ئابدۇللا خاراباتىنىڭ غەزەللىرى
شائىر مۇھەممەدبىننى ئابدۇللا خاراباتى ( مىلادىيە 1638 - 1730 ) ئاقسۇ ناھىيىسى ، ئېگەرچى يېزىسى چوغتال كەنتىدىن بولۇپ ، يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرى، خوجىلار زامانىسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدا ياشىغان .
مۇھەممەدنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنى داۋاملىق ئوقۇتۇشقا كۆپ كۈچ چىقارغان. ئۇ ئاقسۇ، قەشقەر، بۇخارا قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە ئالىي دەرىجىلىك مەكتەپ-مەدرىسلەردە بىلىم تەھسىل قىلىپ ، ئۇيغۇر ، جۈملىدىن شەرق مۇسۇلمان ئەللىرى ئەدەبىياتى ، پەلسەپە ، مەنتىق ، فىقھى قاتارلىق ئىلىملەرنى پۇختا ئۆزلەشتۈرگەن. ئۆز يۇرتىغا كەلگەندىن كېيىن ئىماملىق ۋە مۇددەرىسلىك بىلەن شۇغۇللانغان .
مۇھەممەدنىڭ ئىجادىي تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارى بۇخارادا ئوقۇپ تۇرغان چاغلىرىدا سېزىلىشكە باشلىغان. ئۇ ، ئۇ يەردە فىقھى ، ئىسلام پەلسەپىسىگە دائىر يىرىك مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ ، مەكتەپداش تالىپلار ۋە مۇددەرىسلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان. ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن دىنىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەن ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلمىي - ئىجادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ئۇنىڭدىن ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت، تولغان ئەقىل - پاراسەت يۇرتداشلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ . ئىناۋىتى يۇقۇرلاپ ، كىشىلەرگە چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىخلاس قىلىدىغان مۆتىۋەر زاتقا ئايلىنىدۇ . دانىشمەن ئالىم سۈپىتىدە ئىززەتلىنىدۇ . ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئالىمنى ئالاھىدە ئۇلۇغلاپ " ھاجى خاراباتى" مەقبەرىسى ۋە خانىقاسىنى تىكلەيدۇ . ئالىمنىڭ خانىقاسى ئۆلىما - تالىپلار ، ئىلىمخۇمار كىشىلەر توپلىنىپ مۇنازىرە ، مۇتالىئە ئېلىپ بارىدىغان ، ئىلمىي ئۇتۇقلىرىنى كۆرەك قىلىدىغان بىر ئىلىم دەرگاھىغا ئايلىنىدۇ .
مۇھەممەد " خاراباتى" تەخەللۇسى بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان . ئۇنىڭ شېئىرلىرى «كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى»، «مەسنەۋى خاراباتى» نامىدا توپلام قىلىنغان . ئالدىنقىسى 13 مىڭ مىسرا ھەجمىدە بولۇپ ، شائىر 88 ياشقا تولغاندا توپلام قىلىنغان . تۆۋەندە بىز « كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى» نىڭ مەزمۇنلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى :
«كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى» نىڭ مەزمۇنى :
«كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى» رېئالىزىملىق ۋە خەلقچىللىق روھقا باي ئەسەر ، رېئالىزىمچى شائىر خاراباتى ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان جاسارەت بىلەن ئۇ جەمىيەتنىڭ رەزىل قىياپىتىنى تۆۋەندىكى قۇرلاردا مۇنداق سۈرەتلەپ بەرگەن :
ئەي بۇرادەر بۇ جاھان زىندان ساڭا ،
بولماغىل زىنھارى شاد خەندان ساڭا .
خاھ غەنىيۇ ، خاھ گادايۇ شاھ ھەممە ،
خاھ شەيخۇ ، ئىاھ سوفىيۇ ، موللا ھەممە .
خاھى قازى ، مۇفتى ، خاھى مۇھتەسىپ ،
ئىستەمىس ھەرگىز ھالالدىن نەسىپ .
بىر - بىرلىرىنى ھەممە قەسىدەدۇر ،
تىغ زەھەر ئالۇد دەستىدەدۇر .
تۈن - كۈن ئوغلى ئاتاغە مۇددەئىي ،
ھەم قىساس دوختەر ئاتاغە مۇددەئىي .
ھېچكىم قورقماس كىشى ھەققىدىن ،
يادىغا كەلمەيدۇ ھەقنى قەھرىدىن .
كىم بىرادەر ھەققىدىن يەردا ئىچەر ،
ئول كىشىنىڭ كۆڭلىدىن گۆھەر كۆچەر .
ھېچكىم يوقدۇركى غەيباتدىن يىراق ،
ھەم بىراۋ شىركۇ ئاداۋەتتىن يىراق .
ھېچكىمدە يوق دۇرۇر بىر پاكى ھەلق ،
بارچەنى ئالۇدەدۇر ناپاكى ھەلق .
ھېچكىمدە يوق دۇرۇر شەرمۇ ھايا ،
ھېچكىم بولمەس بىر - بىرىدىن رىزا .
ھېچكىمدە يوق دۇرۇر شەرمى ھايا ،
بىر - بىرلەرىغە قىلۇر جەۋرۇ جاپا .
خالى ئەرمەس ھېچكىم ۋەسۋاسىدىن ،
پاك ئەرمەس كۆولى ھەم ئىەنناسىدىن .
كىمدۇر بۇ ئالەم ئارا دىۋسىز كىشى ،
ھەرنە مەشغۇلاتى ئول دىۋنى ئىشى .
بۇ زامان قاچماس ھارامدىن ھېچكىم ،
ئادىمىغە بۇ دۇرۇر ئەيىب ئەزم .!
( "مەسنەۋى خاراباتى " قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ، 1986 - يىل نەشرى ، ئۇيغۇرچە ، 245 - 247 - بەت )
سېنىڭ ئەمرىڭ قويۇپ بولدۇم تىبەكار،
تىلىم ئىسيان بولدۇم گۇنەكار .
ئەگەرچە مەندە بولسا كوھى ئىسيان ،
ساڭا بولماس ئېنىڭدىن زەررە نۇقسان .
پادىشاھا تۈنۈ كۈن دەرماندەمەن ،
فىسىق ئېلە ھەم جۈرمىلە ئىسياندەمەن .
پادىشاھا مۈشكۈلۈم ئاسان ساڭا ،
مەندە ئىسيان بولسە نۇقسان ساڭا .
قىلماغاچ ئادەمنى شەيتاندىن جۇدا ،
تۈنۈ كۈن بولمايدۇ ئىسياندىن جۇدا
دەپ يازىدۇ . ( «مەسنەۋى خاراباتى»دىن )
شائىر ئىلىم - مەرىپەت توغرىسىدا يەنە مۇنداق يازىدۇ :
بولمىسا ھەركىمدە ئىلمۇ - مەئرەفەت ،
قويسا ھەر سارى قەدەم بولغاي غەلەت .
ئېيتاي ئەي تالىپ ساڭا چەندان سۇخەن ،
مەئىرەفەتسىز جىسىمدۇر جانسىز بەدەن .
كىمدە بولسا مەئىرەفەت ئىنسان تۇرۇر ،
بارچە مۈشكۈللەر ئاڭا ئاسان تۇرۇر .
تاپمىغى ھەركىم ئۇنى ئاسان ئېمەس ،
ئىچمىسە ھەركىم ئۇنى ئىنسان ئېمەس .
ھېچ لەززەت ئىلىمدىن خۇشتەر ئېمەس ،
ئىلىمسىزلەرنى خەلق ئارا بىھتەر ئېمەس .
ئىلىم بىرلە سەير ئېتەر ئەرشۇ - ئەلا ،
ھەم فەلەك ھەم يەرۇ ھەم تەھتە سارا .
ئەي قاياشىم ، ئىستە ئالىم سۆھبەتىن ،
جانۇ - كۆڭلۈڭ بىرلە قىلغىل خىزمەتىن .
ھەر دىيارنىڭ چاراغى ئالىمى ،
ھەر قارا تۈننىڭكى ماھى ئالىمى .
ھەر دىيارنىڭكى باغى ئالىمى ،
ھەر دىيارىنىڭكى شاھى ئالىمى .
«كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى» نىڭ قوليازما ۋە تاش باسما ھالەتتىكى بىر قانچە نۇسخىسى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلاردىن مىلادىيە 1822-يىلى ئاقسۇلۇق كاتىپ موللا مۇھەممەد خوجا بىننى موللا توختى سوپى ئاخۇن تەرىپىدىن كۆچۈرۈلۈپ، ھازىر ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا ساقلىنىۋاتقان قوليازما نۇسخىسىنى ، مىلادىيە 1909 - يىلى تاشكەنت ئارىپجانوپ مەتبەسىدە بېسىلىپ ، ھازىر شىنجاڭ ئونۋېرسېتىتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىنى يەنە تەخمىنەن مىلادىيە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاشكەنت "غۇلامىيە" مەتبەسىدە بېسىلىپ ، ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن . |