گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 304|ئىنكاس: 0

ۋەتەننى كۈلدانغا باسمايلى ئەمدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

87

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 14:17:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 304- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


ۋەتەننى كۈلدانغا باسمايلى ئەمدى

مۇھاببەت  بەرگىدە قۇياش ئۈمچىيەر  ،
مىليۇن ئادەملەرنىڭ تەنھالىقىغا .
ئىشەنچ پىشمىغان بىتەلەي جاننىڭ ،
سايىسى بەرمەيدۇ گۇۋاھلىقىغا.

كىرلەشكەن چەمبەرنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن
يۈز كېلىپ تۇرىدۇ بىر چىمدىم تۇپراق .
ئىپپىتى بۇزۇلغان چىغىر يوللارغا ،
كۆزىنى يۇمماقتا بېتەلەي بۇلاق .

بىناۋا ھاۋانىڭ پۈرلەشكەن يۈزى ،
تاپانلار ئاستىدا بولدى خەرىتە .
لەۋلەرسىز ئوتلانماي سوۋۇغان سىنچاي،
غەيۋەتلەر چىلىنىپ تۇرىدۇ چەتتە .

مەنسەپكە باغلانغان تەنھا غېرىپلىق ،
قەۋمىنىڭ گۆشىنى چانار ئاۋازسىز .
قىيسايغان ئېتىقاد ئۈلگۈرسە شامغا،
چىن سۆيگۈ راۋابى بولامدۇ تارسىز ؟

يالغانچى كۆزلەرگە قول باغلاپ بېرىپ
قۇرۇتۇپ قاق قىلدۇق بۈگۈننى تالاي .
ئانا سۈت ئەممىگەچ ئوغرى چىشلىرىم ،
مامىكاپ بەدەنلەر بولماقتا مالاي.

خىياللار سۇنماقتا رىشاتكىسىدا ،
كۆك رەڭگە ئۆزگەردى مەخپى سىزىقلار .
قەبىلەم پېيىغا ئۇرۇلدى تامغا ،
ئاتەشنى يىمەكتە ئاچكۆز بېلىقلار .

چاشقاننى باشقۇرۇپ مۈشۈككە بېرىپ ،
بولىمەن تىرىشچان يايلاق ھەرىسى.
ئادەتلەر بولغاچقا قوتۇر كېسىلى،
تاملارغا چاپلاندى ئەخلاق دەرىسى.

ئايالنىڭ كۆز يېىشى _ كىچىك بالىدۇر  ،
مېھرىبان ئەمچەككە قوپىدۇ ۋەتەن .
ئانلار دۇنيانى ئاسار قازانغا ،
سەھەردە دوقمۇشتىن ئۆتىدۇ ۋەتەن .

تاغلارنىڭ زوكامى بىر يۇتۇم دورا ،
شېئىرنى چىلايمەن تاغنىڭ سۈيىگە.
قاندۇرسام خەلقىمنىڭ ئارمانلىرىنى ،
ئۈچ پەدە دەسسەيمەن دوقمۇش كۈيىگە.

قاراۋۇل توخۇلار تۇغسا سەھەرنى ،
چىمەنلەر بەرگىگە ئاسىمەن تۇمار .
قىزىقىش ئىلكىدە ئاياقنى يىرتىپ .
بارماقنى ئايدىڭغا قىلىمەن خۇمار .

كېسىلىپ تۈگىسەم مەنبەلىرىم بار ،
كېتەرمەن ئېھتىمال ئۆزۈمنى تىلىپ .
ئېتىزىم دېنىنى قىلمىسام پۇچەك ،
باشقىلار چۈشىنەر قارانچۇق بىلىپ .

قەۋمىمنىڭ ئۇرىقى كۆكلىسە نورمال ،
ئېخ ، نورمال ئېچىلار كۆڭۈل سېيرىتمام .
چاشقانلار بېغىمغا بىلدۈرسە ھۆرمەت ،
خاتىرجەم چاي ئىچەر باراڭدا ئانام .

شىۋاقلار ئەركىلەپ سۆيسە بۇلۇتنى ،
ياپ –يىشىل زىمىندا قىلسام ئىبادەت.
خاسلاشقان كۆڭۈللەر چاچسا خۇشپۇراق ،
سەجدىگاھ زىمىندا بولۇر بەرىكەت .

ھەقىقەت ھەققىدە قاسىراق بولۇپ ،
سوقولدۇم ئۆزگىلەر دوققىلىرىغا .
قىياقنىڭ لېۋىگە يېزىپ < ب د ت >
يېتىمەن ئارماننىڭ چوققىلىرىغا .

تېپىلغان ھېجىرنىڭ مەخپىيەتلىكى ،
ئاچىدۇ قۇملۇقنىڭ شېرىن چۈشىنى .
تىلىمنى بىلمىگەن تۈلكە – مايمۇنلار ،
بامبۇكتا نەي چېلىپ قىلسۇن ئىشىنى.

كېچىلەر بېتىدىن ئېلىپ ئارىيە  ،
پىچىرلاپ دۆڭلەرنى سەگىتىپ قوياي  .
ۋەتىنىم،  تېنىڭنى مايلىغاچ دەيمەن
ئەۋلاتلار قىززىققان بىر رەڭدە بوياي.

كۆپەيسۇن بىمالال توغراق تۇخۇمى ،
تەڭرىتاغ،  كىندىكنى ئاچمايلى ئەمدى !
ۋېتامىن سېغىنغان ئەۋلاتلار ئۈچۈن ،
ۋەتەننى كۈلدانغا باسمايلى ئەمدى !

ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:44 , Processed in 0.178317 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش