- تېما
- 2449
- ھەمبەھر
- 3
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 3281
- نادىر
- 68
- ئالبوم
- 2
- خاتىرە
- 199
- دوست
- 51
- بلوگ
- 4
- UID
- 1
- تىزىملاتقان
- 2011-1-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-6
- توردا
- 2945 سائەت
- جۇغلانما
- 27503
- قىزغىنلىق
- 5602
- تىللا
- 8698
- تۆھپە
- 3980
     
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 3267- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
غەزەللەر
************************
(1)
گۈلى-گۈلزارىدىن يارنىڭ بۇيى كەلدى سابالاردىن،
جېنىمغا جان قوشار كۈيدەك خۇيى كەلدى سابالاردىن.
ئوشاق چالغان مۇغەننىنىڭ يېقىملىق سازىغا تەققاس،
سالام يوللاپتۇ ئول دىلبەر سۆزى ئوتلۇق ناۋالاردىن.
خەۋەر بەرمەككە كۈللىغا قاناتىن پەرلىدى جان قۇش،
مۇبارەك زەمزەمى ياغدى قۇياش،ئاي ھەم سامالاردىن.
يۈرەككە تەگدى گۈلباغدىن كۆڭۈل تەشنايى خۇش ھىدلار
نەپەس راھەتتە تىن ئالدى ساپ- سالقىن ھاۋالاردىن.
تېپىلغاي قايسى ئىقلىمدىن تەقەززا دىلغا خۇشخۇينىڭ،
ھەكىملەر بايقىماي يۈرگەن شىپا-شەربەت داۋالاردىن.
(2)
گۈلۈم ئەنھارىدىن سۆيگۈ ئېقىپ پۈتمەس يۈرەكلەرگە،
ۋىسال ئىستەكىدە سەرسان غېرىپ غۇنچە-پورەكلەرگە.
تۈنى ھىجراندا بۇ قەلبىم بىدارلىق ئىلكىدە ھەيران،
كۆمۈپ ئاتەشى چوغداندا خەمەكلەرنى كۆرەكلەرگە.
مېنىڭ سۆيگۈ دىۋارىمدا قىلار خەندە تۈمەن بۇلبۇل،
قىزىلگۈلنىڭ دىلى يايراپ سىڭىپ كەتكەن تىلەكلەرگە.
كۆڭۈل ئوردامدا قۇشلارغا سائادەت تەختى يار قىلسام،
غىلاڭ ئورماندا لەيلەيدۇ قونۇپ شاخى- تېرەكلەرگە.
ئاتار كىرپىكنى تىزگىنسىز كىرىچتىن يا كەبى خۇشخۇي،
نىگار ھۆسنىگە تىل ھۈرگەن جازا ھۆكمى كېرەكلەرگە.
(3)
ئۆڭۈمنىڭ رەڭگى ئەپشاندۇر ماڭا ھىجراننى دار ئەتسەڭ،
بىراۋغا كەڭ قىلىپ ئەپسۇس ماڭا سىينەڭنى تار ئەتسەڭ.
كىيىپ باشىڭغا سۈر رەڭ تاج مۇئەللەقتە ياساپ ئوردا،
ئۆزۈڭنى شاھ،مېنى بىر قۇل كۆرۈپ ۋەسلىڭگە زار ئەتسەڭ.
ئېچىلسا رەڭمۇ- رەڭ گۈللەر ياسالسا گۈل ئېقىن باغدا،
باھارنى خامتالاش ئەيلەپ چېچەك قەلبىنى قار ئەتسەڭ.
سۈكۈتكە چۆكمىسۈن نېچۈن بولۇپ ھەيران ۋاپا ئەھلى،
قۇچاقىڭغا قىلىپ مەھكۇم سۆيۈشنى ئەمما ھار ئەتسەڭ.
مېنى نۇرلۇق چىراق دەيتتىڭ ئۆزۈڭنى ئاڭا پەرۋانە،
چىراقنى ئۇچلىماي ئەمدى بولامدۇ خاكىسار ئەتسەڭ.
چۆمەي دەپ بەختى ئامەتكە ساڭا تەلپۈنسە بۇ قەلبىم،
چاراقلاپ كۆيدى يالقۇندا مېنى ئەخلەتۇ- چار ئەتسەڭ.
تۇرۇپ ئاۋۋالقى ۋەدەڭدە سۆيۈپ خۇشخۇينى كۈلدۈرسەڭ،
بولۇر بايرام نىگار بىزگە مېنى چىن دىلغا يار ئەتسەڭ.
(4)
سەھەردە تاڭغا يۈز تۇتسام كۆزۈمدىن بالقىدىڭ نۇردەك،
تېنىمدە چوغلىنىپ كۆيسەم سۆزۈمدىن ھالقىدڭ نۇردەك.
يۈرەك قاينايدۇ تاقەتسىز سېنىڭ ئوتلۇق نىگاھىڭدىن،
يىقىلدى كۆزگە كۆك ئاسمان بېلىققا تاشلىغان توردەك.
ئۇچۇردۇم نەچچە سىلكىشلەپ قەپەستىن كۆككە جان قۇشنى،
ئۇچالماي ياتتى كۆكرەكتە بىلىندى ئول قۇشۇم كوردەك.
نېمانچە چاڭ- تۇمانلىقكىن نىگارنىڭ كۆڭلى- ئاسمانى،
قاناتى سۇندى بۇلبۇلنىڭ كۆمۈلگەن ئىشىق يولى گۆردەك.
مانانلارغا چېچىپ مەلھەم ھاۋانى ساپلىسۇن خۇشخۇي،
نىگار بىرلە تېپىشقاندا تىلەكلەر چاقنىسۇن دۇردەك.
(5)
يورۇتتى تۈندە خانەمنى نىگارنىڭ چېھرىسى ئايدەك،
بويۇم ئۆستى تۇيۇقسىز ئامىتى كەلگەن چىۋەر بايدەك.
يۈرەرمەن كوچا- كويلاردا ئۆزۈمنى شاھ ساناپ مەغرۇر،
مېنىڭ كۈلكەمنى كۆرگەننىڭ قېلىشتى كۆزلىرى چايدەك.
ياشاپ دۇنيادا يەك- تەنھا خەزىنەڭ تولسا ئالتۇنغا،
نىگارسىز توپلىغان ئوقەت دىلىمدا سانىلۇر لايدەك.
يېنىڭدا بولسا جانانىڭ قوۋۇرغاڭ بولسىمۇ تال- تال،
يۈرەرسەن قىيغىتىپ تاقلاپ گۇيا چىلانتۇرۇق تايدەك.
نىگارسىز گۆش،پولۇ خۇددى تىتار خۇشخۇيغا ئەمەندەك،
بىراق يارنىڭ قولى تەگكەن سوغۇق سۇ تەم بېرەر مايدەك.
(6)
ۋەدەلەشتۇق يار بىلەن ئەمما تېپىشماق كەلمىدى،
قولنى- قولغا ئۆتكۈزۈپ لەرزان سېپىشماق كەلمىدى.
ئاچقىلى نىكەم چىمەننىڭ ياپيېشىل باغرىنى كەڭ،
كەلمىگەچ يار ۋاي ئېسىت تەنھا،يېپىشماق كەلمىدى.
ئۇچرىشىپ تۇردۇق خىيالدا يار بىلەن باغ سەيلىدە،
ھەسرىتا،شۇ سەيلىدە ئويناپ،چېپىشماق كەلمىدى.
بىللە يەيمىز دەپ ئۆرۈكنى باغقا باردۇق، دەرىخا
مەن ئۆرۈكتە،يار سۈرۈكتە تەڭ قېقىشماق كەلمىدى.
بىزنى باغۋەن سۈرسە باغدىن ئاتلىدىم تام ئۈستىدىن،
يار قېچىپ سۈڭگۈچ بىلەن بىللە قېچىشماق كەلمىدى.
نەچچە كەلدۇق كۆل بېشىغا يار قاپاق،مەن ئات ئېلىپ،
يار نۇمۇسچان،مەن ئۇياتچان سۇ چېچىشماق كەلمىدى.
يار نىزىقاپ باتنىسا،خۇشخۇي تەمانى خام قىلىپ،
كەتتى پۇرسەت،سۆيگۈدىن بىر سۆز ئېچىشماق كەلمىدى.
(7)
ئېچىل داسخانغا يار كەلسە قىزىلگۈللەر ئېچىلغاي توق،
كېچە ئاسمانىدا چولپان نىگارنىڭ كۆڭلىدەك شوق- شوق.
خىيالى بىرلە مۇڭداشسام خىيالىمدا قۇرۇپ سۆھبەت،
ئاقار قەلبىمگە بىر دەريا ۋۇجۇت- ۋەسلىمگە ئەيلەپ زوق.
ھايات باغىمغا كۈز كەلسە ئېچىلسا گۈللىرىم ئاپپاق،
شىكەر لەبزى بىلەن يارنىڭ كۆڭۈلدە قىلچە تەشۋىش يوق.
دېسە پۈتمەيدۇ كۆيمەسلەر ۋىسال قەدرىنى بىلمەسلەر،
تېگىپ قالسا ئەجەپلەنمە نىگاردىن دىلغا مەلھەم ئوق.
ئېچىل داسخانغا كەلتۈرمەي نىگارنى بىر قېتىم خۇشخۇي،
ئاقار يۇلتۇز كەبى ئۇچسا ئۆزىگە كۆپ مالامەت- دوق...
(8)
مېنى ئوۋلاشقا ئەي دىلبەر كۆزۈڭدەك بىر كامان بولماس،
ناۋادا بار دېيىلسە ئۇ، ئۆزۈڭدەك قۇۋ- يامان بولماس.
ئېلىندىم قايسى قىرغاقتا بولۇپ تۇتقۇن تىرىك مۇردا،
چىرايىمنىڭ رېڭى ئۆڭدى كىشى مەندەك سامان بولماس.
ئەقىدە باغىنى كەزسەم قۇچاققا سىغمىدى گۈللەر،
ئاشۇ گۈللەر سىياقىدا ماڭا گۈلگۈن زامان بولماس.
قىيا بويلاپ يۈرەك ياشىم چۈمەر ياشىمغا سىرداشىم،
قېتىپ تاشتەك نىگار قەلبى كۆزىدىن ياش راۋان بولماس.
مۇرات تاپتى كۆيۈشكەنلەر چىن دىلدىن سۆيۈشكەنلەر،
نېچۈن خۇشخۇيغا كۆڭلۈڭنىڭ ۋىسالگاھى ئامان بولماس.
(9)
چاپارمەن بىتىنىم يارنىڭ چىمەنزار بېغىنى بويلاپ،
پايانسىز تۈننى يورۇتقان قۇياشتەك نۇرلىنىپ سويلاپ.
ئۇپۇق سۆيگەن پايانسىز يول يولاتماس تەنگە ھارغىنلىق،
ئېچىلغان گۈل- چېچەكلەردىن تۆكۈلگەن كۈينى ھىد- بۇيلاپ.
چىقار ئالدىمغا گۈليارنىڭ تەقەززا كۈنلىرى نازغىپ،
چۈشەر ئۇسسۇلغا رەققاسلار گۇيا شادلىقتا ھوي- ھويلاپ.
يېزىپ تەكلىپ جىمى ئەلگە ۋە چىللاپ ھەمدە ئاي،كۈننى،
قىرىق بىر كۈن،قىرىق بىر تۈن يۈرەرمىز يار بىلەن تويلاپ.
توقۇپ ئاق ئاتنى يۈگەنلەپ مىنىپ ئول يار بىلەن خۇشخۇي
يۈرۈپ كەتسە، قالار داغدا رەقىپلەر قەلبىنى مورلاپ...
(10)
چۈشۈم ئالداپ مېنى يارنىڭ قۇچاقىغا ئاتار بولدى،
شۇڭا يارنىڭ ئىشىكىدە كىزىنەكلەر قاتار بولدى.
ئېلىشتىم چۈش بىلەن تەكرار يېتەلمەي تەگ- پايانىغا،
نىگارنىڭ تاڭلىرى ئاتماي يەنە غەمسىز ياتار بولدى.
چۈشۈمگە بەرمىدى تەبىر بايان قىلسام بىلىمدانلار،
ئۆزۈمدىن پارلىغان دۇنيا پايانىمغا پاتار بولدى.
قۇدۇققا سۆزلىگەن سىرنى قۇمۇش قىلسا بايان خەقكە،
چۈشۈمگە پاتمىغان مۇڭنى تۈمەن ئەغيار ساتار بولدى.
سىرىنى پاش ئېتىپ يۈرمەڭ چۈشىدە يايرىسۇن خۇشخۇي،
ئېلىپ كەتتى شامال توشۇپ نىگارغا دىل چاتار بولدى.
(ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەرنى ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈش چەكلىنىدۇ) |
|