گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 237|ئىنكاس: 2

پوشكىن شېئىرلىرىدىن(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

436

تېما

3

دوست

5689

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 09:32:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 237- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


پوشكىن شېئىرلىرىدىن
ئاپتۇرى: ئا. س پوشكىن (روسىيە)

گۈزۈلىم، ئېيتمىغىن ئەمدى ئالدىمدا...

گۈزۈلۈم، ئېيتمىغىن ئەمدى ئالدىمدا،
دەرتلىك ئۇ گىروزىيە ناخشىلىرىنى.
سېپ قويار ئېسىمگە ئاشۇ ناخشىلار،
باشقا بىر ھايات ۋە يىراق دالىنى.

تەنلەرنى تىترىتەر ئاشۇ ئاھاڭلار،
سېپ قويار ئېسىمگە تەكرار ۋە تەكرار؛
شۇ يايلاق، شۇ كېچە، ئاي نۇرى ئارا
بىچارە بىر قىزنىڭ چېھرىن بىقارار...

كۆرگەندە مەن سېنى، يوقتى ئېسىمدە،
سۆيۈملۈك ئۈل قىسمەت ئىز‏‏- كۆلەڭگۈسى.
بىراق سەن ئەمدىلا باشلىغان ھامان،
بىر بىرلەپ ئالدىمدىن ئۆتتى ھەممىسى.

گۈزۈلۈم ئېيتمىغىن قايتا ئالدىمدا،
دەرتلىك ئۇ گىروزىيە ناخشىلىرىنى.
سېپ قويار ئېسىمگە ئاشۇ ناخشىلار،
باشقا بىر ھايات ۋە يىراق دالىنى.

كانوپۇس

مەن ئەمدى ئەمەسمەن ئۇ قىزغىن ئاشىق،
ئاق سوڭەك ئىلىگە بولغان يارۇ-يار.
شۇ يارقىن باھارىم، چىرايلىق يازىم،
يوقالدى مەڭگۈگە، ئىزناسىز زىنھار.

ئاھ سۆيگۈ ئىلاھى، ياشلار تەڭرىسى،
ساڭا ھەم بىرمەھەل بولغانمەن چاكار.
ياشىسام يەنە بىر ،ياشىسام ئەگەر،
مەن ساڭا بىر ئۆمۈر بولاي مەدىكار.

ناتاشاغا بېغىشلاپ

سولماقتا، سولماقتا گۈزەل ياز پەسلى،
ئېھ، يارقىن بۇ كۈنلەر كەتمەكتە ئۇزاپ.
سوغ تۇمان بىمەھەل يېيىلىپ ھەريان،
قارغايزار ئۈگىدەككە كىرمەكتە شۇتاپ.

تېرىملار، دالىلار تاپ-تاقىر ئەمدى،
شوخ- ئەركە ئېقىنلار مۇزلىغان نىكەم.
بۆككىدە ئورمانلار تۇرار بوزىرىپ،
بەك خۇنىك بىر ھالەت باقسام كۆككە ھەم.

قايدا سەن، ناتاشا- مېنىڭ قوياشىم،
كۆرمىدىم دەپ ئېيتار نىچۈن ھەر ئادەم؟
بىز بىللە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ كۈنلەرنى،
سەن راستىن سېغىنماس بولدۇڭمۇ ئەركەم؟

مەيلى ئۇ سىن چايقاپ تۇرغان كۆل يۈزى،
مەيلى ئۇ خۇشپۇراق پىكوس ئاستىدا،
ھەتتاكى تاڭ سەھەر، ياكى كەچ- زاۋال،
ئۇچۇرىشىپ قالمىدىڭ بىر قېتىم ماڭا.

ئاز قالدى، ئاز قالدى، قىشنىڭ سوغۇقى
ئۆتەر ئاھ، چاتقاللار، دالىلار ئارىلاپ.
ئىس- تۈتەك بىر ئالغان كەپەم ئىچىنى،
ئىللىتار مەش ئوتى كۆيۈپ- لاۋىلداپ.

مەن سېنى تېخىچە كۆرمىدىم بىراق،
قەپەزگە سولانغان قۇشقاچچە ھالىم.
تىنجىق بۇ ئۆي ئىچرە پىنھان ئاھ ئۇرۇپ،
ناتاشا، سەندىدۇر ھەردەم خىيالىم.

ئارمان

ئۆتەر كۈنلەر قۇلۇلە ماڭغان كەبى ئۆمىلەپ،
ئېشىپ بارار ھەر دەقىق ئازاپ، تەشۋىش قەلبىمدە.
شۇ بەخىتسىز سۆيگۈدىن قالغان ئازاپ بۇ ماڭا،
تەشۋىشلەرمۇ بولمىغۇر خام- خىيالدىن ئاھ يەنە.

ياش تۆكۈشنى بىلگەچكە، تاپالايمەن تەسەللى،
چۈمىلەلىگەچ سۈكۈتكە، ئاڭلىمايسەن زارىمنى.
بولغاچ قەلبىم ئۇزاقتىن نادامەتنىڭ تۇتقۇنى،
كۆز يېشىمدىن ئىزدەيمەن قايغۇ، شادلىق- بارىمنى.

ئاھ، ھايات نە بولساڭ بول، يىمەيمەن بەس ئازىڭنى،
خام- خىياللار بولمىغۇر، زۇلمەت ئارا ئال ماكان.
مۇھەببەتنىڭ جەبرىسى تېپىلماستۇر مەن ئۈچۈن،
ئۆلسەم ئەگەر ئۆلەيمەن سۆيگۈ ئۈچۈن بېرىپ جان.

شادلىق

ئېچىلماي تۇرۇپلا ھايات گۈلىمىز،
پۇرلىشەر تەنھالىق، جىمغۇرلۇق ئىچرە.
نەۋقىران ئۇ چاغلار يوقالدى بىردىن،
قالغىنى پەقەت شۇ دەرتلىك خاتىرە.

ئىڭڭەلەپ دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈندىن،
بۇ مېنىڭ ئەركە، ئۈز ياشلىقىم سايان؛
بىر تېتىپ كۆرمىدىم شادلىق تەمىنى،
ئۇ دەرتلىك قەلبىمگە بولماي ئاشىيان.

بەندىلىك يولىغا كىردىم قايسى كۈن،
نەزەر سېپ يىراققا، ئويلارمەن شۇنداق:
«ئۇندا بار خوشاللىق، چوقۇم ئۇندا بار»
خىيالىم خىيال بوپ قالدى ئاھ، بىراق.

يايغانچە ئالتۇنرەڭ قاناتلىرىنى،
ئىشىق ئوتى قەلبىمدە بولدى نامايان.
كەلدى ھەم ئالدىمغا بولماستىن ھايال،
كەلدى ئۇ مۇلاھىم، نازاكەتلىك جان.

قوغلاشتىم... يېتەلمەي قالدىم مەن بىراق،
نەقەدەر يىراق، ھەم سۆيۈملىك ھامان...
خوشاللىق، بەخىتكە چۈمەر شۇ دەملەر،
قايسى چاغ، قەيەردە بولۇر نامايان؟

بۇ ياشلىق دەۋرىمنىڭ خىرە چىراقى،
ياناركىن قايسى كۈن يوپ- يورۇق بولۇپ؟
قاچانلار يارىمنىڭ تەبەسسۇمىدىن،
يوراركىن يوللىرىم زىياغا تولۇپ؟

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

44

تېما

0

دوست

1285

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 00:38:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل شېئىرلار بىلەن تۈنۈشۈپ تۇرايلى،ئەجىرىڭىزگە رەھمەت
مەن ئەجەپ يوقاپ كەتتىم-ھە!

12

تېما

7

دوست

379

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

Rank: 5Rank: 5

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 22:50:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەڭ ياخـشى كۆرىدىغان شېئىرلار ئېدى..ساقلىۋالدىم رەھمەت  ئۇستاز..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:56 , Processed in 0.195112 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش