ئاخشامقى ئېلان قىلىش يىغىنىدا Windows 10 ئېلان قىلىندى. ئادەمنى خۇش قىلىدىغان خەۋەر ئاز ئەمەس. قىزىقسىڭىز داۋاملىق كۆرۈڭ!
Windows 10 ئېلان قىلىندى(ھەقسىز)
1، ھەقسىز!
ئېلان قىلىنغان تۇنجى يىلى ھەقسىز! Windows 7, Windows 8.1, Windows Phone 8.1 قاتارلىقلارنى تۇنجى يىلى ھەقسىز نەسر يۇقىرىلاتقىلى بولىدىكەن. Windows 8 دەسلەپتە 248 يۈەن ئېتىبار باھادا سېتىلغان، 98 يۈەن ئېتىبار باھادا نەشرى يۇقىرىلىتىشقا يول قويۇلغان، شۇ قىسقا ۋاقىتلا شۇنداق بولغان. ئوخشاش ئۇسۇلدا، يەنى بىر يىل ئىچىدە كونا رەسمىي نەشرىدىكى سىستېمىنى Windows 10 غا كۆتۈرسىڭىز ھەقسىز دېگەن گەپ.
2، بۇ Windows 10 پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسىلا ئەمەس، ئۇ بىر مۇلازىمەت.
بۇ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇقۇم بولۇپ، بۇ خىل ئۇقۇم ئۇنى تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغۇسى.
3، ئەلالاشتۇرۇلغان Windows 10 ئۈستەل يۈزى
بۇ قېتىملىق ئېلان قىلىش يىغىنىدا يېڭى ئۈستەل يۈزى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى. قارىماققا يېڭىلىق ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئاز ئەمەس.
4. ئاۋازلىق ياردەمچى Cortana
بۇ ئاۋازلىق ياردەمچى ئاخىرى قوشۇلۇپتۇ! خۇش بولىدىغان ئىش جۇمۇ بۇ. Hi, I am Cortan
5، يانفون نۇسخىسى Windows 10
خاتا ئاڭلىمىدىڭىز! دەل Windows 10، يانفون نۇسخىسىمۇ Windows 10 دەپ ئاتىلىدىكەن، بۇ Windows 10نىڭ سۇپا ئاتلىغان ھالقىلىق مەھسۇلات ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
6، تەگمە نۇسخىسىدىكى يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېرغا ئاتالغان Office دېتاللىرى
بۇ Office دېتاللىرى ھازىرقى Windows Phoneدىكى بىلەن پەرق قىلىدۇ، ئەكسىچە ھازىرقى كومپيۇتېر نۇسخىدىكىسى بىلەن ئوخشاش كۆرۈنۈش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، تەگمە نۇسخىسىدىكى يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېرغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇلغان.
7، ئورتاق يۇمشاق دېتال __ كومپيۇتېر، يانفون، تاختا كومپيۇتېردا ئوخشاشلا ئىجرا بولىدۇ.
يۇمشاق دېتال ئورتاق ئىجرا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىدە، ئوخشىمىغان ئەھۋالدا ماسلىشىپ ئىجرا بولىدۇ. بۇ جەريان Continuum ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئوخشاش بىر يۇمشاق دېتال كومپيۇتېرغا مائۇس چېتىلدىمۇ يوق دەپ پەرقلەندۈرۈپ ئىجرا بولالايدىكەن.
8، يىپيېڭى تور كۆرگۈچ Project Spartan
بۇ يىپيېڭى تور كۆرگۈچ بولۇپ، بىر قىسىم ھالقىلىق ئىقتىدارلار قوشۇلغان.
1) كۆرسىتىش ئۈنۈمى جەھەتتىكى ئاساسىي تېخنىكا پەرق قىلىدۇ.
2) تور بەت يۈزىدە تۇرۇپلا يېزىپ OneDrive بوشلۇقىغا چىقىرىش ئىقتىدارى بار.
3) كۆرۈش شەكلى ئىقتىدارى -- بەت يۈزىدىكى ئارتۇقچە جايلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، پەقەت كىتاپ كۆرگەندەك كۆرەلەيسىز.
4) ئاۋازلىق ياردەمچى Cortana قوشۇلغان.
مىكروسوفت تەرەپ بۇ تور كۆرگۈچنىڭ كېڭەيتمە ئىقتىدارى ھەققىدە توختالمىغان. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ تور كۆرگۈچنىڭ IE بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىق ئەمەس.
* بىزگە بىۋاستە باغلىنىشلىق يېڭى ئۆزگىرىشلەر مۇشۇنچىلىككەن، باشقا تەپسىلاتىنى نەق مەيدان تارقىتىش بېتىدىن كۆرۈپ بىلىۋالغايسىلەر. رەھمەت.
باشقا ئۇچۇرلارنى بۇ يەردىن كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ:
http://www.ithome.com/html/win10/125121.htm