گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 95|ئىنكاس: 0

تۆھپىكارلار تەۋسىپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

436

تېما

3

دوست

5689

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 12:24:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 95- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


تۆھپىكارلار تەۋسىپى

مامۇت زايىت

ھاجى مىرزاھىد كېرىمگە

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، ئەسسالام،
بىلدۈرەي نەزمەمدە سىزگە ئىھتىرام.
ئۆمرىڭىز ئۆتتى جاپا-مېھنەت بىلەن،
قىلدى چال سىزنى قەلەم، بولماي ئارام.
ياشنىدۇق بىللە زامانداش-دوست بولۇپ،
ئەجرىمىز قەلبلەر ئۆيىگە خۇددى شام.
تۆكتىڭىز يېرىم ئەسىر ئىجادقا تەر،
بېغىڭىزدا مېۋىلەر بولدى قىيام.
ھېسسىيات-ھېكمەتكە بايدۇر نەزمىڭىز،
روھىي زوق ئالدى جىمى يۇرت، خەلق-ئاۋام.
كىرگۈزۈپ ئەجدادقا جان رومانىڭىز،
سۇندى ئەلگە مول ئوزۇقلۇق قاچا-جام.
ئاق كۆڭۈللۈك ھەر قاچانلا پەزلىڭىز،
دەيدۇ قەشقەر"تۆھپىكار شائىر بالام!"
سۆيۈنەر زاھىدى سىزدەك دوستىدىن،
ساق بولۇڭ، جۇشقۇن ئىجاد قىلسۇن داۋام...

ئابلىز ئۆمەرگە

ساقمۇ ئالتۇن باشلىرى ئابلىز ئۆمەر،
كەلدى كۆرگۈم، زەپ سېغىندىم شۇ قەدەر.
بىز تونۇشقاندا سەبى نوتا ئىدۇق،
ئۈمىدىمىز خۇددى ئۇ چاغ  نۇرلۇق سەھەر.
ئۆتتى ئوتتۇز يىل يېقىن ھەمدە ئىناق،
بولدى دوستلۇققا بۆشۈك قەشقەر شەھەر.
ئەقلىمىزنى تاۋلىدى يىللار، ئىجاد،
بالىلىق تارىخ بۈگۈن، بولدۇق پەدەر.
بەردىلە ئىلھام، مەدەت، رىغبەت ھامان،
بولدىلا ئۆمرۈم بويى دوست-جانجىگەر.
كۆيۈنۈپ شائىر-ئەدىبلەر ئەجرىگە،
كەلدىلە بېرىپ خەلققە دۇر-گۆھەر.
تەزلىرىدىن كۆپ ئەسەر كۆردى يورۇق،
بولدىلا ئەلدە كېرەملىك-مۆتىۋەر.
ماڭا ئۆرنەك پاك، ئېسىل خىسلەتلىرى،
دىل ئۆيۈمنى يورۇتۇپ تۇرغان قەمەر.
زاھىدى ساقلىق تىلەيدۇ سىلىگە،
نامە يازغايلا ۋاقىت چىقسا ئەگەر...

ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىنگە

ھاجى ئەھمەد، ھۆرمىتىم بولسۇن زاھىر،
سىز كەمتەرى، سەمىمىي، ئاق دىل شائىر.
ئەجىر-ئەزىم بابىدا تۆھپىڭىز چوڭ،
قىلدى تالانت، ئىشچانلىق ئاڭا قادىر.
ھاياتىڭىز سەرگۈزەشت-قىسمەتكە باي،
گاھى دېھقان بولدىڭىز، گاھى كادىر.
ھالقىدىڭىز دەرد-كۈلپەت تاغلىرىدىن،
بولۇپ جاپا ئالدىدا مەرد-باھادىر.
ئۈزدىڭىز پەن-ئىجادنىڭ دەرياسىدا،
نەزم-زۆھرە ئىشقىدا بولۇپ تاھىر.
قۇچار ئىنسان تىرىشسا ھامان نۇسرەت،
ئەسىرىڭىز شۇنچە كۆپ، شۇنچە نادىر.
سالامەتلىك تىلەيدۇ مامۇت سىزگە،
كۆرۈشەرمىز قەشقەردە بۇ يىل ئاخىر...

ئابلا ئەھمىدىگە

ساقمۇ ئابلا ئەھمىدى-ئىشچان بوۋاي،
سالدىمۇ پاختەكلىگە ئايۋان-ساراي؟
ھېلىمۇ يۈرەمدۇ سەيياھتەك كۆچۈپ،
قالسىمۇ چارچاپ، يەنە كۈلگەك چىراي؟
"ساتىراش قىز" ئاشىقى بىر چاغدا ئۇ،
بەلكى بولغاندۇ شۇ قىز ھازىر موماي؟
ئۆتسىمۇ"يىللار"  بوۋاي ياش، ئاڭلىسام،
ئۇ "تۆشۈك مۇنچاق"ئۈچۈن راسلاپتۇ جاي.
بەك ئېسىل، كەمتەر ئەدىب ئۇ-تۆھپىكار،
قەلبى پاكىز ھەم گۈزەل خىسلەتكە باي.
دوست ئىدۇق، زوپمۇ سېغىندىم، كەلمىدى،
مۇنتەزىر بولدۇم يولىغا مەن تالاي.
ئا ئۆمەردىن يوللىدىم بۇ نامىنى،
زاھىدى بەرگەي ئۇ كەلسە كاتتا چاي...

تاھىر تالىپقا

بارمۇ سەن تاھىر قەلەمداش تىنىچ-ئامان؟
چاپمىغانسەن كونا كەسىپ شوخلۇق تامان.
خۇش چىرايىڭ، چاقچىقىڭ-كۈلكەڭ شېئىر،
سېنى شوخ تەربىيىلىگەن ئالتۇن ماكان.
ئاق چېچىڭ ئاپئاق دىلىڭدەك ئاق سېنىڭ،
قوزغىتار يىگىتلىكىڭگە ئۇ گۇمان.
ئەمما دوستلۇق، بەزمىدە سەن ماگما-ئوت،
بارچىمىز سەندىن خۇشال، مەمنۇن ھامان.
سۆزلىرىڭ دانىش بوۋايدەك مەنىدار،
ھەر لىرىكاڭ بىر يىگىتتۇر نەۋ قىران.
نەزمىلەر يازدىڭكى زۆھرە ئىشقىدا،
ئوقۇدا يىغلايدۇ گاھى كۈلگەك جانان.
"خەير ياشلىقىم" بولدى شاھىد سەن ئۈچۈن،
"چۈنكى مەن ئادەم" ساڭا كەلتۈردى شان.
يادىمىزغا كېلىسەن"قەشقەر" دېسەك،
ئانا يۇرتنىڭ بۇلبۇلىسەن خۇش زەبان.
ئىپتىخاردا زاھىدى قەلبى ساڭا،
دوست-زامانداش بولغىنىغا ھەر زامان...

تۇرسۇن نىيازغا

ئامانمۇ سىز ئەزىز دوستۇم تۇرسۇن نىياز،
بولۇپ كەلدۇق ئۇزۇن يىللار سىرداش-ھەمراز.
دەرد-ئەلەمنى بىللە تارتتۇق، بىللە كۈلدۇق،
ئىجادتىمۇ قىلدۇق دائىم بىللە پەرۋاز.
تەر-ئەجرىڭىز سىڭدى"قەشقەر"ژۇرنىلىغا،
بولدىڭىز جىق ھەۋەسكارغا باغۋەن، سەرۋاز.
قولىڭىزدا يېتىلگەنتى ياش بوغۇنلار،
سۆيۈندىڭىز ئەسەرلىرى بولسا كۆپ، ساز،
ئۆزىڭىزغۇ ئاددى-ساددا، تەمكىن، كەمتەر،
يازمىڭىزمۇ ۋەزمىن، تىرەن، يوقتۇر پەرداز.
ياشىدىڭىز ۋىجدان بىلەن، غورۇر بىلەن،
ئەل-ۋەتەننىڭ بۇيرۇقىغا قوشۇپ ئاۋاز.
ساغلاملىق ۋە بەخت تىلەر مامۇت سىزگە،
ئۆمرىڭىزگە ھەمراھ بولسۇن مېۋىلىك ياز...

ئابلەت ئىسمائىلغا

ئەسسالام ئابلەت، ئەقىدەم سىزگە كۆپ،
نەزمىدە شان قۇچتىڭىز ساپ تەر تۆكۈپ.
دەسلىپىلا سىزگە مەن قايىل ئىدىم،
"ساھىبى تالانت!..."نى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ.
ئۆتتى ئالتۇن پەسلىڭىز شاد، مەنىلىك،
ئەل، ئىجاد دەرياسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ.
ئوت يۈرەك، شوخ ئىدىڭىز، نۇرغۇن گۈزەل
دەردتە قالغان بولغىيتى سىزنى كۈتۈپ.
سۆيگۈ، ۋىجداننى ئۇلۇغلاپ دائىما،
كەلدىڭىز رىيا-رەزىللىكنى سۆكۈپ.
شېئىرىيەت، دوستلۇق، پەزىلەت بابىدا،
كەتتىڭىز نەچچە زامانداشتىن ئۆتۈپ.
سىزگە يار بولسۇن سەھەتلىك ھەمدە قۇت،
زاھىدگە قايتۇرۇڭ نامە پۈتۈپ...

تۇرسۇن پازىل ساغانىغا

تۇرسۇن پازىل، ئەمەس سىزگە بۇ ھېكمەت سىر:
ئىنسان ئۈچۈن مىلتىقتىنمۇ قەلەم ئېغىر.
مىلتىق ئاسقان مۈرە تالسا، قەلەم تۇتقان،
قوللار ئەمەس، بولغاي ھەتتا يۈرەك يېغىر.
دەرد-رىيازەت كۆپتۇر قەلەم ساھىبىغا،
ئەل غېمىدە ئۆرتىنىدۇ جىگەر-بېغىر.
"قەشقەر"-سۇلماس باغچىسىدۇر ئەدىبلەرنىڭ،
جەم ئۇنىڭغا نۇر-گۈزەللىك، ھېكمەت-سېھىر.
ئوڭاي ئەمەس بۇ باغچىغا ساھىب بولماق،
باغلىماستىن ئىجادكارغا سۆيگۈ-مېھىر.
كەڭرى سورۇن راسلاپ شائىر-يازغۇچىغا،
خىزمەت قىلىڭ، يىراق بولسۇن سىزدىن كىبىر.
تەر تۆكسىڭىز"قەشقەر"-ئىجاد گۈلزارىغا،
يار بولغۇسى ئۆمرىڭىزگە شەرەب-پەخىر...

مەنبە: قەشقەر ژۇرنىلى 2007-يىللىق 4-سان.
ھازىرقى مەنبە: ئۇيغۇر شېئىرىيەت مۇنبىرى

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:54 , Processed in 0.168829 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش