كىتاب ئىشان ھۇۋەيدا چىميانى
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
1
ئىلاھى سەن كەرەم بىرلە كەچۈرگىن ئەي خۇداۋەندا
گۇناھى جۈملە مۇئمىننى ئايا مەئبۇدى بى ھەمتا.
ئوشۇل سەھرادا قاينار مۇنفەرسەر مىسلى قازان يەڭلىغ
تىلىم تىزگە تۈشۈرۈپ تەشنا ئەيلەپ قىلمىغىل رەسۋا.
كېلۇر نەيزە بويى خۇرشىدى تەبان فەۋقى سەر ئۇزرە
ئوشۇل كۈن باشىمىزغە چادىرى رەھمەتنى قىل پەيدا.
قورۇلسە ئول فەمەن يەئمەلدە مىزانىم سەبەك قىلما،
ساۋابىمنى گۇناھىمدىن ئەيا سەتتار مەئيۇبىھا.
قەدەم قويسا يىقىتماغىل سىراتىم مۇستەقىم ئۇزرە،
گىرىپتار جەھىم ئەيلەپ قۇلۇڭنى قىلمىغىل رەسۋا.
ھەممە ئىش بىزگە مۈشكۈلدۇر، سېنىڭ ئالدىڭدىدۇر ئاسان
سەن ئوقسەن بارچىنىڭ پەرۋەردىگارى ھەللە مۇشكۈلەھا.
ئۈمۈدىم كۆپتۇرۇر لاتەقنەتۇ مىنرەھمىتىللاھدىن،
ئەگەرچەندىكى ناشايەستە ئىشلار ئەيلىسەم بەرپا.
ئوشۇل ھەۋلى قىيامەتنى ئىلاھى ئەيلىگىل ئاسان،
بىھەققى سەييىدى كەۋنىن سۇبھانەللەزى ئەسرا.
نە خۇش بەختى-سائادەتتۇر
مۇھەممەد ئۇممەتىم دېسە،
سېنىڭدەك ئۇممەتىم يوق دېسىلەر پەريادى ۋاۋەيلا.
خالايىق ئالدىدا شەرمەندە بولۇپ تۈرمۈلۈپ قالسام،
قارا كۈنلەر ئوشۇل سائەت باشىمغە بولغۇسى پەيدا.
قۇرۇق تىل بىرلە ئەيتۇرمەن مۇھەممەد ئۇممەتى مەن دەپ،
يېمەك –ئىچمەك ئىشىم بولدى، قېنى تائەت، قېنى تەقۋا.
شاپائەت بەھرىدىن سىراپ قىلغىل جۈملە مۇئمىننى،
تۈفەيلى ياخشىلار مەن ئاسىي قۇلنى يا رەسۇلىللا.
ئايا ئەھمەد ماڭا بىر قەترەئ بەھرى شافائەتتىنم،
دەرخ ئەتمە ھۇۋەيدا گەرچە بولسا ئاسىي ۋە گۇمراھ.
مەن ئاسىي مەن، نەچارىمەن، دەرماندىمەن يا مۇستەفا،
ئول روھى پاكىڭغا سېنى ئىلكىم ئېچىپ قىلدىم دۇئا.
ئىسيان چۆلىن يۈردۈم كېزىپ قالدىم ئارا يولدا ئېزىپ،
فەسمەئ دۇئانا ۋەستەجىب ئەي جۈملە ئەلغە رەھنەما.
بىچارىلەر غەمخارىسەن، دەرد دىلىم تۇمارىسەن،
پۇشتى پانا ئۇممەتكە سەن، ئەي شافىئ روزى جەزا.
بىراھىبەر يولغا كىرىپ، قالدىم ئارا يولدا ھېرىپ،
ئازدۇردى يولدىن نەيلەيىن يا ئەھمەد نەفسۇ ھاۋا.
يا رەھمەتەل لىلئالەمىن ئەي ئەنبىيالارگە نەكىن،
ئەي سەيىد روھى زېمىن، ئەي پىشىۋايى ئەنبىيا.
سەن سەن رەسۇل ئالەمىن، سەن سەن ئىمامۇل مۇتتەقىم،
سەن سەن شەفىئۇل مۇزنىبىن، ھادىل مۇزىللىن ئىھدىنا.
زۇھدى ئەھلى بىرلە ھەمنەشىن، ئىشق ئەھلىغە ئەينۇل يەقىن،
مىرئاتۇ قەلبىل مۇئمىنىن ئەي ئاپتابۇ ۋەز زاھا.
مىسباھى ئەيۋان رەسۇلى سەن سەن، ئىمامى جۇزئى ۋە كۇل،
ئەي ھادى ئەھلى سۇبۇل، ئەي چەشمە جانغا تۇتىيا.
سەن سەن ئانادىن مىھرىبان، سەندىن تىلەرمىز كۆپ ئامان،
كەلسە ماڭا ھەرنە زىيان، سەن سەن ماڭا يەڭلىغ پانا.
سەنگە رەسۇلى مۇجتەبا بەدرۇددۇجا نۇرۇلھۇدا،
ئەيلەر ھۇۋايدا كۆپ دۇئا، روھىڭگە ھەر سۇبھى – مەسائ.
2
بىئەدەد مەندىن دۇئا، ئەي چارىيار باسەفا،
سىزكى ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىيۇ مۇرتەزا،
سىدىقۇ ئىخلاسىم بىلە ئەي ئالۇئەسھابى رەسۇل،
روھىڭىزگە قول ئېچىپ شامۇ-سەباھ ئەيلەي دۇئا.
تارتتى ئەھمەد جەۋرۇ مىھنەت ئوشبۇ فانىي دۇنيادە،
ئۇممەت ئەرسەڭ بولغىل ئەمدى پىرۇئەۋۋەل مۇستەفا.
بىرلەرى سىدقۇ ساداقەت ئەۋجىدە بىردارمىز،
بىرلەرى ئەدلۇ ئادالەت بۇرجىدە شەمۇ زۇھا.
بىرلەرى ھىلمۇ ھايا ئىقلىمىدە بەھرۇ ھايا،
بىرلەرى لۇتفى كەرەم ئورنىكىدە كانۇ سەخا.
نۇرى چەشمى ھەيدەركىرەرنى زالىم يەزىد،
قىپ قىزىل قانغا بويا قىلدى شەھىد كەربالا.
ئەي ھۇۋەيدا ئىشىق ئەھلى ئۇشبۇ سۆزنى ئەيتتىلەر،
سابىرىن بىل بالائى ۋە رازىيىن بىل قازا.
3
خۇدايا گەردۇ ئىسياندا قېلىپمەن قىل سەفا ئاندا،
ئەگەرچەندىكى بولسام ئاسىي نامە سىياھ ئاندا.
ئوشۇل سەھرادا ئەل بولغاندا ئۆز ھالى بىلەن ھەيران،
ئىلاھا رەھىم قىل مەن ئاسىيغا يا رەببەنا ئاندا.
نىچۈك تاقەت قىلۇر، زارۇ زەلىل ئاسىي قۇلۇڭ ئۇل كۈن،
قەد نەيزا كېلىپ تۇرغاندا شەمسۇ ۋەززۇھا ئاندا.
تارازىۋى ئەمەل بىرلە سىرات ئالدىغا بارغاندا،
ماڭا دەستىگىر سەن سەن ئۆزگە يوقتۇر مۇتتەكا ئاندا،
قىلۇرمەن كېچە- كۈندۈز رۇسىيالىق مۇندا پىنھانە،
ئىلىك سۆزلەپ ئاياغ بولسە نەقىلغايمەن گۇۋاھ ئاندا.
ھۇۋەيدا يىغلىغىل مۇندا مۇدام ئۆز ھالىڭغا بىسيار،
ئىسسىق قىلماس فىغان-نالە ۋە ھەسرەتا ئاندا.
4
سىفاتىڭنى نە تىل بىرلە بايان ئەيلەي خۇداۋەندا،
ئېرۇر ئاجىز سىفاتىڭ ئەيتقالى بۇ كۇللى ئەشيا.
سىفاتىڭدۇر سېنىڭ سۇبھان، رەئوف ھەم رەھىم رەھمان،
قەدىم لەم يەزەل سەن سەن كەرىم ھەييۇن لامەۋتا.
ئەھەد سەن سەن، سەمەد سەن سەن، ئېرۇرسەن لەم يەلىد بىشەك،
ۋەلەميۇلەد سەن مۇلكى شەرىكسىز شاھى بىھەمتا.
ئېرۇرسەن بىچۈن بىشۇبھى ۋەلىي بى مىسلى بى مانەند،
يەنە ھەم بى نەمۇنە بى چەگۇنە خالىقۇ ئەھيا.
شىكەستە ئاجىز زارۇ زەلىل بىناۋا قۇلمەن،
قۇلۇڭغا ئىلتىفات ئەيلە بۇ دەم ئەي شاھى بىھەمتا.
يۈرەرگە قويمىدىڭ بىزنى جەھان بى باقا ئىچرە،
ئىلاھا قىلمىغىل ئول ھەشىر ئەھلىنىڭ ئالدىدا رەسۋا.
ئۈمۈدىن قەتئى قىلماي بول ھۇۋەيدا جان كۇللىيدىن،
جاھاننى پەشتىپا ئۇرماي تاپالماستۇر سېنى ئەسلا.