گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 156|ئىنكاس: 0

چىرايلىق ئالدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 17:24:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 156- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.



چىرايلىق ئالدىنىش

مۇتەللىپ سەيپۇللا  ئەزىز
(فېليەتون)


       ھەر يىلى ئاپرىلنىڭ بېشىدا يېقىن- يورۇقلار بىر- بىرىنى قەستەن ئالدىشىپ، " ئالداش بايرىمى " ئۆتكۈزىدىكەن.ئۇلارچە بۇ خەلقئارالىق بايرام بولۇپ، قايسى كۈننىڭ ھەقىقى " ‎ئالداش بايرىمى " ئىكەنلىگىنى مەن ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن. راستىمنى ئېيتسام، زادى قايسى كۈننىڭلا ئەمەس، ھەقىقەتەن شۇنداق بىر بايرامنىڭ بار- يوقلىغىنىمۇبىلمەيمەن.
         سىز- بىزنىڭ بىلمەسلىكىمىز قانچىلىك ئىشتى؟ ئۇنىڭسىزمۇ بىزنىڭ ئالدىنىدىغان كۈنىمىز، ئالدىنىدىغان ئىش تۈرلىرىمىزنىڭ سان، ئىدىتىنى قىلىپ بۇلالمايۋاتقىنىمىزدا، ھەقىقەتەن شۇنداق بىر بايرامنىڭ بولغىنىمۇ ياخشى ئىشتەك قىلىدۇ.
         بولسىغۇ مەخسۇس "ئالداش بايرىمى" بولغاندىكىن، بىر يىل ئىچىدىكى بارچە ئالدىنىشلىرىمىز  شۇ بىر كۈن بىلەن تۈگىگەن بولسا- ھە!
         شەخسنى ئالدىماق ئاسان، ئاۋام- خەلقنى ئالداش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. لېكىن،ھازىر ئاۋامنى ئالداشمۇ كۆنگەنلەر ئۈچۈن تەس ئىش بولماي قاپتۇ. ئىشەنمىسىڭىزقاراڭە: قولىدا ئەمەلىي  ھوقۇقى بار ھەرقانداق كاتتىۋاش سىزگەئۆزىنىڭ پاك ھەم پاكىزلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇپ : "مەن ئۆز يېقىنلىرىمنى ئىشقا قويمۇدۇم" دىسە، ئىشىنەمسىز؟
         سىزنىڭ ئىشىنىش، ئىشەنمەسلىكىڭىز بىلەن ئۇلار ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ؛ئىشەنسىكەن، دەپ ئۈمۈتمۇ قىلمايدۇ؛ پەقەت كادىر ئىشلىتىشتە ئۆزىنىڭ گۇروھ توپلىمىغانلىقى، پايدا- نەپ ئۈندۈرۈۋالمىغانلىقى، ئەمەل- مەنسەپ سودىسى قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت بىر زۆرۈرىيىتى ئۈچۈنلا قاملاشسۇن،قاملاشمىسۇن شۇنداق بىر "چىرايلىق ئالدامچىلىق" قىلىدۇ.
         تارىختىن ھازىرغىچە، چەتئەلدىن جۇڭگوغىچە قايسبىر سىنىپ، قايسىبىر گۇروھ،قايسىبىر تەبىقە ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويماي، ئۆزىگە يىراقلارنى، ئۆزى بىلەن زىتلەشكەن- ئۆچەكەشكەنلەرنى، ئۆزىگە ھامى- ھەمنەپەس بولمىغانلارنى، ھەتتا ئۆزىگەقارشى پىكىردە بولغانلارنى ئەمەل- مەنسەپكە قويغان؟
         ئادەم ئەسلىدىلا بىر- بىرىگە يات نەرسە. ھەر قانداق بىر سىنىپنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئېنىق بولغان مەقسەت- مۇددىئاسى بولىدۇ. پەقەت ئورتاق ھەۋەس، ئورتاق قىزىقىش،ئورتاق ئىدىيە، ئورتاق مەسلەك، ئورتاق مەنپەئەت ئۇلارنى بىر- بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ؛ دىل بىرلىگى، ھەرىكەت بىرلىكىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنداق بىرلىك ئەمەلگە ئاشقىنىدىلا بەلگىلىك بىر سىنىپنىڭ ئالىي مۇددىئالىرى قانائەت يولىغاقاراپ پۇت قويىدۇ. بۇ تولىمۇ ئاددى مەنتىقە. ئۇنىڭسىزمۇ بىزدە "پەيلىرى ئوخشاش قۇشلار بىرگە ئۇچىدۇ" دىگەن تەمسىل بارغۇ. يۇقارقى بىرلىكلەر ئەمەلگەئاشماي تۇرۇپ، يېقىنلاشقىلى، "ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى" بولمايدۇ. ئىدىيىسى بىرلىككە كەلگەن، ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مەسلىكىگە ئىگىلەرنى "يېقىن"دىمەي نىمە دېگۈلۈك؟ سىز شۇنداق كىشىلەرنى ئىشقا قويماي، كىمنى ئىشقا قۇيارسىز!؟
         بۇ يەردىكى " ئۆز يېقىنلىرىمنى ئىشقا قويمۇدۇم" دىگىنى "مەن بىلەن ئىدىيىسى بىردەك بولمىغان، گىپى مەن بىلەن بىر يەردىن چىقمايدىغان، قارىشى  ئۆزگىچە ئادەمنى ئەمەل – مەنسەپ كۇرسىسىغائولتۇرغۇزدۇم" دىگىنىگە باراۋەر بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىنمۇ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىمۇ يالغان ئىكەنلىكى، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئالدىنىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەگەر ئۇ پىرىنسىپسىز يېقىنچىلىق، پىنھان خانىلەردىكى نامۇۋاپىق يېقىنلىق بولماي، نورمال يېقىندارچىلىق بولسا، خۇدۈكسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بىزدە "خۇدۈكى بار موللام شورپا ئىچمىسىمۇ تەرلەيدۇ" دېگەن گەپمۇ بار. بەك خۇدۈكسىرىگەن ئىشتىنمۇئاسانلا كۆز چىقىدىغانلىقى ئەمەلىيىتىمىزدە پات- پات ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ.
         ماركىسىزىمچىلارنىڭ "پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشىڭلار!" دەيدىغان ياڭراق بىر شۇئارى بار. "بىرلىشىش" دەل يېقىنلىشىشتىن كېيىن  ئەمەلگە ئاشىدىغان نەتىجىلىك جەريان. ئەگەر "يېقىنلارئىشقا قويۇلمايدىغان" مەنتىقە راست بولىدىغان ئىش بولسا، پرولېتارلارمۇ ئۆز- ئارا يېقىن ئۆتمەيدىغان، يۇقۇرى- تۈۋەن  رەھبىرىي كادىرلارمۇ ئۆز- ئارا يېقىن ئۆتمەيدىغان، ئاۋام پۇقرا ئارىسىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىمۇ ئەمەلدار بىلەن يېقىن ئۆتمەيدىغان گەپ ئىكەندە!
         بەتبەشىرە ئالداش مۇمكىن بولمىسا، چىرايلىقچە ئالداش مودا بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. ئەگەر كاتتىۋاشلىرىمىز "مەن ئاۋام خەلقنى ئالدىمىدىم" دېگەن مىنۇتلىرىدا يۈزى قىزارمىسا، بوپتۇ؛ بىز ئۇلارنىڭ گويا شۇلار بىزدىن ئۈمىد قىلغىنىدەكلا سۆزى بىلەن ھەركىتىنىڭ  بىردەك بولىشىغا تىلەكداش. ھەم تىلەكداشمىزكى، ئىشبۇزار، ئىككىيۈزلىمىچى،ياغلىما ئېغىز، نانقاپلىرى بىلەن يېقىن ئۆتكىچە، خەق ئالدىدا ۋىژدانىخۇدۈكسىرىمەيدىغان، ئۆز قەۋمىنىڭ پايدىسىغا تۆت جۈملە گەپ قىلالايدىغان يىگىتمىجەزنوچىلار بىلەن يېقىن ئۆتەلەيدىغان مەنسەپدارلىرىمىزنىڭ سانى ئاۋۇغاي! بۇنداق مەنسەپدارلىرىمىز ئاۋام قەلبىنى ئاۋۇ ئالدامچىلارغا قارىغاندا بەكرەك مايىل قىلالايدۇ. بۇلار ئۈچۈن يالغان ئېيتىپ، خۇدۈكسىرەپ، تەر بېسىپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ.
         ئاۋام ئۈچۈن ئالدىنىشتىن ئېغىر دەرد يوق. ئەمدى يەنە ئالدىنىۋەرمەيلى؛ مەيلى ئۇ، قانچىلىك چىرايلىق بولسىمۇ.   
       مەنبە:  <<مايبۇلاق>> ژۇرنىلى، 2006- يىل 2- سان.

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:51 , Processed in 0.174159 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش