گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 0

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىنىڭ ئارخىبى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 10:56:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 101- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىنىڭ مىكرو ئارخىبى


ئۆزى ئويغاق، ئۆزىدىن بەكرەك روھى ئويغاق ئوقۇرمەنلەر ئاسمىنىدا قۇياشتەك پارلاۋاتقان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 1951-يىلى دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 62يىللىق قىش ۋە باھارنى باشتىن ئۆتكۈزدى. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى خەلقئاراغا ۋە دۆلەت ئىچىگە ئاشكارا تارقىتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى باشقۇرىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت تەتقىقات ئورنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش مەركىزى چىقىرىدۇ. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى تۈزۈپ نەشر قىلىدۇ. ئۇ دەسلەپتە « ئاممىۋى مەدەنىيەت» نامىدا ئىچكى قىسىمدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى سەنئەت سارىيى تەرىپىدىن چىقىرىلاتتى. 1985-يىلىدىن باشلاپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» دېگەن نام بىلەن ئاشكارا تارقىتىلىدىغان بولدى. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى «خەلقچىللىق، ئىلمىيلىك، ئاممىبابلىق، ئوقۇشچانلىق» شۇئارى ئاستىدا ئاز لېكىن ساز مۇھەررىرىلەر قوشۇنىنىڭ قان ۋە تەر بەدىلىگە، ئۇيۇشۇشچان، ئاكتىپ، تەشەببۇسكار، ئاقىل ئاپتورلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقىت ۋە ئۇيغاق ئىختىراسى ئەجرىگە، سەگەك، قاتتىق تەلەپلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنپەئەتى ۋە مەدىتى شەرىپىگە  322سان نەشر قىلىندى.
تەھرىراتىمىز «ژۇرنال ئۈچۈن ژۇرنال چىقىرىش» تەك «ئالۋاڭنى ئادا قىلىش»  ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ قىممەتلىك ۋاقتىغا ۋە زېھنىگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى بىلەن ئەسەر تاللاپ، تەھرىرلەپ، نەشر قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇڭا بۇ ژۇرنال ھەر ساھەدىكى ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ قولىغا تەگكەن ھامان ئالدى بىلەن مۇھەررىرلەرنىڭ كامالى ئېھتىرامىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ مۇھەببەت ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن بىر دەستە گۈل، چۆلدە چاڭقىغانلار ئۈچۈن مۇزدەك بىر پىيالە زەم – زەم، تېڭىرقىغانلار ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئىدىيە ۋە ئاڭ سەپىرىدىكى يولۇچىلار ئۈچۈن پەلسەپە، ئەدەبىيات، تارىخ، پسخولوگىيە دەرسخانىسى؛ قەلب جەۋھەرلىرىنى ئىپادىلەيدىغانلار ئۈچۈن تىل ھېكمىتى قامۇسى بولۇشى مۇمكىن، قىسقىسى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»دىن ئىبارەت بۇ تەپەككۇر ئالىمىدە ئاپتور، مۇھەررىر ۋە ئوقۇرمەن ئارىسىدا ئورتاق غايە، ئۇلۇغۋار مەقسەت بار.  62 يىللىق قىش باھار، ياز ۋە كۈز تۇيغۇلىرى ھەممىمىزگە بۇ نۇقتىنى تونۇتتى ۋە تونۇتۇپ كەلمەكتە. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى بۇ ئۇزۇن مۇساپە جەريانىدا كۆپ  قېتىم مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئورۇنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرۇشى ۋە مۇكاپاتلىشى شەرىپىگە ئېرىشتى ــ يەنى «جۇڭگو سەرخىل ژۇرناللار سېپى» دىكى نەشرىي ئەپكار ۋە «شىنجاڭ ژۇرنال مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن نەشرىي ئەپكار... بولۇپ باھالاندى. ئۇ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا يەنىمۇ ئىزدىنىۋاتىدۇ، يېڭى شان - شەرەپلەر چوققىسىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.


خەلقئارالىق ئۆلچەملىك نومۇرى ISSN1008 ____ 6498.
مەملىكەت ئىچىدە بىرلىككە كەلگەن نومۇرى: CN65___1073/I
چەتئەللەرگە تارقىتىش ئورنى: جۇڭگو كىتاب ئىمپورت - ئېكىسپورت ( گۇروھى) باش شىركىتى ئېكىسپورت بۆلۈمى
P.OBOX88,16Gongti East Road,Beijing100020,China
چەتئەللەرگە قارىتا ۋاكالەت نومۇرى: 6498BM ،
مەملىكەت ئىچىدە مۇشتەرى قوبۇل قىلىش پوچتا ۋاكالەت نومۇرى: 58__22
تەھرىرات ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى مەدەنىيەت يولى 28-نۇمۇر  جىڭ يۈەن خىزمەت بىناسى 7-قەۋەت ''شىنجاڭ مەدەنىيتى ''ژۇرنىلى تەھرىر بۈلۈمى پوچتا نومۇرى:830002
地址:乌鲁木齐市文化路28号井源办公大楼7楼“新疆文化”杂志编辑部
ئەسەر قوبۇل قىلىش تور ئادرىسى:bagmatyusup2@Hotmail.com
Tel: (0991) 2856942

سەمىڭىزدە بولسۇنكى، بىزنىڭ بىرلا يەرشارىمىز بار. يەر شارىمىزدا بىرلا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى » مىز بار. ئۇنىڭغا كۆڭۈل كۆزىمىز بىلەن قاراشتەك قىزغىن مۇھەببىتىمىز ۋە ئېغىر مەسئۇلىيىتىمىز بار!       

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:55 , Processed in 0.166750 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش