گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 211|ئىنكاس: 0

شەھەرلىكلەر سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 17:25:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 211- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


شەھەرلىكلەر سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار!

مەھەممەتجان راشىدىن

شەھەرلىكلەر سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار ،
ئېتىزلارنى كۆرمىگەنلەر كۆرۇپ كېلىڭلار .
سىلەرنىڭمۇ ئەجدادىڭلار دېھقاندۇر بەلكىم،
سەھرالاردىن تەكتىڭلارنى بىلىپ كېلىڭلار .

شەھەر ھايات چىنارىنىڭ ئەڭ ئىگىز شېخى،
تەكتى سەھرا شۇندىن ئۇچۇر ئېلىپ كېلىڭلار .
بىللە بارسۇن نان ئىلغىغان بالىلىرىڭلار،
ئېڭىزلاردىن كۈزدە باشاق تېرىپ كېلىڭلار .

چىشىڭلارغا دورا بەلكىم دېھقاننىڭ نېنى ،
ئۆيلىرىدە قورۇنماستىن قونۇپ كېلىڭلار .
سەھرا كۆرمەي شەھەرلىكلەر شۈكۈرلۈك بولماس،
ھەر يىللىقى ھەپتە ئون كۈن تۇرۇپ كېلىڭلار .

يېڭى باشتىن ئەسكە چۈشكەي ئۇنتۇلغان دىيار ،
سەھرالارنى دىلغا دەستۇر قىلىپ كېلىڭلار .
كونا تاملار يادىڭلاردىن چىققاندۇ بەلكىم ،
بىنەملەردە تۆت، بەش زامان يۈرۈپ كېلىڭلار .

ئەپسوس، ئۇندا ئىگىز بىنا، رېستۇرانلار يوق.
پاكار-پاكار كەپىلەرگە كۆنۇپ كېلىڭلار .
سىلەر يىگەن ئاق نان ئەسلى تومۇزدا پىشقان .
سىلەرمۇ شۇ تومۇزلاردا كۆيۇپ كېلىڭلار.

ئاندا-ساندا روناق تاپقان بايلىرىمۇ بار ،
ئۇلارغىمۇ ئەزىز مېھمان بولۇپ كېلىڭلار .
كۆرۇپ كېلىڭ نامرات دىگەن بولىدۇ قانداق؟،
بۇمۇ بىلىم ،شۇ بىلىمگە بېيىپ كېلىڭلار .

قولۇڭلارغا تەلمۈرىدۇ خولۇم-خوشناڭلار ،
خالتاڭلارغا بىرەر زاغرا سېلىپ كېلىڭلار .
ھەشەمەتلىك شەھەرلەردە شەيتاندىن يۇققان.
قەلبىڭلارنىڭ كىرلىرىنى يۇيۇپ كېلىڭلار .

ئىگىز شاختا پەيدا بولغان كىبىرنى خۇينى،
پايانى يوق دالىلارغا قويۇپ كېلىڭلار .
شەھەرلەردە ئۇنتۇلمىسۇن ئەسلى زاتىڭلار،
دېھقان دىگەن كىم بولىدۇ تونۇپ كىلىڭلار.

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:44 , Processed in 0.196454 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش