گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 250|ئىنكاس: 0

ساغلاملىق ھەققىدىكى 4 خىل خاتا قاراش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

316

تېما

0

دوست

3390

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 20:27:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 250- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


ساغلاملىق ھەققىدىكى خاتا كۆز قاراشلار


1.ئاچ قورساق ھەرىكەت قىلىش بەدەن ساغلاملىقىغا زىيانلىق

كىشىلەر ھەر ۋاقىت ئاچ قورساق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ناھايىتى خەتەرلىك دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئاچ قورساق ھەرىكەت قىلغاندا، بەدەندە ساقلىنىپ قالغان قەنت تەركىبى كۆپ مىقداردا خوراپ، قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەدەن ئورۇقلىتىشقا ماس كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ.
  ئەمەلىيەت: ئامېرىكا دالاسى ساغلام گۈزەللىك تەنھەرىكەت مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ساغلام كىشىلەر تاماق يېيىشتىن 1-2 سائەت بۇرۇن (يەنى ئاچ قورساق) نورمال ھەرىكەت ئېلىپ بارسا، مەسىلەن بەلگىلەنگەن مىقداردا مېڭىش، ئۇسۇل ئويناش، ئاستا يۈگۈرەش، ۋېلىسپىت مىنىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا ئورۇقلاشقا پايدىسى بار ئىكەن. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بەدەندىكى ياغ ھۈجەيرىسىگە كىرىدىغان يېڭى ياغ كېسلاتاسى بولمىغاچقا، بار بولغان ياغلارنى پارچىلاش ئاسان بولۇپ، ئورۇقلاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.

  2. ۋېتامىن C زۇكامنى داۋالايدۇ

  قاچاندىن بۇيانكى، ۋېتامىن C كىشىلەرنىڭ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر خىل كۈندىلىكى مەھسۇلاتى بولۇپ قالدى. شۇنداقلا ناھايىتى قارشى ئېلىنىدىغان «ھازىرقى زامان ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتى» بولۇپمۇ قىش پەسلىدە نۇرغۇن كىشى بۇ ماددىنى تولۇقلايدۇ. كىشىلار ۋېتامىن C زۇكامنى ساقايتىدىغىنىغا بەكمۇ ئىشىنىدۇ.
  ئەمەلىيەت: ئاۋىستىرالىيە ۋە فىنلاندىيىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 55 تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا ئىپادىلىنىشىچە، بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ قەتئىي ئىلمىي ئاساسى يوق ئىكەن. كۈندە 2 گرام ۋېتامىن C ئىستىمال قىلساقمۇ، زۇكامنى داۋالاشتا ھېچقانداق ئۈنۈمى يوق ئىكەن. ئاز مىقداردا ۋېتامىن C ئىستىمال قىلىش زۇكام بولۇشنىڭ ۋاقتىنى قىسقارتىدىكەن. لېكىن بۇنىڭ ئۈنۈمى كىچىك بولغانلىقتىن ھېس قىلماق تەس بولىدىكەن. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، مەلۇم دورىلار بىلەن داۋالىنىۋاتقانلار مەسىلەن خىمىيىلىك دورا بىلەن داۋالىنىۋاتقان راك كېسەل بىمارلىرى، ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا ۋېتامىن C نى ئىستىمال قىلسا، داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدىكەن.

  3. بادام بەزنى كېسىۋېتىش ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

  بۇرۇنقى كىشىلەر ئۈچۈن بادام بەزنى ئېلىۋېتىش ناھايىتى ئادەتتىكى ئىشلار ئىدى. چۈنكى كىشىلەر ئۇنى ئېلىۋەتكەندە قايتا قوزغىلىدىغان گەل ئاغرىق ۋە قۇلاق ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارايتتى.
  ئەمەلىيەت: لېكىن ھازىرغىچە بۇ خىل داۋالاشنىڭ كىشىنى قايىل قىلارلىق ئىلمىي ئاساسىي ئىسپاتلانمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا دىققەت قىلىش كېرەك.

4. كۆپ تالالىق يېمەكلىك ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

  نۇرغۇن «مۇتەخەسسىسلەر» نىڭ قارىشىچە كۆپ تالالىق يېمەكلىك ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىسپاتى بولسا، ئافرىقىلىقلارنىڭ ئۈچەي راك بولۇشى ناھايىتى ئاز بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار داۋاملىق كۆپ تالالىق يېمەكلىك يەيدىكەن.
  ئەمەلىيەت: لېكىن ھازىرغا قەدەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق ئالىملىرى كۆپ تالالىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىغا ئىسپات تاپالمىدى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:50 , Processed in 0.201568 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش