گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 56|ئىنكاس: 0

تارىختىكى بۈگۈن(8-ئاينىڭ 2-كۈنى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

316

تېما

0

دوست

3390

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 13:19:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 56- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


تارىختىكى بۈگۈن(8-ئاينىڭ 2-كۈنى)

1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىراق كۇۋەيتكە ھۇجۇم قىلغان. سادام ھۈسەيىن كۈۋەيتنىڭ نېفىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كۈۋەيتكە ھۇجۇم قىلغان. ئىراق 3350 تانكا، نەچچە ئون تىك ئۇچار ۋە 100 مىڭغا يېقىن ئەسكەر چىقارغان، پۈتكۈل ھەربىي ھەرىكەتكە 10 سائەتمۇ كەتمىگەن. بىرلەشكەن دۆلەت ئىتتىپاقى ئېراقنىڭ شەرتسىز ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

    1984-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە شياڭگاڭ مەسىلىسى توغرىسىدا بىردەكلىككە كەلگەن. شياڭگاڭنىڭ 1997-يىلى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولۇپ، 1982-يىلىدىن باشلاپلا شياڭگاڭ مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىغان.

    1939-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېينىشتىيىن روزۋېلىتقا خەت يازغان. ئېينىشتىيىن بىر قانچە ئالىمنىڭ تەكلىپى بويىچە، ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەدىن بۇرۇن ئاتوم بومبىسىنى چوقۇم ياساپ چىقىشى توغرىسىدا زۇڭتۇڭ روزۋېلىتقا خەت يازغان. 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىك، پەيلاسوپ، ئالبېرت ئېينىشتىيىن 1879-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىيەدىكى يەھۇدىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. 1900-يىلى سۇرىچ فېدىراتسىيە تەبىئىي ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شىۋىتسارىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگەن. 1933-يىلى ناتسېسلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى بىلەن ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ، نەزىرىۋى فىزىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. 1940-يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرگەن. ئېينىشتىيىن 16 ياش ۋاقتىدا سۇرىچ فېدىراتسىيە تەبىئىي ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپىگە ئىمتىھان بەرگەن، بىراق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن. ئۇنىڭ ماتىماتىكا ۋە فىزىكا ئىمتىھان قەغىزىنى كۆرگەن فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ۋېبېر ئەپەندى ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى سەزگەن، ئۇنى ھەقىقەتەن ئەقىللىق بالىكەن، لېكىن ئۇنىڭ بىردىنبىر كەمچىلىكى ئۆزىنى نامايەن قىلىشنى ياقتۇرمايدىكەن دېگەن. ئېينىشتىيىن ماتىماتىكا جەھەتتە ئالاھىدە تالانت ئىگىسى. ئۇ 12 ياشتىن باشلاپ ئانالىز گىئومېتىرىيىسى بىلەن دېففېرىنسىيال-ئىنتېگرالنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ بولغان، ئېينىشتىيىن ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم دەپ قارىلىپ كەلدى. شەك شۈبھىسىزكى ئېينىشتىيىننىڭ مېڭىسى ئىنسانىيەتنىڭ مېڭىسى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى مېڭە. ئامېرىكىلىق بىر مۇخبىر ئېينىشتىيىندىن ئۇنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ سىرىنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق دېگەن: تىرىشىپ خىزمەت قىلىشنى، دەم ئېلىشنى، ئاز گەپنى بىلسىڭىزلا سىزمۇ غەلىبە قىلالايسىز دېگەن. مېنىڭچە ئېينىشتىيىننىڭ بۇ سۆزى ھەممىمىزگە ئەينەك بولالايدۇ.

    تەتقىقاتچىلار بەزى تارىخشۇناسلارنىڭ ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنىڭ بىردىنبىر ئىجادىيەتچىسى ئەمەس دېگەن قارىشىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. خەلقئارا ئىلىم ساھەسى ئېينىشتىيىننىڭ 1916-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى 1905-يىلىدىكى تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان دەپ قارايدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ھالقىلىق يېرى ئەنە شۇ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى فورمىلاسىدا. جىسىمنىڭ ئېنىرگىيەسى-جىسىمنىڭ ماسسىسى بىلەن يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ كۋادراتىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ. ئېينىشتىيىننىڭ بۇ نەزىرىيىسى باشتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان، ھەتتا بەزى داڭلىق فىزىكا ئالىملىرىمۇ بۇ ياشنىڭ ماقالىسىغا گۇمان بىلەن قارىدى. ئەلۋەتتە ئىلىم پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئىلمىي تەجىربىلەر ئېينىشتىيىننىڭ نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئېينىشتىيىن ھەقىقەتەنمۇ 20-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق ئالىم، ئاڭلىشىمچە، ئېينىشتىيىن نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى ئېلان قىلغان چاغدا پۈتۈن دۇنيادا پەقەت بىر قانچە كىشىلا نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنەلىگەن. ھازىرمۇ ئۇنىڭ نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر يەنىلا ئاز. ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزىرىيەسى دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن. ئېنىرگىيە بىلەن جىسىمنىڭ ماسسىسى ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەتنى روشەن ئېنىقلاپ بەرگەن. ئۇنىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى تار مەنىدىكى ۋە كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى نىسبىيلىك پىرىنسىپى بىلەن يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى ئاساس قىلىنغان. ئېينىشتىيىننىڭ قارىشىچە مۇتلەق تىنچ مۇھىت مەۋجۈت ئەمەس ئىكەن. ھەر قانداق ۋاقىت ۋە بوشلۇق ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

    تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسى 1905-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 1915-يىلىدىن بۇرۇن دۇنيادا پەقەت 12 كىشى تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى چۈشىنەتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئېينىشتىيىن بۇ نەزىرىيەنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلىپ ئالىي مەكتەپنىڭ پروفىسورلىقىغا ئىمتىھان بەرگەندە ئۆتەلمىگەن، سەۋەبى ئۇنۋېرسىتېت پروففىسورلىرى ئۇنىڭ نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى كۆرۈپ چۈشىنەلمىگەن. كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىتار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىدىنمۇ بەك چوڭقۇر بولۇپ، نۇرغۇن ئالىملار بىر ئۆمۈر تەتقىق قىلىپمۇ بۇ مەزمۇنلارنى چۈشىنەلمىگەن. ئېينىشتىيىن 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت بىردىن ئون بەش مىنۇت ئۆتكەندە نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى چۈشەنمەك يەنىلا شۇنداق قىيىن بولغان. ئېينىشتىيىن «فوتو ئېلىكتىر ئېففېكتى» توغرىسىدىكى يەنى تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسى ئىلمىي ماقالىسى 1921-يىللىق نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2009-يىلىق نوبىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، نوبىل فوند جەمئىيىتى تارىختا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئىچىدىكى «ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر» ئۈچ كىشىنى سايلاپ چىققان. بۇنىڭ بىرسى دەل ئېنىشتىيىن.

    1922-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تېلىفوننى كەشىپ قىلغان ئالېكساندىر بېل كانادادا ئالەمدىن ئۆتكەن. 1876-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، بېل تېلېفوننى كەشىپ قىلغان. 1878-يىلى بېل تېلېفون شىركىتى قۇرۇلغان. بېل ئەسلى شوتلاندىيەلىك بولۇپ، 1847-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان، 24 يېشىدا ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا پۇقراسى بولغان. 1873-يىلى بوستۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل فىزىئولوگىيە پىروففىسورى بولغان.

    1914-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغان. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 7-ئاينىڭ 30-كۈنى روسىيە ئەسكەر چىقىرىپ، سېربىيەگە ياردەم بەرگەن. 8-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيە روسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 8-ئاينىڭ 4-كۈنى گېرمانىيە بىتەرەپ ئورۇندا تۇرغان بىلگىيەگە باستۇرۇپ كىرگەن. 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى روسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان، 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگلىيە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان.

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 17:03 , Processed in 0.191067 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش