاتالغۇلار لۇغىتى لازىم بولۇپ قالدى، سەن كىرمىسەڭ، مۇشۇ يەردە جىندەك تۇرۇپ تۇر، مەن شۇ لوغەتنى ئېلىپلا چىقاي ئەمىسە.
- ئۆزىڭىزنى بىر سانىغان بىلەن سىزگە گەپ ئوقتۇرغىلى بولمامدۇ نېمە؟ مەن سىزنى كىرمەڭ دېدىمغۇ؟
- كىرسەمچۇ؟
- كىرسىڭىز كارىم يوق، ئەمىسە دەپ قوياي، - ئايالىم قوللىرىنى ماڭا شىلتىپ، خۇددى كىچىك بالىغا بۇيرۇق قىلغاندەك بىر تەلەپپۇزدا دېدى، - مەن سىزنى ساقلاپ تۇرالمايمەن، بازا چۆگىلەيمەن، چاۋشىلارغا كىرىمەن. ئۆزۈمگە ئۇبدانراق كىيىم ئالمىسام بولمايدۇ، بالىغا، ئۆيگە ئالىدىغان لازىمەتلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىز ئېلىڭ، مېنىڭ چولام تەگمەيدۇ!
مىرزىبان شۇنداق دەپلا، بۇيرۇق تاپشۇرىۋالغان ئەسكەردەك، چوڭ - چوڭ چامداپ يۈرۈپ كەتتى. توۋا، ئۇ نېمىشقا كىتاپخانىغا كىرىشكە ئۆچلۈك قىلدىغاندۇ؟
5

-  نامرراتلارغا ياردەم بېرىش دېسە، قاراپ تۇرۇپ 200 يۈەننى ئىئانە قىلىۋېتىپسىزا، بىزنىڭ ئېشىپ - تېشىپ تۇرغان پۇلىمىز بولمىسا - يا، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ - مىرزىبان يوق كۆزلىرىنى ماڭا مىختەك تىكىپ دېدى،- مەنمۇ مەكتەپتە ئىئانە توپلىغاندا ئون يۈەن بەردىم، شۇمۇ چوڭ ياردەم ! نامراتلار سىزنىڭ ئاتا - ئانىڭىزمىدى ئۇنچىلىك قىلىپ كېتىدىغانغا؟ ھەي ئىست ، ھەي ئىست 200 يۈەن بىكارلا قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپتۇ، ئاشۇ پۇلغا بەش كىلو گۆش ئېلىپ يەۋالساق بولمامتى؟ سىزنىڭ مۇشۇنداق ئىشلىرىڭىز بولمايدۇ، بىز خەلق ئىشلار تارماقلىرى بولمىغاندىكىن، بار-يوقنىڭ ئورنىدا ئىئانە قىلسىڭىز بولماسمىدى؟ يا بۇ بىر ئالدىدا چىقسا مۇكاپاتلايدىغان يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بولمىسا؟
- دۇنيادا يوقسىزلىق ئەڭ قاتتىق دەيدىغان گەپ بار ، بىلەمسەن شۇنى؟ كىمنىڭمۇ باشقىلارغا مۇھتاج بولغۇسى، بىراۋنىڭ قولىغا قارىغۇسى كەلسۇن؟- مەن ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدە شەخسىيەتچى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن،- سەن ئون يۈەن ئىئانە قىلدىم دەيسەن، ئون يۈەنگە ھازىر نېمە كېلىدۇ؟ بىز ئۆزىمىزنىلا ئويلىساق بولامدا؟ سەن ئويلىغاننى مېنىڭمۇ ئويلىغۇچىلىكىم بار، ئاشۇ پۇلغا مەنمۇ كىتاپ ئالغان بولسام خېلى جىق كىتاپ سېتىۋالاتتىم. ئەمما باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئويلىمىساقمۇ بولماس، مەن بىر پونكىتنىڭ باشلىقى تۇرۇپ، ئۆزۈم ئالدى بىلەن پونكىتتىكىلەرگە باشلامچى بولمىسام بولامدۇ؟
- باشلىقمەن دەڭ، راست سىز بەك كاتتا ، چوڭ باشلىق-ھە؟-مىرزىبان مەسخىرە ئارىلاش دىمىقىنى قېقىپ قويدى،- ئۆتكەندىمۇ قاراپ تۇرۇپ، باشقىلارنى ئويلىمىساق بولمايدۇ دەپ ماڭا بىر مۇنچە دەرس ئۆتۈپ، تۆت يۈز گىرام قېنىڭىزنى بىر يالاڭتۆشكە ھەقسىز ئىئانە قىلىۋەتتىڭىز، ئۆزىڭىز بىر نەچچە كۈن بىئارام بولۇپ قىينالدىڭىز، ۋاقتى كەلسە بىزگە ئاشۇ كۆك نامراتلاردىن نېمە پايدا كېلەتتى؟
- ھاي، ھاي، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى تەگەۋەرمە، شۇ چاغدا مېنىڭ قېنىم ئاشۇ دېھقانغا ماس كەلگەچكە كۆپرەك بەردىم، ئاشۇ دېھقان بولغاچقا سەن بىلەن بىزنىڭ ئىشلىرىمىز جايىدا كېتىۋاتىدۇ،-مەن مىرزىبانغا باشقىدىن سەپ سالدىم، ئۇ بارغانچە ئۆزگۈرۈپ كەتكەندەك، ماڭا قانداقتۇر باشقا بىر ئادەم بولۇپ قالغاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى.
- ھەي ئەخمەق، سىزنىڭ قېنىڭىز ماس كەلگەندىكىن، شۇ چاغدا تەڭلىگەن پۇلنى گەپ قىلماي ئالسىڭىز بولمامدۇ؟ بوپتۇ دەپ يۈزىڭىزگە سالماي ئۆتكۈزىۋەتسەم، بۇ قېتىم يەنە ئەخمىقانە ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز، ئاشۇ پۇللارغا ھېچ بولمىسا ئېسىل كىيىمدىن بىرتو ئېلىۋالاتتىم ئەمەسمۇ!
- ئويلىماپتىكەنمەن، سېنىڭ بۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى زادىلا خيالىمغا كەلتۈرمەپتىكەنمەن،- مەن بېشىمنى چايقاپ، ئەپسۇسلۇق ئىچىدە دېدىم،- ئەگەر بۇ دۇنيادا ھەممىلا ئادەم سەندەك ئويلىسا، ساڭا ئوخشاش ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىسا، بۇ جاھان قانداق بولۇپ كېتەر؟
- توي قىلىشتىن بۇرۇن مۇشۇنداقلىقىڭنى بىلمەيلا توي قىلىپ قاپتىكەنمەن دېمەكچى، شۇنداقمۇ؟- مىرزىبانغا گەپلىرىم تەسىر قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن قاتتىق رەنجىگەن ئىدى،- مەنمۇچۇ ئۆينى دەپ، كۈنىمىز ياخشى بولسۇن دەپ شۇنداق دەۋاتىمەن، قىلغان-ئەتكەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ئائىلىمىز ئۈچۈن!
-مەن سېنى ۋىجدان بىلەن ئىش قىلسىكەن دېمەكچى، ئۆزىمىزنىلا ئويلىساق، ئۆزىمىز ئۈچۈنلا غەم يىسەك، ھايۋاندىن نېمە پەرقىمىز!
- ھە مەن ۋىجدانسىز، مەن ھايۋان!-مىرزىبان ھۈ تارتىپ يىغلىغىنىچە ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئارقىدىنلا تېخى ئەمدىلا يېشىغا توشقان ئوغلىمىزنىڭ ئويغۇنۇپ قىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازى ھەم مىرزىباننىڭ :” ئەجەپ زېرىكتىم بۇ ھارمىنىڭ زوۋانىدىن، يىغلىما ساقلاندى! “دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئوغلۇمنى ئويلاپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىدى، يۈرۈكۈم خۇددى بىرسى يىڭنە سانچىغاندەك ئېچىشتى. مىرزىباننى كىرىپلا چاچتىن تولاپ ئۇرغۇم كەلدى، ئەمما ئۆزۈمگە ھاي بەردىم، خۇمارىم تۇتقان ئىدى، يانچۇقۇمغا قۇلۇمنى سالدىم، كىچىك بالىدا نېمە گۇناھ؟
6

- سىز بەك ئۆزىڭىزنىڭ ئانىسىنىلا كۆزلەپ كەتمەڭ، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ،- كومپىيوتىردا جىددىي بىر نەرسە ئۇرىۋاتاتتىم ، مىرزىبان بېشىمغا چىقىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى،- ئۆتكەندەك قاراپ تۇرسام ئاپىڭىزغا بىرتال كۆينەك ئېلىپ بەردىڭىز، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاپىرىپ بەرگەن بىرتال ياغلىقنىڭ گېپىنى دىمەيلا قوياي، مېنىمۇ جاپا تارتىپ تۇققان ئانام بار، قىلساق ھەر ئىككىسىگە ئوخشاش قىلىلى، بولمىسا ئايرىمچىلىق قىلمايلى.
- ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە،-مەن مىرزىباننىڭ بۇ دەرىجىدە ئىنچىكە ھېساۋات قىلىپ، بەسلەشكىنىگە ئاچچىقىم كېلىپ ، خەت ئورۇشتىن توختۇدۇم ،- سېنىڭ ئاناڭمۇ ئوخشاشلا مېنىڭ ئانام، ئەمما ئىككى ئائىلىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، سېنىڭ داداڭ بار، ئىقتىسادىڭلار ياخشى، مېنىڭ ئانامچۇ؟ دادام تۈگەپ كېتىپ، يىگانە ياشاۋاتىدۇ، ئۈچ بالىنى قاتارغا قۇشقۇچە نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپ، چاچلىرىمۇ ئاقاردى، يالغۇزلۇقتا دىلى سۇنۇق، ئەمدى ئاز-تولا كىيم-كېچەك ئېلىپ بەرسەم نېمە بوپتۇ، بۇمۇ سېنىڭ يۈزۈڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ سېنىڭ ئاناڭغا ئوخشاشقۇ؟
- بىزمىچۇ بىر يەردىن بوسۇققىدە چىقىپ چوڭ بولۇپ قالمىغان، بىزنىمۇ ئانىمىز توغۇپ، جاپادا باققان. بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولسا بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىشى، بىراق كەمپىت چاغلىق نەرسە ئالساقمۇ ئىككى ئۆيگە تەڭ ئالىمىز. مەن سىزگە ھازىرغىچە دېمەي كەلدىم، ئۆتكەن ھېيىتتا، ئەجەپ ئانىڭىزغا بىر قوينىڭ گۆشىنى ئاپىرىپ بېرىپ، بىزىنىڭ ئۆيگە كەلگەندە نومۇس قىلماي ئىككى تال توخۇنى كۆتۈرۈپ كىردىڭىز، سىزچە مۇشۇ ئىشىڭىز قاملاشتىمۇ؟ ئەسلى دېمەي دىگەن، زادى ئىچىمگە سىغدۇرالمىدىم،- ئۇ خۇددى ماڭا قىيىن بىر سۇئالنى قويغاندەك مەغرۇرانە تىكىلدى.
-مۇشۇنچىلىك ئىشلارنىمۇ تىلغان ئېلىپ يۈرەمسەن، ئۇ دېگەن توخۇ ئەمەس قىرغاۋۇل! داداڭنىڭ قان بېسىمى يۇقۇرى بولغاندىكىن ، تاپتۇرۇپ ئەكەلگەن قىرغاۋۇل، قوي گۆشىنى تاپقىلى بولغان بىلەن، قىرغاۋۇلنى ئاسانلىقچە تاپقىلى بولمايدۇ، بىلەمسەن بۇنى؟!
-قىرغاۋۇل بولامدۇ ،  سىرغاۋۇل بولامدۇ كارىم يوق ، ئىشقىلىپ  قارىسام توخۇكەن، بۇ قاراپ تۇرۇپ بىزنىڭ ئائىلىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق!- مىرزىباننىڭ يوق كۆزلىرىنى چەكچىيىپ، ماڭا كۈلكىلىك بىر تويغۇ بەرمەكتە ئىدى.
-گەپ ئۇختۇرۇپ بولغىلى بولمىغىدەك بۇ ساۋاتسىز خوتۇنغا، قانداق قىلسام بولاتتى ئەمىسە؟
-ھە مەن ساۋاتسىز، ئۆزىڭىزچە ئىككى تال ماقالە يېزىپ قويۇپ، مېنى ساۋاتسىزغا چىقىرىۋاتامسىز؟ بىلىپ قويۇڭ، سىزمۇ كامالەتكە يەتكەن ئالىم ئەمەس، سىزمۇ تايىنلىقلا بىر ئادەم، مەنمۇ كۆزۈمگە ئىلىپ قويمايمەن سىزنى!
-خەپ، خەپ!-غەزەپتىن بارماقلىرىم ئالقانلىرىمدا مىجىلدى، شۇ تاپتا ئۇنى نەچچە تەستەك سېلىۋەتسەممۇ ئاچچىقىم بېسىلمايتتى. خۇمارىم تۇتقان ئىدى، يەنە ئۇنىڭ بىلەن گەپ تاكاللىشىشقا رايىم بارماي، ئۆزۈمنىڭ يېزىقچىلىق ئۆيۈمگە كىرىپ، بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردۇم.
7

-باشقىلارنىڭ ئايالى تۈركىيەنىڭ دەمدۇ، كورىيەنىڭ دەمدۇ، ئىشقىلىپ كۆزۈمدىن ئوت چىقىرىپ، چەتنىڭ كىيىملىرىنى بەس-بەس بىلەن كىيىشىۋاتىدۇ، ئىگىسى يوق ئادەمدەك مەنلا قالدىم بوينۇمنى قىسىپ،-بالىنىڭ كېيىمىنى كىيگۈزىۋاتاتتىم، گىرىم جاھازىسىنىڭ ئالدىدا خۇددى سەكسەن خالتىنىڭ ئالدىدىكىدەك تۈرلۈك پەرداز بۇيۇملىرىنى تىزىۋالغان مىرزىبان ئەينەككە قارىغىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى،-بالىمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالدى، ئەمدى مەنمۇ راۋرۇس كىيىم ئېلىپ كىيمىسەم بولمايدۇ.
-كىيىم-كىيىملا دەيدىكەنسەن، ھازىر دېگەن قايسى دەۋر، باشقىلار بىلەن بەسلىشىپ نېمە كەپتۇ؟ بىزدە ” بىلىم دۆلەت، كىيىم سۆلەت “ دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار ئەمەسمۇ؟ تېشىڭنى لاتا بىلەن پاقىراتقىچە، ئىچىڭنى بىلىم بىلەن زىننەتلىسەڭ بولمامدۇ؟
-قويۇڭ ئۇنداق ھېكمىتىڭىزنى، شۇنداقلا دەيدىكەنسىز، ھەجەپ زېرىكتىم مۇشۇ گەپلىرىڭىزدىن!- مىرزىبان گېپىمنىڭ بېلىگە تەپتى،-ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسىلا شۇ گەپنى قىلىدىكەنسىز، مېنىڭمىچۇ باشقىلار كىيگەننى كىيەلىگۈچىلىكىم بار، كونىلار ” ئادەم ئەسكىسى ئەمەس، كىيىم ئەسكىسى “ دەپ بىكار ئېيتمىغان، كونا كىيىملەرنى كىيىۋەرگەن بىلەن خەقنىڭ ئالدىدا ئادەمنىڭ ئىناۋىتى بولمايدىكەن ، بېرەر سورۇنغا بارسىمۇ پەگا بالىسى بولۇپ قالىدىكەن !
-كيىم دىگەن پاكىز، رەتلىك بولسىلا بولدى، ھەر بىر يېڭى كىيىم چىققاندا ئۇنى سېتىۋېلىش پەرز ئەمەسقۇ؟ مەن بىلسەم كىيىم ئىشكاۋىڭدا سېنىڭ ئۇچاڭغا چىقىپ باقمىغان بىر نەچچە قۇر كىيمىڭ بار، يا ئۇنى كىيمەيدىكەنسەن، ئاشۇ كىيىملىرىڭنى ئاز قالدى موزىيغا قۇيىدىغانغا، شۇنداق تۇرسا يەنە نېمە قىلىسەن كىيىم ئېلىپ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆردە ئولتۇرغانغىلا ئادەم ئىناۋەتلىك بولۇپ قالامتى ؟
-ئۇ كىيىملەرنىڭچۇ دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى، ساقلاپ قويۇپ قېرىغاندا كىيىمەن. ھە راست، تاس قاپتىمەن ئۇنتۇپ قالغىلى،- مىرزىبان بىر نەرسە ئېسىگە كەلگەندەك قوشۇپ قويدى،- ئاڭلىسام يېقىندا ئاياللارنىڭ بىر يۈرۈش ئالى دەرىجىلىك كىيىملىرى كەپتىمىش، ئالىيەمۇ قىرىق مىڭ يۈەنگە تۈركىيەنىڭ بىر نوركا پەلتۇسىنى سېتىۋاپتۇ، ھەر ئىككىلىمىز مۇئاش ئېلىۋاتساق، مېنىڭ ئۇنىڭدىن نەرىم كام، سىزمۇ ئۇنىڭ ئېرىدىن قېلىشامتىڭىز؟- ئۇ ئەمدى ماڭا ئاشۇ كىيىملەرنى باشقىلارنىڭ يولدىشى ئېلىپ بەرسە، سىز ئېلىپ بەرمەمسىز دېمەكچى بولاتتى،-ئەمدى مەنمۇ بۇرۇنقىدەك ئەرزان باھالىق كىيىملەرنى كىيمەيمەن، نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك ئېسىل كىيىملەرنى ئېلىپ كىيمىسەم بولمايدۇ.
-قىممەت باھالىق كىيىمنى كىيگەنلەردىن بىر سوراپ باققىنا، ئاشۇ قىرىق مىڭ يۈەنگە ئالغان كىيىمنى كىيسە، ئادەمنى خالىغا يەرگە يەتكۈزۈپ قويالامدىكەن، تاماق يېمىسىمۇ بولامدىكەن؟ ئۇمۇ ئوخشاشلا كىيىمدۇ؟
-گەپنى تولا چاقچاققا ئايلاندۇرىۋالماڭ، ئادەمنى خالىغان يەرگە يەتكۈزۈپ قويىدىغان ئۇ يا بىر ماشىنا بولمىسا! گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلاي، مەنمۇ ئاشۇ كىيىملەرنى ئالىمەن، دەرھال پۇلنىڭ ئورنىنى قىلىڭ!
-ماڭا قارا، سەن ئۇ كىيىمنى ئالىمەن دېسەڭ، قەرزدار بولۇپ قالىمىز، ئۆتكەندە بىر قانچە مىڭ يۈەنلىك كىيىمنى ھۆججەت يېزىپ بېرىپ نىسىگە ئاپسەن، ھالىمىزغا قاراپ ئىش قىلىلى دەيمەن.
-سىز ئەزەلدىن مىنىڭ ھالىمغا يېتىپ باقمىدىڭىز، سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزغا ھازىرغىچە چىداپ كېلىۋاتىمەن،-مىرزىبان قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغاندەك تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ، قاپاقلىرىنى تۈردى،-مېنى ئۆزىڭىزنىڭ ئايالىدەك كۆرمەيسىز، ھەجەپ تويدۇم سىزنىڭ كۆزى كىچىكلىكىڭىزگە!
-مەن سېنىڭ قاچان ھالىڭغا يەتمەپتىمەن، ھازىرغىچە ئۆزۈڭ خالىغاننى قىلىپ كېلىۋاتىسەنغۇ؟ مۈشۈكتەك كۆزۈڭنى يۇمۇپ، گەپلا قىلساڭ بولامدا؟-مېنىڭمۇ غۇژژىدە كەلگەن ئاچچىقىم مېڭەمگە تەپتى، قاتتىق خۇمارىم تۇتقان ئىدى، يانچۇقۇمنى ئاختۇردۇم، تاماكام تۈگىگەن ئىدى.
-مۈشۈك دېگەن سىزدىن ئاشمايدۇ، دىۋانە مۈشۈكنىڭ ئۆزى.
-ھۇ ئۆزىنى بىلمەيدىغان يۈزسىز!-ئاچچىقىمدا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئۇنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سالدىم.
-مېنى ئۇرىۋاتامسىز تېخى، بولدى مەن بۇ ئۆيدىن تويدۇم!-مىرزىبان ھۈ تارتىپ يىغلىغىنىچە ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەنمۇ يانچۇقۇمدىكى قۇرۇق تاماكا قېپىنى زەرپ بىلەن يەرگە ئاتقىنىمچە سرتقا ماڭدىم. شۇ تاپتا خۇمارىم شۇنداق تۇتقان ئىدىكى، كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى. ھەتتا ئامراق ئوغلۇمنىڭ يىغلىغىنىچە تايتاڭلاپ ئالدىمغا كەلگىنى بىلەنمۇ كارىم بولماي، ئۇنى سىلكىۋەتتىم، ئوغلۇم قىقىراپ يىغلاپ قالدى. سىرتقا چىقىپ بولۇپ، ئوماق ئوغلۇمنىڭ يىغلىغان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىپ، كۆزۈمدىن لۆممىدە چىققان بىر تامچە ياش مەڭزىمنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى...
★       ★      ★        ★        ★
-ئۆپكە راك؟!- دوختۇرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، خۇددى باش ئۈستۈمنى بىر پارچە قارا بۇلۇت قاپلىۋالغاندەك، تاغلار بېشىمغا كۆمتۈرۈلۈپ چۈشكەندەك بولدى.
” ئۆپكە راك، ئۆپكە راك! ...“ مەن بار ئاۋازىم بىلەن توۋلايتتىم، خۇددى ساراڭ بولۇپ قالغاندەك ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان بىر نېمىلەرنى دەيتتىم، مەقسەتسىزلا جېنىمنىڭ بارىچە يۈگرەيتتىم. بۇ قەيەر؟ مەن يۈگىرەپ نەگە بارماقچى؟ بۇنى بىلمەيتتىم. ئەتىراپ قاراڭغۇ، سىرتتا مەندىن باشقا ئادىمىزات كۆرۈنمەيتتى. بۇ جاھان نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟ قېنى قالغان ئادەملەر؟ مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، مىرزىبان بىلەن ئۈچ ياشلىق ئوغلۇم نەلەردە يۈرۈيدىكىن؟
ئالدىمغا قاراپ يۈگۈرىۋەردىم. بىر چاغدا ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان بىر بوۋاي كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى:
-بالام سەن ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلدۈڭ! بۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇپمۇ كەتمە، ئۇ دۇنيادا خاتىرجەم ياتىدىغان بولدۇڭ، ئەمدى ساڭا ئەلەم قىلىدىغان مىرزىبانمۇ يوق.
راستىنلا ئۆلگەندىمەنمۇ؟ مەن ئۆلۈپ كەتسەم مىرزىبان قانداق قىلىدۇ، ئوغلۇمچۇ؟ مەن قىلىپ بولالمىغان نۇرغۇن ئۆي ئىشلىرى بارتىغۇ؟ مىرزىبان جاپاغا قالىدىكەن-دە!...شۇلارنى خىيال قىلىپ تۇراتتىم، مىرزىباننىڭ يىغا ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمدىلا ئاڭلاندى، مەن راستىنلا ئۆلگەن ئوخشايمەن.
-ۋاي مۇرەببىم، مېنى بالا بىلەن يالغۇز تاشلاپ كەتكەن قېرىندىشىم، ۋاي ئەمدى مەن قانداق قىلاي؟!-مىرزىبان مېنىڭ ئۆلۈم پەتەمگە كەلگەن ئاياللارنىڭ بوينىغا  ئېسىلىپ تۇرۇپ ، ئېزىلىپ يىغلايتتى.
-يىغلىماڭ قىزىم، سەۋرى قىلىڭ، ئۆلگەننىڭ ئارقىسىدىن كەتكىلى بولمايدۇ،- مېنىڭ ئاناممۇ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تەسەللى بېرىۋاتاتتى،-ئوغلۇم ناھايتى ساغلام ئىدى، ھايات چېغىدا ئۇنىڭ قەدرىگە يېتەلمىدۇق، ئىچ پۇششۇقى يامان ئىكەن، دەرت-ئەلەمگە بەرداشلىق بىرەلمەي، تاماكىنى تولا چېكىپ، ئاخىرى ئۆپكە راكى بىلەن تۈگەپ كەتتى.
-سىلە تولا گەپ ئويناتمىسىلا، گەپلىرىچە ئوغۇللىرىنىڭ بېشىغا مەن چىقىپتىمەن -دە!- مىرزىبان جامائەتنىڭ كۆزىچىلا ئانامغا قوپال گەپلەرنى قىلىۋاتاتتى،- ئۇ مېنى ئىسلىغاننى ئاز دەپ، ئۆزى توختىماي تاماكا چېكىپ ئۆلدى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مېنىڭ قىلچە ئالاقەم يوق!                 قولۇقۇمغا يەنە نۇرغۇن گەپلەر كىردى، مىرزىبان ئەمدىلىكتە ھازا ئېچىشنىڭ ئورنىغا، مېنى جامائەتكە سەت كۆرسىتىپ، ئاغزىغا كەلگەن گەپلەرنى دېمەكتە ئېدى. مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ مىدىرلىيالمايتتىم، جېنىم باردەك قىلاتتى-يۇ، قوللۇرۇمنى ئالدىغا سوزۇپ باقساممۇ بېرەر نەرسىنى تۇتالمايتتىم. ئۇنىڭ دەۋاتقان گەپلىرىنى ئاڭلىغانچە، غەزىپىم تېشىپ، بېرىپلا ئۇنىڭ كارنىيىدىن بوغقۇم كېلەتتى. گەرچە ئۆلگەن بولساممۇ، خۇمارىم قاتتىق تۇتقان ئىدى، ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ تاماكامنى تاپالمايتتىم. بولدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتمايمەن، ھېلىمۇ چىداپ كەلدىم، مەن ئۆزۈمنى ئازاد قىلىشىم كېرەك! مەن قەتئىي بىر نىيەتكە كەلگەن ئىدىم. راستىنلا ئۆلۈپ كەتكەنمەنمىدۇ؟!
8

- نېمە بولدىڭىز ئادەمنى ئۇخلاتماي ساراڭدەك ۋارقىراپ ، - مىرزىباننىڭ توڭ قاغا قاقىلدىغاندەك ئاۋازى قۇلاق تۈۋۈمدىلا ئاڭلاندى ، چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچسام ، ئۇ كۆزلىرىنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ .
- مەن ئۆلمۈدىمما ؟
- نېمە ئانداق ئېلىشىپ قالغاندەك سۆزلەيسىز ئادەمنى قورقۇتۇپ ؟ ئوغلىمىز سەمىجاننى بىرگە بېقىشقا نېسىپ قىلسۇن ، بىزدە ” تېلىسەڭ تاپارسەن “ دەيدىغان گەپ پار ، بۈگۈن دېگەن ئۇلۇغ جۈمە كۈنى ، سەھەردىلا ئالاجوقا سۆزلىمەڭا تولا .   
-قارا باسقان چېغى ، شۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتىمەن ، - مەن ئەسنەك ئىچىدە بىر كېرىلىۋېتىپ ، ئۇنىڭغا چۈشۈمنى دەيمۇ - دېمەيمۇ دېگەندەك بىر ئاز تۇرىۋالدىم .
-تېزراق دېمەمسىز ئادەمنى تەقەززا قىلماي ، - ئۇ مېنىڭ چۈشۈمگە قىزىقىۋاتاتتى ، مۇھىمى مېنى باشقا ئاياللارنى چۈشەپ قالدىمىكىن دەپ تىت - تىت بولۇۋاتاتتى ھەم مۇشۇنداق گەپلىرىمنى  ئاڭلاشقا ئىنتايىن سەگەك ئىدى .  
- قارا مىرزىبان ، يوشۇرمايلا دەۋېرەي ، چۈشۈمدە سەن بەد - بەشىرە  قارا دىۋىگە ئايلىنىپ ، مېنى ئۆلتۈرمەكچى بوپسەن ، تىرناقلىرىڭنى سوزۇپ ، شۇنداق ئېتىلىپ ئالدىمغا كەلگەندە  قورقۇپ ۋارقىرىغان چېغىم ، توۋا ، ئىككىمىز بىر يەردە ئۇخلاپ تۇرۇپمۇ ئاشۇنداق چۈش كۆرگۈنىمنى دەيمىنا !   
-خۇداغا شۈكرى باشقا ئاياللارنى بولۇپمۇ ھېلىقى گۈلزار دېگەن نايناقنى چۈشىمىگىنىڭىز ئوبدان بوپتۇ ، - مىرزىبان خاتىرجەم بولغاندەك يېنىك ئۇھ تارتىپ قويدى ، - قالايمىقان خىياللارنى قىلىپ ، ئاشۇنداق چۈش كۆرگەن گەپ ، چۈشۈڭىزدىمۇ يەنە شۇ قارىدىن قۇتۇلالماپتىمەن - ھە ؟ ھېچ بولمىسا ئاق دېۋىمۇ بولالماپتىمەن ، مەن بىلەن ئۇرۇشۇپسىز تېخى !
- ئەقىلغە سىققۇدەك گەپ قىل ، دېۋىنىڭ ئاق بولغىنى نەدە بار ، ئۇ يا ئاققۇ بولمىسا ، - مەن ئۇنىڭ تۈرۈلگەن قاپاقلىرىغا قاراپ ، كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم ، ئەمەلىيەتتە دېۋىنىڭ قانداق رەڭدە بولىدىغىنىنى مەنمۇ بىلمەيمەن .  
- راست دەيسىز ، ئالدىڭىزدا مەن ئاشۇنداق بەد - بەشىرە مەخلۇق ، نەزىرىڭىزدە مەڭگۈ بىر قارا دېۋە !
- چۈشۈمنى دەپ بەرسەم بۇنچە ئاچچىقلىنىشنىڭ نېمە ھاجىتى ، بۇ دېگەن چۈش ، ئۇنى خالىغانچە كۆرىۋالغىلى بولمىسا يا ؟ - ئۇنىڭ كۈلكىلىك گەپلىرى غىدىغىمنى كەلتۈرگەن ئىدى .
- چۈشكىمىچۇ ئادەمنىڭ ئويلىغىنى كىرىدۇ ، مەن سىزنىڭ نېمىنى خىيال قىلىدىغىنىڭىزنى ياخشى بىلىمەن .
مېنىڭ مىرزىبانغا يەنە  گەپ قىلغۇم كەلمىدى . ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق چۈش ھېلىمۇ يۈرۈكۈمنى جۇغۇلداتماقتا ئىدى . خۇداغا شۈكرى يەيدىغان رىسقىم بار چېغى  ئۆلمەپتىمەن . شۇ تاپتا  بېشىم خۇددى تۈگمەن تېشىنى ئېسىپ قويغاندەك تولىمۇ ئېغىر ، بەدەنلىرىم ئۇزۇنغا يۈگەرگەن تەنھەركەتچىدەك چىلىق - چىلىق تەرلىگەن ، يۈرۈكۈم ئەنسىز دۈپۈلدەپ سوقماقتا . ئۆزۈمنىڭ ھايات ئىكەنلىكىمگە تازا ئىشىنىپ بولالماي ، شۈركۈنىش ئىچىدە يۈزۈمنى چىمدىپ باقتىم ، راست ھاياتكەنمەن ، يۈزلىرىمنى چىمدىسام ئاغرىۋاتىدۇ . چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتتىم ، ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ يورۇق دۇنيادا يەنىلا ياشايدىغىنىمنى  ئويلاپ ، كۆڭلۈم بۆلەكچە سۆيۈندى ، تولىمۇ قاباھەتلىك بىر چۈش كۆرگەنلىكىمدىن ئېغىر خۇسۇندۇم ، گەرچە بۇ بىر چۈش بولسىمۇ ، كۆڭلۈم بەكلا غەش بولدى . مىرزىبان بولسا ماڭا بىر مۇنچە تاپا - تەنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، گۆش خالتىسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەكلا جايىغا قىڭغىيىپ ، ئۇيقۇغا كەتتى . مەن ئۇنىڭغا غۇۋالىق ئىچىدە سەپ سالدىم بۇ ئالەمنىڭ ئىشلىرىدىن بىخەۋەر ، تولىمۇ خاتىرجەم ھالدا  ،  ئاتنىڭ چىشىدىن قېلىشمايدىغان دادۇردەك يوغان چىشلىرىنى كۆرسەتمەكچى بولغاندەك ، قېلىن كالپۇكلىرىنى يېرىم ئېچىپ ، يېنىك خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى . ئەمدىلا يېشىغا توشقان ئوغلۇم سەمىجان بولسا ، قانداقتۇر ئاشۇ خورەكتىن بىزار بولغاندەك ، مىرزىبانغا دۈمبىسىنى قىلىپ ، تاتلىق ئۇخلىماقتا ئىدى . مەن ئاستا يوتقاندىن سوغۇرۇلۇپ چىقتىم . تاڭ ئەمدىلا  سۈزۈلۈشكە باشلىغان ، كەنجى قالغان خورازلارنىڭ ئۇ -يەر بۇ يەرلەردىن چىللىغان ئاۋازى كېلەتتى . دەرىزىنى ئاچتىم ، ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان سالقىن ساپ ھاۋا شۇئان يۈزلۈرۈمگە ئورۇلدى . يەنىلا چۈشۈمنى ئەسكە ئالدىم ، بارغانچە ئەستە تۇتۇش  قابىلىيىتىم تۆۋەنلەپ كېتىۋاتامدۇ ، ياكى ئادەم ياشتا چوڭايغانچە شۇنداق بولۇپ قالامدۇ ، كۆرگەن چۈشلىرىم ئېسىمدە قالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى ، كۆپىنچە ھاللاردا چۈشۈمنىڭ بىر قىسمىلا  ئېسىمدە قالاتتى .  بۇ بەلكىم ھازىر يەۋاتقان يېمەكلىكلىرىمىز ھەم ياشاۋاتقان مۇھىتىمىز بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك . شۇڭىلاشقىمۇ چۈشۈمنى ناھايىتى غۇۋالىق ئىچىدە ئەسلىيەلىدىم ، ئەسلىگەندىمۇ پەقەتلا مىرزىباننىڭ ماڭا چەكچىيىپ قاراپ تۇرغان بار - يوقنىڭ ئورنىدىكى كۆزلىرى بىلەن قۇرۇمداپ كەتكەن مەشنىڭ كانىيىدەك كۆرۈنىدىغان قاپ - قارا چىرايىلا ئېسىمدە قالغان ئىدى ...
9

  - ياۋكۇڭنى  ماڭا بېرىڭ ، مەن سىزگە ياخشى پىنداۋنى تاللاپ بېرەي ، - ئىشتىن قايتىپ  كەلگەن مىرزىبان تاپسىدىن پۇتىنى ئېلىپلا ، سومكىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ ، قوللىرىنى ئارىدەك قىلىپ ماڭا ئۇزارتتى .
  - سەن ئازراق ئارام ئېلىۋېلىپ تاماق ئەت ، مەن خەۋەر كۆرۈۋالاي ، ئاندىن قايسى قانالنى كۆرسەڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى ، - مەن مىرزىبانغا تىزگىنەكنى بەرمىدىم .
  - ۋاي تايىنلىق خەۋەر دېگەن بىلەن ھەممىسى قۇرۇق گەپ ، - مىرزىبان قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ ، قاپاقلىرىنى سۆزۈپ دېدى ، - سىز خەۋەر كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن سەمىجان چىقىدۇ قوچاق فىلىم كۆرىمەن دەپ ، يەنە مەن ھىندىستاننىڭ 《 ماڭلاي سۇرۇخ 》 دېگەن كىنوسىنى كۆرەلمەيمەن شۇ . كىنونىڭ تازا قىززىق يېرىگە كېلىپ قالدى دەڭا .
- تېلىۋىزور دېگەندە تاللاپ كۆرگۈلۈك ، بۇ كىنونى بىكار تالەت ئادەم كۆرسە بولىدۇ ، ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلىپ ، ئۇنداق ئادەم ئالدايدىغان بېرنىمېلەرنى نېمە قىلىسەن كۆرۈپ ؟
- ئوھوش ، تولا ئادەمگە دەرس ئۆتمەي ، ئەكىلىڭا ماۋۇ ياۋكۇڭنى ، - مىرزىبان قولۇمدىن تېزگىنەكنى يۇلۇپ تېگۈدەك تارتىۋالدى ، - شۇنداق ياخشى كىنونى ئادەم ئالدايدىغان دەيسىزغۇ ؟ سىزنىڭ گېپىڭىزلا گەپ بولمايدۇ ، بىزمۇ بار بۇ ئۆيدە ، - ئۇ ھەدەپ قانال يۆتكىمەكتە ئىدى ، - بۇ دىيەنشىدىچۇ مېنىڭمۇ ھەققىم بار ، ھە دېسىلا خەۋەر ، خەۋەر دەيدىكەنسىز ، مېنىڭچە دەل خەۋەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ ، ئۇنداق گەپلەرنى باشقىلاردىن ئاڭلىۋالسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ .
- ھەي ، ساراڭلىق قىلما ، سەن دېگەن ئۇ ھېلىقى سۇرۇخ كىنونى بېرىدىغانغا خېلى ۋاقىت بار ، شۇ چاغدا كۆرسەڭمۇ بولىدۇ ، ئۇنىڭغىچە خەۋەرمۇ تۈگەيدۇ ، - مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈردۈم .
  - ياق ، ھازىردىن باشلاپ ئاشۇ پىنداۋنى ئېچىپ قويىمەن ، بولمىسا بېشى ئۆتۈپ كېتىدۇ . شۇنداق ياخشى كىنونى سىز نېمىشقا كۆرمەيسىز ؟ سىزگىغۇ ئەزەلدىن خەۋەر ، ئامىرىكىنىڭ كىنوسى بولسىلا بولىدۇ - ھە ؟ ئاشۇنداق قورقۇنۇشلۇق كىنولارنى زادىلا كۆرگۈم كەلمەيدۇ مېنىڭ !
- ئاپا قوچاق كىنو قويۇپ بەرسىلە ، - ئىچكىرىكى ئۆيدىن تايتاڭلاپ چىققان سەمىجان مىرزىباننىڭ يېنىغا كېلىپ ، ئۇنىڭغا سۈركەلدى .
  - ئاھاي ،” تېزىنى باسسا مېزى “ دەپ ، ئەمدى سەن نەدىن پەيدا بولدۇڭ ، قوچاق دېگەننى ھېلى قويۇپ بېرەي ... ئادەم ھېرىپ كەلگەندە ئارتىلىۋالماي نېرى تۇرغىنا ! - مىرزىبان ئۆزىگە يۆلۈنۈپ تۇرغان سەمىجاننى قوپاللىق بىلەن ئىتتىردى .
  - مېنىڭ قوچاق كىنو كۆرگۈم بارتى شۇ ، - سەمىجاننىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەگىپ ، دومسايغىنىچە مىرزىبانغا تەلمۈردى .  
  - ماڭا قارا مىرزىبان ، - مېنىڭ بىردىنلا ئاچچىقىم كەلدى ، - ئۆتكەندىمۇ كورىيەنىڭ 《 يەنە بىر كۆرسەم 》 دېگەن كۆپ قىسىملىق بىر نېمىسىنى كۆرىمەن دەپ ، تېلېۋىزورنى ئىگەللىۋالدىڭ ، مانا ئەمدى يەنە بىر كۆپ قىسىملىق فىلىمنى كۆرىمەن دېسەڭ ، مەنغۇ بوپتۇ ، سەن دېگەندەك خەۋەرنى باشقىلاردىن ئاڭلىۋالارمەن، ئەمما ھېچبولمىسا سەمىجاننى ئويلاپ قويساڭ بولاتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوچاق فىلىم دېگەن بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ ئەمەسمۇ !  
  - سىز چىقتىڭىزمۇ ئەمدى بالىغا داپ چېلىپ ، ئۇچۇ بىزنىڭ يېشىمىزغا بارغۇچە ھەر - ھەر كىنونى كۆرىۋالىدۇ ، نېمە دېسە ھە دەپ بەرگەن بىلەن بالا يامان ئۆگۈنۈپ قالىدۇ ، - مىرزىبان تېلېۋىزۇردىن كۆزىنى ئۈزمەي شۇنداق دېدى .
- يۈرە بالام ، بىز سىرتلارنى ئايلىنىپ كېلەيلى ، - مەن باشقا گەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالماي دەپ ، ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم .
  - ئاتا - بالا ئوغرىدەك نەگە ؟
  - گەپنى چىرايلىق قىل مۇئەللىمە ، بۇنداق گەپلەر ساڭا ياراشمايدۇ . نەگە بولاتتى ، سەمىجاننى خەلق مەيدانىغا ئاپىرىپ ئويناتقاچ ، قورسۇقىنى تويغۇزۇپ كېلەي .
  - ئەجەپ ياخشى بولدى ، تاماق ئەتمىسەممۇ بولغۇدەك ، - ئۇنىڭ بۇلۇتتەك تۇتۇلغان چىرايى بىردىنلا ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپ كەتتى ، - ئەمىسە  ماڭا خەنباۋباۋدىن بىرنى ، قاخلىغان توخۇ پاچىقىدىن ئىككىنى ، يەنە مۇزدەك كېلېدىن بىرنى ئالغاچ كېلىڭ ، ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇڭ !
گەپ - سۆز قىلماي سىرتقا ماڭدىم ، ئىچ - ئىچىمدىن بوخسۇۋاتقان بىر خىل ئەلەملىك ئاچچىق ۋۇجۇدۇمنى تىلغىماقتا ئىدى . ئۇنىڭغا نېمىشقا مۇشۇنداق يۇمشاقلىق قىلىدىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم . ” جاڭ ! “ ڭىدە قىلغان ئاۋازدىن ئىشىكنى قاتتىق يېپىۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم .
10

   - توۋا ، مەن ئۆزۈمگە ئىشەنەلمەي قېلىۋاتىمەن . بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقتى ، بىر قېتىم ئۆمرىڭىزگە كېلىپ مەن بىلەن بىرگە بازارغا بېرىشقا قوشۇلدىڭىز - ھە ؟ - خوشاللىقتىن مىرزىباننىڭ ئاغزى كالاچتەك ئېچىلىپ ،  بار - يوقنىڭ ئورنىدىكى كۆزلىرى ئىككى تال سىزىققىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى  ، - چىشىم چىقىپ قانداق بولاركىن دەپ مۇنداقلا دەپ قويسام ماقۇل بولۇپ قالدىڭىز دېسە ، نېمە ئىشلىكىنى بىلمەي تۇرۇپلا ماقۇل دەپ قالدىڭىزمۇ - يا ؟ - ئۇ خۇددى كىچىك بالىدەك خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى .
- ناھايىتى كىيىم ئالىدىغان ئىشكەنغۇ شۇ ، ئويلاپ باقسام مەنمۇ ئالدىراشلىقتا كىتاپخانىنى يوقلىمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ ، مۇشۇ باھانىدا كىتاپخانىنىمۇ بىر يوقلاپ قوياي دەيمەنغۇ ؟
- ۋاي يەنە شۇ كىتاپخانىنىڭ گېپىمۇ ؟ - مىرزىباننىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم خۇددى شامالدا ئۇچۇپ كەتكەن قامغاقتەك نەلەرگىدۇر يوقالدى ، - مېنىڭ ئەڭ قۇلۇقۇمنى ئاغرىتىدىغان سۆزلىرىڭىز ئاشۇ 《كىتاپخانا》 دەيدىغان گېپىڭىز ، بەك زېرىكتىم ، بەك زېرىكتىم ، بىر قۇدرىتىم بولسا ئاشۇ كىتاپخانا دېگەننى بىر كېچىدىلا سىز بارالمايدىغان يىراق جايغا يۆتكىۋەتسەم دەيمەن ، بۇ ئۆمرۈمدە سىز بىلەن سىرتقا چىقىپ ، بازاردىن بىرگە قايتىپ كېلىدىغان پۇرسەت ماڭا نېسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ .
- ماۋۇ گېپىڭ بەكلا ئېشىپ كەتتى ، مەنمۇ سەن بىلەن بازارغا بىرگە باراي دەۋاتىمەنغۇ ، سودىلىقىڭ تۈگىگەندە كىتاپخانىغا كىرسەمغۇ بولىدىغاندۇ ؟ سەنمۇ كىرىپ قوي بولمىسا .
  - ۋاي سىز بىلەنلا كەتسۇن شۇ كىتاپخانا ، سىزدىن ئۆتۈپ مەنمۇ كىرىپ يۈرمەي ئۇ يەرگە ! ئالتۇندىن باشقا نەرسە جالىشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ ، مۇشۇ كۈنلەردە ئەر خەقلەرمۇ  ئۆز گېپدە تۇرمايىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ ، - مىرزىبان ئۆيگە بىر توپ ھەرە كېرىۋالغاندەك غودۇڭشىدى ، - ھە راست ، ئېسىمگە كەلدى ، تويلۇق ئالغان ھېلىقى ئالتۇن ئۈزۈكنى پەرداز قىلدۇرمىسام بولمايدۇ ، زەنجىرىمنى پۇل قوشۇپ قىزىل ئالتۇنغا ئالماشتۇرىمەن ، يەنە تېخى ...
  - ماڭامسەن ياكى مەن مېڭىپ تۇرايمۇ ؟ - كېپەكتەك ئۇششاق سۆزلەردىن ئىچىم پۇشقان ئىدى .
   - پۇل خەجلەيدىغاننىڭ  گېپى چىقىۋىدى يەنە گەجگىڭىز قورۇدى - ھە ؟
  - ئادەم خىيالىغا كەچمەيدىغان گەپلەرنى قىلىدىكەنسەن ، مەن سېنى قاچان پۇل خەجلەشتىن توسۇپ باققان ؟ تېزراق بول دەۋاتىمەن .
  - مەنمۇ شۇ بازارغا سىزدىن بەكرەك ئالىدىراۋاتىمەن ، ئۈستى - بېشىمنى تۈزەشتۈرىۋاراق ماڭارمەن !
   مەن قايتا گەپ قىلمىدىم . خۇمارىم تۇتقان ئىدى ، تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇردۇم . كوچىغا چىققاندىمۇ ئىككىمىز خۇددى ناتونۇش ئادەملەردەك ، چىرايىمىز تۇرتكەن  ھالدا گەپلەشمەي ماڭدۇق .
    - سىرىتتا تۇرىۋالماي دۇكانغا كىرىڭە ، ماڭا قاراڭ ، مۇنۇ كۆينەك ياراشتىمۇ ، - مىرزىبان بىر دۇكاننىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ ، ھايال بولماي مېنى توۋلىدى .   
   - ساڭا بەكلا ياراشتى ، مۇشۇنى ئالساڭ بولغۇدەك ، لېكىن ئاياق ئالدىغان گەپلەرنى قىلىۋاتمامتىڭ ، ئەمدى بۇ كۆينەك قولۇڭغا چىقىپ قاپتىغۇ ؟
   - باشقا نەرسىلەرنىمۇ  كۆرۈپ باققۇلۇق ، ئېپىدە بولسا ئېلىپ تاشلاپ قويسام كېيىن كىيمەيمەنمۇ ، لېكىن مۇنۇ كۆينەكنىڭ پاسۇنى سەل بولمايدىكەن ، ماڭا دېگەندەك يارىمىدى .
مەن ئۇنىڭ بازارغا چىقسا دۇكانلارنى بىر باشتىن مارافونچە قېزىپ ماڭىدىغان قىلىقىنى  ياقتۇرمايتتىم .
- بولۇڭ ، ما كوپتىغا قاراڭ ، بولغۇدەكمۇ ؟ - ياندىكى دۇكانغا كىرىپلا ئۇ مېنى يەنە توۋلىدى .
- رەڭگى ساڭا تازا ماس كەلمىگەندەك قىلامدۇ نېمە ؟
- سېنىڭ تېرەڭ قارا ، چىرايىڭ بىلەن رەڭ تالىشىپ قالدى دېمەكچى ، شۇنداقمۇ ؟ مېنىڭچە بۇ كوپتا بولىدىكەن ، ماڭا يارىدى .
- مېنى كولدۇرلىتىۋاتامسەن نېمە ؟ يارىسا ئېلىۋەرمەمسەن ، نېمە دەپ ماڭا باھالىتىسەن ؟ - غۇژژىدە ئاچچىقىم كېلىپ ، شۇئان نېرۋامغا  چىقتى .
- ۋۇي ، سىز دېگەن مېنىڭ ئېرىم ، ئەلۋەتتە سىزدىن سورايمەن ، سىزگە يارىسا ماڭىمۇ يارايدۇ ، بەزىدە ئۇنداق بولمايمۇ قالىدۇ ، چۈنكى سىلەر ئەرلەر كىيىم - كېچەك تاللاشتا يەنىلا بىز ئاياللارغا يەتمەيسىلە ئەمەسمۇ  .  
- ئەمىسە ... - بوغۇزۇمغا كەلگەن گەپنى يۇتىۋەتتىم . دۇكاندا باشقىلارنىڭ كۆزىچە ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالىشىشنى خالىمايتتىم . شۇڭا ئەلەم بىلەن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ، كۇچەپ شورۇدۇم .   
مىرزىبان بىلەن توي قىلىپ مانا بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بازار ئايلىنىشىم . ئاياق ئالىمەن دېگەن ئادەم تاكى تاللا بازىرىدىكى سەي - كۆكتاتقىچە كۆرمەكتە ئىدى . ھەتتا ئەرلەرنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنىمۇ ئالا قويماي كۆرۈپ ، زېرىكمەي باھاسىنى سورايتتى . شۇ تاپتا قۇرساقمۇ ئېچىپ بىر بولۇپ كەتكەن ئىدى .
- سىزگىمۇ بىر تو كىيىم ئالايلى ، ئۆزىڭىز تاللاڭ .
- بولدىلا مەن بىر نەرسە ئالمايمەن .
- مانا دېگىنىمدەك چىقتى ،” سەن ئالغاننى كىيمەيمەن “ دەپ ئۇچۇقلا دەۋەرمەمسىز ، خەق قولياغلىق چاغلىق ئەرزىمەس بىر نەرسە ھەدىيە قىلسىمۇ ئەتىۋارلاپ ساقلايدىكەنسىز ، ھېلىقى گۈلزار دېگەن بىرنېمە ئالىي مەكتەپتە ھەدىيە قىلغان پۇچۇق كىتاپنى ھازىرغىچە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلدىڭىز . ماڭا ئالايماڭ ، ھېلىقى كەشتىلىك قولياغلىقنى ساقلاۋاتقىلى نەچچە يىللار بولۇپ كەتتى ، پەقەت ماڭىلا ئۇنداق ئەمەس ، ئەزەلدىن مەن بىر نەرسە ئېلىپ بېرەي دېسەم ئۇنىمايسىز .
- كېيىملىرىم تۇرسا ، ئارتۇق بىر نەرسىنى نېمە قىلىمەن ؟ - جىلى بولۇپ تۇرغاندا ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلۇقۇمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلاندى  ، - ئاشۇنداق قۇمدەك گەپلىرىڭدىن زېرىكىپمىغۇ سەن بىلەن بىرگە كوچىغا چىقمايمەن ، بىر ئىش بولسىلا  كونا خاماننى سورۇيدىكەنسەن ، زادى ماڭىمۇ ئاز ، يەنە بۈگۈن ئېزىپ سەن بىلەن بىرگە چىقىپ قالدىم .
- ئۆزىڭىزنى يەنە ئاشكارلىدىڭىز - ھە ، زادى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە باشقا بىرسى بار ، - ئۇنىڭ ئاچچىقتىن چىرايى تېخىمۇ قارىداپ ، پىشانىسى خۇددى جۇۋازچىنىڭ قاپىقىدەك پارقىرىدى ، - گۈلزار دېگەن نايناق بىلەن بىرگە چىققان بولسىڭىز - ھە ؟   
  - ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسىلا شۇنداق دەيدىكەنسەن ، بولدى نېمە دېسەڭ - دە ، قانداق ئويلىغان بولساڭ شۇنداق بولسۇن ، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ ، - مەن ئاخىرى چىدىمىدىم ، - كىتاپخانىنىمۇ تاقىۋەتمىسۇن يەنە ،  كىرىپ چىقاي ، - كىتاپخانىغا يېقىن كەلگەندە سائىتىمگە قارىغاچ شۇنداق دېدىم .
- مانا ، مانا كونا كېسەل ، كىتاپخانىغا ئەكىلىپ قويۇپتىمەن - ھە ، بىرەر قېتىم كىرمىسىڭىز بىر يېرىڭىز كەم بولۇپ قالامۇ ئاشۇ نەس باسقان يەرگە ؟
- بولدى ، تۇزىكام ئاشتەك گېپىڭنى قوي ، ھېلىمۇ مېنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە نەس باسقىلىۋاتىدۇ ! - مەن ئۇنىڭ يەنە بىر نەرسە دېيشىنى كۈتمەيلا گۈس - گۈس دەسسەپ ، ئۇدۇل كىتاپخانىغا كىرىپ كەتتىم .
- سىز ، سىز ... توختاڭ دەيمەن ، نېمە قىلىق - بۇ ؟! - مىرزىبان ئارقامدىن بىر مۇنچە كوتۇلداپ قېلىپ قالدى ، شۇ تاپتا قاتتىق ھارغىنلىق ۋۇجۇدۇمنى چۇلغىغان ئىدى ، ئەمدى ئىككىنچى بۇ خوتۇن بىلەن بازارغا بىرگە چىقماسمىنا ... !   
11

  - مۇئاۋىن يېزا باشلىقىمەن دەڭ ، - مىرزىبان تىكلىمە ئەينەك ئالدىدا قاش - قاپاقلىرىنى ياساپ ئولتۇرۇپ ، تۇمشۇقىنى ئۇشلايتقىنىچە مەنسىتمەسلىك بىلەن دىمىقىدا سۆزلەشكە باشلىدى ، - كىتاپنى تولا ئوقۇسىمۇ ئادەم ئۆسەمدۇ نېمە ؟ بىراق ئالدىراپ خوش بولۇپ كەتمەڭ ، فۇ دېگەنلىك ، ئىشىكنىڭ تۈۋىدە تۇ دېگەنلىك ، سىز مۇشۇ  گەپنى ئاڭلىمىغانما ؟ مەن دېسەم ، ھە سىزمۇ ئەمدى شۇنداق بوپسىز .         
  - سەن ئوقۇتقۇچىمۇ ياكى كوچىنىڭ ئادىمىمۇ ، نېمانداق قاراقوساق  ئادەمدەك سۆزلەيسەن ؟ ئويلاپ باقە مۇشۇ گېپىڭ بولدىمۇ ؟ قارىغاندا مەكتپنىڭ سىياسى ئۆگۈنىشلىرىدە ئۇخلاپلا ئولتۇرىدىغان ئوخشايسەن ؟                                 
  - مەن قاراقوساقمۇ ياكى سىزمۇ ؟ سىياسى ئۆگۈنىشتە ئۇخلىمىساممىچۇ مېنىڭ سىياسى ساپايىم سىزدىن ياخشى ، ئۆزىڭىزچە دائىم تېلېۋۇزۇردىن خەۋەر كۆرمەن ، مېنىڭ سەۋىيەم يۇقۇرى دەپ ئويلاپ قالماڭ ، - ئۇنىڭ چىرايى بىردىنلا يۇندىرەڭگە ئۆزگەردى ، - مەن سىزگە دېسەم ، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ، فۇ دېگەن مۇئاۋىن دېگەنلىك ، ئۇنىڭ قولىدىن نېمە كېلەتتى ، بۇيرىغاننى قىلىدىغان گەپ ، ئېسىت كىچىك بولسىمۇ بۇرۇنقى ئەمىلىڭىز ياخشىتى دەيمەن ، ئۆزىڭىز خان ، ئۆزىڭىز بەگ ، ئارىلاپ كىچىك بولسىمۇ سوغا - سالاملار كېلىپ قالىتى تېخى ، ئەمدى ھەممىسى تۈگەپتۇ !              
   - مىرزىبان ئەمدى سەن زادىلا قاملاشمىغان گەپنى قىلغىلى تۇردۇڭ ، ئويلاپ باقمامسەن ، مەندەك بىر ئورمان پونكىتىنىڭ باشلىقىنى تەشكىل شۇنچە ۋاقىت تەربىيىلەپ ، ئىشىنىپ ، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن باشلىق قىلىپ ئۆستۈرسە ، بۇنىڭدىن بىز خۇش بولساق بولىدۇ ، شەخسەن مەن بۇندىن كېيىن ئۆزۈمگە تەلەپنى تېخىمۇ يۇقۇرى قويۇپ ، پارتىيە ، خەلقنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ، تەشكىلنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن تىرىشىمەن . پاك - دىيانەتلىك بولۇپ ، ھېيت - بايراملاردا باشقىلارنىڭ كۆڭۈل ئىزدەپ ئەكەلگەن سوغا - سالاملىرىنىمۇ قوبۇل قىلمايمەن !      
- ۋاي شۇنداقمۇ شاڭجاڭ ئەپەندى ، يەنە ئۆسكىڭىز بار ئوخشىمامدۇ ؟ ئەمدى ئۆزىڭىزگە ئوخشىمايلا قالدىڭىزغۇ ؟ ” تۆگىنىڭ قۇيرۇقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول “ دەيدىغان گەپ بار ، تەشكىل سىزدەك قىزىل پاچاق ئادەمدىن مۇشۇنداق پايدىلىنىدۇ ، دېگەن گەپلىرىنى قارىمامدىغان ، ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرۈپ ، ھەي بىچارە ئاخماق .
-مىرزىبان سەن راستىنلا بىلىم ئەھلىگە ماس كەلمەيدىغان گەپلەرنى قىلىۋاتىسەن ، ئۆزۈڭ ئوقۇتقۇچى تۇرۇپمۇ ، سەندە ئىلغار ئىددىيە دېگەندىن قىلچە ئەسەر قالماپتۇ . سەنمۇ ھەممىنىڭ ئارقىدا سۆرۈلۈپ يۈرگىچە ئۆزۈڭگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، تىرىشىپ ، ھېچ بولمىسا ئىلمى بۆلۈمگە بولسىمۇ باشلىق بولساڭ بولمامدۇ ؟ سەت ئەمەسمۇ ، ھازىرغىچە ” ئوتتۇرا مەكتەپ 2- دەرىجە “ دېگەن نېمە دېگەن گەپ ئۇ ؟!
- ۋۇيت ، گەپنى چاغلاپ قىلىڭ ، كىم سۆرۈلۈپ يۈرۈپتۇ ، ھەر قانچە سۆرۈلۈپ قالساممىچۇ مەن سىزنىڭ ھەق نىكاھلىق ئايالىڭىز . مەن سىزگە دېسەم ، ۋاي قويۇڭ ئۇنداق قۇرۇق ئەمەلنى ، سىزلا بولۇپ ئۆتۈپ كېتىڭ ، مەن ئەمەلدار بولۇشنى ئويلىغان بولسام ، ئاللىبۇرۇن بولۇپ بولاتتىم ، زادىلا قىزىقمايمەن شۇ ئەمەل دېگەنگە ، باشلىق بولۇپ قالماي دەپ ھازىرغىچە پارتىيىگىمۇ كىرمىدىم تېخى ، باشلىق بولسا ھەممە خەقنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان گەپ ، ئۇششاق گەپنىڭ تولىلىقىدا ، ۋاي ئاتتامەي ، مەن سىزدەك قۇرۇق ئاكتىپ بولۇشنى خالىمايمەن ، نېمە جاپا !  
- بولدى سەن بىلەن گەپ تالاشمايمەن ، ئۆزۈڭنى نەدىكى پاسسىپ ئەقىدىلەر بىلەن بېزەيدىكەنسەن ، ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغىنىڭ ، ئېست !
- ھە ، مەن بىلىپ بولدۇم ، سېنى خاتا ئېلىپ قاپتىمەن دېمەكچىمۇ ؟ - مىرزىبان خۇددى مەن بىلەن ئۇرۇشىدىغاندەك ، كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ئورنىدىن تۇردى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايى ئەسلىدىكىنمۇ قارىدىغان ، قاپاقلىرى يىرتىلىپ كەتكەن ئىشتاننىڭ ئېغىدەك ساڭگىلاپ كەتكەن  ئىدى ، - ھازىرمۇ ئۈلگۈرىسىز ، گەپ بولسا ئوچۇق دەۋىرىڭ ، ھېلىقى نايناق بىلەن ئۆي تۇتقىڭىز بولسا ، سىزگە ئېسىلىۋالمايمەن !
  - تەتۈرلۈك قىلما ، ئۆزۈڭنى بېسىۋال ، خىيالىڭغا نېمە كەلسە شۇنى دەيدىكەنسەن ، كىم سېنى خاتا ئېلىپ قاپتىمەن دېدى ؟
  - ھازىر دېگەن گېپىڭىزدىن شۇنداق مەنە چىقىدۇ ، مېنى ئۇنچە دۆت چاغلاپ كەتمەڭ !
  قاتتىق خۇمارىم تۇتۇپ ، ئىختىيارسىز يانچۇقۇمغا قول سالدىم  . ئەمما يېقىندا تاماكىنى تاشلىغان بولغاچقا ، يانچۇقۇمدا تاماكا يوق ئىدى .  
  - يۈرە ئوغلۇم ، سىرتلارنى ئايلىنىپ كېلەيلى ، - مەن ئوغلۇم سەمىجاننى چاقىردىم  .
  - ھۇيت ، ئۇنداق ئىش يوق ، ئايرىمچىلىق قىلماڭ ، مۇشۇ خۇيىڭىز بىلەن قانداقمۇ باشلىق بولۇپ قالغانسىز ؟ مەن يالغۇز ئۆي بېقىپ ئولتۇرامدىم ؟ ئۇنداق ئىش يوق ، چىقساق بىرگە چىقىمىز ، مېنى ساقلاپ تۇرۇڭلا ، ھازىرلا تەييار بولىمەن ، - مىرزىبان شۇنداق دەپلا ، ئەمدىلا يايغان كىتاپ - دەپتەرلىرىنى پۇرلاپلا سومكىسىغا سالدى - دە ، گىرىم ئەينىكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى .
   - تېخى بايىلا تەييارلايدىغان نۇرغۇن دەرسلىرىم بار دەۋاتاتتىڭ ، شۇڭا ساڭا گەپ قىلمىغان ، بۇنى قانداق قىلىسەن ؟
  - ئوھوش ، بۇ ئىشلار تۇرۇپ تۇرىدۇ ، سىرتتىن كىرىپ ، كېچىگىچە ئۇخلىماي تەييارلىساممۇ بولىۋېرىدۇ .
   - ماڭىلى دادا ، نىمىشقا تۇرىمىز ؟ - سەمىجان مېنى سىرتقا تارتىشقا باشلىدى ، - مەن زىرىكىپ كەتتىم ، خەلق مەيدانىغا ئاپارسىلا .
   - ئاپىڭىزمۇ بىز بىلەن بىرگە چىقىدىكەن ، شۇڭا  ساقلاۋاتىمىز ئوغلۇم ، - مەن بەكلا  جىلى بولغان ئىدىم . مىرزىباننى توپ - توغرا يېرىم سائەت ساقلىدۇق .
  - ھەجەپ ئىشىڭلا پۈتمىدى ، تانسا ئوينىغىلى بارمايمىز جۇمۇ ، مېنىڭ يەنە قىلىدىغان ئىشلىرىم بارتى ، سەمىجان بىلەن ئىككىمىز مېڭىپ تۇرىلى بولمىسا .
   - شۇنچىلىك ساقلاشقىمۇ چىدىماي ئەمدى ، مانا تۈگىدى ، - مىرزىباننىڭ كىرلىشىپ كەتكەن پاسمالدەك كۆرىنىدىغان چىرايى بىردىنلا ئۆڭدى . ئۇنىڭ پەردىزى يەنە بىر ھازادىن  كېيىن ئاندىن پۈتتى . ناۋادا يانچۇقۇمدا تاماكا بولغان بولسا ، تاشلىغىنىمغا قارىماي بىر نەچچىنى ئۇلاپ چېكىۋەتكەن بولاتتىم ...
12

  يېرىم ئايلىق كوماندىروپكىدىن قايتىپ كەلدىم . ئۆيگە كىرسەم ئادەم يوق . جىمجىتلىق ئىچىدە بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتتىم . تۆت تام ماڭا سوغاق قاراپ تۇرغاندەك ، ۋۇجۇدۇمنى غېرىپلىق باستى . ئوغلۇم سەمىجاننى بەكمۇ كۆرگۈم كەلگەن ئىدى . شۇڭا دەرھاللا مىرزىباننىڭ قول تېلىفۇنىغا تېلفۇن ئۇردۇم ، ئەمما ئۇ تېلىفۇننى ئالمىدى . كۆپىنچە ھاللاردا ئۇ تېلىفۇننى ئالمايتتى ، سۈرۈشتۈرسەم  ” سومكامغا سېلىپ قويغاچقا ئاڭلىماپتىمەن ، بىر قېتىم تېلىفۇننى ئالمىغانغا نېمە بولىدۇ “ دېگەن جاۋاپ ئۇنىڭ ئۈچۈن يادلىۋالغاندەكلا تەكرارلايدىغان گەپ ئىدى . شۇ تاپتا قۇرساقلىرىم ئېچىپ كوركىراپ كەتكەن ، قاتتىق ئۇسسىغان ، ھارغان ئىدىم . ئىسسىق بىر چىنە ئاش ئىچىپ ، راھەتلىنىپ  ئۇخلىۋالغان بولسام نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ، ھاردۇقۇممۇ چىقىپ قالاتتى.  بىراق ، ئەتىراپلىق  تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولدىكى ، چايداندا چاي يوق ، نانمۇ تۈگىگەن . ما ئىشنى قانداق بولۇپ كەتتى بۇ ئۆي ؟ توڭلاتقۇدا بىر تال سەي چاغلىق  نەرسە قالمىغاندىن باشقا ، ئۆيدە چىمدىم تۇز قالمىغان ، خالتىدا ئۇنمۇ ، گۈرۈچمۇ  تۈگىگەن ، تازىلىق قەغىزى ، لازا -ئاچچىقسۇنىڭ قۇرۇپ كەتكىنىنى  تىلغا ئېلىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى قالمىغان ئىدى . ئەگەر ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان ئادەم بولسا بۇ ئۆيدە ئايال كىشىنىڭ بارلىقىدىن گۇمان قىلاتتى .  
-ۋاي ئۆيدە دادام باركەن ! - قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن كىروسلوغا ئۆزۈمنى تاشلاپ ئولتۇرۇپ مۈگدەپ قاپتىمەن ، بىر چاغدا ئىشىك تاراقلاپ ئېچىلىپ ،  تۆت ياشلىق سەمىجان تايتاڭلاپ كىرگەن پېتى بوينۇمغا گىرە سالدى . مەن ئۇنى ئويناتماقچى ، ئەركىلەتمەكچى بولساممۇ ، پۇت - قولۇمدا ماغدۇر يوق ، ئۇنى كۆتۈرۈپ ئويناتقۇدەك ھالىممۇ قالمىغان ، ئۆزۈم روھسىز ، قۇرسۇقۇمنىڭ ئاچلىقىدا ھېچ ئىش خۇش ياقمايتتى .
  - بۇتتەك تۇرماي ، بالىنى ئەركىلىتىپ قويۇڭ ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مەنلا بېقىپ ، سىزنى بەكلا كۆرگۈسى كەپتۇ ، بالا دېگەن دادا مېھرىگە قېنىپ چوڭ بولغىنى ياخشى .
  - ماڭا بۇ ھەقتە دەرس ئۆتمىسەڭمۇ بىلىمەن ، تېلىفۇن قىلسا يا ئالمايدىكەنسەن ! - مەن ئەلەم بىلەن غودۇڭشۇدۇم .
- سومكامغا سېلىۋالغاندىكىن ئاڭلىماپتىمەن . نېمە ، چىرايىڭىزنى لازا يەۋالغان ئادەمدەك تۈرۈۋاپسىزغۇ ؟ - مىرزىبان مەندىن ئەھۋال سوراشنىڭ ئورنىغا سوراققا تارتماقتا ئىدى .
  - قۇرساق ئېچىپ بىر بولۇپ كەلسەم ، ئۆيدە يېگۈدەك ھېچنىمە قالماپتۇ ، بۇ قانداق قىلغىنىڭ ، ھېچ بولمىسا نانمۇ بولسا ئەكىرىپ قويساڭ بولمامدۇ ؟ ئۆيگە چاشقان كىرىپ قالسىمۇ يامانلاپ چىقىپ كەتكۇدەك شۇ تۇرقىدا .
  - ۋاي شۇ گەپمىتى ؟ ئۆيدىكى لازىمەتلىكلەر تۈگىگەندىن كېيىن بالا بىلەن سىرتتىن تاماق يەپ ، ئۆيگە بىر نەرسىلەرنىمۇ ئالمىغان ، ئەمدى كەلدىڭىز ، نېمە كەم قاراپ بېقىپ ئەكىلىپ قويۇڭ .  مەنمىچۇ بۈگۈن بالىنى خەلق مەيدانىغا ئاپىرىپ ئوينۇتۇپ كەلگۈچە ھېرىپ ئۆلەي دېدىم ، بېرەر قېتىم سىرتتىن يەپ كىرسىڭىز ھېچنىمە بولمايدۇ !
  مىرزىباننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، بىردە ئاچچىققىم كەلسە بىردە كۈلگۈم كېلەتتى . ئۇ خۇددى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تاماق ئېتىپ بەرگەندەكلا گەپ قىلىۋاتاتتى . مەن ئامالسىز ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم . ئەسلىدىمۇ سەپەردىن ھېرىپ كەلگەچكە پۇت - قوللۇرۇم ئۇيۇشقاندەك بولۇپ ، ھازىرلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك قىلاتتىم . ئۆيدە تاماق يېيىشنى شۇنداق ئارزۇلاپ كەلگەن ئىدىم .
   - تاماق يەپ بولۇپ تېزراق قايتىپ كېرىڭ  ، بىزگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىڭىزنى كۆرىمىز تېخى ، ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟! سىرتتا تاماق يېدىم دەپ ھاراق ئىچىپ يۈرمەڭ ھە ! - مىرزىبان ئاخىرقى گەپلەرنى قوشۇپ قويدى ، ئۇنىڭ يەنە بىر مۇنچە دېگەن گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىرمىدى . كونىلار ” تويدىن بۇرۇن كۆزۈڭنى يوغان ئاچ ، تويدىن كېيىن بىر كۆزۈڭنى يۇمۇۋال “ دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن ، بىراق ، مەن ھازىر ئىككىلا كۆزۈمنى يۇمۇۋالساممۇ ئامال بولمايۋاتاتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ گەپلىرىنى يەنە ئاڭلاشقا رايىممۇ يوق ئىدى . بايا تېلىفۇنلاشقان بىر نەچچە ئاغىينەمنى يىغىپ تازا بىر ئىچىپ ھاردۇقۇمنى چىقىراي ، ئۆي دېگەن مۇشۇنداق مېھىرسىز بولسا ، ئۆي تۇتمىسىمۇ بولغۇدەك ! ئاران تاشلىغان تاماكامنى بۈگۈن تېپىۋالمىساملا بولاتتىغۇ ئىلاھىم !
  13

     - مېنىڭ مىرزىبان دېگەن چىرايلىق ئىسمىم بولغاندىكىن ، شۇنداق ئاتاڭ ، - مىرزىبان يوغان تىكلىمە ئەينەككە قاراۋېتىپ تۇيۇقسىز ماڭا شۇ گەپلەرنى دېدى ، - سىز مېنى  بەزىدە ” خوتۇن “ دەپ ئاتايدىكەنسىز ، بىز ئۇنداق ئاتىشىدىغان دېھقان بولمىغاندىكىن . بالىنىڭ ئالدىدا گەپكە دىققەت قىلىڭ ، مەن سىزنىڭ ئايالىڭىز ، مېنى ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك ، - مىرزىبان ماڭا يوق كۆزلىرىنى ئالايتىپ ، سىڭايەن قارىغىنىچە نارازىلىق ئىچىدە دېدى ، - ئەر - خوتۇنلار ئۆز ئارا ئىسمىنى ئاتىسا ئېسىل تۇرىدۇ . بۇ دېگەن شەھەر مەدەنىيىتى . سىزغۇ سەھرادا ئىشلەپ ، دېھقاندەكلا بولۇپ قاپسىز .  
- ئۇ دېگەن  ساڭا ئامراقلىق قىلىپ ئاتىغىنىم  ، بۇنىڭغىمۇ خاپا بولۇپ كېتەمسەن ؟ - مەن دەرھال چۈشەنچە بەردىم ، - بىر ئۆمۈر ئېرىنىڭ ئاغزىدىن ” خوتۇن “ دېگەن سۆزنى ئاڭلىيالماي ئۆتۈپ كېتىدىغان ئاياللارمۇ نۇرغۇن ، سەن تېخى خوش بولساڭ بولىدۇ . ئۆزۈڭچە  دېھقاننى  زاڭلىق ئېتىۋاتامسەن تېخى ، دېھقانچىلىكلا بولساڭ بولدى !
- شۇنداقمۇ تېخى ، دېھقاندەك دەپ قويۇڭ . مەن ئەجەپ كۆڭلىڭىزنى چۈشەنمەپتىمەن - ھە ؟ كۈن قاياقتىن چىقتى ، مەن بەكلا ھەيران قېلىۋاتىمەن ، بۇ گېپىڭىزگە بارغۇ كىچىك بالىمۇ ئىشەنمەيدۇ . سىز قاچانلاردا ماڭا ئامراقلىق قىلىپ باققان ، ھېلىقى گۈلزار دېگەن نايناقنى ھازىرغىچە ئۇنتىيالمىغان تۇرسىڭىز ، دېمىگەن بىلەن ھازىرمۇ ئالاقە قىلىپ ئۆتۈۋاتامسىلە تېخى !
  - شۇنداقلا دەيدىكەنسەن ، نىمانداق گۇمانخور سەن ، ئەجەپ زېرىكتىم مۇشۇ سۆزلىرىڭدىن .
  - سەندىن زېرىكتىملا دەڭا گەپ يورغىلاتماي ، سىز زېرىكسىڭىز مەنمۇ شۇ ، سىزمۇ ماڭا ئۆلمەسنىڭ دارىسى ئەمەس ، سىزمۇ چاغلىقلا بىر ئادەم ، ئىككى تال ماقالىنى يېزىپ قويۇپ ، ئۇنچىۋالا كېرىلىپ كەتمەڭ !
   - خەپ سېنى ! ... - مىرزىباننىڭ گەپلىرى قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى ، ئوڭ قولۇم ھاۋاغا خۇددى قېلىچتەك بىر كۆتۈرۈلۈپ بولۇپ ، پەسكە ئاستا سېيرىلدى .
  - ئۆتكەندە ھاراق ئىچىپ كىرىپ ئۇردىڭىز ، تېخى ئىزا تارتماي ئەتىسى” ئېسىمدە يوق ، قولۇم تېگىپ كەتكەن ئوخشايدۇ “ دەپ ، يالغان گەپ قىلىپ تۈگەتتىڭىز ، ھازىرمۇ قارىسام ئۇرىدىغاننىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ تۇرىسىز ، يامىنى كەلسە ئۇرۇپ باقمامسىز ، مەنمۇ ئەمدى ئۇدۇل بارىدىغان يەرگىلا بېرىپ ، چاۋىڭىزنى چىتقا يايارمەن تازا !
  گەپ قىلماي ئشىكنى” جاڭ “ ڭىدە يېپىۋېتىپ ، سىرتقا ماڭدىم . ھاراق خۇمارىم قوزغالغان ئىدى . ئوغلۇمنىڭ ” دادا !“ دەپ توۋلىغان ئاۋازى ، ئارقىدىنلا مىرزىباننىڭ ” ئۈنۈڭنى ئۆچۈر ھارىمى ! “ دەپ ۋارقىرىغىنى  ئاڭلاندى . سەمىجاننىڭ قىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازى قۇلۇقۇمغا كىرگەندە بولسا ، يۈرۈكۈمنى بىرسى ئامبۇردا قىسقاندەك قاتتىق ئازاپلاندىم . بەئەينى دوزاخنىڭ ئۆزى ، كىچىك بالىدا نېمە گۇناھ ، خەپ توختاپ تۇر ، ھېلى كىرگەندە ئەدىپىڭنى بەرمىسەم ، سەندىن بۇ ئۆمرۈمدە قورقۇپلا ئۆتەمدىم !...
14

  - تانسىغا قالتىس پەيزىڭىز بار - ھە ؟ ئۆزىڭىزچە خەقنىڭ ئالدىدا مېنى چۈشۈرۈپ ، نەدىكى مايمۇنىخانلار بىلەن ئەجەپ ئويناپ كەتتىڭىزا ؟! - تۈنۈگۈن ئىچكەن ھاراقنىڭ تەسىرىدە كەيپىياتىم بەكلا پەس ھالدا كۆزلىرىمنى ئاچسام ، مىرزىبان باش ئۈستۈمدە قوللىرىنى بېلىگە تېرىگىنىچە چەكچىيىپ قاراپ تۇرۇپتۇ ، - مەن سىزنىڭ قانۇنلۇق ئايالىڭىز تۇرسام ، نېمىشقا خەق بىلەن تانسا ئوينايسىز ؟
  - ئاممىۋى سورۇنغۇ ئۇ ، تانسا ئوينىغانغا نېمە بوپتۇ ؟  يەنە سەن بىلەن ئۆيگە يېنىپ كەلدىمغۇ ؟
  - ئوھوي ، تېخى باشقىلار بىلەن كەتكۈڭىزمۇ بارمىتى ؟ سىزنىغۇ مەن بەكلا چۈشۈنۈپ كەتتىم ، نېمە دېگەن رومانتىك  -ھە ، سىز راستىنلا بەك شاتىراق ، ئۆتۈپ كەتكەن شاللاقكەنسىز ، تېخى خەلقى ئەلەمنىڭ كۆزىچىلا 《ياغلىقىڭنى پۇراپ چىقتىم بىر كېچە》 دېگەن لاۋزا شېئىرنى يېزىپسىزا؟!
  - قۇرۇق گەپنى تەگەشمەيلى ، بىكارلا ئۇرۇشقاننىڭ پايدىسى يوق ، ئۇ دېگەن شېئىر ، مەن ساڭا نەچچە قېتىم دېدىم ، ئەدەبىي ئەسەر دېەەن توقۇلما بولىدۇ دەپ ، نېمىشقا ئۆزۈۇڭگىلا ئېلىپ كېتىسەن ؟ ! بولدى ، بۇ گەپلەرنى قويايلى ، دەرھال ئاچچىق - چۈچۈك قىلىپ ، سۇيۇق - سەلەڭ بىر نېمە ئەتكىنە ، - مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم ، بېشىم ھازىرلا ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىيتتى . ئىشتىھايىم بولسا قىزىققىنە بىر چىنە سۇيۇق ئاشتىن باشقىنى خالىمايتتى .  
  - مەن نەزىرىڭىزدە بولمىغاندىكىن ، تۈنۈگۈنكى ئاشۇ تۇمۇچۇقلىرىڭىز ئېتىپ بەرسۇن ، ھازىرغىچە مەن توغۇرلۇق ھېچنىمە يېزىپ باقمىدىڭىز ، يازسىڭىزمۇ بەرى مېنى سەت كۆرسىتىدىغان بىرنېمىلەر ! مەن بارغۇ بۈگۈن  تاماق ئېتەلمەيمەن ! - ئۇنىڭ ئالدىغا ئۇشلايغان تۇمشۇقلىرىغا قاراپ شۇئان تىمساخنى ئەسكە ئالدىم . تىمساخ ھەر قانچە بولسىمۇ ئۆز ئائىلىسىگە مېھرىباندۇ ، تىمساخنىڭ تۇمشىقىمۇ بەلكىم مىرزىاننىڭ تۇمشۇقىدىن  چىرايلىقراق بولسا كېرەك ، - مەن تېخى يۈزىڭىزگە سالمىدىم ، ماڭا بولغان ئۆچمەنلىكىڭىزنى ئۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلىمسىڭىزمۇ بولىدۇ .
  - تاماقنىڭ گېپىنى قىلسام ، ئادەم چۈشەنمەيدىغان باشقا گەپلەرنى قىلىۋاتىسەن ، ئېنىق دېمەمسەن .
   - شېئىرىنىڭ گېپىنىغۇ دېمەي تۇرايلى ، سەمىجان قايسى كۈنى مېنى قاراپ تۇرۇپ 《قارىزىبان》 دەپ چاقىرىۋاتىدۇ ، سىز ئۆگەتمىسىڭىز كىچىك بالا نېمە بىلىدۇ .
   - ئۇ گەپلەرنى راستىنلا مەن دېمىدىم ، بەلكىم ھويلىدىكى بالىلاردىن ئۆگەنگەندۇ .
   - ۋاي شۇنداقمۇ ؟ ئەجەپ كەلدى ماۋۇ گەپ ، سىز دېمىسىڭىز ھويلىدىكى ئۇششاق ساقلاندىلار مېنىڭ قارىلىقىمنى نەدىن بىلىدۇ ، سىز  گەپ ياساشقا ئەجەپ ئۇستا - ھە ؟
   - ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى ، ئىشقىلىپ ھويلىدىكىلەر سېنى شۇنداق ئاتىسا كېرەك . سەمىجان شۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ قالغان گەپ .
   - ھەممىسىگە مەن ئۆگەتتىم دەڭ ، مېنى خەقنىڭ ئالدىدا چۈشۈرىدىغانلا يەردە يۈرۈيدىكەنسىز ، خۇددى مەن بىر سىزنىڭ دۈشمىنىڭىزدەك .
  - ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى ، مىجەزىمنىڭ يوقلىقىدا كوتۇلداپ بىر مۇنچە ۋاقىتنى ئالدىڭ ، شۇنداق قىلىپ سەن تاماق ئەتمىسەڭ بۇ ئۆيدە نېمە ئىش قىلىسەن ؟
  - نېمە ئىش قىلسام ئۆزۈمنىڭ ئىشى ، كارىڭىز نېمە  ؟
  - مەن سېنىڭ ئېرىڭ تۇرۇپ كارىم بولمامدا ؟ زادى تاماق ئېتەمسە ئەتمەمسەن ؟
  - ئايالىڭىز ئىكەنلىكىمنى باشقا جىنلار بىلەن تانسا ئوينىغاندا ئۇنتۇپ قالغىنىڭىز بىلەن ،  ھېچبولمىسا قورسىقىڭىز ئاچقاندا بولسىمۇ ئېسىڭىزگە ئاپسىز - ھە ؟ تاماق ئەتمىسەم قانداق قىلاتتىڭىز ، ئەجەپ ئۇرىدىغاندەك دېۋىنىپ كەتتىڭىزغۇ ؟ يامان بولسىڭىز ئۇرۇپ باقمامسىز قېنى ؟ - ئۇ غازدەك گېدىيىپ ، ناھايىتى كۆرەڭ ھالدا ئالدىمغا قىستاپ كەلدى .
   - ئۇرالمايدۇ دەپ چاغلاپ قالدىڭما ؟ بىلىپ قوي مەن سېنىڭ ئېرىڭ ، مېنىڭمۇ سەۋرەمنىڭ چېكى بار جۇمۇ ؟
- پاھ ، ئېرىڭمەن دەپ قويۇڭ ، سىز ئالامەت يىگىت ھە ؟ تانسا دېگەندىن ئوت چىقىرىۋىتىسىز ، قېنى گېپىڭىز راست بولسا ...
  -ئۇردى دېگەن مانا ! - ئۆزۈمنى زادىلا تۇتىۋالالالمىدىم ، خۇرۇم پەلەيدەك يوغان ئالقانلىرىم ھاراقنىڭ تېخى يوقالمىغان تەسىرىنىڭ كۈچىدە مىرزىباننىڭ يۈزىگە كۈچەپ ئۇرۇلغاندا ، ئۇ ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشتى .
   - ياخشى ، مېنى ئۇرغۇنۇڭغا ئەمدى پۇشايمان قىلدۇرمىسام مىرزىبان دېگەن ئىسمىمنى يۆتكىۋىتىمەن ! - مىرزىبان بىردىنلا مېنى سەنلىگىنىچە ھۈ تارتىپ يىغلىغان پېتى ياقامغا ئېسىلدى .
  - ياقامنى قويىۋەت قانجۇق ، ھېلى بىكار ! - ئاغزىمدىن بۇ گەپلەرنىڭ قانداق چىقىپ كەتكىنىنى بىلمەيمەن ، مەن ئۇنىڭ قولىنى ئاجىرىتىپ بولغىچە ، ئىچكىركى ئۆيدىن ئويغۇنۇپ چىققان سەمىجان قىرقىراپ يىغلىغىنىچە قېشىمىزغا يۈگۈرەپ كەلدى .
  - ئاپامنى ئۇرمىسىلا دادا !
  - ئوغلۇم كىيىملىرىڭنى كىي ، بۇ ئىشەككە يالۋۇرما ، بىز كېتەيلى !
  - نېمە مېنى ئىشەك دەۋاتامسەن تېخى ؟! - شۇ ئاچچىقىمدا مىرزىباننىڭ كاسىسىغا زەرىپ بىلەن بىرنى تەپتىم . ئەمدى ئۇ ۋارقىراپ - جارقىراپ ئۆينى بېشىغا كىيدى . سەمىجان قورقۇپ كەتكىنىدىن بار ئاۋازى بىلەن يىغلاۋاتاتتى .
  - ئاداش ئۆزۈڭنى بېسىۋال ، ھەر قانچە بولسىمۇ خوتۇنۇڭنى ئۇرساڭ قانداق بولىدۇ ؟ - ئالدىراپ كىرىپ كەلگەن ئالىيەنىڭ يولدىشى مېنى بىر تەرەپكە تارتىپ دېدى ، - نېمە قىلىسەن خوتۇن كىشى بىلەن تەڭ بولۇپ ، ھە دەپ قويساڭلا تۈگۈمەمدۇ ؟
  - ئاداش سەن ئەھۋالنى بىلمەيسەن ، بۇ ماڭا تاماق ئېتىپ بەرمىسە ، قانداقمۇ ئۆيدە خوتۇن قىلىپ ساقلىغىلى بولسۇن ؟ - شۇ تاپتا غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولغان ئىدىم .
   - سەن نېمىلا بولمىسۇن كىچىك بولسىمۇ رەھبەر ، دىققەت قىلمىساڭ بولمايدۇ ، بولۇپمۇ ھەر قانداق ئەھۋالدا ئادەم ئۇرساڭ بولمايدۇ .
- بولدى ، مەن بۇنىڭ بىلەن ئەمدى ئۆي تۇتمايمەن ، سىلەر دەل ۋاقتىدا كىردىڭلار ، ھەممىنى كۆردىڭلار ، ئەمدى  ھەر نېمە دېسەڭلارمۇ بىكار ، - مىرزىبان كەسكىنلىك بىلەن ئالىيەنىڭ يولدىشىغا شۇنداق دېدى .
-  ئۆزەڭلارنى ئويلىمىساڭلارمۇ ، مۇنۇ بالىنى ئويلاپ قويۇڭلا ، ئاۋۇتمۇ  سىزدىن ئەپۇ سورىسۇن ، سىز جاھىللىق قىلماڭ ، بىر ئۆي دېگەندە ئۇنچىلىك پاراڭ بولۇپ تۇرىدۇ .
- ھېلىمۇ مەن ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىغا چىداپ كەلدىم ، قاچانلا قارىسا كىتاپنىڭ ئىچىدە يۈرگەن ، باشقا ئاياللارغا ئاتاپ يازغان قاملاشمىغان بىرنېمىللىرىنى دېمەيلا قوياي ، پات - پاتلا كېلىدىغان تېلىفۇن ، ئۇچۇرلارمۇ يېتىپ ئاشىدۇ . مەن ئۇنىڭ دەستىدىن يۈرەك كېسىلى بولاي دېدىم .
- ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە ئاداش ، - ئالىيە ئالدىراپ ئېغىز ئاچتى ، - ئاۋۇتتەك ئېسىل ئەرنى تاپماقمۇ تەس ، تىرىشچان ھەم كۆيۈمچان . ئادەم دېگەن نۇقسانسىز بولمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاۋاكمۇ يەككە قولدىن چىقمايدۇ . ئاچچىق بىلەنلا ئاجىرىشىمەن دېسەڭ ، كېيىن پۇشايمان قىلىپ قالارسەنمىكىن ؟
  - مەن بىر قارارغا كېلىپ بولدۇم ئاداش ، ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن ، بۇ نىيىتىمدىن ھەرگىز يانمايمەن !  
مىرزىباننىڭ كەسكىنلىكىگە ، شۇنچە نۇرغۇن نەسىھەتنىڭ كار قىلمىغىنىغا قاراپ ، ئالىيەلەر باش چايقىغىنىچە چىقىپ كېتىشتى .
  - مەندىن قۇتۇلغۇنۇڭ ئۈچۈن بەكلا خوش بولۇپ كېتىۋاتىسەن- ھە ؟ - ئالىيەلەر چىقىپ كېتىشىگىلا مىرزىبان  يەنە” سەن “ لەپ سۆزلەشكە باشلىدى ، -  سېنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقىنىڭنى مەن ئوبدان بىلىمەن ، ئەمدى ھېلىقى گۈلزار دېگەن بىرنېمە بىلەن مۇرادىڭغا  يېتىدىغان بولدۇڭ .
  - ئادەم ئويلىمىغان گەپلەرنى توقۇپ چىقىدىكەنسەن ، سەن نىمانچە تەتۈر ؟ مەن ساڭا قول تەككۈزۈپ خاتا قىلدىم ، لېكىن سەنمۇ ئويلاپ باق ، بىر ئۆي دېگەندە ھەر خىل ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ ، سەنمۇ ئەمدى جاھىللىق قىلىپ كەتمە ، ھېلىمۇ ئالىيە ئەر - خوتۇنلار ئالدىدا مېنى ئەمەس سۈپەتلەر بىلەن” تەرىپلەپ “ خېلى گەپلەرنى دەۋالدىڭ ، ئۆزەڭمۇ دەيسەنغۇ ، بالىنى بىرگە چوڭ قىلىلى ، تىرىك يىتىم بولۇپ قالمىسۇن . قەسەم قىلاي ، ئەمدى ساڭا ھەرگىز قول تەككۈزمەيمەن ! - مەن ئۇنىڭ قوپاللىقىنى ھار ئالغان بولساممۇ ، ئۆزۈمگە يەنىلا ھاي بەردىم .
  - ئەمدى كېچىكتىڭ ئاۋۇت ئەپەندى  ، قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ ، بۇ گەپلەرنى دېگىنىڭنىڭ پايدىسى يوق ! خىيال ئەيلەپ قالما ، بالىنى ھەرگىز ساڭا بەرمەيمەن ، ئۆزۈم بېقىپ چوڭ قىلىمەن ! ئاجىرىشىپ بولغۇچە مەن ئانامنىڭ ئۆيىدە تۇرىمەن .
- ئۇنداق دەپمۇ كەتمە ، مۇشۇ ئۆيدە تۇرساڭمۇ ئوخشاش ئەمەسمۇ ، نېمە دەپ يامانلاپ كەتمەكچى بولىسەن ؟
  - بۇ ئۆيدە تۇرسام سەن يەنە ياغلىما گەپلىرىڭىز بىلەن مېنى ئېگىۋېلىشىڭ مۈمكىن ،“ ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگەندىن ، ئىچىدە  كۆيگەن ياخشى”، ئەمدى مېنى توساپ قالالمايسەن !
مىرزىباننى ھەر قانچە قىلىپمۇ تۇتۇپ قالالمىدىم . مېنىڭ بارلىق يالۋۇرۇشلۇرۇممۇ كار قىلمىدى . كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە بولسا مۇشۇنداق بىر خوتۇن بىلەن ئايرىلىپ كەتكىنىمدىن خوشال بولغاندەكمۇ ئىدىم . بىراق ، سەمىجان كېيىن قانداق قىلار ؟
مىرزىبان كەتتى . سەمىجان يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا ئېسىلغان  بولسىمۇ ، بالىنى سىلكىپ ، يوغان چامۇداننى سۆرىگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .    ئۆزۈم يالغۇز ئىچىم  پۇشۇپ ، ئادىتىم بويىنچە رادىئونى ئاچتىم ، رادىئودىن تۆۋەندىكى ناخشا ياڭرىماقتا ئىدى :
قاراڭغۇدىن قورقمايمەن ،
ساراڭدىن قورقىمەن يارىم .
   مەن ناخشىنى ئاڭلىغاچ ئېغىر جىيالغا چۆكتۈم : مىرزىبان ئاجىرىشىپ كېتىشكە نىيەت قىلغان بولسا مېنىڭمۇ ئامالىم يوق ، قېنى ئۇمۇ ئۆزى بىلگەنچە ياشاپ باقسۇن ، باشقىلارنى كۆرۈپ باقسۇن ... مەن ئاشۇ خىياللار بىلەن ” بۇمۇ چۈشۈم بولۇپ قالمىسۇن ئىلاھىم “  دەپ ، ئاستا يۈزۈمنى چىمدىپ باقتىم ، يۈزۈم ئاغرىۋاتىدۇ ، بۇ راستىنلا چۈشۈم ئەمەسكەن  .
15

يار بىلەن ئىچسەم شاراپ ،  
بىر پىيالە توشمىدى .        
ئالدىراپ بەرگەن كۆڭۈلنىڭ ،
ئەتىۋارى بولمىدى .         

   ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئاز - تولا گىتتار چېلىشنى ئۈگەنگەن ئىدىم . تاشلاپ قويۇپ چالمىغىلى ئۇزۇن بولغان گىتتارنىڭ توپا - چاڭلىرىنى سۈرتىۋېتىپ ، بىرەر قۇر تەڭشىگەندىن كېيىن ، يېشىمغا ماس كەلمىگەن ھالدا ئۆزۈم بىلگەن پەدىگە چېلىشقا باشلىدىم . يالغۇز ھاراق ئىچىدىغان ئادىتىم يوق ئىدى . مانا بۈگۈن ئىرادەمگە يات ھالدا بىر بولتۇلكا ھاراقنى تىكلەپ قويۇپ ، بىر ياقتىن ئىچكەچ ، بىر ياقتىن مۇڭ بىلەن ناخشا ئېيتىپ ئولتۇرۇپتىمەن .  غېرىپلىق ، ئېيتقۇسىز ئازاپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى  ئۆز ئىلكىگە ئالغان بولۇپ ، ئىچ - ئىچىمدىن قايناپ چىقىۋاتقان پىغاننى زادىلا بېسىۋالالمايتتى.                                                   
راستىن ئېيتقاندا مىرزىبان يامانلاپ كېتىپ ، تىكەندەك يالغۇز قالدىم . بۇرۇن باشقىلار “ ئۆي چاقىدۇ  دېسە ”  ، بۇ نېمە دېگەن گەپتۇ دەپ ھەيران قالغان ئىدىم  ، مانا ئەمدىلىكتە ئۆزۈم  يالغۇز قېلىپ ، ئۆينىڭ راستىنلا ئادەمنى چاقىدىغانلىقىغا ئىشەندىم . خىزمەت ۋاقتىدا بىلىنمىگىنى بىلەن  شەنبە ، يەكشەنبە كۈنلۈرۈم ناھايىتى تەستە ئۆتمەكتە ئىدى . دەم ئېلىش كۈنلىرى ھېلى ئۆيگە كىرسەم ، ھېلى تالاغا چىقىپ ، بىردە كىتاپخانىغا بارسام ، بىردە تاللا بازىرىغا بېرىپ ، كۈنلەرنى ناھايىتى زېرىكىشلىك ئىچىدە  ئۆتكۈزمەكتە ئىدىم  . زادىلا ئىش خوشياقمايتتى . تېخىمۇ يامان يېرى قۇرغاقداپ كەتكەن ئەرلىكىم مېنى ئايال زاتىنى كۆرسەملا يەۋېتىدىغاندەك قارايدىغان ، كالپۇكلىرىمنى يالايدىغان بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى جەلپ قىلىدىغان يەرلىرىگە كۆزۈمنى ئۈزمەي ھاياسىزلارچە تىكىلىپ قارايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى . كوت - كوت بولسىمۇ يەنە شۇ مىرزىبان بولمىسا بولمايدىكەن ئەمەسمۇ ، نېمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭ بىلەن پات - پات غىژىلدىشىپ تۇرساممۇ بۇنداق زېرىكىشلىك كۈنگە  قالمىغان ئىدىم . ئەڭ مۇھىمى ئوغلۇم سەمىجاننى بەك كۆرگۈم كەلگەن ئىدى . ئۇىڭ ئوماق قىلىقلىرى ، بالىلارچە ئەركىلەشلىرى ، بوينۇمغا گىرە سېلىپ ، ساقال باسقان مەڭزىمگە سۆيۈشلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ ، ئۇنى كۆرۈش ئىستىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە ئىدى .                           
   مانا باشقىلارغا شادلىق ، ماڭا مەزىسىز دەقىقىلەرنى بەخش ئېتىپ يەنە بىر يەكشەنبىمۇ يېتىپ كەلدى . ھەر قانچە ئۇخلاپ باقساممۇ ئاران سائەت 9 غىچە ئۇخلاپتىمەن . يېقىندىن بۇيان بارغانچە ھورۇنلۇشۇپ ، مىرزىباندىنمۇ ۋاقچە ئورنۇمدىن تۇرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم . مىرزىباننىڭ بۇ ئادىتى ئۇ  ئۆيدە بار چاغدا يۇقماستىن ، ئەمدى مىرزىبان يامانلاقتىكى چاغدا مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئۈسۈپ كىرگەن ئىدى . مىۋىلىك كۆچەتلەرنى قانداق پەرۋىش قىلىش ھەققىدە يېزىۋاتقان بىر پارچە تەتقىقات ماقالەم ھېلىغىچە پۈتمەيۋاتاتتى . قولۇم ھېچبىر ئىشقا بارىدىغاندەك ئەمەس ، تەنھالىق بۇلۇتلىرى كۆڭۈل ئاسمىنىمنى قاپلىغان  ، يالغۇزلۇقتا خامۇش ئادەمدەكلا بولۇپ قالغان ئىدىم .                                   
   - تاك ، تاك ، تاك ! - ئشىك يېنىك چېكىلىپ ، ئارقىدىن ئالىيەنىڭ يولدىشى چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتكەن ھالدا  كىرىپ كەلدى .                                                         
  - بولدى ئاۋارە بولماڭ ، چاينى مىرزىبان خانىم مۇشۇ ئۆيگە كەلگەندە ئاندىن ئىچىلى ، - ئۇ مېنىڭ ئاشخانا ئۆيگە ماڭغىنىمنى كۆرۈپ ، توسۇپ قويدى ، - مەن قوشنا بولغاندىكىن قاراپ تۇرغۇم كەلمىدى ، بىلىمەن سىزمۇ يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىسىز ، ئۆيگە تاماققا چاقىرساقمۇ كىرىپ بولالمىدىڭىز ،  باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئاجىرىشىش توغۇرلۇق مىش - مىش گەپلەرمۇ باركەن ، بىز قوشنا تۇرۇپ ھازىرغىچە بىلمەي يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ ؟ نەسىھەت قىلدى دەپ قالماڭ ،  مېنىڭچە ئارىدا بىر بالا بار ، ئاجىرىشىپ كەتسەڭلا بالا قانداق قىلىدۇ ، بالىدا نېمە گۇناھ ؟ كېيىنلىكنى ئويلاپ بىر ئىش قىلغىنىڭىز ياخشىمىكىن  دەيمەن .                                 
   - بۇ گېپىڭىزغۇ توغرا ، مىرزىباننىڭ يامانلاپ كەتكىنىگىمۇ ئۈچ - تۆت ئايچە بولۇپ قالدى ، مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ كېلىۋاىمەن ، - ئۇ شۇنچە سەمىمىي گەپلەرنى قىلىۋاتسا ، مەن جىممىدە ئولتۇرىۋالساممۇ ياخشى ئەمەس ئىدى ، - بىراق مىرزىبان نېمە دەيدۇ  بىلمەيمەن .  
  - سىزنىڭ ئىددىيىڭىز قوبۇل تاپسىلا ، مىرزىبان خانىمنى بىزنىڭ باللا قايىل قىلىدۇ ، - ئۇنىڭ چىرايىدا رازىمەنلىك ئىپادىسى ئەكس ئەتتى ، - بۇ ئىشتا ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە ياخشى ئەمەس ،   سىز قوشۇلغاندىكىن شۇنداق پۈتۈشتۇق ئەمىسە ، - ئۇ مېنىڭ قايتا بىر نېمە دېيىشىمنى كۈتمەستىنلا ئالدىراپ چىقىپ كەتتى .     
شۇنداق قىلىپ باشنى ئوچاق قىلىۋېتىدىغان پەندى - نەسىھەتلەرنى ئاڭلاپ ، ئۇزاق ئويلىنىش ، كەسكىن زىددىيەتلەر ئىچىدە ئۆزۈم چىن كۆڭلۈمدىن خالىمىساممۇ مىرزىباننى ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالدىم  .   
  - كەلمەي دەۋاراق يەنە مۇشۇ بالىغا تارتىشىپ ، چوڭلارنىڭ نەسىھىتى بىلەن كەلدىم ، ئالىيەلەرگە 60 گىرام ئالتۇن ئالسۇن دېسەم  ، قاراپ تۇرۇپ 58 يېرىم گىرام ئاپسىز ، دادام - ئاپاملارمۇ خاپا بولدى ،“ غۇلاچقا چىداپ ، غېرىچقا چىدىمىغان دەك ” ئىش قىپسىز .                                                         
  - ئەمدى بىرگە جەم بولدۇق ، كېلە - كەلمەي ئۇششاق ئىشلارنى تەگىشىپ يۈرمەيلى ، ئالتۇن دېگەننى باققالنىڭ ئالدىدىن ئالما - نەشپۈت  سېتىۋالغاندەك دەلمۇ - دەل ئالغىلى بولمايدىكەن ، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كەلسەم ئاشۇنداق توغۇرلۇنۇپ قالدى ، بۇنىڭغىمۇ خاپا بولۇش كېتەمدۇ ؟                                 
  - سىز ئۇنداق دېگەن بىلەن ، قوشنا - قولۇملارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ يۈزۈمگە سەت ، باشقىلار مىرزىباننىڭ شۇنچىلىكمۇ ئىناۋىتى يوقكەن دېمەمدۇ ؟                                                
   مىرزىبان بىلەن يارىشىپ خاتا قىلدىممۇ نېمە ؟ ئەلەم بىلەن خۇرسىنىش ئىچىدە بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردۇم . ئەسلى تاماكا تاشلىغان ئىدىم ، ئەمما يېقىندا يەنە چېكىدىغان بولىۋالدىم . يەنە بىر نەرسە دېسەم كونا خامان سورۇلۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشۇپ قالىدىغاندەكلا تۇراتتىم . ئوغلۇم سەمىجاننى دېمىسەم ئۇنىڭغا بۇ ئۆيدە نېمە بار ؟ بوپتۇ چىداي ، ئۇمۇ ئادەم بولغاندىكىن بىر كۈنى ئەقلىنى تاپقاندا ئوڭشۇلۇپ قالار ...                                       
                                 
16

- ئۇزۇن بوپتۇ ، ئۆيگە ئۇرۇق - تۇققانلارنى چاقىرمىغىلى ، ئەتە شەنبە بولۇپ قاپتۇ ، چوڭلارنى تاماققا چاقىرىپ قويساق قانداق ؟ - بىر كۈنى مىرزىبان ئىشتىن كېلىپلا ماڭا شۇنداق دېدى .            
  - ياخشى ئويلاپسەن ، شۇنداق قىلايلى ، ئۇلارنى ھاياتلىقىدا ياخشى كۈتۈۋالايلى ، تاييارلىقنى ياخشى قىلىپ ، رازى بولغۇدەك مېھمان قىلايلى ، - مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خوش بولغان ئىدىم .                                                           
  - ماي تۈگەپتۇ ، ئەتە ئەتىگەن بازاردىن ماي ئېكىلىڭ ، ئاۋال بىر چىنىدىن چۆچۈر ئىچسۇن ، ئاندىن  پولو ئېتەيلى ، بۈگۈنلا قىيما قىلىۋېتىڭ ، - مىرزىبان ھازىردىن باشلاپلا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى ، ئۇنىڭ پىياز توغرىسا كۆزى ئېچىشىدىغان  بولغاچقا ،  مەن باشقا گەپ قىلماي ، بېشىمنى لىڭشىتتىم .                        
- قارا مىرزىبان ، چۆچۈرىگە ياخشىراق گۆش ئىشلىتىلى ، كونا گۆشنى ، مايلىق يەرلىرىنى ئېلىپ قويۇپسەن ، مۇشۇنداق گۆشتە قىيما قىلساق سەت -  تۇرمامدۇ ؟ - مىرزىبان ماڭا “ كۆڭۈل قويۇپ ” تەييارلاپ بەرگەن گۆشكە قاراپ خاپىلىق ئىچىدە دېدىم .            
   - قىيما دېگەن خېمىرنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان نېمە ، كىم كۆرەتتى ، ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمەي ، توغراۋىرىڭە بولدى ! - مىرزىبان بۇيرۇق تەلەپپۇزدا دېدى .                                                
   - كۆرمىگەن بىلەن يىگەندىغۇ بىلەر ، بىز ئۇ دەرىجىدىمۇ ئەمەسقۇ ، ئۆزىمىزنىڭ ئاتا - ئانىسىغىمۇ مۇشۇنداق قىلساق بولارمۇ ؟ - مەن يەنىلا ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇلالمايتتىم ، - ئۇنىڭ ئۈستىگە پولوغا ئىشلىتىدىغان گۆشكىمۇ ھەددىدىن زىيادە مايلىق گۆشلەرنى ئېلىپ قويۇپسەن ، توڭلاتقۇدا گۆشمۇ خېلى جىققۇ . سەنمۇ بىلىسەن ، ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئانىسىنىڭ قاندىكى ماي تەركىۋى يۇقۇرى ، ئاشۇنداق تۇرسا يەنە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغاندەك … بۇنداق قىلىدىغان ئىش بولسا مېھماننى چاقىرمايلا قويايلى بولدى ! - ئاچچىقىمدا ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ قويدۇم .                                       
   - سىزگە نېمە دەپ چۈشەندۈرسەم بولا ؟ ئۆزىڭىزنىڭلا گېپىنى قىلىدىكەنسىز ، ياغ يىمەيدىغانلا ئىلغىۋەتسە بولمىدىمۇ ، قاسساپمىچۇ گۆشنى يېغى بىلەن بىرگە ساتىدۇ ، گۆشنىڭ قىممەتلىكىدە كونا گۆشنى ئىشلىتىۋەتمىسەك ، ئۇنى كىم يەيدۇ ؟ ئۆز ئادەم بولغاندىكىن ھىچنېمە بولمايدۇ ، مەن دېگەن بويىچە قىلىۋىرىڭ ! - ئايالىم يەنە بىر مۇنچە چۈشەندۈرۈپ ، ماڭا خېلىغىچە دەرس ئۆتتى .            
  تەلەپ - تەپچەرەپ بىر كۈن مېھمان ئۇزاتقان بىلەن ، تاماقلار شۇ پېتى ئېشىپ قالدى . ئۇلار گەرچە چاندۇرماي رەھمەت ئېيتىپ ماڭغان بولسىمۇ ، مەن ئانامنىڭ ماڭا مەنىلىك قاراشلىرىدىن ئۇيۇلۇپ ، يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم . شۇ تاپتا مېنىڭ كۆڭلۈم  غەشلىككە تولغان ئىدى . ئۈزۈلدۈرمەي چەككەن تاماكامدىن چىققان ئىس ، ئۆينى بىردەمدىلا ناۋايخانىدەك قىلىۋەتكەن ، پەرىشانلىق ئىچىدە دەرىزىدىن سىرتقا تىكىلگەن ئىدىم . بىر نەرسىنى خىيال قىلغاندەك قىلغىنىم بىلەن كاللام قۇرۇق ، نېرۋىلىرىم قالايمىقانلاشقان .                                                
   - تاماكىنى چېكىۋىرىدىكەنسىز ، مەن نەچچە قېتىم دېدىم ، بالىغا زىيانلىق دەپ ، تالاغا چىقىپ چىكىپ كىرسىڭىز بولمامدۇ ؟ - مىرزىبان يالغاندىن بىر - ئىككىنى  يۆتۈلۈپ قويۇپ نارازى بولغان كەيپىياتتا شۇنداق دېدى .                                       
   - مەن دېسەم گېپىمنى ئاڭلىمىدىڭ ، قارىغىنا مۇنۇ تاماقنىڭ شۇ پېتى ئېشىپ قالغىنىنى ؟                                         
  - ئېشىپ قالسا بوپتۇ ، تولاتقۇغا سېلىپ قويۇپ ئالدىرىماي ئسسىتىپ يېمەمدۇق ، مۇشۇنىڭغا غەم قىلغان بارمۇ ؟ - مىرزىبان ھېچ ئىش بولمىغاندەك تىكلىمە ئەينەك ئالدىدا تۇرۇپ ، پەرۋاسىز قىياپەتتە شۇنداق دېدى .                                       
    - توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ يېگەن تاماق بەدەنگە زىيانلىق  ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۆچۈرىنى ساقلاپ يىگىلى بولامدۇ ؟               
    - سەمىجان ، سىزگە ئۇسقان پولۇنى  يىمەپسىزغۇ ئوغلۇم ؟ - مىرزىبان مېنىڭ كېيىنكى سۆزلىرىمنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ ، ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ ئولتۇرغان سەمىجانغا دېدى .               
   - بەك مايلىقكەن ئاپا ، يىگۈم كەلمىدى شۇ ، - سەمىجان تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قويدى .                                      
     - دادىسىنىڭ بالىسىدى - دە ! - مىرزىبان ئەينەككە قاراپ يۈزلىرىگە بىر نېمىلەرنى سۈرتكەچ سەمىجانغا ئالىيىپ قويدى . ئەمەلىيەتتە  مەنمۇ تۈزۈكرەك تاماق يىمىگەن ئىدىم .               
   - تاماق يىمەي نەگە بارىسىز ؟ - چاپىنىمنى كىيگىنىمنى كۆرۈپ مىرزىبان دەرھال ئېغىز ئاچتى .                                   
  - سەن دېدىڭغۇ ئۆيدە تاماكا چەكمەڭ دەپ ، سىرتقا چىقىپ تاماكا چېكىپ كىرەي .                                          
  - مەنمۇ چىقىمەن ، - سەمىجانمۇ ئەگەشتى .
  - بوپتۇ ، بالىنىمۇ پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ ئوينۇتۇپ قويۇڭ ، - مىرزىبان ئەتەي قوشۇپ قويدى ، - ماۋۇ قاچا - قۇچىلارنى سىز يىغىشتۇرۇپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇڭ ، سىزمۇ بىلىسىز مېنىڭ قولۇم ئۇزۇنراق سۇغا تىقسام ئاغرىيدىغىنىنى ، قاچا - قۇچىلارنى يۇيۇش سىزگە قالدى ئەمىسە .                                    
   مەن گەپ قىلماي بالىنى ئېلىپ سىرتقا ماڭدىم . خۇمارىم بەكلا تۇتقان ئىدى .  مانا كۆرۈڭ ، قىيمىسىنى دېمەيلا قوياي ،  بىر مۇنچە چۆچۈرىنى مەن تۈگسەم ، پولۇنىڭ سەۋزىسىنى توغراپ ، گۆشنى پارچىلاپ بەرسەم ، ئەمدى كېلىپ قاچا - قۇچىلارنىمۇ ...  
  - نەگە بارىمىز دادا ؟ - سەمىجان بازار تەرەپكە قاراپ ماڭغىنىمىزنى كۆرۈپ ھەيرانلىق ئىچىدە سورىدى .                  
   - بىرەر ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يەپ كېلەيلى ئوغلۇم .
  - ئەجەپ ياخشى ، مېنىڭ قورسۇقۇممۇ ئاش تېخى ! - سەمىجان خوشاللىقىدا سەكرەپ چاۋاك چېلىپ كەتتى . مەن چوڭقۇر خۇرسىنىش ئىچىدە ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدۇم . ناھايىتى ئېنىقكى مەن سىرتتىن كىرگەندە مىرزىبان ئاللىبۇرۇن تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن بولىدۇ ، سەمىجانغا ئورۇن راستلاپ ، دۆۋە - دۆۋە قاچا - قۇچىلارنى يۇيۇش ، داستىخاندىكى نەرسىلەرنى يىغۇشتۇرۇش مېنىڭ ۋەزىپەم بولۇپ قالىدۇ .                                          
                                 
17

   - شۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتىكەنمەنكى ، سىز ھېلىقى گۈلزار دېگەن نايناق بىلەن … - مىرزىبان سەلىكتە ئويغۇنۇپلا شۇ گەپلەرنى قىلىپ ، دەيمۇ - دېمەيمۇ دېگەندەك توختاپ قالدى .   
  - ھە دېمەمسەن ، مەن بىلەن نېمە بوپتۇ ؟ - دىلىغۇللۇق ھەم قىزىقىش ئىچىدە سورۇدۇم .                                      
   - ئۇنچىۋالا جىددىيلىشىپ كەتمەڭ ، چۈشنى سىزلا كۆرمەيسىز ، بىزمۇ كۆرىمىز ، تېخى چۈشنىڭ يامىنىنى كۆرىمىز ، - ئۇ قاپاقلىرىنى سۈزۈپ دانە - دانە دېدى ، - نېمە بولىدىغان ، چۈشۈمدە سىز شۇ نايناق بىلەن توي قىلىپسىز دەپتىمىشمەن ، ماڭا قاراپمۇ قويماي شۇ بىرنېمىنى قولتۇقلاپ كېتىپ قالغۇدەكسىز ، كەينىڭلىدىن ئەگىشىپ ماڭسام بىر چىمەنلىككە كېلىپ ئۆز - ئارا شېئىر ئوقۇشۇپ كەتكۈدەكسىلە ، ئۇندىن كېيىن ، ۋاي ئۆلەي ، ئۇ رەسۋاچىلىقنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ !...  توۋا ، ئەر كىشى دېگەن بەك ۋاپاسىز بولىدىكەن - ھە ؟                                             
  - ناھايىتى بىر چۈشكەنغۇ ، چۈش دېگەن چۈش ، ئادەم ھەر قانداق چۈشنى كۆرىدۇ ، پەقەت دەرەخكە ئارقىچە يامىشىپ ، ئارقىسدا ئوت پۈۋلەپ چۈش كۆرمەسمىش ، قالدى چۈشنىڭ ھەممىسىنى كۆرىمىش ، چۈشكىمۇ شۇنچىۋالا قىلىپ كېتەمسەن ؟ - مەن گەرچە ئاغزىمدا شۇنداق دېسەممۇ ، گۈلزار بىلەن مېنىڭ تويۇم بولغىنى ماڭا باشقىچىلا يېقىملىق تۇيۇلدى . ئالىي مەكتەپتىكى چاغدا يۈرگەن قىزىمنىڭ ئىسمىنى بىر ھېكايەمدە شۇ پېتى ئېلىپ قويغۇنۇم ھەم ئوتتۇرىدىكى ساپ مۇھەببەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىگىنىم ئۈچۈن ، مىرزىبان تا ھازىرغىچە ئىككىمىزنى مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايتتى . مەن ئۇنى ئالالىغان بولسام ...                          
  - چۈش دېگەن بىلەن مەن پەقەت چىدىمىدىم ،  بەكلا ئاچچىغىم كەلدى ، - مىرزىبان خىيالىمنى سېزىپ قالغاندەك ، يوق كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ شۇنداق دېدى .                           
   - ھەي ، سەن گۈلزارنى يا كۆرۈپ باقمىساڭ ، قاندىقىسىگە چۈشۈڭگە كىرگۈدەك ؟                                          
  - ئىشقىلىپ كىردى ، چۈشۈمدە كۆرگۈنۈم دەل ئاشۇ بېشەم !
  - باشقىلار چۈشۈڭگە كىرسىمۇ تىللامسەن ، گۈلزار يا ساڭا يامانلىق قىلمىسا ؟ - مېنىڭ ئەمدى سەل ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى .
   - مەن  خەقنى تىللىسام سىزگە نېمە دەز كەتتى ؟ - مىرزىباننىڭ چىرايى بىردىنلا تېخىمۇ قارىدىدى ، - ئەجەپ يان بېسىپ كەتتىڭىز ، بولسا ئوڭۇڭىزدىمۇ بىر توي قىلىۋالغان بولسىڭىز مۇرادىڭىزغا يېتەتتىڭىز - ھە ؟                                    
  - ئاغزىڭغا نېمە كەلسە شۇنى دەيدىكەنسەن ، مۇشۇنداق گەپلىرىڭنى تولا ئاڭلاپ قۇلۇقۇممۇ سېسىپ كېتەي دېدى .           
  - ھە ، مېنىڭ گەپلىرىمنى ئاڭلىغۇڭىز كەلمەيدۇ سىزنىڭ ، بىلىپ قويۇڭ مەن سىزنىڭ ھەق نىكاھلىق ئايالىڭىز جۇمۇڭ !
   قاتتىق جۇدۇنۇم تۇتقان ئىدى ، ئەمما ئۆتكەن قېتىمقى جەڭگە - جېدەلنى ئويلاپ ، مىرزىبانغا ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم . قاچان ئوڭشىلار بۇنىڭ مۇشۇنداق گۇمانخور مىجەزى ؟                     
   - ئاپلا ، ئىشقا بارىدىغان ۋاقىت بولۇپ قاپتۇ ، سىز ناشتىڭىزنى ئۆزىڭىز تەييارلاپ ، سەمىجاننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ ، باغچىغا ئاپىرىۋېتىڭ ، ئاشۇ لەنىتى چۈش بىر مۇنچە ۋاقتىمنى ئالدى دېسە ! - مىرزىبان سائەتكە قاراپ ، ئوۋچىدىن ئۈركىگەن كىيىكتەك سەكرەپ ئورنىدىن تۇردى ، - كېچىكىدىغان بولدۇم !                       
  - كېچىكىپ قالغۇدەك بولساڭ ، كىرا ماشىنىسى توسۇپلا ماڭساڭ بولمىدىمۇ ، - مەن سەمىجاننىڭ كىيىملىرىنى كىيگۈزگەچ شۇنداق دېدىم .                                                         
  - قويۇڭا ماشىنىنىڭ گېپىنى ، ئىككى چامدام يەرگىمۇ بىر مۇنچە پۇل ئېلىۋاتقان ، تېزراق ماڭسام بولمىدىمۇ  .                     
  - ئىشقا كىچىكىپ قالدىم دەيسەن ، تېخىچە ئولتۇرىسەنغۇ ؟ - مەن سەمىجان بىلەن ناشتا قىلىپ بولغاندىمۇ مىرزىباننىڭ تەييارلىقى تېخىچە پۈتمىگەن ئىدى .                                       
  - سىز بالىنى ئېلىپ مېڭىۋىرىڭ ، مەنمۇ ھازىر ماڭىمەن ، - ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويماي شۇنداق دېدى .                              
  - يۈرە بالام بىز ماڭايلى ، ئاپاڭ ئالدىرىماي ماڭىدىغان  ئوخشايدۇ ، كىچىكسە ناھايىتى مۇئاشىدىن تۇتىدىغان ئىشكەنغۇ ! - مەن ئاچچىق كىنايە بىلەن سەمىجاننى يېتىلىگىنىمچە ، ئىشىكنى قاتتىق يېپىۋېتىپ ، چىقىپ كەتتىم .                                    
18

   - ھەجەپ ئۇزاق سۆزلىشىپ كەتتىڭىز ، بىرەر ئېچىرقاپ كەتكەن جىنلىرىڭىزدىن كەلگەن ئوخشىمامدۇ ؟ - قول تېلىفۇنۇمدا سۆزلۈشۈپ بولۇشۇمغا مىرزىبان قاپاقلىرىنى تۈرۈپ شۇنداق دېدى .            
  - بىزنىڭ يېزىدىكى يېقىن ئۆتىدىغان بىر دېھقان دوستۇم“  كەچتە بىرگە تاماق يېسەك ” دەپ تېلىفۇن قىپتۇ ، - مەن پەرۋاسىزلا دېدىم .                                          
  - مەنمۇ بارىمەن ! - مىرزىبان ئەمدىلا تاماق ئېتىش ئۈچۈن تارتقان پەرتۇقنى يەشتى ، - مېنىڭچە دوستۇم دېگىنىڭىز يالغان ، مېنى بىلمەيدۇ دېمەڭ ، چوقۇم قىز - چوكانلار بىلەن ئولتۇرىسىز .
  - راست گەپ قىلىۋاتىمەن ، ئۇ يەردە راستىنلا ئايال كىشى يوق ، ئايال كىشى بولسا سېنى ئاپارمامتىم ، ئۇ دوستۇممۇ ئايالىڭىزنى ئېلىپ كېلىڭ دېگەن گەپنى قىلمىدى . سەن نېمە قىلىسەن بېرىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن تەييارلايدىغان بىر مۇنچە دەرسلىرىم بار دەۋاتمامتىڭ ؟                                                   
  - قورقۇۋاتامسىز ؟ يۈزلىرىڭىز قىزىرىپ كەتتى - ھە ، ھە يالغان گەپ قىلسىڭىزچۇ مۇشۇنداق بولىدۇ ، “ ھىيلىگەر تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنەر ” دەپ ، بۈگۈن نەق تۇتۇلدىڭىز مانا ، مۇشۇنداق قىلغىنىڭىزغا سەمىجاننىمۇ ئېلىپ بارىمەن تېخى ، دەرس دېگەننى يامىنى كەلسە قايتىپ كېلىپ تەييارلارمەن ، زادى بارغىنىم بارغان !
  مىرزىبانغا ھەر قاچە چۈشەندۈرسەممۇ ئاڭلىتىپ بولالمىدىم . راستىن ئېيتقاندا بىر باغۋەن دېھقاننىڭ مىۋىلىك دەرەخلىرىگە كېسەل تەككەندە ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ، ئۆزۈمنىڭ تەتقىقات تەجرىبەمگە ئاساسەن ، ئون مو يەردىكى مىۋىلىك دەرەخىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدىم . ئەمدىلىكتە خەق ماڭا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن تاماققا چاقىرسا ، مىرزىباننىمۇ بىرگە ئەگەشتۈرۈپ بارسام قانداق بولا ؟ سەت تۇرىدىغان بولدى - دە !                                   
   دېگەن ۋاقىتتىن بىر سائەت كېيىن ، مۇشۇ تەۋەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان « گۈلۈستان » رېستۇرانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا يېتىپ كەلدۇق . مىرزىباننىڭ تەييارلىقىغا كۆپ ۋاقت كەتكەچكە ، ئارىلىقتا بىر نەچچە تېلىفۇن كېلىپ مېنى ئالدىراتتى .              
  - ئەسسالام ئەلەيكۇم ، - مەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرگەندە قالغانلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ بولغان ئىكەن .                  
- كەلسىلە ، كەلسىلە ، بەك ساقلىدۇق ، - ساھىپخان مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ كۆرۈشتى ، -باللىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەلگەنلىرى بەك ياخشى بوپتۇ ، مەن دەيمەن دەپ ئېسىمدىن چىقىپ قاپتىكەن ، - ساھىپخان مىرزىبان بىلەن بالىنى كۆرۈپ قوشۇپ قويدى .     
   - مەن كېتەي ، - ئارقىمدىنلا سوڭدۇشۇپ كىرگەن مىرزىبان سورۇندا بىرمۇ ئايالنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ قىزارغىنىچە تەسلىكتە شۇنداق دېدى .                                                
   - مىرزىبان خانىم تاماق يەپ ماڭمىسۇنمۇ ؟ - داۋۇت ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدى  .                                         
  - بالا بىلەن ياخشى بولماي قالارمىكىن ، مىرزىبان ھەر قايسىڭلارنىمۇ ئايالىنى ئېلىپ كېلىدىغۇ دەپ ئويلاپ قالغان چېغى ، ماڭسا مېڭىۋەرسۇن ، - مەن دەرھاللا گەپ ياساپ چۈشەندۈردۈم .  
  - مەن ماڭدىم ئەمىسە ، - مېرزىبان ناھايىتى ئوڭايسىز بىر ھالەتتە پەس ئاۋازدا شۇنداق دەپ ، بالىنى يېتىلىگىنىچە چىقىپ كەتتى . مېنىڭ ئىختىيارسىز ياقامنى تۇتقىنىمغا سورۇندىكىلەردىن ھېچكىم دىققەت قىلمىدى .                                       
19

  - ماڭا بىر پارچە ئىلمى ماقالە يېزىپ بەرمىسڭىز بولمىدى ، - بىر كۈنى مىرزىبان ئىشتىن كېلىپ تۇيۇقسىزلا ئېغىز ئېچىپ شۇنداق دېدى .                                                         
- ئەمدى بولغاندا ئىلمى ماقالە نېمىگە لازىم بولۇپ قالدى؟  
   - بىلمەيدىغاندەكلا سورايسىزغۇ ، ئىككىنچى  دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ تۇرىۋىرەمدىم ؟                                 
- ۋاي سەن تېخىغىچە ئاشۇ يېڭى خىزمەتكە چىققان چاغدىكى ئىككىنچى دەرىجىدىما ؟ - مەن ھەيران قالغان ئىدىم . ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇنىڭ مەكتىۋىدە مىرزىباندىن كېيىن خىزمەتكە چىققانلارمۇ ئاساسەن بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇنۋاننى ئاللىقاچان ئېلىپ بولغان ئىدى .                                                         
   - مەنچۇ مۇشۇ ئۆي ، بالا دەپ ھازىرغىچە ئۇنۋانىم شۇ پېتى تۇرىۋاتىدۇ ، سىزگە ئوخشاش كىتاپنىڭ ئىچىدىلا يۈرگەن بولسام ، خىزمەت دەپلا ئۆي بىلەن كارىم بولمىغان بولسا بەلكىم بۇ ۋاققىچە ئالىي دەرىجىنىمۇ ئېلىپ بولغان بولاتتىم ،                        
- ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزەڭگە باغلىق ئىش . ھە دېگىنە ، قانداق مەزمۇندىكى ئىلمى ماقالە يېزىپ بېرىمەن   ؟ - مەن ئچىمدە قىقاس سېلىپ تۇرغان كۈلكىنى تەستە بېسىپ  ياندۇرۇپ سورۇدۇم .      
  - مەن دېگەن ئوقۇتقۇچى ، شۇنداق بولغاندىكن ئەلۋەتتە ئوقۇ - ئوقۇتۇش جەھەتتە بولمامدۇ ؟
  - ماڭا قارا ، ئادەم دېگەن بىلمەيدىغاننى چوقۇم بىلمەيمەن دېيىش كېرەك ، مەن سېنىڭ كەسپىڭگە ئائىت  ئىلمى ماقالىنى يازالمىسام ، “ قارىغۇنى تار يەردە قىستىغان ” دەك ئىش قىلما .   
  - مانا ، مانا ، چىشىم چىقىپ تۇنجى قېتىم بىر نەرسە دەپ ئالدىڭىزغا كەلسەم ، تەلىپىمنى رەت قىلدىڭىز ، نەدىكى مايماقلارنىڭمۇ  ئىلمى ماقالىسىغىمۇ ياردەم قىلىپسىزغۇ ، مەن ئايالىڭىز تۇرۇپ كارىڭىز بولمامدا ؟                                         
   - بۇ ئىشقا ئەر - خوتۇندارچىلىق ئىشلىمەيدۇ مىرزىبان ، مەن ئۆزۈم قىلالمايدىغان ئىشقا ساڭا ۋەدە بېرەلمەيمەن !               
   - ئۇنىڭدىن ياردەم قىلمايمەنلا دەڭا بولدى ، بىر مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ ، گېزىت - ژورناللاردا ئېلان قىلغان ئادەم ، ماڭا كەلگەندە يازالماس بولۇپ قالدىڭىزما ؟                           
  - ساڭا يەنە قانداق چۈشەندۈرسەم بولا ؟ مېنىڭ يازغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئورمانچىلىققا دائىر ، دەل - دەرەخلەردىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنى يوقۇتۇشقا دائىر ماقالىلەر ، ئاندا - ساندا ھېكايە - شېئىرلارمۇ بار . ئەمدى قوپۇپ سەن ئوقۇ - ئوقۇتۇشقا دائىر دېسەڭ ، مەن بۇ جەھەتتىكى ئىلمىي ماقالىنى يازالمىسام ، يالغاندىن ماقۇل دېسەم بولامتى ؟                                                
-  مەيلى  ياردەم قىلغۇڭىزى كەلمىسە بوپتۇ ، باشقىلارغا پۇل خەجلەپ يازدۇراي ئەمىسە ! - مىرزىبان  ئاچچىق بىلەن شۇنداق دېدى .                                                         
-ئىختىيارىڭ ، مەن بار گەپنى دېدىم ، قانداق ئويلىغان بولساڭ شۇنداق قىل !                                                  
   ئۇنىڭ تەتۈرلىكى ، گەپ يېمەسلىكىگە قاراپ بەكلا ئىچىم پۇشتى . ئەمدى ئىلمى ماقالە يازىدىغان ئىشقىمۇ ساختىلىق ئىشلەتكىلى تۇرسا ، ئەۋلاتلارنى قانداقمۇ ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقار ؟  ئەلەم بىلەن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردۇم . تاماكىنى كۈچەپ شوراپ ، ئاغزىمدىن چىققان ھالقىسىمان كۆكۈش ئىس چەمبىرىكىگە قاراپ ، چوڭقۇر خىيال بىلەن ئولتۇرۇپ قالدىم .
20

  - دەرھال بالىنىستا يېتىڭ تونۇشتۇرۇش قىلىپ بېرەي ، - سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىنجىسىنى كۆرۈپ ، ئورۇقلىقىدىن ئۇچىسىغا كىيگەن خالات خېلىلا چوڭ كەلگەن ئاق پىشماق ، 45 ياشلاردىكى دوختۇر بېشىنىمۇ كۆتەرمەستىن شاپىلاقتەك چوڭلۇقتىكى قەغەزگە كىتىرلىتىپ بىر نېمىلەرنى يېزىشقا باشلىدى ، - كېسىلىڭىز خېلىلا ئېغىركەن ، ھاراقنىڭ تەسىرىدىن جىگەر ئازراق قورۇلۇشقا باشلاپتۇ ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ، يەنە ئۆت ياللۇغى ، مىڭە يىگىلەش ، يەنە تېخى ... - دوختۇرنىڭ چىشىنىڭ ئارلىقىدىنلا چىققان كېيىنكى بىر جۈملە گېپىنى ئېنىق ئاڭلىيالماي قالدىم .     
   - بۈگۈن بالىنىستا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرەلمەيمەن ، - دېدىم مەن دەرھال .                                             
  - نېمىشقا ؟ - دوختۇر يېزىشتىن توختاپ ماڭا ھەيرانىلق ھەم تەئەججۈپ ئىچىدە قارىدى .                                      
  - ئۆيگە بېرىپ تەييارلىق قىلىپ ، ئەتىگىچە كېلەي .
  - بوپتۇ ئەمىسە ، جان ئۆزىڭىزنىڭ ، تېخى ياشكەنسىز ، قاراپراق بىر  ئىش قىلارسىز .
   دوختۇرخانىدىن چوڭقۇر غەم ئىچىدە يېنىپ چىقتىم . بىردىنلا كۆز ئالدىم  قاراڭغۇلۇشۇپ ، بېشىم قايغاندەك بولدى ، خۇددى ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك ، پۇت - قولۇم ماغدۇرسىزلىنىپ ، پەلەمپەينىڭ ئەگىلەنمە رىشاتكىسىغا يۆلۈنۈپ ، بىر دەم تۇرىۋالدىم . نەپەسلىرىم قىسىلغاندەك ، يۈرەك سوقۇشۇم تېزلىشىپ ، ئارامسىزلىنىۋاتاتتىم . شۇ تەرىقىدە قانچىلىك تۇردۇم ، بىر چاغدا كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشكەندە ئاندىن ئاستا سىرتقا قاراپ ماڭدىم .     
   ھاۋا ئادەتتىن تاشقىرى ئوچۇق بولسىمۇ دېكابىرنىڭ سوغۇقى ئادەمنى ئۈششۈك ھەرىسىدەك چاقاتتى .  شەنبە كۈنى بولىشىغا قارىماي  ، كوچىدا ئادەملەر خۇددى بازار كۈندىدىكىدەكلا كۆپ ئىدى . ئەمما ماڭا ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشىۋاتقان ئادەملەرمۇ ، ئوچۇق ھاۋامۇ مەزىسىز تۇيۇلۇپ ، تېخىمۇ توڭلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم . شۇ تاپتا مەن دەرھال ئۆيگە قايتىپ ، بالىنسىتا يېتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشىم كېرەك . نىمانداق كۆپ كېسەل ئۇ ، ئەتىلا ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالىمەنمۇ نېمە ؟! شۇ خىياللار بىلەن كېتىۋېتىپ ، يولنىڭ بويىغىلا تىزىۋەتكەن ، ئاياللارنىڭ ئىسسىغلىق ساقلاش ئىچ كىيىمىنى سېتىۋاتقان يايمىغا كۆزۈم چۈشتى . يايمىكەش ھەدەپ خېرىدار چاقىرىپ ، بار ئاۋازى بىلەن توۋلايتتى . تۇرۇپلا بۈگۈن مىرزىباننىڭ توغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكى ئېسىمگە كەلدى . مۇشۇ كىيىمدىن بىر يۈرۈش ئالايچۇ .  قانچىلىغان توغۇلغان كۈنۈم ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، مىرزىناننىڭ بىرەر قېتىم ماڭا بىر نەرسە ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، توغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلەپ ئىككى ئېغىز چىرايلىق گەپ قىلغىنىنى بىلمەيمەن . شۇنداق بولسىمۇ ، ئۇنىڭ توغۇلغان كۈنىنى بىر تەبرىكلەپ قوياي ، يامىنى كەلسە پۇلنى بۇزۇپ - چېچىپ نەدىكى بىر نېمىنى ئېلىپسىز دەپ خاپا بولا . قايسى كۈنى قارىسام ئۇنىڭ ئىچ كىيىمى كونىراپ يىرتىلىپ كەتكەن يېرىدىن ئەتلىرى كۆرۈنۈپ قاپتۇ ، بۇنى كىيىۋالسۇن ! كاللامغا نۇرغۇن خىياللار كەچتى ، يۈز يۈەنگە ئالغان بۇ كىيىمنىڭ ئۇنىڭغا يارىمايدىغىنى ئېنىق ، يارىمىسا يارىماس ، گېزى كەلسە مەن مىرزىبانغا توغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ  ئېلىپ بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى سوۋغات بولۇپ قالار .                              
   - دوختۇر نېمە دەيدۇ ؟ - ئىشىكتىن كىرىشىمگە مىرزىبان باشقا گەپ قىلماي ، جىددىي رەۋىشتە سورىدى .                       
  - كېسىلىم خېلىلا باركەن ، بالىنىنىستا يېتىپ داۋالىنىشىمنى ئېيتتى .                                                        
  - نېمە دەيدىغانسىز ئەمدى ، ھەممىسى ئاشۇ ھاراق بىلەن تاماكىنىڭ كاساپىتى ، بوپتۇ دوختۇرخانىدا يېتىڭ ، ياخشىراق داۋالىنىپ ، ساقىيىڭ ، خىزمەت دېگەن تۇرۇپ تۇرىدۇ ، مۇھىمى سالامەتلىك ، - مىرزىبان خۇددى مېنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالغاندەك قوشۇپ قويدى .                  
  - دوختۇردا يېتىپ داۋالىنىدىغانغا پۇل كېتىدۇ ، ھازىر مەندە پۇل يوق ، ساڭا ئالتۇن ئالىمەن دەپ ، قەرزگىمۇ بوغۇلۇپ قالدىم ، داۋالىنىدىغان ئىش بولسا كېيىنچە بىر گەپ بولسۇنمىكىن .         
   - بولدى ئۇ گەپلەرنى قويۇڭ ، پۇلنىڭ غېمىنى بەك يەپ كەتمەڭ ، بەك بولمىسا مەن ئالتۇنلىرىمنى ساتاي ، سىزنىڭ كېسىلىڭىزنى داۋالاتمىساق بولمايدۇ ، “ جان بولسا جاھان ، ئاش بولسا قازان ” دەپتىكەن ، باللىرىمىزنى بىرگە بېقىشقا نېسىپ قىلسۇن ، - مىرزىبان شۇنداق دەپ ئەمدىلا بىلىنىشكە باشلىغان قورسىقىنى كۆرسىتىت قويدى . ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ توغۇلغان كۈنىگە بىر نەرسە ئېلىشىممۇ ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئاشۇ يېڭى ھاياتلىقنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىدى .                                                   
   - رەھمەت ساڭا ، - مەن توي قىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم  ئۇنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇنداق يېقىملىق سۆزنى ئاڭلاۋاتاتتىم ، ئۇ ئۆزگۈرۈپ يەنە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەكلا ، مېنىڭ ئايالىم مىرزىبان ئەمەستەكلا بىلىنمەكتە ئىدى . بەلكىم يېڭىدىن دۇنياغا كېلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان ھاياتلىقنىڭ ئاشۇ نىشانى ئۇنىڭغا ئانىلىق مېھىر ، ۋاپادارلىق بەخىش ئەتكەن بولسا كېرەك .  ھەر قانچە قىلساممۇ بىر تامچە ياش كۆزلىرىمنىڭ رۇخسىتىسىزلا دومىلاپ چۈشتى . كۆزۈمدىن نېمە ئۈچۈن بىر تامچە ياشنىڭ سىرغىپ چۈشكىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيتتىم . بۇ بىر تامچە ياش خوشاللىق ، ھاياجان يېشىمۇ ياكى ھەسرەت - نادامەت يېشىمۇ ھازىرچە بىر نېمە دېمەك تەس ئىدى .                                             
   - توغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن ، ئاددى بولسىمۇ بۇنى ساڭا ئالدىم ، - بىر دەملىك جىمجىتلىقتىن كېيىن  مەن دىلىغۇللۇق ئىچىدە ئۇنىڭغا سېتىۋالغان ئىچ كىيىمنى ئۇزاتتىم ۋە قانداق كەيپىياتتا بولاركىن دېگەندەك مىرزىبانغا قارىدىم .         
   - رەھمەت ، مېنىڭ توغۇلغان كۈنۈم ھەنىمە بولسىمۇ مۇشۇ دورەم ئېسىڭىزگە كېچىپتۇ ، - خوشاللىقتىن مىرزىباننىڭ ئاغزى كاماردەك ئېچىلىپ ، كۆزلىرى قىسىلىپ يوقاپ كېتەيلا دەپ قالدى ، - كۆزىڭىز مال تونۇيدىكەن ، رەڭگىنىمۇ ئوبدان تاللاپسىز، يەنە بىر قېتىم رەھمەت سىزگە ، - مىرزىبان زادىلا قولاشمىغان بىر ھەركەتلەر بىلەن ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان بىر ئشىلارنى قىلىۋاتاتتى .        
   - مېنى كىچىك بالىنى سۆيگەندەك سۆيمىسەڭمۇ بولىدۇ ، رەھمەت دېيىشىڭنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق ، پەقەت ھالىمغا يەتسەڭلا شۇ كۇپايە ، - مەن لەۋ سۇرۇقى يۇقۇپ قالغان مەڭزىمنى سۈرتۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى .                                 
  - بۇندىن كېيىن ئاياللىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ ، سىز بىلەن گەپ تاكاللاشمايمەن ، ئۆي ئىشلىرىدا ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردا سىزنى ئاۋارە قىلمايمەن ! - ئۇ خۇددى قەسەم بېرىۋاتقاندەك دانە - دانە دېدى ، - قاراڭ بۈگۈن پولنى ئۆزۈم سۈرتتۈم ، چۈشلۈك تاماقنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ قويدۇم تېخى ! مەن بۇندىن كېيىن سىزنىڭ دېگىنىڭىز بويىچە قىلىمەن ، سىزمۇ ئەتىدىن باشلاپ خاتىرجەم دوختۇردا يېتىپ داۋالىنىڭ ، باشقا ئىشلاردىن غەم قىلماڭ !                                          
مەن مىرزىباننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ خېلىلا خاتىرجەم بولۇپ قالدىم . مىرزىبان راستىنلا دېگىنى بويىچە قىلىدىغان بولسا ، مەنمۇ تەتقىقات ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقت چىقارالايتتىم . “ موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە  ” دېگەندەك بولۇپ قالمىسىلا بولاتتى ئىلاھىم !       خاتىمە                                 
   كۈنلەر ئۆتۈۋەردى . مانا سەمىجانمۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ ، كېيىن توغۇلغان قىزىم سەبىخەمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-سىنىپىغا چىقتى . مېنىڭ كېسىلىممۇ سەللىمازا ساقىيىپ ، ھاراق ، تاماكىدىن تولۇق قول ئۈزگەن بولدۇم . بۇنىڭدا يەنىلا مەن ھەممىگە كۆندۈم ، ئاچچىقلىنىدىغان ئىشلارغىمۇ ئاچچىقلانمايدىغان ، بۇرۇنقىدەك كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ چېچىلىپ يۈرمەيدىغان بولدۇم ، بىغەملىك ماڭا مىرزىباندىن تولۇق ئۆزلەشكەن ئىدى . ئۆينىڭ ئىچى خۇددى ئەسكى - تۈسكىلەرنى يىغىۋېلىش ئورنىدەك قالايمىقان بولۇپ كەتسىمۇ بۇرۇنقىدەك مىرزىبانغا ئۇنى - بۇنى دېمەيدىغان ، ئۆزۈممۇ خاپىلىق ئىچىدە ئۆينى يىغىشتۇرۇپ كەتمەيدىغان بولدۇم . بۇمۇ بولىدىكەن ، مىرزىباننىڭ كۆزىگە سىغىپ قالغان ئىشلار ماڭىمۇ باشقىچە تۇيۇلمىسا ، ئۇنىڭ مىجەزى بويىچە ئىش قىلسام ، ئۆيدە زادىلا جېدەل بولمايدىكەن .                                    
   - ئاڭلىسام « مىۋىلىك دەرەخلەردىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنى يوقۇتۇشقا دائىر دەسلەپكى تەجىرىبە » دېگەن كىتابىڭىز مۇكاپاتلىنىپتۇ ، خېلى كۆپ پۇل بەرگەندۇ ؟ - چۈشتىن كېيىن ناھىيە بويىچە ئېچىلغان « تۆھپە مۇكاپات يىغىنى » دىن  قايتىپ كېلىپ ، تاپسىدىن پۇتۇمنى ئېلىشىمغا مىرزىبان ئالدىراپ ئېغىز ئاچتى .                                                         
  - ياپىرىم ، قۇلۇقۇڭ ئەجەپ ئۇزۇنكەن ، مۇشۇ ئىشتىنمۇ خەۋەر تېپىپسەن - دە ، - مەن ھەيرانلىق ئىچىدە دېدىم ، - كىتابىم بەش مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى ، مانا پۇل ، - مەن قىزىل كونۋېرتقا سېلىنغان پۇلنى ئۇنىڭغا ئۇزارتتىم ، ئۇ ئوتقاشتەك قىزىل دوخاۋا تاشلىق شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا قاراپمۇ قويماي ، قولۇمدىكى پۇلنى ئىتتىك ئالدى .                                            
   - ئەجەپ ياخشى ، بۇ پۇلغا ئوبدان بىر قۇر كىيىم - كېچەك ، گىرىم بۇيۇمى ئالاي ، - كونۋېرت ئىچىدىكى پۇلغا قاراپ مىرزىباننىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى ، - بۇندىن كېيىن ئاشۇنداق ماقالىنى كۆپرەك يېزىڭ ، بالىلارمۇ چوڭ بولۇپ قالدى ، ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزۈم قىلاي ، ئاسانلا پۇل تاپىدىغان ئىشكەن ئەمەسمۇ بۇ !              
   مىرزىباننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەم كۈلگۈم كەلدى  ھەم كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولدى . قانداق قىلاي ، ئۆزۈم تاللاپ ئالغان  خوتۇن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى بالىلىق بولۇپ قالدۇق ، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن مەجبۇرى ئەپ ئۆتمەيمۇ ئامال يوق ئىدى . مەن بۇرۇن قايسىبىر كىتاپتىن : “ھاياتتا خاتا بېسىلغان بىر قەدەم سېنى ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالدۇرىدۇ . ” دېگەن ھېكمەتلىك قۇرلارنى ئوقۇغان ئىدىم . بۇنىڭ ئىنتايىن دانالىق بىلەن ئېيتىلغان سۆز ئىكەنلىكىنى مانا ئەمدى تولۇق ھېس قىلىپ يەتتىم . شۇنىسى بەكلا كېچىككەن ئىدىم ، دېمىسىمۇ ئەمدى ھېس قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى؟  مەن ئەمدى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە پۇشايمان ۋە ھەسرەت بىلەن ئۆتەرمەنمۇ ؟ مىرزىبان راستىنلا مېنى ئۆزىگە بويسۇندۇردىمۇ ؟ مېنىڭچە ئۇنداق بولۇشى ناتايىن ، مېنىڭ مىرزىبان بىلەن ئۆي تۇتۇشۇم پەقەتلا ئىككى بالا ئۈچۈنلا بولىۋاتاتتى خالاس . مەن ئاخىرى ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ مەندىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقانلىقىنى مۇتلەقلەشتۈردۈم . ناۋادا ئالىي مەكتەپتە يۈرگەن قىزىم گۈلزار بىلەن تۇرمۇش قۇرغان بولسام قانداق بولاتتى بولا ؟ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر خوشال - خورام ئۆتكەن بولاتتىم . ئەر - خوتۇندا ئاز - تولا ئورتاقلىق بولمىسىمۇ ، بىر - بىرىدىن خوشاللىق تاپالمايدىغان ئىشكەن ...  ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن تۇرغۇنۇمدا مىرزىبان ئاستا كېلىپ مېنى قۇچاقلىدى . ئۇنىڭدىن گۈپۈلدەپ كېلىۋاتقان يا ئەتىرنىڭ پۇرىقىغا يا سېسىق پۇراققا ئوخشىمايدىغان بىر خىل پۇراق بۇرنۇمغا ئۇرۇلغاندا ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ ، بېشىم قايغاندەك بولدى . شۇ دەقىقىدە مېنى بىر ياغاچ قۇچاقلاۋاتامدۇ ياكى مەن بىر جانسىز مۇردىنى قۇچاقلاپ تۇردۇممۇ ئۆزۈممۇ بىر نېمە دېيەلمەيتتىم . بىراق ، مىرزىباننى ئىتتىرىۋېتىشكە قادىر ئەمەس ئىدىم ، قۇلاق تۈۋۈمدە  بولسا تۆۋەندىكى ناخشا توختىماي جاراڭلايتتى :                  

يار بىلەن ئىچسەم شاراپ ،  
بىر پىيالە توشمىدى .        
ئالدىراپ بەرگەن كۆڭۈلنىڭ ،
ئەتىۋارى بولمىدى .                           

ئاپتور:كۇچا ناھىيەلىك سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىن :

مەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلىرى
چۈشۈرۈش

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-8 18:42 , Processed in 0.327287 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش