گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 1579|ئىنكاس: 0

خوتەندە نېمە ئۈچۈن بىرنى بىر دەيدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

4

دوست

886

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 00:40:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 1579- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


خوتەندە نېمە ئۈچۈن بىرنى بىر دەيدۇ؟


         بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، قوينىڭ پۇتى دولىسىدا، كالىنىڭ مۇڭگۇزى يوتىسىدا ئىكەن. كېرىيەنىڭ بېرىسىدە، نېيەنىڭ نېرىسىدە بىر يۇرت بولۇپ، كىشىلىرى ناھايىتى ئىناق-ئىجىل ئۆتىدىكەن، ئۇلارنىڭ بالىلىرى گاھى ياشتا چوڭراقىنىڭ، گاھى كىچىكرەكىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆزى بىلىشىدىغان ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناپ ئۆسۈپ يېتىلىدىكەن. شۇ كۈنلەردە بۇ بالىلار توپىغا باشقا يۇرتتىن يېڭى كۆچۈپ كەلگەن بىر ئائىلىنىڭ ھەيدەر ئىسىملىك بالىسىمۇ قېتىلىپتۇ ، ھەيدەر ئارىلىشىپ ئويناش جەريانىدا يېڭى دوستلىرىنىڭ ئاق كۆڭۈل، ساددىلىقىنى؛ ئويۇن باشلىقى قانداق ئويۇنغا باشلىسا، شۇنىڭغا ماسلىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ، ئۆزىنى يېڭى دوستلىرىغا بىر كۆرسىتىپ قويۇش ئىستىكى تۇغۇلۇپتۇ ۋە سۆزمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ئويۇن باشلىقى بولۇش مەخسىدىگە ئاسانلا يېتىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ بالىلارغا:
              بىز يۇرتتا ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان بىر ئويۇن بار، شۇنى ئوينىساق قانداق؟ ــ دەپتۇ، بالىلار ئۆگىنىشكە ئالدىراپتۇ.
                  ئويۇن قائىدىسى مۇنداق ــ دەپتۇ ھەيدەر ــ مەن «1» دېسەم سىلە ئىككى بارمىقىڭلارنى چىقىرىسىلەر، «2» دېسەم بەش بارمىقىڭلارنى، «4» دېسەم ئۈچ بارمىقىڭلارنى، «5» دېسەم تۆت بارمىقىڭلارنى... چىقىرىسىلەر. ئۇتقانلار ئۇتتۇرغانلارنى «ئىشەك» ئېتىپ مىنىپ ئوينايمىز، بولامدۇ؟- دەپتۇ، بالالارنىڭ ھەممىسى بىردەك قوشۇلۇپتۇ ۋە ھەيدەرنىڭ دېگىنى بويىچە ئويناپتۇ، قىسقىغىنە نەچچە كۈندە ھەممە بالىلارنىڭ كاللىسىدا «1» ئىككى بولۇپ، «2» بەش بولۇپ ... ئەكس ئېتىدىغان بولۇپ، ئۇتتۇرىدىغانلار ئازلاپتۇ، ئويۇننىڭ قىزىقى قالمىغاندىن كىيىن سانلارنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۇرۇپ، ئويۇن باشلىقى «11» دېسە باشقىلار دەرھال «26» نى يازىدىغان، «50» دېسە «36» نى يازىدىغان ... قىلىپ ئۆزگەرتىپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، ئويۇن داۋاملىشىپتۇ، يېشى چوڭلىرى بالىلىقى بىلەن خوشلۇشۇپتۇ، كىچىكلەر يېڭىدىن سەپكە قوشۇلۇپتۇ...، ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، باشقا يۇرتتىن مېھماندارچىلىققا كەلگەنلەرنىڭ بالىلىرىمۇ بۇ ئويۇننى ياقتۇرۇپ قاپتۇ ۋە قايتقاندىن كىيىن ئۆز يۇرتلىرىدا بۇ ئويۇننى ئومۇملاشتۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئويۇن پۈتۈن خوتەن دىيارىدا ئومۇملىشىشقا باشلاپتۇ.
               مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن بالىلار ئارىسىدا، ئائىلىلەردە، ھەتتا پۇتكۇل خوتەن دىيارىدا جەڭگە جىدەل قۇرۇمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشكە باشلاپتۇ، بۇ ئىشقا ھەممەيلەن ھەيران قاپتۇ، يۇرت ئىماملىرى بۇ غەيرى ئەھۋالنى تۈزەش ئۈچۈن جۈمە نامىزى، ھىيت نامىزى ۋاقىتلىرىدن پايدىلىنىپ جامائەتكە ئىتتىپاق- ئىناقلىقنىڭ خاسىيىتى توغرىسىدا ئېيتقان ۋەز- نەسىھەتلىرىمۇ كار قىلماپتۇ، ئەھۋال خوتەن پادىشاھىغا ئىنكاس بولۇپتۇ ۋە پادىشاھ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ، دۆلىتىدىكى موللا- ئۆلىمالارنى يىغىپ بۇ زىددىيەتنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبىيىنى ئېنىقلاپ ئاندىن تۈزەشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. موللا- ئۆلىمالار يۇرت- يۇرتقا بېرىپ ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق زىددىيەتنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپتۇ ۋە پۈتۈن خوتەن خەلقىگە دۆلەتتىكى ئىناقسىزلىق، ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى سۆزلەپ، ئاخىرىدا بۇ ئەھۋالنى تۈزەشنىڭ چارىسى «1 نى بىر دەيتمىز، 2 نى ئىككى دەيتمىز» دەپ جاكارلاپتۇ، راست دېگەندەك شۇنىڭدىن كىيىن پۈتكۈل يۇرتتىكى بۇ ئىتتىپاقسىزلىق تەدرىجى تۈگەپ، بۇرۇنقى ئىجىل- ئېناقلىق ئەسلىگە كەپتۇ. شۇڭلاشقا، ھەر خىل دەتالاشلاردىن كېلىپ چىققان ئېناقسىزلىقنىڭ خاپۇچىلىقىنى بولىشىغا تارتقان، كىيىن «1 نى بىر دەيتمىز» نىڭ پايدىسىنى كۆرگەن خوتەن ئەھلى تا ھازىرغىچە «1 نى بىر دەيتمىز» نى زادىلا ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىكەن.
مەنبە:يارقىن مۇنبىرى


گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:46 , Processed in 0.153671 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش