گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 93|ئىنكاس: 0

ئۆمەر ھەييام ھەققىدە قايتا ئويلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 10:51:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 93- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


ئۆمەر ھەييام ھەققىدە قايتا ئويلىنىش

«ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدا ئىپادىلەنگەن ئىنسانپەرۋەرلىك روھ توغرىسىدا» ناملىق ماقالە ھەققىدە

ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات


          «يازغۇچىلار مۇنبىرى» نىڭ ياش قەلەم سەھىپىسىدە 35 - تەرتىپتە تونۇشتۇرۇلغان ئىلى پىداگۇگىكا ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. ھەقىقەتەنمۇ ئالقىشلاشقا تېگىشلىك تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىۋاتقان بۇ ياش تەتقىقاتچىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىنىڭ تېىخمۇ چۇڭقۇرلىشىشغا ئىچىمدە تىلەكداشلىق بىلدۈردۈم. شۇنداقلا «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدا ئىپادىلەنگەن ئىنسانپەرۋەرلىك روھ توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىنى قايتا قايتا ئوقۇپ، ناھايىتىمۇ چۈشىنىشلىك ۋە قايىل قىلارلىق يېزىلغان مەزكۇر ماقالە ۋە مەزكۇر ماقالىنىڭ «باش پىرسۇناژى» بولغان ئۆمەر ھەييام ھەققىدە كاللامدا بىر قىسىم ئويلار پەيدا بولدى.  گەرچە بۇ ئويلىرىمدا ماقالە مۇئەللىپىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن قىسمەن قارمۇ قارشىلىق بولسىمۇ ماقالە مۇئەللىپى بىلەن ئورتاقلىشىش نىيىتىدە قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
               ئەجنەبىي قەلەمكەش تەرىپىدىن يېزىلغان «سەمەرقەنت» رومانىدا تەسۋىرلەنگەن پاھىشىۋاز ھەم مەيخۇر ئۆمەر ھەييام ئوبرازى بىز بىلىدىغان ئۆمەر ھەييامنى شۇنچىلىك دەرىجىدە خۇنۈكلەشتۈرىۋىتىشىگە قارىماستىن بىزنڭ نەزىرىمىزدىكى ئۆمەر ھەييام يەنىلا پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىدىغان ۋە رۇبائىيلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، شۇنداقلا تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن تۈرلۈك تىمىلاردا تەتقىق قىلىنىدىغان بۈيۈك بىر شەخستۇر. ھالبۇكى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تور ئارلاۋىتىپ ئۆزبېكىستان تور بەتلىرىنىڭ بىرىدە «ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىپ قىلغانمۇ» ناملىق بىر ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ماقالە مۇئەللىپى شەيخ مۇھەممەد سادىق مۇھەممەد يۇسۇف ۋەتەندىشى ئەللامە ئەبۇ نەسىر مۇبەششىر تەرازىي ئىسىملىك بىر ئالىمنىڭ مىلادىيە 1956 – يىلى ئەرەب تىلىدا  يېزىپ تاماملىغان  «كەشفۇللىسام ئەررۇبائىييەتى ئۆمەرۇلھەييام» («ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن پەردىنى ئېچىش») ناملىق كىتابىدا ئۆمەر ھەييام نامىدا كەڭ تارقالغان رۇبائىيلارنىڭ ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەمەسلىكىنى، بەلكى باشقىلا رتەرىپىدىن توقۇلۇپ ئۆمەر ھەييامغا نىسبەت بېرىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازغان. شۇنىڭدەك ئەللامە ئەبۇ نەسىر مۇبەششىر تەرازىي ئۆمەر ھەييام بىلەن زامانداش ياشىغان ئالىملار ۋە شاگىرتى نىزامىي ئارۇزى سەمەرقەندىينىڭ «چاھار ماقالە»، شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبن مەھمۇد شەھرزۇرىينىڭ «نەزھەتۇلئەرۋاھ ۋە رەۋزەتۇلئەفراھ»،  زەھرىددىن بەيھەقىي «ھۇكامائۇل ئىسلام» ناملىق كىتابىدىن دەلىل كەلتۈرۈپ ئۆمەر ھەييامنىڭ ناھايىتىمۇ تەقۋادارلىق بىلەن ياشىغان ھۆرمەتلىك ئىنسان ئىكەنلىكى، فەلەكىيات (ئاسمان ئىلىملىرى)، رىيازىيات (ماتېماتېكا) ۋە تببىي ئىلىملەردە ئۆز زامانىسىنىڭ يېگانە ئالىمى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ھەتتا مەشھۇر ئىنگلىز تارىخچىسى گىبان ۋە نېمىس ئالىمى كارل براكلارنىڭ ئۆمەر ھەييام تۈزگەن «كالىندار» نىڭ ھازىرقى دۇنيادا قوللىنىلىۋاتقان «گىئورگىي كالىندارى» (مىلادىيە كالىندارى) دىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشقان.
         «ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىپ قىلغانمۇ» ناملىق ماقالىدە يەنە ئەللامە ئەبۇ نەسىر مۇبەششىر تەرازىينىڭ ئۆمەر ھەييامغا زامانداش ياشىغان ياكى كېيىنكى كېيىنكى دەۋرلەردە ياشىغان ئالىملاردىن بىرەرسىنىڭ ئۆمەر ھەييامنىڭ شائىر بولغانلىقى، رۇبائىي يازغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات قالدۇرمىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى يازىدۇ. يەنە ئەللامە ئەبۇ نەسىر مۇبەششىر تەرازىي ئۆمەر ھەييامنىڭ «رۇبائىيات» نامىد ائەسەر يازمىغالىقىنى ئۆمەر ھەييام ئۆز دەۋرلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر كىشىلىرىدىن بولغان، پادىشاھلار، ئەمىرلەر، ئۆلۈمالار، فازىللار بىلەن دائىم بىرگە بولغان، ئەگەر ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلىۋاتقان مەيخۇرلۇق ۋە مۇرتەدلىك تەرغىپ قىلىنغان رۇبائىيلارغا ئوخشاش بىرەر نەرسە يازغان بولسا، دەرھال ھەممىگە مەشھۇر بولار ئىدى. ئىسلامغا غەيرەتلىك كىشىلەر بولسا، بۇنى ئېتىبارسىز قالدۇرماستىن، رەددىيە بېرەر ئېدى. ھالبۇكى، ئەرۇزىي سەمەرقەندىي، ئەللامە زەمەخشەرىي، قازى نەسەۋىي، ئىمام ئەبۇ ھەسەن ئەلغەززالىي ۋە خۇسۇسەن، ھۇججەتۇل ئىسلام ئىمام ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد غەززالىيدەك كىشىلەر ئىسلامغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ھەر بىر پىكىرنى قاتتىق تەنقىد ئاستىغا ئېلىشلىرى بىلەن مەشھۇردۇر. شۇنداق بولغانىكەن ئەلۋەتتە ئۇلار ئۆمەر ھەيياممنىڭ بولمىغۇر رۇبائىيلىرىغا قارىتا ئەلۋەتتە تەنقىت قىلاتتى، ھالبۇكى  ئۇلار ئۆمەر ھەييام بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان ۋە ئۇ كىشى ھەققىدە پەقەت ياخشى گەپلەرنى ئېيتىشقانلىقىنى يازغان دېگەن پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،
           «ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىپ قىلغانمۇ» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتۇرى ئەللامە تەرازىي ھەزرەتلىرىنىڭ ئۆمەر ھەييامنىڭ پاكلىقىنى، «رۇبائىيات» ئۇنىڭغا نىسبەتەن تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇنداق بىر دەلىل كەلتۈرگەنلىكىنى يازغان:
          يەنى -1856 يىلى ئىنگلىز شائىرى ئىدۋارد فىتس جەرەلدئۆمەر ھەييام نامىدىكى  يەتمىشچە رۇبائىينى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلغاندىن كېيىن،بۇ رۇبائىيلارھەممىگە مەشھۇر بولۇپ كەتكەن. جەرەلد بۇ تەرجىمەھەققىدە ئۆز ئۇستازى گاۋلغا يازغان مەكتۇبىدا: «مەن بۇ رۇبائىيلارنى ئۆز ئەسلىدەك تەرجىمە قىلمىدىم، بەزى جۇزئىياتلىرىنى ساقلاپ قالغان ھالدا، بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتتىم» دەپ تەكىتلىگەن.
            يەنە ئۆمەر ھەييام نامىدىكى رۇبائىيلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي قوليازمىسىنى نەشر قىلىۋاتقانلارنىڭ تەن ئېلىشىچە، بۇ رۇبائىيلارنىڭ ئۆمەر ھەييامنىڭ ۋاپاتىدىن ئۈچ يۈز ئەللىك يىل كېيىن يېزىلغانلىقىنى ئەللامە تەرازىي ھەزرەتلىرىنىڭ  ئەسلىتىپ ئۆتكەنلىكى «ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىپ قىلغانمۇ» ناملىق ماقالىدە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
      «ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىپ قىلغانمۇ» ناملىق ماقالىدە كەلتۈرۈلگەن دەلىللەرنىڭ بىرىدە ئەللامە تەرازىي ھەزرەتلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن دوكتور ئابدۇللاھ مۇبەششىر تەرازىينىڭ ئېيتىشىچە، ئاتىسى بۇ كىتابنى يېزىشتىن ئاۋۋال قاھىرەدىكى ئىلمىي ئەنجۇمەنلەردىن بىرىدە خۇددى شۇ ماۋزۇدا مۇنازىرە قىلغان. ئۇ كىشى گەپلىرىنى تۈگەتگەندە، ھەممە جىم تۇرىۋەرگەن. چۈنكى، مۇنازىرچىنى قوللايلى دېسە، ئۇ ھازىرغىچە بولغان گەپلەرگە پۈتۈنلەي قارشى گەپلەرنى ئېيتقان. تەنقىد قىلايلى دېسە، ھۈججەتلىرى شۇنچىلىك كۈچلۈككى، ئۇنىڭغا قارشى ئېغىز ئېچىپ بولمايتى. پەقەت باشقا يەردە قىلىنغان ئىككىنچى قىتىملىق مۇنازىرىدىن كېيىنلا، ئەللامە تەرازىينى قوللاشقا باشلىغان ۋە ئۇ كىشىدىن بۇ ھەقتە كىتاب يېزىشنى ئىلتىماس قىلىشقان.
           «ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىپ قىلغانمۇ» ناملىق ماقالىدە يەنە تۆۋەندىكىدەك تەپسىلاتلارمۇ بار:
           ئەللامە تەرازىي كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىشى ئىسلام ئالەمى مەدەنىي ھاياتىدا كاتتا ۋەقەگە ئايلاندى. كۆپچىلىك ئۇ كىشىنى قوللاپ كىتاب، ماقالىلەرنى يازدى. ئىرانلىق مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى ئالىم ئەلى دەشتىي، ئۇستاز سەئىد ئەلئەمۇدىي، ئۇستاز ئەنۋەر جۇندىي، ئۇستاز ئەبدۇللەتىف ئەلجەۋھەرىي ۋە باشقىلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
           بەزى ئالىملار ئەللامە تەرازىينىڭ «كەشفۇللىسام ئەررۇبائىييەت ئۆمەرۇلھەييام» كىتابىنى يېڭى ئەسىردىكى ئىسلامىي ئويغىنىشقا سەۋەب بولغان ئوتتۇز كىتابنىڭ بىرى دەپ ھىسابلايدۇ.
            ئىلمىي تەجربىلەرمۇ ئەللامە تەرازىينى قوللاپ چىقتى. قاھىرەدە چىقىدىغان «ئەلئېھرام» گېزىتىنىڭ يىلى 6-دىكابىر سانىدا: «لوندوندىكى ئۆمەر ھەييام رۇبائىياتى قوليازمىسى ساختا ئىكەن» دېگەن خەۋەرنى باستى. خەۋەردە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنىدۇ: «ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر لوندوندىكى كامبرىج ئۇنۋېرستىتىدا ساقلىنىۋاتقان ‹ئۆمەر ھەييام رۇبائىياتى› دېيىلگەن قوليازمىلار ساختا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ قوليازمىلار -1200يىلى يېزىلغان، دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇ كۆپ يىللاردىن بىرى ئىلمىي ئىزدىنىشلەرگە ئاساس بولغان ئىدى. ئەمدى بولسا، پەقەت يۈز يىل ئاۋۋال يېزىلغانلىقى مەلۇم بولدى. كامبېرىج ئۇنۋېرستىتى بۇ قوليازمىلارنى ئۇلارنى ئىراندىن تاپقان مەرھۇم ئۇستاز ئارتۇر ئەربارتىستىن سېتىۋالغان ئىدى».
             دەرھەقىقەت بۇ خىلدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تولىمۇ كىچىكىپ ۋە ناھايىتىمۇ ئاز ساندا مەلۇم بولىدۇ. شۇنىڭدەك يىرىم ئەسىرنىڭ ئالدىدىكى سوۋىت بولشىۋىكلىرىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە شەكىللەنگەن تەتقىقات مىتۇدى تېخىچە ئۆزگەرگىنى يوق.، خۇش، ئەمدى ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا تولا چاينالغان «ئىنسانپەرۋەرلىك روھ » مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسى قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە ئاپتۇر ئۆمەر ھەييامنىڭ «ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلغۇچى مۇتەپەككۇر›› دىگەن ناملار بىلەن شەرق خەلقلىرى ئارىسىغا تۇنۇلغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۆمەر ھەييامنىڭ «ئىنسان پۈتۈن ئالەمنىڭ جەۋھىرى، كائىناتنىڭ ئىگىسى»،‹‹ئىنسان رېئال تۇرمۇشنى ياراتقۇچى ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولغۇچىدۇر ›› دىگەن نوقتىئىنەزەرنى مەركەز قىلغانلىقىنى ۋە ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىنساننىڭ شەخس ئازادلىقنى، ئىرادە، ئىتىقاد، مېھرى – ۋاپا، ساداقەت ، كۈيۈمچانلىق، مۇھەببەت–نىكاھ ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىدىغان، ئوتتورا ئەسىر جاھالەتلىك دەۋرىدىكى ئەكىسيەتچى دىنىي كۈچلەرگە ۋە دىنىي ئىلاھىيەتچىلىككە قارشى تۇرىدىغان ئىلغار گۇمانىستىك روھ كۆركەم بەدىئىي سۈپەت بىلەن جۇلالىنىپ، ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇغانلىقىنى يازىدۇ.
              ۋە ھالەنكى ئۆمەر ھەييام بۇ يەردە كوممۇنىزم ۋە دىنسىزلىق تەلىماتنىڭ ئاساسچىسى بولغان ماركىس ۋە خىيالى سوتسىيالىزم تەرغىباتچىلىرى بولغان سىمۇس قاتارلىق ھېلىقى ئۈچ ئادەمدىنمۇ ئىلغار تەلىماتنى ياراتقان بولغىيمىتى؟ «ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلغۇچى مۇتەپەككۇر›› نامى بىلەن مەشھۇر بولغان ئۆمەر ھەييام نېمە ئۈچۈن كوممۇنىزىمچىلارنىڭ مەشھۇر تەلىماتلىرىدا تىلغا ئېلىنمىدى؟«ئىنسان پۈتۈن ئالەمنىڭ جەۋھىرى، كائىناتنىڭ ئىگىسى»،‹‹ئىنسان رېئال تۇرمۇشنى ياراتقۇچى ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولغۇچىدۇر ›› دىگەن نوقتىئىنەزەرنى مەركەز قىلغان ئۆمەر ھەييام نېمە ئۈچۈن ئاتىئىزىمچىلارنىڭ پىشىۋاسى قاتارىدا ھۆرمەتلەنمىدى؟ «ئىنسان پۈتۈن ئالەمنىڭ جەۋھىرى» ئىكەنلىكى راست، ئاللاھ ھەقىقەتەنمۇ ئىنساننى پۈتۈن ئالەمنىڭ جەۋھىرى قىلىپ ياراتقان. لېكىن «كائىناتنىڭ ئىگىسى» بولۇش پەقەت ئاللاھقىلا خاس بولغان ھوقۇقتۇر. شۇنىڭدەك ئىنسان رېئال تۇرمۇشتىن  «بەھرىمان بولغۇچىدۇر» كى ھەرگىزمۇ «ئىنسان رېئال تۇرمۇشنى ياراتقۇچى» ئەمەستۇر. بەلكى مۇشۇنداق كۇفرانە خىياللار بىلەن مەشھۇر بولغان ئۆمەر ھەييام ئەلۋەتتە ئاتىئىزىمچىلارنىڭ ئاۋانگارت بايراقچىسى بولۇشى كېرەك ئىدى ۋە ئاتىئىىزم تەلىماتى ماركىس نامى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆمەر ھەييام نامى بىلەن مەشھۇر بولۇشى، ماركىس قاتارلىق ئاتىئىزىمچىلار ئۆمەر ھەييامغا باش قويۇپ تاۋاپ قىلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ يەنە كېلىپ ئىنساننىڭ شەخس ئازادلىقنى، ئىرادە، ئىتىقاد، مېھرى – ۋاپا، ساداقەت ، كۈيۈمچانلىق، مۇھەببەت–نىكاھ ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىدىغان، ئوتتورا ئەسىر جاھالەتلىك دەۋرىدىكى ئەكىسيەتچى دىنىي كۈچلەرگە ۋە دىنىي ئىلاھىيەتچىلىككە قارشى تۇرىدىغان ئىلغار گۇمانىستىك روھ كۆركەم بەدىئىي سۈپەت بىلەن جۇلالىنىپ، ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ دەپ سۈپەتلەنگەن ئۆمەر ھەييام بىزنىڭ كۆز ئالدىمزىدا بۈيۈك بىر كوممۇنىزم تەلىماتچىسى سۈپتىدە نامايان بولىدۇ. لېكىن بىز ئۆمەر ھەييام ياشىغان دەۋرگە تارىخي نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق زىياد بۇنيادوۋنىڭ   1980-يىلى مۇسكىۋادا نەشىر قىلىنغان «ئەخبار ئەددەۋلەتى ئەسسالجۇقىيە» («سالجۇقىي دۆلىتىنىڭ خەۋەرلىرى) ناملىق كىتابىدا سالجۇقىيلار سۇلتانى «مەلىكشاھ زامانىدا مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىئانلار ئادالەتلىك ۋە پاراۋان جەمئىيەتتە ياشىغان ئىدى. ھېچقانداق زۇلۇمغا ئۇچۇرىمىغان» (20- بەت) دەپ ئېنىق خاتىرىلەنگەن. شۇنداقلا نىشاپۇردا نىزامۇلمۈلۈك، زامانىدا غەززالىي، ئۆمەر ھەييام، نىزامىي گەنجىۋىي، ئوبۇلقاسىم كۇشايرىي، مۇئىززىي، فەھائىددىن گۇرگانىي كەبى ئەللامەلەر ياشاپ ئىجاد قىلغانكى ھې بىر ئالىم ئۆز كىتابىدا، جۈملىدىن ئۆمەر ھەيياممۇ ئۆز خاتىرىلىرىدە زۇلۇم ياكى خورلۇقتىن، ئەكسىيەتچى دىنىي كۈچ ياكى دىنىي ئىلاھىيەتچىلىكتىن زارلىغان ئەمەس. ئۇنىڭ تەتۈرىسىچە ھۆججەتۇل ئىسلام (ئىسلامنىڭ ھۆججىتى) نامى بىلەن مەشھۇر بولغان ئىمام مۇھەممەد غەززالىي بىلەن ساۋاقداش ئوقۇغان ۋە بىرگە ئىلمىي پائالىيەتلەرنى جارى قىلدرۇغان ئۆمەر ھەييامنىڭ ئۆزىمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن بىر دىنىي شەخس (زات) ئىدى.
          شۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆمەر ھەييام قانداقتۇر مەنسۇرجان تۇرسۇن ھاياجان بىلەن تىلغا ئالغان «ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلغۇچى مۇتەپەككۇر» ياكى «ئىنسان پۈتۈن ئالەمنىڭ جەۋھىرى، كائىناتنىڭ ئىگىسى»،‹‹ئىنسان رېئال تۇرمۇشنى ياراتقۇچى ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولغۇچىدۇر»  دىگەن نوقتىئىنەزەرنى مەركەز  قىلىپ ئىنساننىڭ شەخس ئازادلىقنى، ئىرادە، ئىتىقاد، مېھرى – ۋاپا، ساداقەت ، كۈيۈمچانلىق، مۇھەببەت–نىكاھ ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىدىغان، ئوتتورا ئەسىر جاھالەتلىك دەۋرىدىكى ئەكىسيەتچى دىنىي كۈچلەرگە ۋە دىنىي ئىلاھىيەتچىلىككە قارشى تۇرىدىغان ئىلغار گۇمانىستىك روھ كۆركەم بەدىئىي سۈپەت بىلەن جۇلالىنىپ، ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇغان «ئىنتىرناستسىئوناللىق روھقا» ئىگە كىشى ئەمەس.
         مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ ماقالىسىنىڭ باشلانمىسىدا يەنە «شائىر ھەييام خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان ئەركىن پىكىرلىك ئىنسانپەرۋەر شائىر. شۇڭا  ئۇ دەۋرىنىڭ بەخىت– سائادىتى ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچىسىى سۈپىتىدە ئوتتورىغا چىقىپ ، فېئوداللىق جەمئىيىتدە جاپا چېكىۋاتقان ۋە ئېزىلىۋاتقان مېھنەتكەش ئەمگەكچىلەرنىڭ جەبر-زۇلۇم ئاسىتدىكى مەنىۋى جاراھەتلىرىگە، ئازاب-ئوقۇبەتلىك تەقدىر- قىسىمەتلىرىگە ئاھ ئۇرىدۇ.  خەلقنىڭ بېشىدا زۇلۇم قېلىچنى ئوينىتىۋاتقان قانخورلارغا قارشى تۇرىدۇ، ئىنسان قۇدىرىتنىڭ بۈيۈكلىكىگە ئىشىنىدۇ، ئىنسان ماھيتىنىڭ مۇكەممە للىكىنى، يۈكسەكلىنى مەدھىيلەپ، ئىنساننىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى ۋە ھايات مەنتىقىلىرى ھەققىدىكى خىتابنى ياڭرىتىدۇ. ئۇنىڭ بىزگە تەقدىم ئەتكەن ئاجايىپ چوڭقۇر پەلسەپىۋى قىممەتكە ۋە يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك روھقا تۇيۇنغان ئۆلمەس رۇبائىيلىرى ئوتتورا ئاسىيا، مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ۋە مىللەتلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرستىپلا قالماي، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە رۇبائىيلارنىڭ ئىدىيىۋى ۋە بەدىئىي قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتمۇ ئىجابىي رول ئوينايدۇ». دېگەن دەبدەبىلىك بايانلارنى ئۇچرىتىمىز. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدا ئۆتكەن نەچچە يۈزلىگەن نامايەندىلەرنىڭ ئورتاق سۈپىتى بولغان بۇ بايانلار بىزنىڭ قارىشىمىزچە  ھەقىقەتەنمۇ بىر توقۇلما ئۆمەر ھەييامنىڭ بۇنداق سوتسىيالىستىك روھقا ئىگە بولۇشى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىدىيولۇگىيەسىگە قەتئىي ماس كەلمايدۇ. ئۆمەر ھەييام ياشىغان دەۋر سالجۇقىيلارنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ۋە ھۆكۈمدارلار ئادالەتلىك بىلەن نام چىقارغان  دەۋر بولۇپ، ئۆمەر ھەييام سالجۇقىيلار ئوردىسى تەمىنلىگەن مۇئاش بىلەن نىشاپۇر مەدرىسىدە ۋە ئۆزى قۇرغان رەسەتخانىدا ئولتۇرۇپ ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانكى، ھەرگىزمۇ مەنسۇرجان تۇرسۇن ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقىدەك «سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب» بىلەن شۇغۇللانغان ئەمەس. ۋەھالەنكى ئۆمەر ھەييام ياشىغان دەۋرگە مەنسۇب بولغان تارخىي ئەسەرلەردىن «تارىخىي تەبەرىي» (مەزكۇر ئەسەر ئەبۇ جەئىفەر جەرىر تەبەرى تەرىپىدىن يېزىلىپ، ئابدۇرۇسۇل بىننى مەۋلانە مۇھەممەد رەھىم تەرىپىدىن پارسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان)، «سالجۇقىيلار تەزكىرىسى» (مەزكۇر تەزكىرە «تارىخىي تەبەرى» نىڭ ئارخىرىغا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، خوجا ئىمام زوھۇرىددىن نىشاپۇرى سۇلتان توغرۇلبەگ دەۋرىدە كىتاپ ھالىتىگە كەلتۈرگەن، ئاخىرىنى ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد بىننى ئىبراھىم تولۇقلاپ يازغان) قاتارلىق ماتېرىياللاردا ئۆمەر ھەييام دەۋرىنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن شىكايەت قىلىنغان بىرەر مەلۇمات ئۇچراتمايمىز. شۇنىڭدەك ئىسلامىيەت ئەللىرىنىڭ ئادالەتسىز دەۋرى تولىمۇ قىسقا بولغان بولۇپ، تارىختىن بۇيان ئىسلام سەلتەنەتىنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن قاقشىغان شىكايەتنامىلەر كۆزگە چىلىقمايدۇ. ئۆمەر ھەييام دەۋرىدە ئۆمەر ھەييام يۇرتىدا تىكلەنگەن سالجۇقىيلار سەلتەنەتىنىڭ ھۆۈمرانلىرى ئادىللىقنى ئۆزلىرىگە مىزان قىلغان بولۇپ شەرىئەتنىڭ سىرتىدا كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش ئومۇمىيۈزلۈك چەكلەنگەن. ئىنسانىي ئەركىنلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى پۈتكۈل ئىسلام ئۈممىتىنىڭ نورمال تۇرمۇش مىزانى ئىدىكى، ھەرگىزمۇ ئىسلام سەلتەنەتى ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان پۇقرالار ئارىسىدىكى بىراۋلار يەنە بىراۋلارنىڭ ئەركىنلىك ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك چاقىرىقىغا مۇھتاج ئەمەس ئىدى. ئۆمەر ھەييامنى فىئۇدال ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، خەقلنى زۇلۇمغا، دىنىي روھانىيلارغا،  ئەكسىيەتچىل دىنىي كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى، دەپ كۆكە كۆتۈرۈش ياكى نىكاھ ئەركىنلىكى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئۇرۇنغان قىلىپ سۈپەتلەش  ئورۇس بولشىۋىكلىرىنىڭ شەرق مۇتەپەككۇرلىرىنى تەتقىق قىلىشىدىكى بىمەنە ئۇرىنىشلىرىنىڭ بىزدىكى يۇقۇندىسى خالاس.
         مەنسۇرجان تۇرسۇن ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك رۇھ ھەققىدە سۆز باشلاشتىن ئۆمەر ھەييامغا مۇنداق باھا بەرگە:
       ئۆمەر ھەييام يالقۇنلۇق ئىسيانكار شائىر. ئۇنىڭ قەلىمىدىن پۈتۈلگەن مۇنەۋۋەر رۇبائىيلىرىدا ئىلاھىيەتنىڭ قالاق مەنىۋى كىشەنلىرىنىڭ خەلقنى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چۈشەپ قويغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپ، زالىملار نىڭ زۇلۇمغا تولغان ئادالەتسىز ئالەمگە، خەلقنىڭ بېشىدا تەتۈر چۆرگىلىگەن مۇدھىش پەلەككە، زۇلمەتلىك دەۋرانغا، دىنىي خۇراپاتلىققا، مەۋھۈم ساماۋى كۈچكە قارشى ئىسيانكارلىق ئوتىنىياقىدۇ
         ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى سىياسىي لىرىكا سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە شائىرنىڭ ئىدىيەسىگە ئىسيانكارلىق تۇغىنى تىكلەش نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ ئۆمەر ھەييام پۈتكۈل ئۆمرىدە ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىش ۋ شۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن شۇغۇللانغان تۇرۇقلۇق سالجۇىيلار سۇلتانى توغرۇلبەگ، جالالىددىن مەلىكشاھ قاتارلىق ھۆۈكمرانلارنىڭ ئادالەتلىك زامانىدا ياشىغان تۇرۇقلۇق ئىسيانكىرانە شېئىرلىرى بىلەن خەلقنى قارشىلىققا كۈشكۈرتىشى ئەقىلگە سىغامدۇ. ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىلاھىيەتنىڭ قالاق مەنىۋى كىشەنلىرىنىڭ خەلقنى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چۈشەپ قويغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى قاپقارا يالغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ئاتالغۇ ھازىرقى زامان ماركىسزىمچىلىرىنىڭ ئۈزۈندىلىرىدە تالاي قېتىم كۆزگە چىلىقىدىغان بولۇپ، ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ئورنىنى ئالغان سالجۇقىيلار ھاكىمىيىتىدە ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ئىدى ۋەئىسلام دىنىدىن باشقا ئىلاھىيەت مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. مىسىرلىق تارىخچى ئەھمەد ئەمىىن يازغان «ئىسلامىيەتنىڭ ياشلىق دەۋرى»، «ئىسلامىيەتنىڭ سۈبھى دەۋرى»،  ۋە «ئىسلام تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە، شۇنىڭدەك جۇڭگۇ ئالىملىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئىسلام تارىخلىرىدا ئۆمەر ھەييام دەۋرى مەنسۇب بولغان ئابباسىيلار سەلتەنەتى ۋە  سالجۇقىيلار ھاكىمىيىتىنى دۇنيا مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن تەرىپلەيدۇ. كەسكىن ئېيتىشقا بولىدۇكى ھېچكىمنىڭ ئۆمەر ھەييام دەۋرىدە گۈللەنگەن ئىىسلام مەدەنىيەتىنى «ئىلاھىيەتنىڭ قالاق مەنىۋىي كىشەنى»  دەپ سۈپەتلەشكە ھەددىي يوق. يەنە كىلىپ ئۆمەر ھەييامنىڭ شۇنداق بىر مەدەنىيەت گۈللەنگەن ئادالەتلىك بىر زاماندا ياشاپ تۇرۇقلۇق زالىملارنىڭ زۇلۇمغا تولغان ئادالەتسىز ئالەمگە، خەلقنىڭ بېشىدا تەتۈر چۆرگىلىگەن مۇدھىش پەلەككە، زۇلمەتلىك دەۋرانغا  دىنىي خۇراپاتلىققا، مەۋھۈم ساماۋى كۈچكە قارشى ئىسيانكارلىق ئوتىنى يېقىشى ھەرگىزمۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ. بۇ دەبدەبىلىك بايانلار ھەرگىزمۇ ئۆمەر ھەيام دەۋرى ۋە ئۆمەر ھەييامنىڭ ھاياتى پائالىيىتىگە قىلچىلىكمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئېنىقكى كوممۇنىزم ئىنقىلابچىلىرىنىڭ يازمىلىرىدا تولا ئۇچرايدىغان بۇ ھاياجانلىق بايانلار ئۆمەر ھەييام تەتقىقاتىدىكى بىر قاپقارا تۆھمەت خالاس.
مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ تۇنجى بولۇپ مىسال كەلتۈرگەن رۇبائىيسى ۋە ئۇنىڭ تەھلىلىگە قاراپ باقايلى:
                                                               
‹‹بىر جامكى،  ئەيلىمىش ئىختىرا ئەقىل .                                 
قەدىرلەپ شۇ جامغا يۈزنى سۆيدى، بىل....                                 
«پەلەك» نام كوزىچى شۇنداق جام ياساپ،   
ئارقىدىن يەرگە ئۇ، ئۇرىدۇ سىجىل........››
بۇ مىسرالاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، شائىرنىڭ «جام» ،«كوزىچى» ۋە «پەلەك» قاتارلىق ئاجايىپ نەپىس، يارقىن سىموۋللۇق بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق  ئىلاھىي كۈچنىڭ ئاتايىن ئادەم يارىتىپ، ئۇنى ئارزۇلاپ ئىنسانلىق قىيامىغا يەتكۈزگەندىن كېيىن ھالاك قىلغانلىقىنى قاتتىق مەسخىرە ئاسىتىغا ئالىدۇ.
         كۆرىنىپ تۇرۇپتىكى بىز يازمىمىزنىڭ باش قىسمىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك قايسىدۇر دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئۆمەر ھەييام نامىغا توقۇلغان بۇ رۇبائىيدا ھەقىقەتەنمۇ مەنسۇرجان تۇرسۇن تەھلىل قىلغاندەك مەنا چىقىدىغان بولسا، خۇدا ساقلىسۇنكى، ئۆز ۋاقتىدىلا سالجۇقىيلارنىڭ باش ۋەزىرى نىزامۇلمۈلۈك ئۆز نۆكەرلىرىگە ئاللاھنى مەسخىرە قىلىشقا پىتىنغان ئۆمەر ھەييام دېگگن مۇرتەدنى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇغان، ئىمام مۇھەممەد غەززالىي قازىلىق تونىنى كېيىپ ئۆمەر ھەييامنى قىلىچ بىلەن چاناپ ئۆتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلغان ۋە شۇ تۈپەيلى ئۆمەر ھەييام ئىسلام شەرقىدە بۇنچىۋىلا مەشھۇر بولمىغان بولاتتى. لېكىن مەنسۇرجان تۇرسۇن كوممۇنىزىملىق روھ بىلەن بۇ تۆت مىسرا شېئىردىن شۇنداق بىر ئاجايىب مەنالارنى چىقارغانكى، ئەگەر ئۆمەر ھەييام تېرىلىپ كېلىدىغان بولسا مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ ئۆزىگە چاپلىغان بۇ تۆھمەتلەر ئۈچۈن دەۋا قىلغنا بولار ئىدى.
        مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ ئىككىنچى قىتىم مىسال ئالغان رۇبائىيسى ۋە يۈرگۈزگەن تەھلىلى مۇنداق:
‹‹پەلەككە تەڭرىدەك بولسام  ھۆكۈمران ،   
قىلاتتىم پەلەكنى چېقىپ مەن گۇمران،
يېڭدىن شۇنداق بىر دۇنيا  تۈزەتتىم ،
ياخشىلار تىلەككە يىتەتتى، مەنمۇ ھەم  شۇئان.››
يۇقىرىقى رۇبائىيىغا مۇجەسسەملەنگەن پىكىردىن بىز شائىرنىڭ ئادالەتسىز مۇدھىش پەلەكنى بەربات قىلىپ، كەلگۈسىدىكى«ياخشىلار تولۇق مەقسەتكە يەتكۈدەك»بىلىم، ئادالەت ۋە ئەخلاق ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان، خەلق تىنچ ،خاتىرجەم، باياشاد ياشايدىغان، تىنچ- ئاسايىشلىق، بەختىيارلىققا تولغان غايىۋى جەمئىيەتكە ئىنتىلىش ئىستەكلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتورىغا قويالىغانلىقنى كۆرىمىز .
           بۇ رۇبائىيلار ۋە ئۇنىڭ تەھلىلىدىن بىز ماركىس ئوتتۇرىغا قويغان كوممۇنىزم جەمئىيىتىنى كۆرگەندەك بولىمىز. ھەيران قالارلىقى شۇكى ھاكىمىيەتكە ئىسيانكار پوزىتسىيە تۇتقان، خەلقنى ھە دىسىلا فىئودالىزمغا قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن، خەلقنى تىنىچ، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئۆمەر ھەييام ئەجەبا نىزامۇلمۈلۈك تەرىپىدىن «خالىغان مەنسىپىڭىزنى دەڭ، سىزگە بېرىشكە قادىرمىز» دېگەندە ئۆمەر ھەييام «پىقىرغا بىر رەسەتخانا سېلىپ بەرسىڭىز، ئۆمرۈمنى شۇ يەردە تەتقىقات بىلەن ئۆتكۈزسەم» («ساياسەتنامە» گە قارالسۇن) دەپ ئىلتىماس قىلماس ئىدى. ھېچ بولمىغاندا بىرەر شەھەرنىڭ ھاكىملىقىنى سوراپ ئۆز غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشاتتى ياكى ساۋاقدىشى، ئىسمائىلىيە ئىقىمىنىڭ يول باشچىلىرىدىن بولغان ھەسەن سەبباھقا ئوخشاش ئەتراپىغا ئادەم توپلاپ بىرەر ئەمەلىي ھەركەت قىلار ئىدى.
         بىز مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ مىسال ئالغان تۆۋەندىكى رۇبائىيسى ۋە ئۇنىڭ تەھلىلىگە قاراپ باقايلى:
‹‹ئەي پەلەك، ناكەسكە بەردىڭ ئاش ۋە نان،
يەر-زىمىن، تۈگمەن ھەم مۇنچا، ئۆي-ماكان.
ئەڭ ھالال كىشىلەر بۇردا نانغا زار،
ئەخلەتكە ئەرزىمەس بۇنىڭدەك دەۋران.››
‹‹ مەيخانە ئەھلىدۇر ئىنسانىي ئىنسان،
ئۇلاردىن  بىراۋغا  يەتمەيدۇ  زىيان.
مەدرىستىن  چىقىدۇ ھەممە يامانلىق،
قولۇمدىن  كەلسىدى قىلاتتىم ۋەيران.››
شائىرنىڭ رۇبائىيلىرىدا كۆپ تىلغا ئېلىنغان ‹‹مەيخانە ئەھلى››ئۆمۈر جامىنى مەقسەت شارابى بىلەن تولدۇرۇشنى ئىستىگەن كىشىلەر بۇلۇپ، شائىر مۇدھىش زامان ۋە پاجئەلىك دەۋىردىكى ئەقىل ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇرلىرىنى توسقان، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغان نەپسانىيەتچى، ئاچكۆز، مەككار شەيىخلەر نى ، رىياكار، ئالدامچى سوپى- ئىشانلارنى، ھەشەم ئابرويپەرەس باي - بەگلەرنى بارلىق يامانلىقنىڭ مەنبەسى دەپ قاراپ، مەسخىرە نەيزىسىنى ئاتىدۇ. شەيىخ–سوپىلارنىڭ چىكىدىن ئاشقان، يىرگىنىشلىك ئەپتى- بەشىرىسىنى، ئىنسانىي خسىلەتكە يات ساختا ئېتىقاد، نادانلىق، جاھىللىققا، دىنى خۇراپاتلىققا بولغان نارازىلىق-بىزارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا خەلقنى زۇلمەت ۋە زالىملارغا قارشى كۆرەش قىلىشقا، فېئودال مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ زۇلۇم ئىسكەنجىسنى چىقىپ تاشلاپ، ئۆزىنى  مەنىۋى جەھەتتىن ئازاد قىلىشقا  ئىلھاملاندۇرىدۇ.
مەنسۇرجان تۇرسۇن يەنە بىرنەچچە رۇبائىيغا تەھلىل يۈرگۈزگگندىن كېيىن تولىمۇ دەبدەبە بىلەن مۇنداق دەپ يازىدۇ:  جاھالەت تۈتۈنلىرى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن زۇلمەتلىك دەۋرىدە  نادانلىق ، جاھلىق دەستىدىن فېئوداللىق ۋە ئىشانچىلىق جەمئىيەتتە ئەۋج ئېلىپ، بىر خىل ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلانغانىدى، ئالدامچى دىنىي مۇتەئەسسىپ كۈچلەر خەلقنىڭ يىلىكنى شوراپ، مەنىۋى جەھەتتىن كىشەنلەپ، ئۇلارنىڭ گۈزەل ئارزۇ- غايىلىرىنى چەكلەپ قويغانىدى. ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئۆز-ئۆزىگە خوجا بۇلۇش، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ھۇقۇقدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايدىغان شارائىتتا شائىر  ئۆمەر ھەييام ئوتتورا ئەسىرنىڭ دىنى سىياسىي چەكلىمىلىرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ چىقىپ، فېئوداللىق زۇلۇمنىڭ ماھىيتىنى ئېچىپ تاشلايدۇ، مۇھەببەتنىڭ دەرد-ئازابلىرىنى يەتكۈچە تارتقان خەلقنىڭ چىن ئىنسانىي مۇھەببە تكە ئىنتىلىدىغان گۈزەل غايىلىرىنى ئاجايىپ ئوبرازلىق، قايىل قىلارلىق ھالدا ئىزھار قىلىدۇ.
        خوش، ئۆمەر ھەييام ياشىغان دەۋىر  شۇنچىلىك مۇدھىش ۋە پاجىئەلىكمىتى؟ بارلىق يامانلىقنىڭ مەنبەسى نادانلىق ۋە ئىتىقادسىزلىق بولماي تەقۋادار سوپى – ئىشانلار ۋە سىخىي بايلار بولغىيمىتى؟ فىئودال ئىشانچىلىق دېگەن ئاتالغۇغا سىڭگەن غەزەپ – نەپرەت بىلەن ئوتتورا ئەسىرنىڭ دىنى سىياسىي چەكلىمىلىرى دېگەن ئىبارىدىكى مەنتىقىسىزلىقنى قانداق چۈشىنىش كېرەك. گەپنى قىسقارتىپ بىز يەنە ئۆمەر ھەييام دەۋرىدىكى ئىلمىي مۇھىتقا نەزەر سالايلى: 2006 – يىلى تاشكەنتتە نەشىر قىلىنغان غەززالىينىڭ «كىميايى سائادەت» (بەزى مەنبەلەردە «رۇھ ھەقىقىتى» دەپ ئېلىنىدۇ) ئەسىرىنى نەشىرگە تەييارلىغانلار تەرىپىدىن يېزىلغان باينالاردا مۇنداق بىر ھېكايەت ئۇچرايدۇ:
          بىر كۈنى نىزامۇلمۈلكنىڭ دۈشمەنلىرى مەلكشاھقا ئەرز قىلىپ:«ۋەزىر نىزامۇلمۈلك پېقىرلار، سوپىلار ۋە قارىيلارغا ھەر يىلى 300 مىڭ دىنار مەبلەغ سەرپ قىلىدۇ. ئەگەر شۇنچە پۇل سىپاھلارغا بېرىلسە كونىستانتىيە دەرۋازىسى ئاللىقاچان ئېچىلار ئىدى» دېيىشكەن. سۇلتان نىزامۇلمۈلكنى چاقىرىپ :«نېمە گەپ؟» دەپ سورىغاندا، نىزامۇلمۈلك:«ئالەمپاناھ، مېنى قۇل قىلىپ ساتسىڭىز ئۈچ دىنارغىمۇ ئالمايدۇ. ھەق تائالا سىزگە شۇنداق كۆپ بايلىقلار ئاتا قىلىپتۇ. شۇنچە بايلىقلارنى سىزگە ئاتا قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ كىتابىنى يادلاپ، بىزگە يەتكۈزگەن ئۆلىمالار 300 مىڭ دىنارغا ئەرزىمەمدۇ؟ سىزنىڭ ئەڭ ماھىر مەرگىنىڭىز يا ئوقىنى بىر مىلدىن ئاشۇرالمايدۇ. ئەگەر قىلىچ ئۇرسا پەقەت يېنىدا تۇرغان ئادەمگىلا تېگىدۇ. ئەمما مەن ھىلىقى مەبلەغنى شۇنداق لەشكەرگە بېرىمەنكى، بۇلار دۇئا قىلغاندا ئەرش ئالاغا يېتىپ بارىدۇ ۋە بۇ دۇئالارنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يېتىشىگە دۇنيادا ھېچ بىر كۈچ توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن.  سۇلتان مەلىكشاھ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ۋە :«سىز شۇنداق لەشكەرلەرنى كۆپەيتىۋىرىڭ، دۇنيادىكى بارلىق خەزىنىلەرنى سىزنىڭ ئايىغىڭىزغا تاشلايمەن» دېگەن ئىكەن.
       ئۇنداقتا نىزامۈلمۈلۈك تىلغا ئالغان، دۇئايى ئىجابەتكار ئۆلۈمالار كىملەر بولغىيتى!؟ مەنبەلەردىن شۇنى بىلىمىزكى ئىران، ھىندىستان، ئىراق ۋە خۇراساننى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالغان غەزنەۋىيلەر خانلىقى ئاجىزلاشقاندا مەيدانغا چىققان سالجۇقيلار ئەنە شۇ بىپايان ھۇدۇدتا نىسبەتەن تىنچلىق، ئاسايىشلىق ئورناتقان. شۇ دەۋرلەردە يېتىشىپ چىققان نىزامىي گەنجىۋىي، ئەفزەلىدىن خاقانىي، ئۆمەر ھەييام، ئەدىب سابىر تىرمىزىي، رەشىدىدىن ۋەتۋەت، مەھمۇد زەمەخشەرى، فەھائىددىن رازىي، ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد غەززالىي قاتارلىق مۇتەپەككۇر، مۇتەسەۋۋۇپ ئالىملار شەرق مەرىپىتىنى يۈكسەكلىككە كۆتەرگەن.  غەززالىينىڭ ئىنىسى ئەھمەد غەززالىيمۇ بۈيۈك مۇتەسەۋۋۇپلاردىن بولۇپ جالالىدىن رۇمىي ئۇنى پارلاپ تۇرغان يۇلتۇزغا ئوخشاتقان ئىدى. ئەھمەد غەززالىي «سۇلتانۇل تەرىقەت» («تەرىقەتنىڭ سۇلتانى») نامىنى ئالغان بولۇپ ، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئارىسىدا ئەينۇلقۇززات ئەبۇ فەزايىل ھەمەدانىي، شەيخ زىئائۇددىن ئەبۇننەجىب سۇھەۋەردىي، شەيخ روزبىھان مىسىرىي، شەيخ نەجمىددىن كۇبراغا ئوخشىغان ئالىم، مۇتەپەككۇرلار يېتىشىپ چىققان.
         ھالبۇكى ئۆمەر ھەييام بىلەن زامانداش ياشىغان  شۇنداق كاتتا ئۆلۈمالار ۋە مەشھۇر سوپى ئىشان، شەيخلەرنى چىكىدىن ئاشقان، يىرگىنىشلىك ئەپتى- بەشىرىسى  بىلەن ئىنسانىي خسىلەتكە يات ساختا ئېتىقاد، نادانلىق، جاھىللىق، دىنى خۇراپاتلىقنى تەرغىپ قىلغان، فىئۇدال ئىشانلار،ۋەھاكازا... دەپ سۈپەتلەش ھەقىقەتەنمۇ چەكتىن ئاشقانلىق ۋە ئۇ مۆھتەرەم ئەزىزلەرنىڭ پاك روھىناتلىرىغا قارا سۇۋىغانلىق بولماسمۇ؟
       مەنسۇرجان تۇرسۇن دەبدەبىلىك بايانلار ۋە ھاياجانلىق ھېس تۇيغۇلار بىلەن يازغان بۇ دەبدەبىلىك ماقالىسىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەيدۇ:
      خۇلاسىلىغاندا، تەرەققىپەرۋەر، ئىنسانىپەۋرەر شائىر ئۆمەر ھەييام ئىنساننى يالغۇز بىر تەرەپنىلا ئەمەس، بەلكى كۆپ تەرەپلىمە كۆزىتپ، ئىنساننى ئۇلۇغلاش ئىدىيىسنى ئىلگىرىكى ھەر قانداق دەۋرلەردىكىگە ئوخشمايدىغان ئۆزگىچىلىك بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىشكە تىرىشتى، شۇڭا ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىدا ئوتتورىغا قۇيۇلغان ئىلغار خاھىشتكى گۇمانىسىتك قاراشلار ئەينى دەۋرگە نىسبەتەن ئەڭ زور قەيسەرلىك ھەم ئىسيانكارلىق روھىنىڭ پارتىلىشى بۇلۇپلا قالماي ، يەنە بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە كىشىلىرىنىڭ تەبىئەت، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ھادىسىلىرىگە بولغان تەپەككۇرىنى قوزغاپ، گۈزەللىك بىلەن خۈنۈكلۈكنى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىقنى، سەممىيلىك بىلەن ساختىلىقنى گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى ئېنىق ئايرىپ، ئاقكۆڭۈل، سەممىي-ساداقەتمەن، مېھرىبان، ۋاپادار بۇلۇش، جۈملىدىن ئادىمىيلىك خىسلەتلەرنى ئۆزىدە تۇلۇق ھازىرلىغان، ياردەمگە مۇھتاج كىشلەرنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغان، غەمخورلۇق قىلىدىغان، ئىنسانغا– ئىنساندەك مۇئامىلە قىلىدىغان، ھەققىي ئىنساندەك ياشاش تۇيغۇسىنى بەخش ئېتىدۇ، شۇنداقلا كىتاپخان قەلبىنى چوڭقۇر پەلسەپىۋىلىككە تۇيۇنغان ھېكمەت دۇردانلىرى بىلەن بېيىتىپ، كۈچلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك روھنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقى ۋە مۇقەددەسلىكنى تۇلۇق ھېس قىلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ مۇتەپەككۇرانە قەلىمى بىلەن پۈتۈلگەن رۇبائىيلىرى ئەينى دەۋر ئۈچۈن قانچىلىك زۆرۈر بولسا بۈگۈنكى دەۋر ئۈچۈنمۇ شۇنچە ئەھمىيەتلىكتۇر.  
       ھالبۇكى بىز بۇ يازمىمىزدا مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ بۇ ماقالىسىگە قارىتا تەتنقىدىي پوزىتسىيە تۇتقىنىمزىغا ئوخشاش بۇ خۇلاسىنىڭ ئەقلىي ۋە ئىلمىي خۇلاسە ئىكەنلىكىنى رەت قىلىمىز ۋە بىزمۇ ھەم بۇ يازمىمىزنى مۇنداق خۇلاسىلەيمىز:
        ئۆمەر ھەييام ھەرگىزمۇ  خىيالىي سوتسىيالىزمچىلار، كوممۇنىملىق رۇھقا ئىگە سىياسىيۇنلار، ئىنتىرناتسىئۇنالىزملىق ئىنقىلابچىلار، ئاتىئىىزمچى پەيلاسۇپلار، فىئۇدالىزىمغا قارشى تۇرىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر  ۋە  سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدىكى بۈيۈك نەزەرىيەچىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىدىيەدىكى كىشى ئەمەس. ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى چەتئەل مەنبەلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئۆمەر ھەييام ھەققىدە ئاندىن ھەققانىي قەلەم تەۋرەتكىلى بولىدۇ. بىز ئۇچراتقان ئۆمەر ھەييام ھەققىدىكى چەتئەلدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى بىر ئويدۇرما بولۇپ بۇ ئويدۇرمىغا ئىشتىراك قىلغان ئەجنەبىيلەرمۇ بۇنى تەن ئالغان. شۇنىڭدەك مىسىر، ئىرنا قاتارلىق جايلاردا ئىلمىي تەتقىقاتلار رويابقا چىقىپ ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ساختىلىشىش جەريانى ئاشكارىلانغان (مەسىلەن«ئەلئىھرام» گېزىتى). بىز ئۆمەر ھەييام ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى ھازىرقى زامانىمزىدىكى سوتسىيالىستىك روھ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆمەر ھەييام دەۋرىدىكى روھ بىلەن تەتقىق قىلىشىمىز، سوۋىت بولشىۋىكلىرى بىكىتىپ بەرگەن ئەندىزىدىكى شەرق مۇتەپەككۇرلىرىغا بەرگەن قىلىپلاشقان باھالارغا تەنقىدىي نەزەردە قارىشىمىز كېرەك. شۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلغاندا خۇسۇسەن، مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ ئۆمەر ھەييام توغرىسىدىكى بۇ تەتقىقاتىنىڭ ئىلمىي قىممىتى تولىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. چۈنكى مەمسۇرجان تۇرسۇننىڭ بۇ ماقالىسىدىكى تەھلىللەرنى ئۆزگەرتمەي ۋە ماۋزۇدىكى «ئۆمەر ھەييام» دېگەن ئىسىمغا ئىبنى سىنا، مىرزا ئابدۇقادىر بىدىل، پەرىدىدىن ئەتتار، ئابدۇللا ئەنسارىي، ئەلىشىر نەۋايى قاتارلىقلارنىنىڭ نامىنى ۋە شۇلارنىڭ رۇبائىيلىرىنى ئالماشتۇرۇپلا يەنە تالايلىغان ماقالىلەرنى قۇراشتۇرۇش مۇمكىن.
مەنبە:يازغۇچىلار مۇنبىرى

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:52 , Processed in 0.254785 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش