گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 153|ئىنكاس: 0

بۆشۈك ۋە بۆشۈك مەدەنىيىتىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

155

تېما

1

دوست

1949

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

تەكلىپلىك يازغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 10:21:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 153- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


  
بۆشۈك ۋە بۆشۈك مەدەنىيىتىمىز


‹‹بوۋاقلارغا خاس ئارامگاھ، راھەت ماكان›› دېگەن مەنەلەرگە ئىگە بۆشۈك قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا خەلقىمىزنىڭ بالا تەربىيەلىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان. بۆشۈكنىڭ ئاددىي ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە ئەپلىكلىكىدىن قارىغاندا، خەلقىمىزنىڭ قەدىمقى دەۋرىدىلا بۆشۈك ئىشلىتىشى خېلى ئومۇملاشقانلىقى مەلۇم.
تۇرمۇشىمىزدىكى بۆشۈكلەرنىڭ تۈرى كۆپ، نۇسخىلىرىمۇ ھەر خىل بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئومۇملاشقانلىرى خانتاجى، سەنەم، قول سەنەم، قىرىما، ئەگمە، ناۋا، ئانارچە بۆشۈك، مېھراب نۇسخىلىق بۆشۈك قاتارلىق ئون خىلدىن ئاشىدۇ.
ئادەتتە ئەنئەنىۋى بۆشۈكلەر ئوخشاشلا يەرلىك ياغاچ ماتېرىياللاردىن ياسىلىدۇ. بۆشۈكلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 85 – 90 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 40 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 50 – 60 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. قۇرۇلمىسى ئاساسەن شال، تىز، چېتىق، پوزا(بەل ياكى ئومۇرتقا)، ناچا(ئارىلىق ئۆزەكلەر)، تەڭلە (تەڭلىك – بالا ياتىدىغان قىسمى) قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۆشۈكنىڭ كۆركەملىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىرغۇدا ئالما، ئانار، قاپاق، مۇنچاق قاتارلىق شەكىللەر چىقىرىلىپ، ئىسىتېرېئولۇق كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىنىدۇ. بۆشۈككە يەنە بىر يۈرۈش بۆشۈك جابدۇقلىرى، يەنى ئۇۋۇدا، ياستۇق، شىلدىرشاپ، يۆگەك، زاكا، چەمبىرەك، جاك، شۈمەك، چۆرەك، تىزلىق، ئوشۇقلۇق، كاشا(قول تارتقۇ)، يۈز ياپقۇ قاتارلىقلار ھازىرلىنىدۇ.
ئانىلىرىمىزنىڭ بۆشۈكىنىڭ خاسىيىتى ھەققىدىكى بايانلىرى ۋە مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ بۆشۈكنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى ئىلمىيلىكى ھەققىدىكى بايانلىرىغا ئاساسەن، بۆشۈكنىڭ رولىنى مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:
بىرىنچى، بۆشۈك بالىلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆلچەملىك يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. بۆشۈكتە چوڭ بولغان بالىلاردا ئادەتتە دوقا، دوك، توخو تۆش(دۆڭ مەيدە)، ئىچ مايماق، تاش مايماق، سىڭا سۆڭگەچ، مۈرىلىرى ئېگىز – پەس، بوينى مايتۇق، پەچەك(پاقالچاقلىرىO شەكىللىك) بولۇپ قېلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ.
ئىككىنچى، بۆشۈككە بۆلەنگەن بالىدا ئاسانلىقچە ئۆپكىسى شامالداپ قالىدىغان، ئېغىر يۆتىلىدىغان، زۇكام بولىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەيدۇ.
ئۈچىنچى، بۆشۈك جابدۇقلىرى قەرەللىك ئاپتاپقا قاقلىنىپ، قۇرۇق ھەم ئىسسىق ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، بوۋاقلاردا تولا سىيىپ سۈيدۈك يېيىۋېتىدىغان، ئەنگىزى ئېشىپ كېتىدىغان، قەغىشلىق قىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.
تۆتىنچى، ئۇيقۇ بوۋاق ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئارام ئېلىش، ھۇزۇرلىنىشتۇر. ھەرخىل ئېھتىياجى قاندۇرۇلسىمۇ، ئۇيقۇسىنى تاپالماي تولا يىغلايدىغان بوۋاقلار بۆشۈككە بۆلىنىپ ‹‹ئەللەي ناخشىسى››غا سىيلىق تەۋرىتىپ بېرىلسە ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدۇ.
بەشىنچى، بۆشۈكنى لەرزان تەۋرىتىش بوۋاقنى ئۇخلىتىشتىن باشقا، بوۋاق بەدىنىدىكى بوغۇم – ئۈگىلەرنى، مۇسكۇللارنى غىدىقلاپ، ئۇلاردىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.
ئەقىل – پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىزنىڭ مول تېببىي بىلىمى، ئىلمىي تەجرىبىسى بىلەن بۆشۈكلەر ناھايىتى ئىلمىي ئاساستا لايىھەلەنگەن. بالىنىڭ مېڭىسى چايقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ‹‹يورغا›› چىقىرىلغان، ھازىر شارىكلىق ئاسما شەكىلدىمۇ ياسالماقتا. قول ھۈنەر  مەدەنىيىتىمىزنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بىرى بولغان بۆشۈكلىرىمىز لايىھەلىنىشى ئىلمىي، ماتېرىيال مەنبەسى تەبىئىي ھەم كۆپ، تەننەرخى تۆۋەن، باھاسى ئەرزان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى، ھۈنەر – سەنئەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مىللىي خاسلىقنى نامايان قىلىدۇ.
خەلقىمىز ئەزەلدىن بۆشۈكنى ئېستېتىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئۇلۇغلىغاچقا، بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەپ بېقىش ئادىتى بىر خىل ئېستېتىك ئۇدۇم سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلدى. بۇ ئېستىتىك  تۇرمۇش ئادىتىمىز بىر تەرەپتىن مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ بوۋاقلارنى ساغلام چوڭ قىلىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلسە، يەنە بىر جەھەتتىن خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ماس كەلگەنلىكى بىلەن تارىختىن بۇيان ئۆز قەدىر – قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
ئىشىنىمىزكى، ئۇزاق تارىخقا، شانلىق مىللىي ئەنئەنىگە، ئۆزگىچە ئېستېتىك تۇرمۇش خاسلىقىغا ئىگە بۆشۈك مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق، ئۇ دەۋر مېلودىيەسىگە جور ھالدا تېخىمۇ ئىلغار،تېخىمۇ جەزبىدارلىققا ئىگە بولۇپ، كېلەچەك ئىگىلىرىنى تېخىمۇ ساغلام تەربىيەلەشتە ئۆز رولىنى ئۈنۈملۈك جارىي قىلدۇرغۇسى

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:51 , Processed in 0.194248 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش