گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 119|ئىنكاس: 0

شاھ مەشرەپ غەزەللىرىگە تەخمىس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 20:31:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 119- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


شاھ مەشرەپ غەزەللىرىگە تەخمىس
روھزات


بۇ تەخمىسنى مۇنبەردە يوللانغان شاھ مەشرەپ غەزەللىرى ئاساسىدا يېزىپ چىقتىم، بىرىنچى ۋە بەشىنچى مىسرالىرى شاھ مەشرەپ بوۋىمىزغا تەۋە ئارىلىقتىكىلىرى مېنىڭ قوشقانلىرىم، سەمىمىي تەكلىپ پىكىرلەر بولسا ئورتاقلاشساق بولىدۇ.
(1)
مەنىڭ ئاھۇ فىغانىمغە ئوشۇل پەيكى سەبا يىغلار،
قەلبنىڭ قاتىدىن بىر مۇڭ تۆكۈپ مىسلى نىدا يىغلار،
فىراق پۈركۈپ تىلىم كۆيسە زەبانىمدىن سادا يىغلار،
زېمىن تەڭكەش، بولۇپ ئاتەش مەگەر جاندىن جۇدا يىغلار،
تەئەسسۈف ئەيلەبان، باغرى كۆيۈپ شاھۇ گەدا يىغلار.
.
يۈرەكىم پارەسىنى تاڭلا ئاچسام خەلققە كۆرسەتسەم،
ئىچىندە بارۇ-يوقىنى يانا ئۆزىگە سۆزلەتسەم،
فىراق نەكىن فىراق يانغان قارا كۆزلەرگە كۆزلەتسەم،
دەۋاسىنى جامائەتتىن قەبۇل پەرمانى ئىزلەتسەم،
شەفائەت ئەيلەمەستىن ئىلگەرى ئول مۇستەفا يىغلار.
.
مۇسىبەت داستانىدىن ئەگەر دەفتەر ئاچار بولسام،
نە دەفتەر ھەر قۇرى ئىچرە تۈمەن ئۈنچە چاچار بولسام،
تەپەككۇر بابىدىن چىقماي يېزىپ بەتتەر ناچار بولسام،
يەنە مىسرالىرىم بىرلە تۈمەن دەردكە دۇچار بولسام،
ئەبۇ بەكرۇ ئۇمەر ئوسمان، ئەلى ئول مۇرتەزا يىغلار.
.
بۇ دۇنيادا غۇربەتىدىن ھېچ فارىغ بولمادى كۆڭلۈم،
مەگەر فانىيدا بىر مەررە پاراغەت ئالمادى كۆڭلۈم،
فىراق تارتىپ ياراسىدىن تازاسى قالمادى كۆڭلۈم،
ئۆزى تارتىپ ئازابلارنى بىراۋغا سالمادى كۆڭلۈم،
بەيابانلاردا ئاھ ئۇرسام، ھۇسەينى كەربالا يىغلار.
.
ئاشۇنداق تاجۇ تەختنى قويۇپ ئەنۋائى نۇرانى،
ھۈرۈپ كۆز ياشتا ھالىمغە قۇرۇپ كەتسۇن دېگەچ پانىي،
شافائەت ئەيلىگەچ دىلدا ئېرىپ مۇزدەك يۈرەك ھالى،
قويۇپ ئاتەشنى چىن دىلدىن تىلەپ مىڭ مەررە دۇئانى،
سۇلەيمان ھالەتىمغە ئاسەب ئىبنى بەرخىيا يىغلار.
.
ئاشۇ نازۇك ئەدانىڭ ھەجرىگە كىم مۇبتەلا بولسا،
ۋە يا دىلغا ئۇنىڭ ھىجرى بىرەر يالقۇن بەلا بولسا،
نە يالقۇنكى بولۇپ ئاتەش سالار سايە جۇلا بولسا،
فىراقىدا ئۆزىن ئۆرتەپ كېزەركى چۆل دالا بولسا،
سەھەرلەردە نالە ئەيلەب، ئۆرتەنىپ ماتەمسەرا يىغلار.
.
يۈرەكىم دەردىنى ئاچىپ بىرەۋگە كۆرسەتىپ بولماس،
شۇ نازۇك ۋەسلىگە بىر رەت جاپا بىرلە يەتىپ بولماس،
ۋىسالدىن ئۆزگە ھەجرىمگە بىرەر شىفا تەبىب بولماس،
ۋە يا جاننى قويۇپ ياندا جانانلاردىن كەچىپ بولماس،
مەنى بەختى قارانىڭ ھالىغە بەختى قارا يىغلار.
.
سىنەمنى چاك ئەتىپ، گۆردىن كۆتۈرسەم خەستە باشىمنى،
مەشەرگاھتا قۇرۇتقايمۇ پەقەت خۇرشىدلا ياشىمنى،
كۆرەرمەن ئۇچ كەبى بولغان ئازاب يەلكىسى ساچىمنى،
تونالماسمەن ئەجەب بۇندا بىرەر دوستۇ ئاداشىمنى،
كۆيەرلەر مۇئمىنۇ كافىر، ھەمە ۋا ھەسرەتا يىغلار.
.
ھەمە ئاشىقلارىڭ بىرلە تۇرارمەن بىر تەرەف تاڭلا،
كى ئىنسان ۋە جىنۇ بارى يىغىلغاندا تۇرۇپ ئاللاھ،
كۆرەر ئاشىقلارىڭ مەنى كۆرەر ئۆزگىچە بىر تاللا،
ئەزابىمنى بايان ئەيلەي قېنى سەنمۇ تۇرۇپ ئاڭلا،
خۇدا قازى بولۇپ سورسا، بۇ مەشرەپ دادخاھ يىغلار.
(2)
مەلەكسەن يا بەشەر، يا ھۇرۇ غۇلمانسەن، بىلىپ بولماس،
ۋە يا ھۆسنۈڭنى بىر مەررە سېغىنغاندا كۆرۈپ بولماس،
كۆڭۈل كۆزۈڭنى كۆرمەسەم پۇراپ جەننەت ئۆلۈپ بولماس،
ۋە يا سەندەك فىراقلارنى بىراۋلارغا سېلىپ بولماس،
بۇ لۇتفۇ بۇ نەزاكەت بىرلە سەندىن ئايرىلىپ بولماس.
.
ئەجەب بىرەھىم دىلبەرسەن، ئەجەپ شوخى سىتەمگەرسەن،
كۆڭۈل ئوۋلاپ ئۆزۈڭ غەمسىز پەقەت يىگانە دىلبەرسەن،
بويۇڭ سەرۋى، ئۆزۈڭ گۈلرۇخ ھىدى ئىپارۇ ئەنبەرسەن،
قەلب تۆرۈمدە بىرتاللا يورۇپ گوياكى ئەختەرسەن،
چەراغى ھۆسنى رويىڭدىن كۆڭۈلنى جەم قىلىپ بولماس.
.
يۈزۈڭنىڭ ئابتابىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ قالدىم،
نە ھەيرانكى چىقىپ روھىم بولۇپ ئاڭسىز تۇرۇپ قالدىم،
پەقەتلا بىر مەھەل شۇنداق نۇرۇڭدا مەن يورۇپ قالدىم،
لېكىن ئەپسۇس كېتىپ بۇندىن ئۆزۈم يالغۇز سۇلۇپ قالدىم،
فەلەككە قول ئۇزاتىپ شەمسى ئەنۋارنى ئالىپ بولماس.
.
يۈزۈڭ مىسلى قىزىل گۇلدۇر، كۆڭۈل چۈن بۇلبۇلى شەيدا،
قىزىلگۈلنى كۆرۈپ دىلدا تۈمەن ئىلھام بولۇر پەيدا،
تۈمەن مىسرا ئاراسىندا پەقەت قالدىڭ ئۆزۈڭ تەنھا،
مىسال خۇرشىد لەتافەتكە بولۇپ ئاشىق بولۇپ سەۋدا،
بۇ گۇلنىڭ ئىشقىدىن بۇلبۇل چەمەندىن ئايرىلىپ بولماس.
.
كەل، ئەي مەشرەپ، ئەگەر ئاشىق بولۇپسەن، بولماغىل غاپىل،
فىراقىڭغا مەگەر يار ۋەسلىدىن ئۆزگە بولۇر باتىل،
كۆرۈپ تۇردى ئازابىمنى زېمىن ئالەم يەنە قابىل،
بولۇپ ئۆتمەي بىرەر مەررە نىگارنىڭ ھۆسنىگە داخىل،
بۇ غەفلەت ئۇيقۇسىدىن، ئەي يارانلار، ئويغانىپ بولماس.
*****
مەنبە: شاھ مەشرەپ غەزەللىرى ئاساسىدا يېزىلدى

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:50 , Processed in 0.188811 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش