گيوتې شېئىرلىرىدىن
جاسارەت تاش تەرجىمىسى
جۇدالىشىش
ۋەدىنى ئۇنتىماق شۇنچىلىك ئاسان،
قىيىندۇر ئۇنىڭغا قىلىش چىن ۋاپا.
جاھاندا ۋەدىسىز ياشاشنى بىراق
ئىككىمىز ئەزەلدىن كۆرمىدۇق راۋا.
قەدىمىي سېھىرلىك ناخشىدا يەنە
ئارامسىز يۈرەكنى قىلدىڭ بەند - شىكار،
قايتۇرۇپ مۇھەببەت كېمىسىگە ھەم،
ئەيلىدىڭ ھەسسىلەپ خەتەرگە دۇچار.
سەن مەندىن نېمىشقا تۇرىسەن قېچىپ؟
ئالدىمدا بول ئايان، سال ماڭا نەزەر!
ۋەدەڭدىن ۋاقتىدا يېنىۋال، چۈنكى
مەن ھامان سىرىڭدىن تاپارمەن خەۋەر.
قىلدىممەن تېگىشلىك بۇرچىمنى ئادا،
سەن ئەمدى ھەسرەتنى تەرك ئەت تامام.
ئەيىبكە بۇيرۇما، ئايرىلىپ سەندىن،
كۆڭلۈمنى قايتىدىن تاپقۇزاي ئارام.
پادىچىنىڭ ھەسرەتلىك ناخشىسى
ئېگىز تاغ ئۈستىگە چىقىمەن دائىم،
قانچە رەت چىققاننى بىلمەيمەن ئۆزۈم،
تاياققا تايىنىپ تۇرغاندا جىسمىم،
پايانسىز جىلغىغا تاشلىنار كۆزۈم.
مەن ماڭسام پادىغا قوشۇلۇپ گاھى،
كۈچۈكۈم قاراۋۇل بولىدۇ ئاڭا.
چۈشتۈم تاغ ئۈستىدىن پەسكە توساتتىن،
بۇنىڭ ۋەج-سەۋەبى قاراڭغۇ ماڭا.
پاياسىز يايلاقتا ئېچىلىپ گۈللەر
چېچىپتۇ ئەتراپقا گۈلگۈن ھىد-پۇراق.
ئەڭ كۆركەم گۈللەردىن يۇلدۇم نەچچە تال،
كىملەرگە بېرىشنى بىلمەيمەن بىراق.
چېقىنلار چېقىلىپ ياغقاندا يامغۇر،
دەرەخنىڭ ئاستىنى قىلارمەن ماكان.
يىراقتىن كۆرۈنگەن تاقالغان ئىشىك
خىيالىي تۇيغۇدەك بىلىنەر ھامان.
شۇ ئۆينىڭ ئۈستىدە ھەسەن-ھۈسەننىڭ
يارقىن نۇر-زىياسى تۇرماقتا بالقىپ.
لېكىن مەن كۆيگەن قىز كەتكەن يىراققا،
تاشلاپ ئۆز يۇرتىنى، چېگرىدىن ھالقىپ.
ئېھتىمال،پاياسىز ئوكياندىن ئۆتۈپ،
باسقاندۇ ئەڭ يىراق تۇپراققا قەدەم.
مېڭىڭلار قويلىرىم، بېسىڭلار ئالغا!
قەلبىمنى ئۆرتىدى چەكسىز دەرد-ئەلەم.
كۆز ياشلاردىن تاپاي تەسەللى
شادلىقنىڭ پەيزىگە چۆمۈلدى ھەممە،
نېمىشقا سەن بۇنچە چېكىسەن ئازاب؟
نامايان بولىدۇ يىغلىغانلىقىڭ،
كۆزۈڭگە بىر قېتىم قويسىلا قاراپ.
«يېگانە ياش تۆككەن بولساممۇ بۇرۇن،
ھەسرەتكە تاشلىغاچ مېنى دىل يارام،
كۆزۈمدىن بەھۇزۇر تۆكۈلگەن يېشىم
بېغىشلاپ كۆڭلۈمگە خۇش كەيپ — ئارام.»
چاقىرار خۇشاللىق سېنى، ئەي دوستۇم:
مەرھەمەت، باغرىمدىن ئالساڭچۇ ماكان!
سەن قانداق نەرسەڭدىن قالدىڭ ئايرىلىپ،
ھەممىنى بىرمۇ- بىر ئەيلىگىن بايان.
«بىتەلەي ئادەمنىڭ ھەسرەت - دەردىنى
بىلەتتىڭ قانداقمۇ سېلىپ سۈرەن _ جار؟
ئايرىلىپ قالاتتىم يەنە نېمىدىن
ھېچنەرسە بولمىغان تۇرسا ماڭا يار؟»
سەن تېخى ياش بوغۇن، كۆتۈر روھىڭنى،
پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆتكۈزمە بىكار.
بۇ ياشتا ئادەملەر ئالغا ئىنتىلەر
ئۇرغۇپ تەن - جىسمىدىن جاسارەت - مادار.
«ياق، مەندە يوق ئۇنداق چىدام، ئىنتىلىش،
تۇرار ئۇ يىراقتا، ئاھ، مەندىن قېچىپ.
پايانسىز كۆكتىكى يۇلتۇزغا ئوخشاش
كۆز يەتمەس ئېگىزدە يارقىن نۇر چېچىپ.»
ئادەملەر يۇلتۇزنى ئالالماس يۇلۇپ،
ئۇنىڭ زەر نۇرىدىن زوقلىنار پەقەت.
ھەر قېتىم بۇلۇتسىز كېچە ئاچسا يۈز،
كۆز تاشلار ساماغا شادلىنىپ قەۋەت.
«ساناقسىز كۈندۈزدە مەنمۇ ئاشۇنداق
شادلىنىپ ساماغا تاشلىغان نەزەر.
ھەر ئاخشام يىغلاپ مەن ئالاي زوق- ھۇزۇر،
يىغلاشقا ئىمكان يار بەرسىلا ئەگەر.»