گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 149|ئىنكاس: 0

سۈر رىئالىزىم شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

436

تېما

3

دوست

5689

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 11:12:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 149- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


سۈر رىئالىزىم شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن

تەرجىمە قىلغۇچى : ئارىسلان

مەڭگۈ تۇنجى قېتىملىقى بۇ دەپ بۈلىمەن
ئاندىرى بىرتون ( فىرانسىيە )

مەڭگۈ تۇنجى قېتىملىقى بۇ دەپ بىلىمەن
گوياكى بىز تونۇشقاندەك يېڭىلا شۇ دەم .
كېچىدىكى مەلۇم چاغدا قايتىپ كېلىسەن
پەنجىرەمنىڭ ئالدىدىكى قىسايغان  ئۆيگە .
تەسەۋۋۇرۇم ئىچىدىكى ئۇ ئۆي تامامەن ،
مۇشۇ يەردە مەۋجۇت  تۇرغان ھەر مىنۇت -ھەردەم .
قول تەگمىگەن تۈن قوينىدا قىياس قىلدىممەن .
پەيدا بولار دەپ ئۆزۈمچە يەنە بىر مەرتەم
شۇ جەلىپكار يېرىق ئىشىك ،دىلدا ھەم .
ئەي بىردىن بىر يېرىق ،
ئەمىلىيەتتە يېقىن بارسام قانچىلىك ساڭا .
شۇنچىلىك ياڭرار تونۇش ئۆي ئىشكىدە
ئاچقۇچ ئېيىتقان شادىيەنە ناخشا كۈي راسا .
تۇيۇلىدۇ ئۆيدە غېرىپلىق  باسقاندەك سېنى
دەسلىپىدە چۆمدۈڭ  نۇرغا ئۆزۈڭ تامامەن .
پەردە قايرىپ كۆزنەكتىن  باقتىڭ بىر قىيا
دالا ئىدى  قاپلىغان بۇ تۇتاش ياسىمەن .
تاڭ پەيتىدە
كۆرۈپ قالغان ئىدىم تاماشا
گىراس شەھرى ئەتراپىنىڭ يوللىرىدا مەن .
خۇددى باپكا موكىسىدەك  ئۆتۈشۈپ تۇرغان
گۈلچى قىزلارمۇ بار ئىدى ئۇندا بەك لېۋەن
گۈلسىز شاخلار ئىگىلگەنىدى  ئۇلار كەينىدە
بار ئالدىدا كۆز چاققۇدەك تاختا ئېتىز كەڭ .
تۇيۇقسىزلا كۆتۈرۈلدى ئىشىك پەردىسى ،
چۇۋۇرلۇشۇپ كىرىپ كەلدى  بارچە گۈللەر تەڭ ،
ئاتۇقچىلا سوزۇلغان  بۇ ۋاقىتنى ئۆزۈڭ
ئەپلەپ سەپلەپ ئامال قىلىپ ئۆتكۈزمەكتىسەن
تا ئۇيقۇغا كەتمىگۈنچە  تىنچىنالمايسەن .
ساقلاي دىسەڭ چىرايڭنى بۇزماستىن ئەينەن
كۆرۈشمىسەم بولار مەڭگۈ  قايتا سەن بىلەن .
كۈزتىپ مەن سېنى  تىككەن ئىدىم كۆزۈمنى ،
كۆرمەسلىككە سېلىۋالدىڭ  بولۇپ بىر خۇپسەن .
ئوڭ كەلگىنى مېنىڭمۇ يوق ئىدى  زادى
سەن بىلگەندىن ئارتۇقراق  ئىشەنچىممۇ ھەم .
ھارغىنلىقىڭ
كۆزلىرىمنى  ياشتا قىلدى  نەم
بېرىش مۈمكىن  قولۇڭنىڭ ھەر ئىشارىتىگە
قارا بۇلۇت كەبى بىر توپ چۈشەنجە بەلەن ؟
بۇ شەربەتنى قوغلىششىنىڭ  بىر تۈرى جەزمەن .
بار تەۋرەنمە بىر ئورۇندۇق  كۆۋرۈك ئۈستىدە ،
بار تېرەڭنى تىلماق بولغان پۇتاقلارمۇ ھەم .
رولېت بۈۋى مەريەم ئانا كوچىسدا  بىر
ئەينەك ئىشكاپ دېرىزىسى  ئىچىدە نەكەم
ئۇزۇن يىپەك پايپاق كىيىپ  بىرى بىرىگە
مىنگىشىكلىك تۇرار بىر جۈپ ئاياغ بەك كۆركەم .
يوغان ئاپئاق ئۈچ قۇلاقنىڭ ئىچىدىن چىققان
يىپەك شوتا پىچەكگۈلنىڭ قېشىدا كۆركەم .
بار قىيانىڭ گىرۋىكىدىن  ئېڭىشكەن گەۋدەم
سېنى كۆرۈش ئۈمىدىنىڭ  ئەسلا يوقلىقى
ياكى كۆرمەسلكىنىڭ  مۇجمەل  سەزگۈسىدە مەن
بىلىۋالدىم سېنى ياخشى كۆرۈش ئېپىنى :
مەڭگۈ تۇنجى قېتىملىقى بۇ دەپ بىلىمەن .

ئۈچ شېئىر
پائول ئىلۇئارت ( فىرانسىيە)

مۇشۇ يەردە ياشىماق ئۈچۈن
كۆك ئاسمان تاشلىدى  مېنى ، ئوت ياقتىم ،
ئوت ياقتىم  ئوت بىلەن دوسىت بولماق ئۈچۈن .
ئوت ياقتىم كىرەي دەپ قىش تۈنلىرىگە ،
تېخىمۇ ياخشىراق ياشىماق ئۈچۈن .
كۈندۈزنىڭ بەرگەنلىرنى ئوتقا بەردىم مەن
ئۈزۈملۈك ، يەر ، ئورمان ۋە چاتقاللىقنى ،
چاڭگىنى ، چاڭگىدىكى قۇشنى ،ئۆي، ئۆينىڭ
ئاچقۇچى ،قۇرت، گۈل ، توي خوشاللىقىنى .
ئاڭلىنار چاراسلاپ  ئوت ئۈنى پەقەت
ھىدىنى ، مېھىرىنى  ھىس قىلدىم  قەۋەت .
قولۋاقتەك سۇغا غەرق بولۇپ كەتتىم مەن
ئۆلۈككە ئوخشاپلا يىگانە پەقەت .

غەرق بولغان ئادەم

سۇ ئۈستىدە ئوينىغاندەك  سەكرەر تاش
كىرەلمەيدۇ سۇ ئىچىگە ئىس پەقەت .
سۇ ئوخشايدۇ خۇددى سىلىق تېرىگە
ھىچكىممۇ يەتكۈزەلمەس زىيان –زەخمەت .
قوبۇل قىلار ئادەم بىلەن  بېلىقنىڭ
يېقىنچىلىق قىلىشنى ھەر نۆۋەت .
جان تالىشار ئادەم تۇتۇپ ئالغان بېلىق ،
سۇ داۋالغۇر كىرىچ كەبى بېرىپ سادا .
ئۇ ئۆلمەكتە ،بۇ دۇنيانىڭ ھاۋاسى ۋە
ئاپتىپىنى سۈمۈرەلمەس  ئەمدى قايتا .
لېكىن چۆكتى ئادەممۇ ھەم سۇ تەكتىگە
بېلىقنى كۆزلەپ .
ياكى يۇمشاق ،ھىم تۇرغان سۇ يۈزىدىكى
ئاشۇ مۇدھىش غېرىبلىقنى  دەپ .

قېقىنوس

قېقىنوس ئاشۇ بىر جۈپ ئاشىق –مەشۇق ئادەم ئەلەيھىسلام بىلەن  ھاۋا ئانىدىن ئىبارەت ئەڭ دەسلەپكى ، لېكىن ، ئەڭ ئاخىرقى  ئەمەس بىر جۈپ –ئاشىق –مەشۇقلاردۇر .

يولۇڭلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكۈنچىسىمەن ،
ئەڭ ئاخىرىقى باھارى ۋە ئەڭ ئاخىرىقى قارى ،
تىرىكلىكنى كۆزلەپ بولغان ئاخىرقى بىر جەڭ .
ئۆتكەنلەردىن تۆۋەن ھەمدە ئىگىز بىز مانا .
ھەممەت نەرسە باردۇر  بىزنىڭ ئوت دۆۋىمىزدە
قارىغايىنىڭ چاكاندىسى ، تەكلەر شۇڭى ھەم
ئېقىن سۇدىن ئېقىپ چۈشكەن گۈللەر بار بىزدە ،
لاي –لاتقا بار ۋە تامچىغان سۈپ –سۈزۈك شەبنەم .
ئايىغىمىز ئاستىدا ئوت ، بېشىمىزدا ئوت
ئۇچۇپ چىقار ئايغىمىز ئاستىدىن تۈگەل
قۇشقاچ ،تورغاي ۋە ئادەملەر ، قوڭغۇز ۋە قۇرت.
ئاسمان ئوچۇق ، زېمىن تۇتۇق قاراڭغۇلاشقان
لېكىن ئۆرلەر قارا تۈتۈن پەلەككە لەرزان .
مەھرۇم بولدى بارچە يورۇقلۇقتىن  كەڭ ئاسمان .

ئىنسانلارنىڭ ئارىسدا قالدى ئوت بەلەن .

ئوت –يالقۇنلار قەلىبلەرنىڭ  رەڭدار بۇلۇتى ،
ئوت يالقۇنلار قاننىڭ بارلىق ئېقىنلىرى  ھەم
ئۇ كۈيلەيدۇ بىزنىڭ كۈينى ، ناخشىنى ھەردەم ،
ئۇ قوغلىدى قىشتىكى سۇ ھورىنى بەردەم .
كۆيدى قارا تۈن قايغۇسى يېنىپ گۆرۈلدەپ ،
كۈل ئايلاندى خوشاللىقنىڭ گۈلىگە كۆركەم .
بىز قىلىىمىز دۈمبىمىزنى  غەربكە ئەبەد ،
تاڭ رەڭلىرى بولدى بارچە نەرسىگە ھەمدەم .

لوئى ئاراگون : شېئىرىيەت ئىلمى

ماي ئېيىدا ئۆلۈپ كەتكەن دوسىتلىرىم ئۈچۈن ،
ياڭرار مېنىڭ ناخشا –كۈيۈم ئەمدى ھەر بىر كۈن .
ۋەزىنلىرىم تولدى سېھىرىي قۇدرەتكە شۇنچە ،
يالتىرىدى  قورالىمدا كۆز ياشتىن ئۈنچە .
ۋە كۆز سالدىم شامال، بۇلۇت ئۆزگىرىشىگە
ئەگىشىپلا ياشاۋاتقان بارچە كىشىگە .
نەپرەت تىغى ئۆلگەنلەرنىڭ نام شەرىپىدە
ئۆتكۈرلىشەر مىسرالارنىڭ  بىلەشلىرىدە .
سۆز تىزمىسى ئويغان ھەر بىر جارائەت ئىزى ،
شىكايەتلەر قوزغاتقان ھەر ۋەزىن ئاۋازى .
قايغۇ –ئازاب باسقان  دىلنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا
باردۇر پالاق سۇغا تېگىپ  كۆتەرگەن سادا .
شېئىرلىرىم  يامغۇرسىمان  ياغار تەبىئى
ۋە يالتىرار دەرىزىنىڭ ئەينىكى كەبى .
ئىسكەت تۈزەش ئەينىكىدەك  دەھلىزدە تۇرغان
سولۇشۇپتۇ مەيدىدىكى گۈلمۇ پەرىشان .
شوخ بالىلار ئوينايدىغان  تۆمۈر چەمبىرەك
چۈشۈپ كەتتى نۇرانە ئاي ئېرىققىلا بەك .
ئىشكاپ ئىچىدە  قويۇلغان  ئىپارلارسىمان
لەيلەپ يۈرەر كۆڭۈل ئارا خۇشپۇراق ھامان .
شېئىرلىرىم شېئىرلىرىم  ماڭا بەك ئايان
ھارارتى قانلىرىمنىڭ  دولقۇنلاپ ئاققان .
ئېسىڭلاردا ساقلاڭلاركى ، بىزمۇ ھەرقاچان
باھادىرلار جۈملىسىدىن  ھەيۋەت قەھرىمان .
تومۇرىمىز بوشاشسىلا كۈچ  بىلەن سوققاي
ئويغىتىڭلار ئۇيقۇدىن تىز  غەپلەتتە  قويماي .
لاۋۇلدىسۇن  قايتا يېنىپ ئۆچكەن نۇر چىراغ ،
جىرىڭلىسۇن بوش قەدەھلەر  بىرمۇ بىر ياڭراق .
كۈي ئوقۇيلى بىز ئەبەدىي دوسىتلار ئىشقىدا ،
ماي ئېيىدا ئۆلۈپ كەتكەن دوسىتلار بېشىدا .

ئىككى شېئىر
دىلان توماس ( ئەنگىلىيە)

يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۈ جەزمەن
يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن ،
قىپ يالڭىاچ  ئادەم ئۆلىكى
بولىدۇ جەزمەن
قوشۇلۇپ بىر گەۋدە  بىر تەن
شامالدىكى ئادەم ۋە
غەرىبىي كۆكتىكى ئاي بىلەن .
ئاجىرتىلار ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرى ،
تازلانغان سۆڭەكلەر يەنە يوقىلار .
بۇلار جەزمەن
ئۇلارنىڭ بىلەكلىرى ، پۇتلىرىدا يۇلتۇزلار ؛
گەرچە ساراڭ بولۇپ قالسىمۇ ئۇلار
سەگەك تۇرۇشار جەزمەن .
گەرچە دېڭىزغا غەرق بولۇپ كەتسىمۇ ئۇلار
قايتىدىن تىرىلەر جەزمەن .
ئاشىقلار كەتسىمۇ ئۆلۈپ
مۇھەببەت مەڭگۈ ياشار جەزمەن .
يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن .
يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن
دېڭىز قولتۇقى ئاستىدا ئۇزاق يېتىپ ،
ئۇلار ھەرگىز شامالدەك بولماس غايىپ ؛
پۇت كوللىرى تالسا
جان تالىشار
تەننى سوزغۇچ غالتەكلەرگە بېسىلىپ .
ماتاپ ئېلىپ ماڭغاندىمۇ كوڭكىدا
يىز پۈكمەيدۇ ئۇلار جەزمەن .
قوش مۈڭگۈزلۈك ھايۋان  يەڭلىغ يامانلىقمۇ
قوسقىنى ئۇلارنىڭ تېشەر جەزمەن .
لېكىن پارچە –پارچە بولۇپ كەتكەن ھالدىمۇ
تىز پۈكمەيدۇ ئۇلار جەزمەن ؛
يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۈ جەزمەن .
يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن ،
چىرقىماس چايكا ئۇلارنىڭ
قۇلاقلىرى تۈۋىدە قايتا
شارقىرىغان ئۇپقانلارمۇ تېگەلمەس قاشتا .
بىر گۈل ئېچىلغان جايدا يەنە بىر گۈل
قىلمايدۇ جەۋلان يەل –يېشىن ئارا ؛
ئۇلار ساراڭ ھەم قاتقان مۇردا بولسىمۇ
ئادەملەرنىڭ ،ھايۋانلارنىڭ باش مۈڭگۈزلىرى
ئۈنۈپ چىقار يۇمران چېچەك ئىچىدىن ئاستا .
قۇياشتىن پارچىلىنىش داۋاملىشىدۇ
تاكى قۇياش بولغىچە گۇمران
يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن .

كىرمەڭ قۇتلۇق شۇ كېچىگە مۇلايىم

كىرمەڭ قۇتلۇق شۇ كېچىگە مۇلايىملا تاشلاپ قەدەم ،
ياشانغانلار زاۋال چېغى لاۋۇلدىغاي ، ھۆركىرىگەي ؛
يورۇقلۇقنىڭ تۈگىششنى  سۆككەي غەزەپ –نەپرەت بىلەن .
زۇلمەت يوللۇق ئىكەنلكىن چۈشەنسىمۇ ئاقىل ئادەم ،
ئاخىر چاقماق چاقمىغاچقا ئۆز سۆزلىرى ئۇلارمۇ ھەم
كىرمەيدىكەن قۇتلۇق تۈنگە مۇلايىملا تاشلاپ قەدەم .
جىددى ئادەم ئۆلەر چاغدا خىرەلەشكەن سەزگۈ ھەم
كۆرەر نۇرسىز كۆزىنىڭ ئاقار يۇلتۇزدەك شاد چاقنىشنى ،
يورۇقلۇقنىڭ تۈگىششىنى سۆكەر غەزەپ –نەپرەت بىلەن .
ئۆتۈنەي مەن سىز ئەي دادا. شۇ قايغۇلۇق ئىگىزلىكتە
ئىسسىق ياشتا قارغاڭ مېنى ھەمدە ماڭا بەخىت تىلەڭ .
كىرمەڭ قۇتلۇق شۇ كېچىگە مۇلايىملا تاشلاپ قەدەم
يورۇقلۇقنىڭ تۈگىششنى سۆكۈڭ غەزەپ –نەپرەت بىلەن.
مەنبە:تارىم تورى

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:47 , Processed in 0.194955 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش