چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 4631|ئىنكاس: 17

كېتەركەن كىشى بىر كۈن(غوجامۇھەممەد قابىز)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
غوجامۇھەممەد قابىز

           كېتەركەن كىشى بىر كۈن

كېتەركەن ھەركىشى بىر كۈن بۇ دۇنيا يۈكىنى تاشلاپ،
ئۇرۇق- تۇققان قېرىنداشنىڭ ئەلەمدە كۆزىنى ياشلاپ.

ئېلىپ ماڭسا ياغاچ ئاتتا شۇ ئان كەلكۈن كېلەر دەۋرەپ،
جىمى يارۇ- بۇرادەرنىڭ يۈرەكى- باغرىنى ئاشلاپ.

رەپىقەڭ ياتقىدەك چەتتە ئەشۇ يەڭلىغ كېتىپ ھۇشتىن،
كۆزىنى ئاچسا "سەن نەدە،" دىبان مەجنۇن كەبى چاچلاپ.

ئۇلۇغ-ئۇششاقلىرىڭ قالمىش دىلىدا مىڭ تۈمەن ھەسرەت،
غېرىپلىقنىڭ كوچاسىدا ياقا يىرتىپ،بېشىن قاشلاپ،

غىرىب قەبرە قاتارىغا، قوشۇلدى  بىر يېڭى قەبرە،
ياتارسەن قايسى ھالەتتە قارا تۇپراقنى باغاشلاپ .

ئىگەم ئىنئام قىلىپ بەرسە ساڭا بېھىشنى گەر ئولۋاق،
پەرىشتە، ھۆرى-غىلمانلار ماڭار ئالدىڭدا يول باشلاپ.

                     
                2009 يىل، 17- ماي

_________________________________

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HOJAKABIZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-12 23:58  




چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-6-14 19:41:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوقۇپ باققان ئىككى مىسرانى ئۆزگەرتىپلا-دە! ماڭا ئاشۇ مىسرالاردا پەدە چاققاندەك بىلىنىپ ئۆزگەرتىپ ئوقۇپ باققان ئىدىم. ھازىر ئوبدانلا چۈشۈپتۇ ۋەزىنگە.


ۋاقتى: 2012-6-27 18:24:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ھەممىمىز كىتىمىز بىركۈن! كىتىشتىن بۇرۇن ھەربىرىمىز ھاياتىمىزنى مول مەنىلەرگە ئىگە قىلىشىمىز كىرەك. كىتىش ئالدىدا مىنىڭ ھاياتىم مول مەزمۇنلار بىلەن بىزەلگەن ،ھاياتىمدىن كىيىنكىلەرگە ئىبرەت ئەمەس بەلكى مىھنەت قالدى دەپ خاتىرجەم كىتەلەيمىز، بىز كەتكەندىن  كىيىن كەينىمىزدىكىلەر سىغىنىش ئىچىدە ئەسلەيدىغان بولسۇن!   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-27 18:26  



ۋاقتى: 2012-7-24 15:17:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىم نىڭ 7-سانىدىكى غەزەللىرى بەك يارىدى ماڭا ئەشۇنداق غەزەللەر نى كۆپرەك يىزىپ تۇرغايلا!


ۋاقتى: 2012-7-24 15:34:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    شۇنداق،ھەممىمىز كېتىمىز.بۇ ئەل مىساقتا جاكارلانغان ئورتاق ھۆكۈمنامە.ئۇنىڭ قەرەلى،ئۆچرەتتىكى ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىلا ئوخشىمايدۇ.كەچۈرۈم ئالغىلى،كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى،بەدەل تۆلەپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.ھممىمىزدە ماڭ دېسە،مانا دەپلا يولغا چىقلايدىغان تەييارلىق ھەر ۋاقىت ھازىرلانغان بولىشى كېرەك...بۇ ئەسەر بىز بىلىدىغان،ئەمما دائىم ئۇنتۇپ قېلىشقا ئاران تۇرىدىغان بىر سىگنالنى بېشارەتلەپتۇ.ئەجرىلىرىگە مېڭلارچە تەھسىن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 15:42  



ۋاقتى: 2012-7-24 23:35:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام غوجا ئاكا! بۇغەزەللىرىمۇ ياخشى چىقىپتۇ.


ۋاقتى: 2012-7-25 19:22:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھاڭغا سىلىپ ئوقۇپ باقتىم ، شۇنداق ياخشى كىلىدىكەن ، يەنە ماۋۇ ناخشا ئىسىمگە كىپ قالدى
ئۆلۈپ كەتتىغۇ  قانچە ئادەملەر، تىرىكلەنى قان - قان يىغلىتىپ .
مۇرادىغا يەتتىمۇ ئىنسان ، تىرىك لىكتە شۈنچە قىلىىپ .
ياش دىمىدى ۋە يا مويسىپىت  ، ئىلىپ كەتتى ئەجەل  تاللىماي ،
قول قۇشتۇرۇپ يىغلاپ قىلىشتۇق ، بۇئۆلۈمگە چارە قىلالماي.
بىر قىلىپ تىكى ئىسىل ئەسەرلەر ، ئىجادىيەتلىرىنى  ئۆينىڭ تۆرىدە  ساقلاۋەمەي  يوللايلى مانداغ ھە ! ئەجىرلىرىق


ۋاقتى: 2012-7-25 19:23:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرلىرىگە كۆپ رەھمەت!  


ۋاقتى: 2012-7-25 19:58:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام غوجا مۇھەممەت ئاكا. بۇ غەزەللىرى مىنى بىر ھازا خىيالغا پاتقۇزدى، ياراتقۇچى بولغان بۈيۈك زات ئۇلۇغ ئاللا
ھەممىمىزنىڭ تىنىنى سالامەت قىلغاي. ھەم كەتكەندە ئېمان بىلەن كەتكىلى نىسىپ قىلغاي،


ۋاقتى: 2012-7-28 02:25:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
...مەن ئۆمرىمدە20 يىلنىڭ ئالدىدا بىر قىتىم بىر روبائىغا مۇزىكا ئىشلەپ باققانتىم. بۇ تىكىسىت ماڭا تولىمۇ ياردى. سىزگە كۆپ تەشەككۈر. شېئىريەت گۇلزارىدىكى خۇشپۇراقلىرىڭىز تىخىمۇ تارىغاي. چامىمنىڭ يىتىشىچە بىر مۇزىكا ئىشلەپ باقاي. بىرىنچى بولۇپ ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرىنى ئالىمەن.


ۋاقتى: 2012-8-7 18:10:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغۇرا دەيسىز ھامان بىر كۈن كېتىمىز شۇنى بىلىمىز ھەم بۇ دۇنياغا تويماي ئۆتىمىز كەتمەيدىگاندەك كۆڭۈلەرگە ئازار بېرىشىمىز.بەك ياخشى يېزىپسىز.ھارمىغايسىز.


ۋاقتى: 2012-8-12 01:44:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ھەر بىر ئوقۇسا بىر ئويغا پاتىدۇ ،توغرا بۇ ھەر بىر ئىنسان قىچىپ قۇتۇلالمايدىغان قىسمەت.


ۋاقتى: 2012-11-26 17:25:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭىمۇ شۇنداق يارىدى ...ھايات داۋاملاشماقتا...! يۈرىكىدە چوغ لاۋۇلداپ تۇرغان شائىرلىرىمىز  تىنىمسىز ھاياتنى يۈكسەك تىل بىلەن ئوبرازلىق شەرىھىلىمەكتە...ھارمىغايسىز...غۇجىمۇھەممەت ئاكا...!


ۋاقتى: 2012-11-29 00:48:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ،كىشى كىتىدۇ بىر كۈنى،بۇنى كىچىكىپ بىلمىگەن سىز -ھە؟


ۋاقتى: 2012-12-12 23:20:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ-ئۇششاقلىرىڭ قالمىش دىلىدا مىڭ تۈمەن ھەسرەت،
غېرىپلىقنىڭ كوچاسىدا ياقا يىرتىپ،بېشىن قاشلاپ،

غىرىب قەبرە قاتارىغا، قوشۇلدى  بىر يەنە قەبرە،
ياتارسەن قايسى ھالەتتە قارا تۇپراقنى باغاشلاپ .

نەقەدەر ياخشى چىققان مىسرالار-ھە!

شۇنداق،قەبرىلەر كۆپىيىدىكەن،بىزلەر ياقا يىرتىپ يىغلاپ قالىدىكەنمىز.




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:43 , Processed in 1.036443 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش