بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ansad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-7 22:19
يوپيورۇق نۇر ئىچىدە ياشاۋاتقان ئادەم (3)
يازغۇچى بەگمەت يۈسۈپنىڭ«ئىھ،مېنىڭ سۆيۇملۇك دۇشمىنىم» ناملىق نەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن
ئاچقۇچلۇق سۆز:بەگمەت يۈسۈپ،نەسىر،«ئىھ،مېنىڭ سۆيۇملۇك دۇشمىنىم»،ئىپادىلەش سەنئىتى
ئەسەرنىڭ ئىستىتىك ئۈنۈمى ئۇنىڭ ئىستىتىك تۇيغۇسىدىن كېلىدۇ.روشەن ئىستىتىك تۇيغۇغا ئىگە بولمىغان ئەسەرنىڭ ئىستىتىك ئۈنۈمىدىن گۈمانلىنىشقا بولىدۇ.بۇ ھەممە بەدىئىي ئەسەرلەرگە قويىلىدىغان ئورتاق تەلەپ.گەرچە قىسمەن ئەسەرلەردە مۇھاكىمە،ئەقلىيلىك ئاساس قىلىنسىمۇ،بىراق بەدىئىي ئەسەر بولغان ئىكەن ئۇنىڭدا ئوبرازچانلىق،ھېسسىياتچانلىق گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ.ئادەتتە يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئىلمى ئەسەر يېزىش ئەمەس.ئۇنىڭ يازغان بەدىئىي ئەسىرىي جەزمەن ھېسسىيات ئارقىلىق كىتابخانلارنى تەسىرلەندۇرىدۇ.بۇ شېئىردىمۇ ،ھېكايىدىمۇ،نەسىردىمۇ ئوخشاش.«ئېھ،مېنىڭ سۆيۇملۇك دۇشمىنىم» دەل مۇشۇ تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا چىقالايدۇ.
ئەسەر ئوقۇغاندا ئۇنىڭ بەدىئىي تۇيغۇسىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئەسەر ئوقۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى. ئەسەرنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ئامىلنى زىددىيەتلىك ئورۇنغا قويۇپ تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ شۇڭا بەدىئىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇكى، ئۇ تۇرمۇشقا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن ئىنچىكە تەرەپلەر يازغۇچى تەرىپىدىن پىششىقلاپ قۇراشتۇرىلىدۇ.ئەدەبىي ئەسەردىكى بۇنداق تۇرمۇش چىن تۇرمۇش بىلەن پەرىقلىنىدۇ. ئۇ توقۇلما، تەققاسلانغان تۇرمۇشتۇر. بۇنداق تۇرمۇش كۆپلىگەن ئېلىمىنتلارنى ئۆزئىچىگە يوشۇرغان بولىدۇ.دەل مۇشۇنداق ئالاھىدىلىك ئەسەر يۈزىدە نۇرغۇن زىددىيەتلىك ئامىللارنى روياپقا چىقىرىدۇ. بۇ زىددىيەتتە تەپسىلىي تەھلىل قىلىنسا، يازغۇچىنىڭ ئەسەردە ئىپادىلىگەن ئەسلىي تۇيغۇسى ئوقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىدا ئايان بولىدۇ. مەسىلەن: «ئالمىدەك يۈرەكتە، ئالەمچە سۆيگۈ»،«مەن كوچىلاردا ئۇچرايدىغان تاش»، «ئېھ! مېنىڭ سۆيۈملۈك دۈشمىنىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى تۇيغۇنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىدۇر. ئالمىدەك يۈرەكتە، ئالەمچە سۆيگۈ سىغمايدۇ. ئادەم كوچىدىكى تاش ئەمەس، دۈشمەن سۆيۈملۈك بولمايدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى يازغۇچىنىڭ ھېسسياتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. يازغۇچى بۇ يەردە ھەممىنى ئۆز ھېسسياتىغا بوي سۇندۇرغان. شۇڭا ئەسەر تەھلىل قىلغاندا ئالدى بىلەن ئەسەردىكى تۇيغۇنى دادىللىق بىلەن ئەسلىگە قايتۇرۇپ تەپسىلىي تەھلىل قىلىش كېرەك.
قوشۇمچە :
سۆيگۈ كوچىسىدىكى شەيدايى «مەجنۇن»
ئا.س.پوشكىننىڭ «كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن
پوشكىننىڭ «كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي» ناملىق شېئىرىي كۆپلىگەن ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا ئانچە تونۇشلۇق ئەمەس.پوشكىننىڭ بۇ شېئىرىي 1825-يىلى يېزىلغان بولۇپ،ئۇ پوشكىننىڭ نادىر ئەسەرلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەندىمۇ بۇ شېئىرنىڭ ئۆتمۇشى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھاتمۇ بېرىلمىگەن.ۋاھالەنكى، ئۇ شۈبىھىسىزھالدا پوشكىننىڭ نادىر ئەسەرلىرىي قاتارىدىن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى جەزمەن تاپالايدۇ.
بۇ شېئىردا پەقەت «ئاي» ۋە «شەپەق»تىن ئىبارەت ئىككىلا ئوبراز سۈرەتلىنىدۇ.شېئىرنىڭ ئوبراز قاتلىمىمۇ ئىنتايىن ئاددى بولۇپ،ھېچقانداق مۇرەككەپ تۈستىمۇ سۈرەتلەنمەيدۇ.ئىككى ئوبراز ئايرىم-ئايرىم ھالدا«ئوت» بىلەن «مۇز»نىڭ تەبىئىتىدە ئىپادىلىنىدۇ.ئوتنىڭ تەبىئىتى ئادەتتە ئىسسىق بولىدۇ.مۇزنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولىدۇ.رېئاللىقتا «ئوت» بىلەن «مۇز» زادى سىغىشالمايدۇ.ئۇنداقتا شائىر نېمە ئۈچۈن بۇ تامامەن بىر-بىرىگە زىت بولغان ئىككى ئوبىكىتنى ئۆز شېئىرىغاتېما قىلىپ تاللايدۇ؟ئەمەلىيەتتە شېئىرىي ئىجادىيەت پائالىيىتى تېگى تەكتىدىن ئىيتقاندا شېئىر ئىجادىيەت سۇبىكتىنىڭ ئىندۇۋۇداللىقىغا خاس بولغان ئىستىتىك ھېسسىيات پائالىيىتىدۇر.شائىر شېئىر يېزىشتا مۇئەييەن ئىلھام،دىتالغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ پىسخىك ھالىتى پۈتۈنلەي ئەركىن تەسەۋۋۇرنىڭ ئىلكىگە ئۆتىدۇ.شۇڭا ئۇ كونكىرىت ئىجادىيەتتە تۇرمۇش ماتىرىياللىرىنى تامامەن ئۆزىنىڭ سۇبىكتىپ ھېسسىياتى ئاساسىدا قايتىدىن تاللايدۇ.ئۆز ھېسسىياتىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە تەشكىللەيدۇ.بۇ يەردە ھېسسىيات رېئاللىقنىڭ تەرتىپىگە بوي سۇنمايدۇ.پوشكىننىڭ بۇ شېئىرىمۇ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي مۇشۇ ئىجادىيەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا كىتابخاننىڭ ئالدىغا قويىلىدۇ.شېئىردا شائىر ئۆز ئارا تۈپتىن زىت بولغان ئىككى شەيئىنى بىر جايغا قويۇپلا قالماستىن،بەلكى ئۇنى ئاشىق-مەشۇق سۈپىتىدە ئىپادىلەيدۇ.رېئال تۇرمۇشتا بۇئاساسسىز بىمەنىلىك ھېساپلانسىمۇ بىراق،شېئىردامۇنداق قوشۇلۇش كىشىگە ئىنتايىن يېقىملىق ئىستىتىك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. مانا بۇ شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ كامالەتكە يەتكەن سېھرىي كۈچىدۇر.
شائىر «شەپەق»نى كۈلگۈنچەك قىزغا،«ئاي»نى «خۇنۇك ئۆلۇك»كە ئوخشىتىدۇ.بۇ ئوخشۇتۇش ئىنتايىن چوڭقۇريۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ،بۇ يەردە ئۇ لىرىك پىرسۇناژنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىنكارقىلىش رۇلىنى ئۆتەيدۇ.شېئىردا ئىنكار قىلىشنىڭ يۇمۇرىستىك رۇلى ھېسسىياتنىڭ لوگىكىلىق مەنىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ.مۇنداق ئوخشۇتۇش ئەمەلىيەتتە «ئاي» بىلەن «شەپەق»نىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.«شەپەق» تىمسالىدىكى قىزنىڭ ئىشقىدا كۆيۇپ يۈرگەن «ئاي» ئىشقى-پىراقنىڭ دەردىدە «خۇنۇك ئۆلۇك» بولماي نېمە بولماقچىدى؟ئەمەلىيەتتە بۇ قىز- ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئۇچرايدىغان ئومۇمى ھادىسىدۇر.
بۇ شېئىرنىڭ رۇس تىلىدىكى ئەسلى نۇسخىسى قانداق؟بۇ بىزگە نامەلۇم.ئۇ ئىپادىلەش سەنئىتى جەھەتتەھەممە شېئىرىيەتكە ئورتاق بولغان ئوبرازلارنىڭ كونكىرىتلىقىنى ئىپادىلەشتە «ئوخشۇتۇش»،«سېلىشتۇرما» قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ.پۈتۈن شېئىردا شائىر تۇيغۇسىنىڭ ئۆزگۈرىشى باشتىن ئاياق ئىزچىللىققا ئېگە قىلىنىدۇ.شېئىرغا كىرگەن رېئال ئەسلى ئوبرازلارنىڭ بارلىقى شېئىرىي مۇھىتتا تۈپلۈك ئۆزگۈرۈش ياسايدۇ. مەسىلەن، رېئاللىقتا ئاي غەمگە پاتمايدۇ،شەپەقنىڭ خۇشاللانغىنىنى ھېچكىم كۆرگەن ئەمەس.«ئاي» بىلەن «شەپەق» زادى «ئوت» مۇياكى «مۇز»مۇ؟«شەپەق» قىزغىمۇ،«ئاي» ئۆلۇككىمۇ ئوخشىمايدۇ.بۇ ماھىيەتتە شائىر ھېسسىياتنىڭ شېئىرىي مۇھىتىنىڭ راۋاجىغا قاراپ ياسىغان شېئىرىيەتتىكى ئۆزگۈرۈش ھادىسىدۇر.شېئىرنىڭ ئەڭ ئاخرقى ئىككى مىسراسىدا لىرىك پىرسۇناژئۆز كۆڭلىدىكى راست گېپىنى ئاشكارىلايدۇ:ئۇ سۆيگۈنى «ئېلۋىنا»نى كۆرۇپلائۆزىنىڭمۇ ئەشۇ «ئاي» سىياقىدەك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.
پوشكىننىڭ بۇ شېئىرىمۇ ئۇنىڭ باشقا شېئىرلىرىغا ئوخشاشلاكۈچلۈك تەسەۋۋۇر ئاساسىدا ئىجات قىلىنغان بولۇپ،ئۇ مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى ئىخچام،ئوبرازلىق يېزىشنىڭ ئۆلگىسىدۇر.مەلۇمكى شېئىرنى ئۇزۇن يېزىش ئۇدۇم ئەمەس. ئادەتتە شائىر پەقەت ئۆز تەسەۋۋۇرىنى ئىلگىرىي سۈرۈشنىڭ يېتەرلىك ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەندە،تۇرمۇشتىن شېئىرىي دىتاللارنى تاپالمىغاندا،ئۆزىدە ھېچقانداق شېئىر يېزىش تەييارلىقى بولمىغاندا،ئۇنىڭ ئالدىراپ- سالدىراپ زوروقۇپ يېزىشتىن ئېرىشكەن مەھسۇلاتىمۇ مۇقەررەر يۇسۇندا پۈچەك،تۇترۇقسىز نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
شېئىر يېزىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس.تۇرمۇشتا ھەرقانداق ئىشقا نىسبىتەن بەلگىلىك بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلگنىدەك شېئىرىيەتتە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەدەل تۆلەشكە توغراكېلىدۇ.ھەممىگە ئايانكى شېئىرىي پائالىيەت راستىنى ئىيتقاندائىنسان روھىنىڭ ئۈن-تۈنسىزخوراش پائالىيىتىدۇر.
شائىرلارغا نىسبەتەن شېئىرىيەتنىڭ يۈكسەك پەللىسى- بەكمۇ يىراقتا پىلىلدىغان نۇرلۇق چىراققا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ۋىسالىغا پەقەت شېئىرىيەت ئىشقىدا كۆيۇپ،پوشكىندەك «مەجنۇن»غا ئايلانغان ئادەملا يېتەلەيدۇ.
ئەسلى ئەسەر:
كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي
ئا.س.پوشكىن (رۇسسىيە)
كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي،
ئۇچراپ قالدى خوشال شەپەقگە.
بىرى كۆيگەن ئوت، بىرى مۇز- سوغۇق،
شەپەق ئوخشار كۈلگۈنچەك قىزغا،
ئاي ئوخشايدۇ خۇنۇك ئۆلۈككە.
كۆرگەن چېغىم سېنى ئېلۋىنا،
مەنمۇ شۇنداق ئوخشاش سىياقتا.
م.ئانساد تەرجىمىسى بۇ شېئىر«پوشكىننىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.شەندوڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەشىرىياتى1997-يىلى3-ئاي نەشىرى. |