غەزەللەر
ئالىمجان مۇھەممەد ئەلتۈرك
تارىم
گۈل ئۇزارىم،نەۋ باھارىم جەننىتىم تارىم مىنىڭ،
ئىپتىخارىم ھەم ناھارىم ئىززىتىم تارىم مىنىڭ.
ھەر ئوغوز ئىنسانغا باپتۇر زەر قەلەم ئەشيانىسى،
ئۇز ماكانىم،ئانا جانىم،ھۆرمىتىم تارىم مىنىڭ.
ئوت يۈرەكلەر زوق بىلەن تۈزگەن نەزملەر تۇتىيا،
مىھرىبانىم،غەمگۈزارىم سىردىشىم تارىم مىنىڭ.
(قارىڭا بۇ ئەنجۈمەن ئەھلىگە سىز،كىملەر ئۆزى؟)
(1)
جانۇ-جانىم،نەزمىخانىم،شۆھرىتىم تارىم مىنىڭ.
رەستىسى ئەجەم،چاھارگاھ مەشرىپىدە قاينىغان،
قىبلىگاھىم،سەجدىگاھىم،رىغبىتىم تارىم مىنىڭ.
(1)بۇ مىسرا ياسىن زىلالنىڭ.
ئۈن قىياسى
چۈشلىرىم سايە قۇچاقىڭنى ماكان قىلغان زامان،
قاشلىرىڭنىڭ ئەگمىسىدىن چىقتى دەھشەتلىك چايان.
قاتمۇ-قات جىلۋەڭ گىياھقا چاچرىتار ئۇچقۇن ئەبەد،
ئۆلدى چىھرىڭ ئاپتىپىدا تاغدىكى شاھى يىلان.
تۈن چىلار ئەبجەش شارابىڭغا ۋىسالنىڭ شامىدا،
قاردا ئۈششۈتكەن چىقىنلار زۇلمىتى سۇنغان بايان.
نازلىنۇر مەنزىل نىگاھىڭدا جەزب ئاتماق بىلەن،
ھالقىغان ئۈنلەر قىياسىدا ئۆچۆپ كەتتى زۇۋان.
قان يۇتار سۈبھى پىراقىڭدا قۇياشنىڭ سۆلكىتى،
يوق سۈزۈك جۈرئەت ئاۋازىمدا كۆيەر بەرگى خازان.
بولدى قەبرىستان مۇقەددەس يار سىنىڭ ئىزنالىرىڭ،
بۇ تىزىملىكتە ئەشەددى ئۆلگىنىم بولدى ئايان.
مىس قەدەھنى ئال قولوڭغا ئىچكىلى ئوغلان كىلۇر،
چاقنىغان سۆھبەتلىرىڭدە قالمىسۇن مەندە
گۇمان.
بەش ئاناسىر ئۆرتىشىڭدە قىلدى غەليان جان تالاش،
چىقسا بۇجان،قەتلى قۇربان،بەرسە گەر نورى ئىمان.
دىلبىرىم ئىللىق جامالىڭغا مۇشەررەپ ئەت مىنى،
قاننى كۆيدۈرگەن ئازاپلار تۈن ئارا بولسۇن راۋان.
غەزەلىنى ئۇزۇتۇپ قۇيغىن مىيىڭنى تاڭغىچە،
مەست-كەيىپلىكتە بايانلار،تىنچىغاي كۈللى جاھان.
رىسالەتنامە
يار ئىشىقنىڭ مەشرىپى مەيدە ئىجازەت تاپقۇسى،
لەۋلىرىڭدە ئۇل شاراپ جامى كامالەت تاپقۇسى،
دىلبىرىم كەلسە كەيپتە باغىدىن-بوستانىدىن،
مەن غىرىبنىڭ تەۋسىپى ئۇندا ئىجازەت تاپقۇسى.
ئوتقا ئاتەش نە سەۋەب پىنھانە مەجنۇن ئىلكىدە،
بىر قەدەھ شەمئىڭ بىلەن ۋەسلىم شاپائەت تاپقۇسى.
مەن زەئىپ خۇرشىد سىنەيىڭ رەستىدە دۇمبالىغان،
ئەملىسەڭ سازىڭ بىلەن روھىم شىجائەت تاپقۇسى.
كىرپىكىڭ تىلسىم تىلەكتىن ئالسا چوغ پايخانىنى،
قاينىغان قانىمدا دەل سۆيگۈم ئىبادەت تاپقۇسى،
مەن ئەمەس تۈن پەسلىدە نەيرەڭ چۇقان ئويناتقىنى،
چۆللىرىم نازۇك چىنەڭدە شەرپى ئىتائەت تاپقۇسى.
تۇتسا لەۋلەر ئارا جانى غىرىبقا بىر قەدەھ،
رەستىدە سۇنغاي ئازاپ،پايەم قانەت تاپقۇسى.
بولمىغاي ھالىڭغا پەر ئەينەكتىكى سايە تۇمان،
تاۋلىنىپ زەۋقىڭدە ئوت ئەركىم بالاغەت تاپقۇسى.
نەزمىلەر دەۋرەشتە ھال،ياغدۇرۇپ مىڭ بىر سۇئال،
تەلقىنى تۇتقۇن قەلەم سەندە پاساھەت تاپقۇسى.
قىسمىتى رەزگىگە يەم ئەيلەنسە چولپان تاڭدىكى،
ئاغدۇرۇپ روھنى قۇيۇن بەرقىم رىيازەت تاپقۇسى.
رەڭلىرى توزغاي ئىتەكتە سىلكىنىپ سۇنسا سەدەپ،
ئارىغا ئالغاي سۈكۈت،چۈشلەر قاباھەت تاپقۇسى
قامچىنى ئويناتسا يار گۈلگۈن شەپەقلەر تەختىدە،
لالىزارىم ۋەھشىتى ئۆرلەپ نادامەت تاپقۇسى.
شەرتلىرىڭدە پۈتسە غەليان يىزىلار قاندىن بايان،
بۇ تىزىملىكتە ماڭا ئالەم قىيامەت تاپقۇسى.
ئەي غەزەلى كەلمىدى گۈلدەك رىسالەت مەشۇغۇڭ،
چىن ئەقىدە خاھىشىڭ شۇنداق رىسالەت تاپقۇسى.
ئوت نىگاھ
ساقى قۇيغىن ئۇل ئىشىقنىڭ جامىنى جانان ئىچۇر،
قاشلىرىڭنىڭ ئەگمىسىدىن بىر يۇتۇم ھىجران ئىچۇر.
ئوينىسا ئوتلۇق چىچىڭنى سىلكىتىپ ئەركى شامال.
مەينى خىلۋەت پەردىسىدىن ھالقىغان مەردان ئىچۇر.
پەرلىگەي سۇنغان قەدەھنى شولىسى ياپقان شاراب،
كۆكسىگە ئىسمىڭ يىزىلغان بىرلا تاق ئاسمان ئىچۇر.
كەتتى ئوتلۇق رەستىسىگە قالدۇرۇپ تارنى پىراق،
جۇت زامانلار قىرغىقىدا مىسلىسىز بوران ئىچۇر.
قات تۇمانلاردىن ھاۋانى ئايرىغان ياڭراق نىشان،
تامچىلات شەربەتنى نازۇك گۈلچىمەن-رەيھان ئىچۇر.
بىر مۇقەددەس رەڭ ئىزىدىن تاۋلىنىپ يانغان چىراق-
نۇرىدا ئەييام ناۋاسى كىشنىگەن رىزۋان ئىچۇر.
سۈركىلىپ ئۆتكەن نىگاھىڭنى مانان دەيمۇ بۈگۈن؟
شۇ سەۋەبلىك كىرپىكىڭدە كىشنىگەن پەرمان ئىچۇر.
قاينىغان
مەشرەپلىرىڭدە ياندى دەۋرەپ چوغ راۋان،
لەۋلىرىڭ قويغان ئەلەمنى جان ئارا جانان ئىچۇر.
تۈن گۇۋاھ ئەۋجى شارابىڭ تەھسىنىگە ھەر زامان،
لالىزارىڭدا قاراقى توزىغان غەمخان ئىچۇر.
ئىھ،غەزەلى چىقتى ئۆلپەت پەنجىمىگە غارىدىن،
ئەمدى ھىجران مەيلىرىنى يار بىلەن پىنھان ئىچۇر.