ئالىمجان مۇھەممەت ئەلتۈرك
يالقۇن تاغ ناخشىسى
شەھەر-سەھرالىرىڭ قايدا كۆرۆپ باققۇممۇ بار تۇرپان
بىغىڭدىن مەي-ئۈزۇملەرنى ئۈزۈپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
ئۈنى زۆھرەنى ئويغاتقان شاھانە تاغلىرىڭ نەدە؟
توپا-تۇپراقىنى تامشىپ شۈمۈپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
ئوتى تاھىرنى كۆيدۈرگەن ئىشىق يالقۇنىغا شۇڭغۇپ،
قوقاسنىڭ دەپتىدە پىنھان كۆيۈپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
ئەزىم دەريالىرىڭ كىشنەپ ئاقارمىش چايقىلىپ زۈمرات،
چۆكۈپ تەكتىگە زەر ھىكمەت سۈزۈپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
لاۋىلداپ توختىماس تۈندە يۈرەكنى يالمىغان بىر ئوت،
پەلەك تەختىڭدە ئەنقادەك ئۈزۈپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
شئېر-ئەشئار بىلەن تاڭدا تويوڭدا نەزمىخانلارغا،
شاراپنىڭ كەيپىدە بەزمە تۈزۈپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
نىگار بۇ ئىشتىياقىمغا ئۈمۈتنى پاسىبان ئەيلەپ،
ئۆيۈمنى باغى-تۇرپانغا چۆرۈپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
ئەقىدە نۇرىغا تولغان بۆيۈك مەردانە كوچاڭدا،
خوتەن شىۋىسىدە سۆزلەپ يۈرۈپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
ناۋازار ئىشقىدا بۇلبۇل،غەزەلى بەزمىگە چۆمسە،
مۇقامنىڭ ئەۋجىدە بىر رەت كۈلۈپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
تۇرپان
سىنىڭ ئەكسىڭنى رەڭلەردە سىزىپ باققۇممۇ بار تۇرپان،
شەرەپ-شانىڭغا بىر
داستان يىزىپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
كۆمۈپ تىلسىمنى باغرىڭغا سۈكۈتكە ئورونۇپ ياتقان،
سىرىڭنى يەتتە ئىقلىمغا ئىچىپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
يانار قەددىڭدە يالقۇن تاغ تالاي دىللارنى چوغ ئەيلەپ،
لىكن مىھرىمدە چوغلارنى قىزىپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
ئوغوزلار ئىشقىدا يانغاچ غەزەلخانلىق ماڭا ھەمرا،
سىنى بۇ ئەركى
ناخشامغا قىتىپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
يۈرەر ئوغلانلىرىڭ مەغرۇر بۇلاق-ئەنھالىرىڭ كۈلسە،
لىۋىڭنىڭ جامىدا زەم-زەم ئىچىپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
بولوپ سەركىسى كارۋاننىڭ سەپەر رىغبىتىنى چاقلاپ،
مەئىېۋا سەلتەنەتىڭنى كىزىپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
ۋىسالنىڭ مەيلىرى ئەسلى شىرىننىڭ جامىدا پۈتمىش،
شىرىن تۇتقان شاراپلارنى تىتىپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
زىبا سۆلكەتتە رام قىلساڭ چاھار باغلارغا فەرھاتنى،
ساڭا ئەھدىمدە گۈلدەستە تىزىپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
غەزەلى ئەيلىسە بىر كۈن دىدارىڭ ۋەسلىگە ھەغيار،
قۇلاققا ياسىمەن-لەيلى قىسىپ باققۇممۇ بار تۇرپان.
تارىم
گۈل ئۇزارىم،نەۋ باھارىم جەننىتىم تارىم مىنىڭ،
ئىپتىخارىم ھەم ناھارىم ئىززىتىم تارىم مىنىڭ.
ھەر ئوغوز ئىنسانغا باپتۇر زەر قەلەم ئەشيانىسى،
ئۇز ماكانىم،ئانا جانىم،ھۆرمىتىم تارىم مىنىڭ.
ئوت قەلەمكەش زوق بىلەن تۈزگەن نەزىملەر تۇتىيا،
مىھرىبانىم،غەمگۈزارىم،سىردىشىم تارىم مىنىڭ.
*(قارىڭا بۇ ئەنجۈمەن ئەھلىگە سىز،كىملەر ئۆزى؟)
جانۇجانىم،نەزمىخانىم،شۆھرىتىم تارىم مىنىڭ.
رەستىسى ئەجەم-چاھارگاھ مەشرىپىدە قاينىغان،
قىبلىگاھىم،سەجدىگاھىم،رىغبىتىم تارىم مىنىڭ.
ــــــــــــــــ
*بۇ مىسرا ياسىن زىلالنىڭ
چۈشۈرۈش