گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 131|ئىنكاس: 0

ياڭاقنىڭ شىپالىق رولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

155

تېما

1

دوست

1949

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

تەكلىپلىك يازغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 17:39:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 131- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


ياڭاقنىڭ شىپالىق رولى

ئۆسۈش ئورنى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئائىلدىمۇ تەشتەك بىلەن ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. دورىلىق ئۈچۈن مېغىزى، پاسىلى، كۆك پوستى ۋە يۇمران نوتا شاخلىرى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىيتى: مېغىزىنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىيتى ئىسسىققا مايىل، زەھەرسىز، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى قورۇپ، ئۈچەينى نەملەشتۈرۈش رولىغا ئىگە.

ئىشلىتىلىشى: بەدەن ئاجىزلىققا، سوزۇلما خاراكتىرلىك كاناي ياللۇغىغا، يۆتىلىپ دىمى سىقىلىشقا، قەۋزىيەتكە، ياڭاق مېغىزىدىن تۆت سەر، تاتلىق ئۆرۈك مېغىزىدىن بىر سەر ئېلىپ، سوقۇپ خىمىردەك قىلىپ، بۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ۋە خام زەنجىۋىل سۈيى قوشۇپ، تەكشى ئېزىپ كۈنىگە ئۈچ مىسقالدىن بەش مىسقالغىچە ئۇخلاش ئالدىدا يىيىلىدۇ.

ئاشقازان يارىسى ئۈچۈن: كۆيدۈرۈپ پىشۇرۇلغان ياڭاق يۈز دانە، قارا شىكەر ۋە ئاق شىكەرنىڭ ھەر بىرىدىن تۆت مىسقال، سىرىق موم ئىككى سەر، كۆمۈرلەنگەن چىلاندىن يىگىرمە دانە ئېلىپ سوقۇپ خىمىردەك قىلىپ، كومۇلاچ ياساپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدە بەش مىسقالدىن قايناقسۇ بىلەن ئىچىلىدۇ.

ھەر خىل ئاشقازان ئاغرىشلاردا: ئالتە جىڭ پىشمىغان ياڭاق يەنى 6-،7- ئايلاردا ئۈزۈلگەن ياڭاقنى سوقۇپ ئېزىپ، ئون جىڭ ئاتمىش پىرسەنتىلىك ئاق ھاراققا بىر ئاي ئەتراپىدا چىلاپ قويۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ھەر قىتىمدا ئوندىن ئونبەش مىللىلىتىر ئىچىلىدۇ.

قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە ئاشقازان راكى ئۈچۈن: ياڭاق شىخىدىن يېرىم جىڭ، توخو تۇخۇمىدىن ئالتە دانە ئېلىپ، ساپال قاچىدا قاينىتىپ، تۇخۇم چالا پىشقاندا شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ يەنە داۋاملىق پىشۇرۇپ، تۇخۇمنىڭ رەڭگى رەسمىي ھالدا جاڭيۇ رەڭگىگە كىرگەندە ئاندىن قاينىتىشنى توختىتىپ يىيىلىدۇ. ئادەتتە كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىردىن تۇخۇمنى ئۇدا يېرىم ئاي يىيىش بىر داۋالاش مۇددىتى بولىدۇ.

توغرى ئۈچەي راكى ئۈچۈن: ئىككى جىڭ ياڭاق شىخىغا بىر لىتىر سۇ قويۇپ، 50 مىللىلىتىر قالغىچە قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىردىن ئىككى مىللىلىتىر ئىچىلىدۇ، ئەگەر يامان تەسىر كۆرسەتسە كۆكماش شورپىسى ئىچىش بىلەن كېسىلىدۇ.

سۈيدۈك يوللىرىغا ياش پەيدا بولۇپ قىلىش كېسىلى ئۈچۈن: ياڭاق مېغىزى ۋە ناۋاتنىڭ ھەر بىرىدىن ئىككى سەردىن ئېلىپ، ئالدى بىلەن ياڭاقنى قورۇپ ئالغاندىن كېيىن، ناۋات قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ بىر قېتىمدىلا يىيىلىدۇ.

باش تەمرەتكىسىدە: ھۆل كۆك ياڭاق پوستىنى سوقۇپ ئۇماچتەك قىلىپ، باشنى ئىسسىق سۇ بىلەن پاكىز يۇغاندىن كىيىن سۈركىلىدۇ.

تەڭگىسىمان تەمرەتكە، نېرۋا خاراكتىرلىك تېرە ياللۇغى، تازلىق كېسىلىدە: ھۆل كۆك ياڭاق پوستى كۈنىگە ئۈچ قېتىم سۈركىلىدۇ

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:50 , Processed in 0.147461 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش