گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 125|ئىنكاس: 0

نۇر سائادەتتۇر بىلىم(قادىر بۇلاق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 07:56:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 125- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.



بىلىم

قادىر بۇلاق

ئەقىل-ئىدراكنىڭ چىراغى نۇر سائادەتتۇر بىلىم،
چامدىغان ھىكمەت قەدەملەرگە ئىنايەتتۇر بىلىم.

غەيرى يوللاردا يۈرۈپ پىكرى خىيالى مەس بولۇپ
بىلمىگەنلەرگە پۇشايمانۇ نادامەتتۇر بىلىم.

گۈلنى ساقلايدۇ تىكەن، بۇلبۇل ساڭا شەيدا ئىكەن،
ئىزلىنىپ تاپماقچى بولساڭ يول رىيازەتتۇر بىلىم.

تۈگىمەس-پۈتمەس غەزىنە ئادىمى پەرزەنتىگە
قەدىرىگە يەتسەڭ بۇرادەر تاجى دۆلەتتۇر بىلىم.

قۇتقۇزار غەپلەتتە ياتقاننى نادانلىق ئىلىكىدىن،
قان تومۇردا ئۇرغىغان ئوتلۇق ھارارەتتۇر بىلىم.

ئاز-تولا بىلدىم دىبان ئەلگە تەمەننا  ئەيلىمە،
يەتمىگىڭ مۈشكۈلسېرى چوڭقۇر كارامەتتۇر بىلىم.

بوۋىمىز قىلىپ خىتاپ«پۇل تاپقۇچە يول تاپ»دېگەن،
نەۋقىران چاغىڭدا ئالساڭ زور غەنىمەتتۇر بىلىم.

پۇلنى سەن بايلىق دىمە ، ئەسلا بىلىمگە يەتمىگەي،
يەتتە ئىقلىمگە ئۇچۇپ، قىلساڭ ساياھەتتۇر بىلىم.

تىتىرىتىپ تاغلارنى زىلزىل كەلتۈرۈپ باش ئەگدۈرۈپ،
كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتمەكتىن بىشارەتتۇر بىلىم.

ئويلىنىپ ئەتراپقا باقسام چىقتى ئايا باشقىلار،
تىلسىماتلارنىڭ سىرىن ئاچقان ماھارەتتۇر بىلىم.

بىل، نادانلىق ئەل ئارىسىدا داۋسىز بىر كېسەل،
مۇپتىلا بولغان كېسەللەرگە تىبابەتتۇر بىلىم.

بىر دېڭىز دىسەم ئۇنى ، تەكتىگە يەتمەك قىيىن،
يول تېپىپ يۈرسەڭ ساڭا ئەقلۇ-پاراسەتتۇر بىلىم.

مىڭ بىلىمسىز تەڭ كېلەلمەس بىر بىلىملىك ئالدىدا،
تەڭدىشى   يوقتۇر   بۈيۈك   جاسارەتتۇر   بىلىم.

تەغدىرىڭنى ھەرقاچان تەدبىر ئۆزى ھەل قىلغۇسى،
«قىل ھۈنەر،تېرىساڭ ھۈنەر»زەپمۇ ھالاۋەتتۇر بىلىم.

كىم بىلىم پەرۋانىسى بولسا ئىشى تاپقاي روناق،
ئىزلىگىن قادىر بۇلاق تەۋپىق ھىدايەتتۇر بىلىم.
مەنبە:ئۇيغۇر شېئىرىيەت مۇنبىرى

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:58 , Processed in 0.235629 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش