ساغلاملىقتا 5 كە ئەھمىيەت بېرىڭ
1. ئەقىللىق ھالدا بەدەن چېنىقتۇرۇڭ
ئەگەر سىز بەدەن چېنىقتۇرۇش زالىدا بارلىق كۈچىڭىز بىلەن ھەرىكەت قىلماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭغا ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. ئادەتتە، ئون كىشى ئىچىدە بىر كىشى ھەقىقى توغرا بولغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى چۈشىنىدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى پەقەتلا ئۆزىنى چارچىتىش بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا كىشىلەر ناھايىتى ئاسان زەخمىگە ئۇچىرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈمى بەك كىچىك بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۆز چېنىقىش ئۇسۇلىمىزغا توغرا بولغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.
2. كۆپ ۋېلىسپىت مىنىپ بېرىڭ
كىشىلەر كۆپ ۋېلىسپىت مىنىپ بېرىشى كېرەك، ئوتتۇرا سۈرئەتتە مىنىش، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىغا ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولىدۇ. ئورۇقلاشتىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
3. كۈندە يېرىم سائەت سەيلە قىلىپ بېرىڭ
ئامال بار ھەر ھەپتىدە 4-5 قېتىم سەيلە قىلىپ بېرىش لازىم. ھەر قېتىم 30-40 مىنۇتقىچە داۋاملىشى كېرەك. بۇ سالامەتلىككە ناھايىتى پايدىلىق. قانۇنىيەتلىك پائالىيەت بەدەن ساغلاملىقىغا ناھايىتى پايدىلىق. يەنە ئورۇقلاش ئۈنىمىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ. كۆپ پۇل خەجلەپ بەدەن چېنىقتۇرۇش كۇلۇبلىرىغا قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەتلا راھەت ئاياغتىن بىرنى سېتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.
4. پەلەمپەيدىن كۆپ چىقىپ بېرىڭ
ئەڭ ياخشىسى لېفىتكە ئاز ئولتۇرۇپ، پەلەمپەيدىن كۆپرەك چىقىپ بېرىڭ. پەلەمپەيدىن چىقىش ناھايىتى ياخشى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، قان تومۇرغا ناھايىتى پايدىلىق. يەنە سىزنىڭ پاقالچەك مۇسكۇلىڭىزنى ياخشىلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قورساق مۇسكۇلىڭىزمۇ چېنىقىشقا ئېرىشىدۇ.
5. توغرا يول يۈرۈش قىياپىتىنى ساقلاڭ
توغرا يول يۈرۈش قىياپىتى ۋە ئولتۇرۇش قىياپىتىنى ساقلاش سالامەتلىككە ناھايىتى پايدىلىق. نۇرغۇن كشى بوشاڭلىقتەك يامان ئادەتنى يېتىلدۈرىۋالغان. بەزى ناچار بولغان قىياپەتلار دۇمبە تارتىشىپ قېلىش ۋە باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يول يۈرگەندە ئىككى مۆرىنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ، بويۇننىڭ تۈزلىكىنى ساقلاش، داس بوشلۇقى مۇسكۇلى جىددىيلىشىپ، كۆكرەكنى كۆتۈرۈپ قورساقنى يىغىش كېرەك. بۇنداق ماڭغاندا ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلىسىز. |