گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 665|ئىنكاس: 5

ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن (شەھرىزات)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

9

دوست

348

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 00:18:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 665- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەھرزات@ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-13 11:55  

ئامرىغىم،سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن


باھاردا ئىچىلغان ياۋا گۈل ئىدىم،
ئاھ كىملەر چەيلىدى نازۇك بەرگىمنى.
كۆزۈمدىن ئاققۇزۇپ نادامەت يىشى،
قاي ئىنسان ئۆچۈردى گۈزەل رەڭگىمنى.

كىشىگە يامانلىق قىلمىدىم ئەسلا،
ۋە لىكىن بىراۋلار قاخشايدۇ مەندىن.
چوغ سۇنسام ئۆزگىگە ياندى مۇز بولۇپ،
يۈرىگىم سىقىلدى ئاچچىق ھەسرەتتىن.

قەلبىمگە لىق تولغان گۈزەل ئارزۇلار،
نىجاتلىق تاپالماي تۇنجۇقۇپ قالدى.
باغرىمغا سانچىلدى تۆھمەت تىكىنى،
ئازابلار جىسمىمنى قوينىغا ئالدى.

ۋە لىكىن شۇندىمۇ ئازاپ ئىچىدىن،
ئازغىنا خوشاللىق ھەمرادۇر يانا.
ئەقىدە باغلىغان، سۆيگەن ئاشىغىم،
ئۈمىد ھەم ئىشەنىچ بىغىشلار ماڭا.

قولۇڭنى ئۇزاتقىن، كەلگىن ئەزىزىم،
بۇ ئىغىر كۈنلەردە بول ماڭا يولداش.
يوق ئىكەن مەن ئۈچۈن سىنىڭدىن باشقا،
ھەقىقى غەمگۇزار، ئىشەنچلىك سىرداش.

رەھمەتلار ئىيتىمەن دىلىمدىن ساڭا،
سۆيگىنىم گەر قوبۇل قىلغىن،قىلمىغىن.
تەنھالىق ئىچىدە ئۆتۈنەي سەندىن،
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن!...


2013-يىلى 7-مارىت (گۇما)


مەنبە: ئۆز قەلىمىم

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


شەھرىزات
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

78

تېما

22

دوست

4262

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 10:53:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر خېلى ياخشى چىقىپتۇ،ئىچكى ھىسسىيات مۇۋاپىق ئەكس ئېتىپتۇ.يېڭى يازمىلىرىڭىز مۇشۇنداق ئۈزۈلمەي يورۇغلۇق كۆرسۈن. شېئىرنىڭ3-كۇپلىتىنى لايىق كۆرمىدىم،قايتا ئىشلەڭ يا كېسىپ تاشلاڭ،شېئىرى تىل ئىشلەتكەيسىز.

يەنە بىر گەپ:«مۇنبەردىكىلەرگە شېئىرى چاخچاق» تىكى ئىنكاسلىق شېئىرلارغا قاراپ قويۇڭ.بولسا لايىقىدا داۋاملاشتۇرغايسىز.

30

تېما

1

دوست

626

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 02:58:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن
<<شەرىزاد>>نىڭ شۇ ناملىق شېئىرى ئىزىدىن  
سەيدىمۇھەممەد مېھمان

باھارغا ئۇلاشتىم-شەپە يوق سەندىن،  
چىرايىم زەپىران،ھەسىرەتلىك غەمدىن.
قۇرۇماي كەتتىغۇ كۆزلىرىم نەمدىن،
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن.

تاڭ ئاتماس كېچىلەر-سەندە خىيالىم،  
شۇنچىلىك غېرىپمەن زەبۇنە ھالىم.
(ئېيىت قاچان بولىسەن-مىنىڭ ئايالىم؟)
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن.

بىلمىدىم مىنىڭ يا تەلىيىم كاجمۇ؟
سېنى دەپ چەككەن شۇ ھەسرىتىم ئازمۇ؟؟
سېنىڭسىز زىمىستان بۇ يىلقى يازمۇ،
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن.

دىماققا ئۇرۇلۇپ گۈللەرنىڭ ھىدى،
ئامرىغىڭ ئۈچۈن بىر نەزمە ياز-دېدى،
شۇل ئىشىق ئىلھامنى  راسا پۈۋلىدى.
<<ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن>>


10

تېما

9

دوست

348

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 23:39:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامرىغىم، سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن



تەشنالىق ئىچىدە كۈنلىرىم ئۆتتى،
سىغىنىپ ۋەسلىڭنى تاقىتىم پۈتتى.
چىھرىمدىن خوشاللىق، كۈلكىلەر يۈتتى،
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن.

كىچىلەر يىگانە ئۇيقۇدىن بىدار،
خىيالەن سۆيگۈمنى قىلارمەن ئىزھار.
مۇڭدىشىم، دىلكىشىم بىر ئۆزۈڭسەن يار،
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن.

كەتمىكىڭ چاققاندۇر كىلىشىڭدىن ھەم،
زارىقىپ، تەلمۈرۈپ تۇرساممۇ ھەردەم.
ئۇزىتىپ قالارمەن كۆزلىرىمدە نەم.
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن.

تۈنلەردە خىيالەن سىردىشىپ ياتتىم،
سىنى دەپ ياتلاردىن ئۆزۈمنى تارتتىم.
ۋاپانى قەلبىمگە موھۇر قىپ باستىم،
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن.

سىنى دەپ شۈنچە يىل ئۆتتۈم يىگانە،
چاچلىرىم ئاقاردى سىنى كۈتۈشتە.
ئەھدىم بار مەڭگۈگە سىنى سۆيۈشكە،
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن.

سىغىنىش باغرىمنى قىلدى مىڭ پارە،
يولۇڭغا تەلمۈرۈپ يىغلىدىم زارە،
بەرسەڭچۇ سۆيگۈڭدىن پەقەت بىر قەترە،
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن.

ئاھ جىنىم ،كەلگىنە باغرىمنى ئاچاي،
ھىجراندىن خوشلىشىپ ۋەسلىڭگە قاناي.
سەن ئۈچۈن كۆيگەن شۇ يۈرەكنى ياراي،
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن.
شەھرىزات

10

تېما

9

دوست

348

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 02:58:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولۇڭغا قاراپ بەك كۆزلىرىم تالدى،
سىغىنىپ ۋۇجۇدۇم ئوت بولۇپ ياندى.
ئاھ، سىنى كۆرمىكىم ئارمان بوپ قالدى،
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن.

كۆرۈشچۈن مەلەڭگە باردىم نەچچە رەت،
ۋەلىكىن سەن مىنى قويمىدىڭ ئىزدەپ،
يا خەۋەر بەرمىدىڭ ھالىڭدىن پەقەت،
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن.

يوللاردا ئايلىنىپ يۈرۈيمەن سەنسىز،
تۇرمۇشۇم بىلىنەر ئاجايىپ تەمسىز.
قاچانمۇ بولارمەن سىنىڭدەك غەمسىز،
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن.

بىراۋلار مازاق قىپ ماڭا قارايدۇ ،
«ياش تۇرۇپ ساراڭ بوپ قاپتىغۇ» دەيدۇ.
بۇ ئاشىق قەلبىمنى كىملەر بىلىدۇ،
ئامرىغىم سەن مىنى يالغۇز قويمىغىن.


شەھرىزات

16

تېما

2

دوست

640

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 13:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھىرزاتنىڭ بۇ شىئىرىمۇ ئاجايىپ يىقىشلىق چىقىپتۇ، شىئىرنىڭ ئىچىگە شۇڭغۇپلا كىتىپتىمەن دىسە....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:53 , Processed in 0.328662 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش