گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 2927|ئىنكاس: 0

ئىلىمىزدە ھەر كۈنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

316

تېما

0

دوست

3390

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 10:11:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 2927- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


ئىلىمىزدە ھەر كۈنى

ھەركۈنى 52 مىڭ بوۋاق دۇنياغا كېلىدۇ ، 22 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ ، ھەر كۈندىكى ئاقما نوپۇس 80 مىلىيۇندىن 100 مىليونغىچە بولىدۇ .
ھەر بىر كۈندىكى مالىيە چىقىمى بىلەن چاڭجىياڭ چوڭ كۆۋرۈكىدىن بىرنى ياسىغىلى بولىدۇ .
ئېلىمىز ھەر كۈنى ئىمپورت قىلىشقا تېگىشلىك خام نېفىت 800 مىڭ تۇڭغا يېتىدۇ .
ھەر كۈنى 25 مىڭ ئادەم توي قىلىدۇ .
دىئابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردىن ھەر كۈنى 3000 ى كۆپىيىدۇ .
ھەر كۈنى 2000 دىن كۆپرەك ئادەم تاماكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك بىلەن ئۆلىدۇ ، بۇنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەر.
ھەر كۈنى 13 مىڭ ئادەم ئاستا خاراكتىېرلىك غەيرىي يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ .
ھەر كۈنى ئاز دىگەندە ئىككى ئادەم كىچىك كۆمۇر كانلىردىكى ھادىسە سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىدۇ .
ھاراق ئىچىش ئەۋج ئالغان بولۇپ ، قۇشۇپ ھېسابلىغاندا ، ھەر يىلى شىخۇ كۆلنىڭ سۇ مىقدارى بىلەن تەڭ ھاراق ئىچىلىپ بولىدۇ .
ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئون قىېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ، ئالتە ئادەم ئاپەتتە قازا قىلىدۇ .
ھەر كۈنى تاشيول قاتنىشىدىكى ھادىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەر كۈنى بىر بوئىن يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن بىلەن باراۋەر كېلىدۇ .
ھەر كۈنى ھاجەتخانىلارغا ئىشلىتىدىغان سۇ مىقدارى 14 مىليۇن 400 مىڭ توننىغا يېتىدۇ .
شېنجېندا ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئون توننا يىلان يېيىلىپ بولىدۇ .
تور ئالاقىسى تېز سۈرئەت بىلەن ئومۇملاشقانلىقتىن ،ھەر كۈنى توردا پاراڭلىشىدىغانلارنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئاشىدۇ .
96% ياش ھەر كۈنى 12 پارچە ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللايدۇ ، %86 ياش ھەر كۈنى بەش قېتىم يانفۇن ئۇرىدۇ ، % 74 ياش ھەر كۈنى ئۈچ پارچە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ،  بەش قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۋالىدۇ.
ئېلىمىزدە ھەر يىلى چۆللىشىپ كېتىش كەلتۇرۇپ چىقىردىغان ئىقتىسادىي زىيان 54 مىلىياد يۈەنگە يېتىدۇ ، بۇ 1996 - يىلىدىكى غەربىي شىمالىدىكى بەش ئۆلكىنىڭ مالىيە كىرىمى جۇغلانمىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىگە تەڭ بولۇپ ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى بولىدىغان زىيان 150 مىلىيون يۈەنگە يېتىدۇ .
ھەر كۈنى مەمىلىكەت بويىچە 10 مىلىيون دانە تەنتەربىيە لاتارىيە بېلىتى سېتىلىدۇ دەپ ھېسابلىغاندا ، ھەر كۈنى ئىككى مىليونېر بارلىققا كېلىدۇ .
بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۈندە ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەتتە كارخانا بارلىققا كېلىدۇ ، شاڭخەيدە ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەتتە چەت ئەل كارخانىسى قۇرۇلىدۇ ، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ھەر كۈنى 12 مىڭ كارخانا ۋەيران بولۇپ تاقىلىدۇ ، ھەر يىلى 4 مىلىيون كارخانا سودا - سانائەت ھېسابات تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ .
ئۈچ ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان بالىلار - ئۆسمۈرلەر ئىچىدىن ، ھەر كۈنى ئوغۇللار ئىككى سائەت ، قىزلار 15 سائەت تېلېۋىزۇر كۆرىدۇ .
ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 دانە ماشىنا سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەلگەنلىكتىن جازا ئۇقتۇرشى تاپشۇرۇۋالىدۇ ، ماشىنا ئىگىسى جەرىمانە تۆلەيدۇ .
جۇڭگۇلۇقلاردا چەت ئەلگە چىقىش قىزغىنلىقى يۇقىرى ،پەقەت كانادادا تۇرۇشلۇق جۇڭگو ئەلچىخانىسى ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 دىن 400 گىچە فاكىس تاپشۇرۋالىدۇ ، بىر كۆچمەنلەر ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت سائەتكىچە ۋاقتى تاپشۇرۋالغان فاكىسلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا كېتىدۇ .
شەھەر ئاھالىلىرى ئىچىدە ، ئاياللار ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8 سائەت 40 مىنۇت ئۇخلايدۇ .
ئېلىمىز كارخانچىلىرىنىڭ ھەر كۈنلۇك خىزمىتى بەك ئالدىراش ، زاۋۇت باشلىقى ، دىرېكتۇرلار ئىچىدە ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 سائەتتىن يۇقىرى ئىشلەيدىغانلار % 20 تىن ئاشىدۇ .
ئېلىمىزدە ھەر كۈنى 2 مىلىيون 400 مىڭ قىتىم يىغىن ئېچىلىدۇ ، پۈتۈن مەمىلىكەتتە ھەر يىلى يىغىن خىراجىتى ئۈچۈن 3 مىلياد 500 مىلىيون يۈەن كېتىدۇ . بىر ئورۇننىڭ رەھبىرنىڭ بىر يىلدا % 80 خىزمەت ۋاقتى يىغىن بىلەن ئۆتىدۇ .
خىزمىتى ئالدىراش كىشلەرنىڭ ئېرى ( ئايالى ) بىلەن ياكى <<مۇھىم شەخىسلەر بىلەن بولغان ئەھمىيەتلىك ئۇچىرشىش >> ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى مىنۇتتىن تۆۋەن بولىدۇ . ئۇلارنىڭ باللىرى بىلەن بولغان ئەھمىيەتلىك ئۇچرشىشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 30 سېكۇنىتتىن تۆۋەن بولىدۇ .
ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ كۈندىلىك تېلېفۇن ئالاقىسى 550 مىڭ قېتىم بولۇپ ، تەيۋەن رايۇننىڭ سىرتقى تېلېفۇن ئالاقىسىنىڭ ئوندىن ئۈچ قىسىمىنى ئىگەللەيدۇ . ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ پوچتا يوللانمىللىرى ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 38 مىڭ پارچە بولۇپ ، داۋاملىق ئۆرلەش ۋەزىيتىنى ساقلىماقتا .
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسنىڭ دۇڭۋەن رايۇندا ماشىنا ھەيدەيدىغانلار شىددەت بىلەن كۆپەيگەن بولۇپ ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 ماشىنا نوپۇسقا ئېلىندۇ . ئەڭ كۆپ بولغاندا 413 ماشىنا نوپۇسقا كىرگەن بولۇپ ، بۇ يىللىق رېكورت يېڭلانغان .
ئېلىمىزدە ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۋادرات كىلۇمىتىر زېمىندا 692 كىلۇگىرام ئەخلەت ئىشلەپچىقىرىدۇ . پەقەت بېيجىڭدىلا ھەر كۈنلۇكى چىقىردىغان ئەخلەت 10 مىڭ توننىدىن ئىشىپ كىتىدۇ .
ھەر كۈنى 40 مىلىيون ئادەم بار كۈچى بىلەن قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرىدۇ .
ئېلىمىزنىڭ چاڭجاڭ دەرياسى بۇلغاندى . خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېقىن مىقدارى ئازلاپ كەتتى . بىراق ھەر كۈنى چاڭجاڭ دەرياسىغا قويۇپ بىرىلدىغان پاسكىنا سۇ 18 مىلىيون توننىغا يىتىدۇ .
دۆ لىتىمىزنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىدىغان ۋاقىت ئازايماقتا . بىراق ، ئاياللار ئۆي ئىشلىرىنىڭ ئاساسلىق ئۈستىگە ئالغۇچىللىرى بولۇشتەك ۋەزىيەت يەنىلا ئۆزگەرمىدى .ئاياللار ھەر كۈنى ئائىلە ئىشلىرى ئۈچۈن سەرىپ قىلدىغان ۋاقىت ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 401 سائەت بولۇپ ئەرلەردىن 27 سائەت يۇقىرى ئىكەن.
ھەر كۈنى قىممەتلىك <<دۆلەت گۆھىرى >> بولغان تىبەت بۆكىندىن تەخمىنەن 15 تۇياق ئوۋلىۋېلىنىدۇ .

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:52 , Processed in 0.147289 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش