سەھرالىرىم
مۇھەممەدجان راشىدىن
ئۇلۇغلايمەن سەھرالار، سېنى،
ئۇنۇتمايمەن ئايدا بۇلساممۇ.
يانچۇقۇمدا ئۈزۈڭ بەرگەن نان،
ئايدى ھالقىپ قايدا بۇلساممۇ.
جايىم شەھەر بۇلغىنى بىلەن،
رىزقىم سەندىن پۈتكىنى راستۇر.
شان-شۆھرىتىم بۇ دۇنيادىكى،
شۇڭا ئاۋال ئۈزۈڭگە خاستۇر.
كۆزۈمدە ياش سېنى ئۇيلىسام،
كەلگەنلەردىن سۇرايمەن سېنى.
ئەللەر ئەتتىر پۇرايدۇ ،ئەمما،
مەن ھېلىمۇ بۇغداي پۇرايمەن.
ئاينىش ماڭا ئۈلۈم ئەمەسمۇ،
تاغقا چىقسام ئېدىرنى ئۇنتۇپ.
نېمە تاپاي،بالىلىقىمدا-
سەن چاي بەرگەن ھېجىرنى ئۇنتۇپ.
دېھقان،دېسە دىلىم سۆيۈنۈپ،
ھۇزۇر بىلەن كەلدىم بۇ ياشقا.
تالاي شېئرت يازدىم،ۋە لىكىن
بىر ئۆزۈڭنىڭ تەسۋىرى باشقا.
نېمشقىدۇر،يىغلاپ يازمەن،
ساڭا يازغان شېئرلىرىمنى.
ئۆزگىلەردىن يۇشۇرغان بىلەن،
يۇشۇرمايمەن سەندىن سىرىمنى.
ئاتام بىلەن ئانام رەھمەتلىك،
سەندە ياتتى، سېنى قۇچاقلاپ.
شۇندىمىكىن بەلكىم سەۋەبى،
خۇشال بىرىپ، قايتىمەن يىغلاپ.
ئەسكى چاپان ئەستىن چىققايمۇ،
سەندە ئۆتكەن باللىقىم ھەم.
مەنغۇ مەيلى،نېچۈن سىنىڭدە،
ھېلىغچە تۈگىمەيدۇ غەم؟
ئۆز سۈيۈڭنى ئۆزۈڭگە سېتىپ،
بىرى ئەجەپ نەق پۇل ،دەيدىكەن؟
نەق پۇلۇڭ يۇق قۇرۇپ كەتسەڭمۇ،
ئۇلار ھەجەپ غەم يېمەيدىكەن؟!
ئەسكى چاپان بار ئىكەن تېخى،
سەھرالىرىم ،ئادەملىرىڭدە.
كونا داغلار تۇرسا ئۇياتقۇ،
ئەللىك يىللىق يۇيغان كىرىڭدە؟!
ساڭا ئاخشام بېرىپ كەلگەنلەر،
ھەيران قاپتۇ شۇلارنى كۆرۈپ،
يېڭلاشقا ئامال بارمىكىن،
سەندە كۇنا ئۆيلەرنى ئۆرۈپ؟
يېڭى كۈيلەر سەندە تەل ئەمەس،
تېخى <كۇنامۇقام>بار ئىكەن.
بەزىلەردە يېڭى ئەقىل يۇق،
كونا قىقاس-چۇقان بار ئىكەن.
چۆكۈپ قالدىم غەملىرىڭگە مەن،
غەمدىن باشقا نە قىلالايمەن؟
سەھرالىرىم،بارچىدىن ئۇز!دەپ،
يەنە سېنى ئەتىۋارلايمەن.
نۇرۇز كەلدى يەنە ئايلىنىپ ،
بىلدىڭمىكىن،خەۋەرسىز قالدىم.
ئەتكەنمىدۇ نورۇز ئېشى، دەپ،
ئاۋال سېنى يادىمغا ئالدىم.
سەھرالىرىم ئۆز بالاڭ تۇرسام،
سېنى ھەر كۈن ئۇيلىمامدىمەن؟
سەن قۇتۇلساڭ كەمبەغەللىكتىن،
مەنمۇ غەمسىز ئۇينمامدىمەن؟! |