گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 136|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قوناق تائاملىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

316

تېما

0

دوست

3390

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 10:51:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 136- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قوناق تائاملىرى

     ئۇيغۇرلار يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن شانلىق مەدەنىيەتكەئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ياشىغان جۇغراپىيەلىك ئورنى، دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلار ئۆزىگە خاس مول يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇ جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
     ئۇيغۇرلار تارىختا خېلى بۇرۇنلا ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئادىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئاشلىق تۈردىكىيېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جۈملىدىن قوناق تائاملىرىنى ئىستېمال قىلىش ئادىتىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. قوناق ـــ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ئۆسۈملۈك مېيى ۋە ۋىتامىن تۈرىدىكى ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بىر قەدەر مول بولغاچقا، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قاندىكى ماينى پارچىلاپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز قوناق تائاملىرىنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغاندىن باشقا يەنە، ئۇنى مۇھىم دورا ئورنىدىمۇ ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن.
      قوناق ئادەتتە، كۆممىقۇناق ۋە ئاققوناق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنۈش بىلەن بىرگە يەنە، كۆممىقوناق ئاق كۆممىقوناق ۋە سېرىق كۆممىقوناق دەپ ئىككى خىلغائايرىلىدۇ. كۆممىقوناقنىڭ تەبىئىتى سوغۇققا، ئاققوناقنىڭ تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل كېلىدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى قوناق بولسۇن، ئۇنى ئېھتىياجىغا قاراپ، ياغۇنچاق ياكى تۈگمەندە ئېزىپ ئۇن قىلغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل تائاملارنى ئېتىپ يېيىشكە بولىدۇ.
     كۆممىقوناقنىڭ ئۇنىدا بولسا، قوناق نان (زاغرانان)، كۆمەچ (ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان نان)، سوقتا كۆمەچ (قوناق خېمىرىنىڭ ئارىسىغا گۆشلۈك نارىن سېلىپ ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان كۆمەچ)، قوناق قۇيمىقى، قوناق پۆرىسى (قوناق خېمىرىنىڭ ئارىسىغا بېدە كۆكى ياكى باشقا خۇرۇچلارنى سېلىپ، تونۇر ياكى ئوچاققا يېقىپ پىشۇرۇلىدىغان قوناق سامسىسى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ) قاتارلىق نان تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئېتىپ ئىستىمال قىلغاندىن باشقا يەنە،قۇناق يامىسى، ئۇماچ، زاڭ،يوبدان، مۇنەك ياكى چۇرا (گۆش، سەۋزە، بېدە كۆكى، كاۋا قاتارلىقلارنى قىيما قىلىپقوناق خېمىرىدا ئىتىلىدىغان ئاش)، ياما قايناتمىسى (قېتىق سۈزمىسى ياكى خېمىرتۇرۇچ بىلەن قوناق يامىسىدا ئېتىلىدىغان ئاش) قاتارلىق تائاملار قازاندا ئېتىپ يېيىلىدۇ.
      ئاققوناق ئۇنىدا ئاساسلىقى، ئاققۇناق نېنى، سىقماق ئېشى (ئاققوناق ئۇنىنىخېمىر قىلىپ، قول ياكى تۆشۈكچىلەر ئېچىلغان خالتىدا سىقىپ ئېتىلىدىغان بىر خىل ئاش)، ئاققوناق يامىسى، ئاققوناق ئۇمىچى، ئاققوناق كوچىسى (ئاققوناقنى ئۇن قىلماستىن، پۈتۈن پېتى قازانغا سېلىپ، باشقا خۇرۇچلار بىلەن ئېتىلىدىغان ئاش) قاتارلىق ئۆزگىچە تائاملارنى ئېتىپ يىيىشكە بولىدۇ.
      ئەجدادلىرىمىز يۇقىرىقىدەك قوناق تائاملىرىنى ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندىن باشقا يەنە، قوناق تائاملىرىنى سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن.مەسىلەن، ئاشقازىنىنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچار ياكى قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار قوناق ئۇمىچى ئىچىش، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ سوغۇقىئېشىپ كەتكەنلەر تونۇر ياكى ئۇچاقتا پىشۇرۇلغان كۆمەچ تۈرىدىكى تائاملارنى ئىستېمال قىلىش، شورپىغاقوناق نېنىنى چىلاپ ئىچىش، قېتىقنى قوناق نېنىنى بىلەن ئىچىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ تۇرغان. ھەتتا، يېڭى توغۇلغان بوۋاقلارغىمۇ تاماق ھەزىم قىلىشى ياخشى بولۇپ، تېز چوڭ بولىدۇ، دەپ قاراپ، توغۇلۇشى بىلەنلا، قوناق نېنىنى قوينىڭ قۇيرۇق مېيى ياكى ياڭاق، بادام مېغىزى بىلەن قوشۇپ، ئېغىزلاندۇرۇش ئادەتلىرىمىزمۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. قىسقىسى، قوناق تائاملىرى سالامەتلىككە كۆپ تەرەپلىمە پايدىلىق بولغاچقا، بۇرۇنقىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە داۋالىنىش شارائىتى ھازىرقىدەك ياخشى بولمىسىمۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان.

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 17:04 , Processed in 0.188307 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش