نەزەر مۇفتىغاخەت
ئەھمەدشاھ قاراقاشى
دۇئايى بىئەدەد ، خاجە ، نەزەر مۇپتىمغە ئەلبەتتە ،
تەھىيياتۇ سەلامىم ئانچۇنان ئاھۇ نەدامەتتە ،
ۋىسال ئولغاي دۇئا بىرلەن سەلامىم ياخشى سائەتتە ،
سېنى ياد ئەيلەگۈم ھەركۈن سەھەرلەردە ئىبادەتتە ،
كى سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە .
ساڭا مەن نامە يازدىم ، نامۇناسىپ لەفزدىن ، ئەي يار ،
بىھەمدۇللاھ ، تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلەدىم ئىزھار ،
بىلىشنى ئىستەسەڭ ، مۇندا شۈكۈركىم ، بىز ئەمەس بىمار ،
تېنىڭ ساقمۇ بۇ كۈنلەردە سېنىڭ ، ئاندا نەھالىڭ بار ،
مۇشەققەتلىكمۇ سەن ، يا ئۆتتىمۇ ئۆمرۈڭ فەراغەتتە ؟
قارىيلىق ھالىدىن سورىسام ، يېتىشتى نەچچىگە ياشىڭ ،
سېنىڭ ھالا بۇ كۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ ،
ئايال ، ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ ، يەنە قەۋمۇ قارىنداشىڭ ،
نېچۈكدۇر ئىشتىھايىڭ ھەم ، سىڭەمدۇر ئابىيۇ ئاشىڭ ،
مىزاجىڭ خۇب ، چىرايىڭ تازەمۇ ھۇسنۇ مەلاھەتتە ؟
ئىشتكىل ، ئەي رەفىقا ، سۆزنى ئەھمەدشاھ قاراقاشتىن ،
بايان ئەيلەيكى ھالىمنى ساڭا ئەمدى يېڭىۋاشتىن ،
ئەقىدەم بار ئىدى شۇنچە يەقىن تۇغقان قارىنداشتىن ،
سېنىڭ كۆڭلۈڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گويا قارا تاشتىن ،
كۆرۈپمەن ، بىلگەنىم يوق مەن ئۇنى ئەينى زەرۇرەتتە .
سېنى مەن دوستۇم يارىم دەپ ، كۆڭۈلدە ئىئتىقاد ئەتكەچ ،
مۇھەببەت رىشتەسىدىن ھەر زەمان كۆڭلۈمنى شاد ئەتكەچ ،
سىفاتىڭنى قىلىپ دائىم خوتەن ئەھلىغە ، ياد ئەتكەچ ،
ئىبەردىم ساڭا ئاتمىش تەڭگەنى ، كۆپ ئىئتىماد ئەتكەچ ،
ئىبەرگەيمۇ دەبان بىر ياخشى ئات ، ئۆتتۈم خىيالەتتە .
پۇلۇمنى توختاتىپ بىر يىل ، ئىبەرىپسەن ماڭا بىر ئات ،
ئىشەكچە يوقكى رەفتارى ، بۇ ئاتنىڭ ھەر نەفىئلى يات ،
كى يولدا توختاۋالدى قامچە بىرلەن ئۇرماسام پات -پات ،
كۇلا ، ئارغامچەنى ئۈزدى قوزۇققا باغلاسام قات -قات ،
ئۇلاپ ئارغامچەنى ھاردىم ، كۈنى قالدىم ھالاكەتتە .
بايان ئەيلەي يەنە بىر -بىر بۇ ئاتنىڭ ئەيىبىنى ، ئاڭقا ،
قىڭىر قۇيرۇق ، سىڭا سۆڭگەچ ، پۇتى مايماق ، بويى لاڭقا ،
بىرى تەپكەك ،بىرى مۇڭگەك ، بۇ ئەيىبلەر ئۈستىگە ماڭقا ،
ساماندىن بەش كۇشۇك يەپ ، ھەر قەدەمدە بىر ساڭقا ،
تۇغۇلماس ھېچ ۋىلايەت ئىچرە بىر ئات بۇ قىياپەتتە .
مىنىپ چىقسام ئالىپ ئۇردى ، يىقىلدىم ، نەچچە كۈن ياتتىم ،
قۇيۇپ بەرسەم ، بۇزۇپ باغنى ، ھەمىشە ئەلنى قاقشاتتىم ،
سۇغارغاندا قاچىپ سۆدرەپ ، ئاران ھارغاندا توختاتتىم ،
تىگىشتىم ئۇي بىلەن بەش -ئالتە نەۋبەت ، ئون قاتىم ساتتىم ،
قىلىپ دەئۋا كېلىۋەردى ، ماڭا ياندى شەرىئەتتە .
ئەگەر يولغا مىنىپ چىقسام ، تۈزۈك يۈگۈرۈپ چاپالمايدۇ ،
ۋە يا ئۇي ھارۋىسى بىلەن بارابەرمۇ ماڭالمايدۇ ،
مۇبادا توختاپ قالغاندا ئۇرۇپ قويسا چىچاڭلايدۇ ،
مىنىپ تۇرغان كىشى شۇئان بېرىپ يەرنى قۇچاقلايدۇ ،
خەتەرلىكتىن بۆلەك خىسلەت تېپىلماس بۇ كەسافەتتە .
ئۇرۇپ مىڭ تەستە چاپتۇرسام ، سوكۇلدايدۇ ئېشەك ئوخشاش ،
قوساق سانجىق بىلەن ئاغرىپ ، كېتەر گويا زىڭىلداپ باش ،
يەنە بىر ئەيىبى شولدۇر ، چىرقىراپ سەت ، يولدا تاپتۇختاش ،
زېرىكمەي مىنسە ، بىر سائەت بېرەلمەس ھېچكىشى بەرداش ،
شەھەر -يېزا ئارا قىلغان سەفەر ، سەيلە -ساياھەتتە .
زەرۇرەتتىن مىنىپ ، دوستلار بىلەن بارسامكى بىر سارى ،
بولالماي چۈشكەچە ، ئاش ۋاقىتلىق يەرگە بارىپ ھاردى ،
كېيىن قالدى ئېشەكتىن ، ناگەھان ئۇي بىرلە تەڭ باردى ،
پاتىققە بىر پاتىپ ئالسا ، كۆتەرسە قوپماغاي زادى ،
قايان بارسام بۇ ئات بىرلەن قالىپدۇرمەن فەلاكەتتە .
ئارىقنى كۇرسە ياندى ئارقاسىغە ، ئۆتمەدى ئاتلاپ ،
ئەگەر يولغا كىرىپ ئالسا مەگەركىم ، ھارمادى قاتراپ ،
غۇلاپ بوينىغە تۈشتۈم ، قاتارغاننىڭ زەبتىدىن ساچراپ ،
ئىچىم سانجىق بىلەن تولدى ، قوۋۇرغام بەنتىدىن ئاجراپ ،
ساقايدىم ھەر زامان پارپى بىلەن مەئجۇنى شەربەتتە .
بوغۇز يېسە باسىپ يېدى تولا ئىخلاس بىلەن چايناپ ،
خورازدىن قىزغانىپ پۇرقۇپ ، تېپىشلەپ پۇتلىرى ئويناپ ،
ساۋۇتقاندا تۇرار مۈگدەپ ، كۆزىدىن چافاق قايناپ ،
كى باشى ساڭگىلار يەرگە ، چىۋىنلەر بەستىنى قاپلاپ ،
قايۇ بىر جانغە خۇش كەلگەي سىياقى بۇ لاياقەتتە ؟
بۇ ئاتقا ئىستەسە ، ئالەمدە بىر ئوخشاشنى تاپماسلار ،
يىقىلسا نەگەھان سۈدرەپ ، تېپىپ -ئۇرماسا قوپماسلار ،
زورىدىن بىر يۈگۈرسۇن دەپمۇ ھەر نە قىلسا ، چاپماسلار ،
سەلاملاشسام ، تۇرۇپ ئالىپ ، تاياقسىز زادى ماڭماسلار ،
دەرىخا ، قالماسۇنلار يولدا ھېچكىم ئۇشبۇ ھالەتتە .
تېپىپ قاشىغە كەلتۈرمەس كىشىلەرنى ، يەقىن بارسا ،
تۇيۇقسىزلا مۆڭۈپ قاچقاي ، بىرەر شەپە تۇيۇپ قالسا ،
ساچىپ رەسۋا قىلار ئوت -چۆپ ، ساماننى ئالدىغە سالسا ،
ئوقۇر ئۆرۈيدۇ ھەر كۈنى ئېغىل ئىچرە ئورۇن ئالسا ،
بۇ ئاتتىن بەك زېرىكتىم مەن باقىپ بىچاغ بىتاقەتتە .
ئېغىلنى توختىماي بۇزدى ، ئىشىكنى كۆپ قاتىم چاقتى ،
بوغۇپ تەخەرنى ئۆلتۈردى ، موزاينىڭ ھەم خۇنى ئاقتى ،
قاچىپ كەتسە تۇتۇق بەرمەي ،تالاي كۈن باشقىلار باقتى ،
تۆلەپ ھەق ھارمادىم مەنمۇ ، ھايات ھەركىمگە خۇش ياقتى ،
تالافەتتىن بۆلەكنى كۆرمەدىم ، قايغۇ - نەدامەتتە .
بوشاپ چىقسا تالاغا ، توختاماي سەكرەپ چىچاڭلايدۇ ،
كىرەر بولسا چەمەننى چەيلەبان ، بوستاننى چاڭلايدۇ ،
كىشىنى كۆرسە كىشنەپ ، كەلسە چىشلەپ ، تېخى قوغلايدۇ ،
قاپاقۇ كوزىنى چەيلەپ ، چۆگۈننى ئۆرە قويمايدۇ ،
بالا- ئۇششاقلىرىم بۇ ئات بىلەن ھەردەم ئەداۋەتتە .
بۇزۇپ ئەلفازىنى بىر كۈن قاچىپ بىر مەلىگە يەتتى ،
كى قوغۇنلۇققا كىردى ، ئىشتىھا بىلەن غاجاپ كەتتى ،
جامائەت ئاۋلاشىپ شۇدەم ئاغىز -بۇرنۇمنى قان ئەتتى ،
بەدەل بەردىم تاغار ئاشلىق ، قوساقنى دەرد -ئەلەم ئەستى ،
بۇ ئات بىلەن قالىبدۇرمەن ھەمىشە كۆپ مەلامەتتە .
مېنى زاڭلىق ئېتىشتى خەلق ، بۇ ئات ئەھۋالى كۆپ تارقاپ ،
ئالىپ چىقماسقا بەند قىلدىم ،ئۇنى تۈۋرۈككە چىڭ باغلاپ ،
قۇماردى -يۇلدى تۈۋرۈكنى ،كېچە كىرسەم مۆڭۈپ قۇتراپ ،
كەسافەتنى ئېغىل باسقاچ توكۇر بولدى پۇتى ئاقساپ ،
دېدىم مەن : ئۆلسەمۇ ئۆلسۈن ، خۇدا قىلغان ئىرادەتتە .
ئۇرۇغ -تۇغقانلىرىم قانچە قاشىمغە ئات سوراپ كەلدى ،
بۇ ئاتنىڭ ئەسلى خۇي -پەيلى مېنى غەمگە ئوراپ كەلدى ،
باھانە ئەيلەسەم نەچچە ، ئۇلار يامان قاراپ كەلدى ،
ئىلاجىم يوق بېرىپ ئەردىم ، مىنەلمەي ياندۇرۇپ كەلدى ،
بۇ جانىم چىققالى تۇردى كۈنى يۈزمىڭ خىجالەتتە .
ئىبەرگەن بۇ ئاتىڭغە ھېچ كىشى بىر يول قاراپ باقماس ،
قەلەندەر بىرلە ھابدالدىن بۆلەكلەرگە غولى ياقماس ،
كۆتەرىپ گەز بويى ھېچ ئات ساغىرنى ئۇشبۇ رەڭ چاقماس ،
كىشىكىم ئات بەلاسىدىن بۇ ياڭلىغ بىھىساب قورقماس ،
ئالىشتىم ،غەم بىلەن قايغۇ باسىپ تائەت -ئىبادەتتە .
تولا ھەيدەۋېتىپ باقتىم ، سوراپ - ئىستەپ ئېلىپ كەلدى ،
يېدى ئات ئاشلىقىمنى دەپ نەچە نەۋبەت زىيان ئالدى ،
زىياننى بەرمەسەم ، ھەيدەپ كېتىپ ، ئۈچ كۈن سۇلاپ سالدى ،
يىغىپ يۇرت خەلقنى ، ئالدى زىياننى ، ئات ماڭا قالدى ،
خالايىق ئىچرە قالمىشتۇر باشىم ئانداغ شىكايەتتە .
قۇتۇلسام ئۇشبۇ ئاتتىن دەپ خەرىدارنى ئاختاردىم ،
بېدىكنى ھەرقاچان كۆرسەم ، سۈچۈك تىل بىرلە يالباردىم ،
قارى ھالىم بىلەن قاتراپ ئۆيىگە كۆپ مېڭىپ ھاردىم ،
يېيىشلىك ھەم كۈچى بار دەپ ئانى مەن ئانچە ماختادىم ،
بازاردا يەتمەدى ئالغان پۇلۇمغا بۇ سەلاھەتتە .
ساتالمايىن بۇ ئاتنى مەن ، سالىپ ھەر ھەفتە بازارى ،
بۇ ئاتنىڭ ئەپتىدىن قورقۇپ يەقىن كەلمەس خەرىدارى ،
يامانلىق شۆھرەتى بولدى خوتەن بازارىدا جارى ،
بىراۋ كۆرسە ئانى ، قاچتى ، ئالىب بارغىل دەبان نارى ،
نېتەيكىم ، مەن بۇ كۈن دوست - يار ئارا چەندان مەلامەتتە .
بىزار بولغاچ تولا ، كۈن -تۈن يەنە بازارغا ئەپ چىقتىم ،
تىلەگەنگە ساتايىن دەپ ، بۇ سۆزنى ئۆيدە دەپ چىقتىم ،
ياپىپ جۇل ھەم يەنە ئوبدان ئىگەر ئۈستىگە سەپ چىقتىم ،
ساتىلماي قالماغايدى دەپ تۈمەنمىڭ غەمنى يەپ چىقتىم ،
نەدامەت ئەيلەبان ، قالدىم ئەجەب بىچاغ زەلالەتتە .
كى ئاندى ئىككى ئاي باقتىم پىچانغە روزۇ شەب باغلاپ ،
سىلاپ جىسمىنى مەن ھەركۈندە كۈنجۈت ياغىدا ياغلاپ ،
بوغۇزنى قايناتىپ بەردىم ،يېدى ھەر چاغ ئۆزى چاغلاپ ،
بېدىكلەر ئولىشىپ يالغاننى ئايتىپ ،ئانچۇنان داملاپ ،
ئەخىر ساتتىم نېسىغە ، بىر قەلەندەر ئالدى مۆھلەتتە .
شىكايەتكە ئاغىز ئاچسام ئارام ئالماي قىلارمەن داد ،
قۇتۇلدۇم ئۇشبۇ ئاتتىن ، بولدى كۆڭلۈم قايغۇدىن ئازاد ،
سۇنۇپ پۇت-قولنى ياتقۇم ئەمدى راست رۇھى رەۋانىم شاد ،
نەزەرلەردىن ھەزەرلەر ئەيلەمەككە مىڭ قەسەملەر ياد ،
كى ئۆمرۈم ئۆتكۈسى دوستۇ -يارانلارغە سەداقەتتە .
توشۇبدۇر ئاسماندىن ئون تۇلۇمدا لاف بىلەن يالغان ،
جەمئى ئالەمغە بىر ھەسسە ، دۇلانغا توققۇزى قالغان ،
سەھىھ يالغان ئەمەسمۇ ئاتنى ئاتمىش تەڭگەغە ئالغان ،
بۇ ئاتمىش تەڭگەدىن تەھقىقكى ئوتتۇز تەڭگەنى سالغان ،
غەنى بولغان ئىكەنسەن ئەسلىدىن شۇنداغ خىيانەتتە .
ئۆزۈڭ موللا ، بەرادەر ، بىنەھايەت نەفسىڭ غالىب ،
چىرايىڭ خۇب سەلافەتلىك ، بىلۇرمەنكىم دىلىڭ قالىب ،
بولۇپدۇرسەن بارىپ ئاندا كىشىنىڭ ھەققىغە تالىب ،
كۈنۈڭ ئوبدانمىدۇر ، ئەي يار ، مېنىڭ ھەققىمنى ئېپ قالىپ ،
كەچۈرۈپ روزىغارىڭنى يۈرۈپسەنمۇ ھەلاۋەتتە ؟
سېنى مۇپتى دېگەن بىرلەن ، ئۆزۈڭ ئانچە سەۋادىڭ يوق ،
سېنىڭ ھەق بىرلە ناھەقنى بىلىش چاغلىق ئىمانىڭ يوق ،
سەداقەت يارۇ دوستلارغە ئۇمىدۇ ئىئتىقادىڭ يوق ،
قارىنداش ، ئەلگە ، تۇغقانغە ، تارىغچە ئىئتىمادىڭ يوق ،
ئىشەنگەي كىم ساڭا ئەمدى ، بەرادەر ، ئۇشبۇ ھالەتتە ؟
نامۇس قىل خەلقى - ئالەمدىنكى ، سالىمسەن ، ئەمەس بىمار ،
خىيانەتلىك قىلىپ شۇنچە ، خىجىللىق ئەيلەمەك دەردكار ،
مېنىڭ ھەققىمنى يەپسەن ، خەير ، يېمەگىل ئۆزگەنىڭ زىنھار ،
كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ ، مىڭ ئىبادەت قىلغىنىڭ بىكار ،
سەئىي بىرلە تۈنۇ -كۈن ئۇخلاماي تۇرساڭمۇ تائەتتە .
ماڭا ئول ئات ئۈچۈن دائىم ئۆيۈمدە كۆپ مەلامەتتۇر ،
يېمەك بىر ئاتتا ئوتتۇز تەڭگەنى قانداق خىيانەتتۇر ،
يەقىنلاشقاچ قىيامەت ، بەد دىيانەتلىك ئەلامەتتۇر ،
مېنىڭ قالغان پۇلۇم بىر نەچچە كۈن سەندە ئەمانەتتۇر ،
بېرەردۇرسەن ئۇنى تاڭلا تۇلۇق روزى قىيامەتتە .
********
مەنبە :ئېزىزئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ <ساترىك
شائىر ئەھمەد شاھ قاراقاشى> دېگەن كىتابى