- تېما
- 1
- ھەمبەھر
- 0
- ھوقۇقى
- 10
- يازما
- 3
- نادىر
- 0
- ئالبوم
- 0
- خاتىرە
- 0
- دوست
- 0
- بلوگ
- 0
- UID
- 3436
- تىزىملاتقان
- 2013-2-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-18
- توردا
- 2 سائەت
- جۇغلانما
- 45
- قىزغىنلىق
- 20
- تىللا
- 1
- تۆھپە
- 1

|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 818- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.
خوتۇن ئىزدەش
قۇربانجان ئىبراھىم
مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە ئايال خەق دېگەنگە نېمە جىن چاپلاشتىكىن تاڭ بىردەم ئورۇقلايمەن دېگەن، بىردەم بىرنەرسە دېگەن. دېگىنىنى قىلىپ بەرمىسە ئەرلىك غورۇرىمىزغا تەگىكىلى تۇرۇشلىرىچۇ تېخى.
مانا، ئايالىمغىمۇ ئورۇقلاش جىنى چاپلاشتى. ئەمەلىيەتتە ئايالىم سىمىزلار تىپىغا كىرمەيىتتى، مەن ئۈچۈن، شۇنداقلا تېلىفۇن، كومپىيوتىردىكى سالامەتلىك سېلىشتۇرۇشلىرىدىمۇ نۇرمال چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئايالىم ھەمىشە قورسىقىنى سىيلاپ تۇرۇپ سىمىزلىكىدىن ئۆكۈنەتتى. بىر كۈنى ئايالىم ئىشتىن يېنىپلا ئۆيگە مىشىلداپ كىردى.
-نېمە بولدۇڭ، يەنە خەق بىلەن گەپ تالاشتىڭمۇ،-دەپ سوراشقا ئۈلگۈردۈم.
بۇ سوئالىم ئايالىمغا تېخىمۇ ئەلەم بولدىمىكىن يىغىنى تازا قويدى. قوشنا-قۇلۇملىرىمىزمۇ يۈگۈرۈپ كىرىپ نېمە بولغانلىقىنى سوراشتى. مەن ئەمەلىي ئەھۋالنى دىۋىدىم ئۇلار تەڭلا:
-ھە، جىن چاپلىشىپتۇ،-دىيىشىپ قويۇشتى.
-نېمە جىنكەن ئۇ؟
مەن تېخىمۇ ھەيران بولدۇم. بىردەمدىن كىيىن بۇ ھەيرانلىقىم ئەنسىرەشكە ئۆزگەردى. دىل بېغىمدىكى باھارنى بىردىنلا جۇت زىمىستان قاپلاپ، كۆپكۈك چىمەنلىرىم قېلىن قار ئاستىدا قالماقتا ئېدى. مەن ئايالىمنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۈچۈن تۇنجى ھەم ئاداققىي تاللىشىم بولغان بۇ گۈلنى دىل بېغىمغا شۇنداق ئەي قىلدىمكى، ئەييۇھانناس، جاھاندا مەن ئۈچۈن بۇنداق گۈلدىن يەنە بىرسى تېپىلماس. ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئەلۋەتتە مېنىڭ خۇشاللىقىم، خاپىلىقى دىل يارام ئېدى. ئايالىمنىڭ نېمە ئۈچۈن پات-پات يىغلايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، قوشنىلارنىڭ نېمىشقا شۇنداق دەيدىغانلىقىنى قاتتىق ئويلاندىم. ئايالىم توغرىسىدا بولمىغۇر خىياللار كاللامغا كىرىۋېلىپ، گېلىمنى سىرىتماقتا بوغاتتى.
-نېمە بولدۇڭ زادى؟
-مەن نېمە ئۈچۈن شۇنچە سىمىز؟ نېمە ئۈچۈن باشقىلاردەك زىلۋا ھەم قاملاشقان ئەمەس؟ ھۈ...ھۈ...ھۈ...
-سۈيۈملۈك خوتۇن، كىم سېنى سىمىز، ئىسكەتسىز دەيدۇ؟
-باشقىلار...ھۈ...ھۈ...ھۈ...
ئايالىم ئەمدى يىغىنى ئاز يىغلايدىغان، ئورۇقلاش ئۈچۈن ئاڭلىغانلىكى ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقىدىغان بولدى. دەسلەپتە كۈندە بىر قېتىملا تاماق يەيدىغان، ئەتىگەن-كەچتە بىرەر تال بانان، ئالما دېگەندەك مىۋىلەرنى يەپ قويىدىغان بولدى. بۇنى خېلى بىر مەزگىلگىچە قوللىنىپ باقتى، ئاز-تولا ئورۇقلىغان بولدىيۇ، ئەمما يۈزىنى دانخورەك بېسىپ، چىرايى زەپىرانلىشىپ كەتتى. نەدىن ئاڭلىدىكىنتاڭ ئورۇقلىتىش چېيى ئەكەلدۈردى. بۇ چاينى ئۈزمەي ئىچتى. چاي شىشىسىنى ئۇنتۇپ قالمايىتتى. كوچىدا ماڭغاچ، رىستۇراندا ئولتۇرغاچ بولسىمۇ ئىچىۋالاتتى، بەزىدە ھەتتا ھاجەتخانىدىمۇ ئىچەمدىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم. چاينىڭ ئۈنۈمىمۇ سەل-پەل بولدى. بۇرۇنقى كىيىملىرى كىچىك كەلگىلىۋاتاتتى. توۋا، مىڭ توۋا دەيمەن.
-ماي تارتقۇزۇش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرايمىكىن دەيمەن.
-مەيلى.
-تېلىۋىزوردا بىر چېنىقىش ئۈسكۈنىسىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ، شۇنى ئالايمىكىن دەيمەن.
-مەيلى.
-...
-مەيلى.
-...
-مەيلى.
-...
-...
شۇنداق دېمىسەم جىدەل بېسىقمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. ئايالىمنىڭ ئورۇقلاش ھەركىتىگە ماسلاشمىسام جېنىمغا ئۇۋال بولاتتى، ئايالىمنىڭ جېنىغا تېخىمۇ بەكرەك ئۇۋال بولاتتى. ئايالىمغا يالۋۇرۇپ غورۇرۇمنى دەپسەندە قىلغاندىن كۆرە، دىگىنىنى قىلىپ بەرسەم ھەر ئىككىمىز خش بولىمىزدە. ئۇنى ئالماس چېغىمدا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەنمەن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپلا چاپاننى تەتۈر كىيىۋالسام بولمايدۇ-دە. ئايالىم ماي تارتقۇزۇش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇپ بىر ئاي ياتقاندىمۇ، چېنىقىمەن دەپ بىر قولىنى قايرىۋالغاندىمۇ چىدىدى. تېخى خوش بولۇپ تۇرۇپ ‹‹ئورۇقلايدىغانلا بولسام چىدايمەن›› دەپ قويۇشلىرىنى ئويلىسام نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىمەن. بەزىدە ئۆيىمىز چېنىقىش كۇلۇبلىرىغا ئوخشاپ قالسا، بەزىدە ئېينىشتىيىنننىڭ تەجىربىخانىسىدەك پۇت قويغۇدەك جاي قالمايتتى. مەيلى، مەيلى، ھەممىگە مەيلى دېدىم. چۈنكى، مەن ئايالىمغا تىكىلىپ تۇرۇپ ‹‹سەن مەن ئۈچۈن مەڭگۈ چىرايلىق. سەن يەنە كىم ئۈچۈن چىرايلىق بولماقچىدىڭ›› دەپ سورىسام چالۋاقاپ ئۆزىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپلا تۇرۇۋالاتتى.
كۈنلەر، ئايلار، يىللار بىربىرىنى قوغلىشىپ ئۆتتى. ئايالىم راستىنلا ئورۇقلىدى.
-مانا، مەن نېمە دېگەن ئورۇق ھەم زىلۋا ھە...
ئايالىم بىلىنى تۇتقىنىچە ئەينەك ئەتراپىدا تۈگمەن تېشىدەك پىرقىرايىتتى ھەم خۇشاللىقتا گەپ گەپكە ئۇلاشمايىتتى. ئۇ ئەمدى كوچىغا چىقىشقا، بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختىشىغا كۆنۈپ قالدى. كۆرگەنلا ئادەم ئايالىمنى ماختايىتتى. بىر كۈنى ئۆيگە كەلسەم نەچچە ئايال ئايالىمنى ئورىۋېلىپ ‹‹قانداق ئورۇقلىدىڭىز›› دەپ تەجىربىسىنى سوراۋاتقان، ئايالىم گىدەيگىنىدىن سۆزلەپ كىتىۋاتقەن ئېدى. ئەمدى ئۇ ئورۇقلاشقا مەسلىھەت بەرگۈچىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئېدى. ئارام ئېلىش، ئۆي ئىشلىرىمىزمۇ بىر چەتتە قالدى. شۇنداق، ئايالىم مۇرادىغا يەتكەندەك ئېدى. مەن ئىشقا بۇيرۇمىساممۇ كۈتكىنىمدىنمۇ ياخشى قىلاتتى. ئۆيىمىز بازارغا ئايلىنىپ كەتتى...
ئىش ئۇنداق بولۇۋەرمىدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئايالىم بىردىنلا كىچىكلەشكە باشلاپ كەتتى، دەسلەپتە 18ياشلىق ۋاقتىغا كەلدى. ‹‹ئاھ، جېنىم خوتۇن، مۇشۇ ھالىتىڭدە مەڭگۈ تۇر›› دېدىم ئۇنىڭ چىرايلىق ئەپتىگە قاراپ ئاغزىمنى تامشىتىپ تۇرۇپ. نەچچە كۈن ئۆتمەي تۇرۇپ، بوۋاق بالىدەكلا كىچىكلىدى. كىچىكلە، كىچىكلە بىر يوتقان يىڭنىسىدەكلا قالدى. ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ خۇداغا نالە-پەريات قىلايمۇ؟ ھە، بوپتۇ، ئوبدان بولدى دەپ چاۋاك چالايمۇ؟
ئايالىمنى يانچۇقۇمغا سېلىۋالىدىغان بولۇۋالدىم. يۈز كويلۇق پۇلدىن بەش-ئالتىنى سېلىۋالغاندەكلا بىلىنىدىغان ئايالىم پات-پات تىنالماي قالغانلىقىنى ئېيتاتتى. بەزىدە يانچۇقۇمدىن ئوغۇرلۇقچە ئايرىلىپ بازار ئايلىناتتى. ئايالىم يوقاپ كىتىپ ئىككى كۈن ئىزدىدىم، مەھەللىدىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قەلەم قۇتىسىغا كىرىپ قاپتىكەن، تۇنجۇقۇپ قالغىلى تاس قاپتۇ. دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتماقچى بولدۇم، دوختۇر كۈلۈپ كىتىپ:
-بۇنداق كىچىك ئادەمنى داۋالىغىلى بولمايدۇ. تازا ئورۇقلاپتۇ ھە،-دەپ قويدى.
نېمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم.
-خوتۇن،-دېدىم بىر كۈنى ئۇنىڭغا ئىڭىشىپ قاراپ،-مۇرادىڭغا يەتتىڭمۇ؟
-لېكىن، بەك كىچىكلەپ كەتتىم، ئازراق سەمرىپ يوغىنىسام بولاتتى.
-سەمرىشكە قۇشۇلامسەن زادى؟
-قو...قوشۇلىمەن...
ئايالىم تارام-تارام يىغلاپ كەتتى. كۆز ياشلىرىغا تېيىلىپ يىقىلىپ كەتتى. شۇنداق ئۇ ئازراق پۇشايمان قىلغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭغا كىچىككىنە پىرەنىكنى ئۈچكە بۆلۈپ بەرسەممۇ تويۇپ كىتەتتى. قورسىقى دومبىيىپمۇ قالاتتى. بىر كۈنى قاتتىق شامال چىقتى. يېېرىم كېچىدە يانچۇقۇمنى كولىسام ئايالىم يوق. توكنى يېقىپ قارىسام دېرىزە قىيا ئوچۇق تۇرىدۇ، پەردىىلەر ئەلەملىك لەپەڭشىيىتتى. نە-نەلەردىندۇر دەرەخلەرنىڭ سۇنغان، ئەينەكلەرنىڭ چېقىلغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. شۇنداق، بوران كۈچىيىپ كىتىۋاتاتتى. مەن كىيىملىرىمنى چالا-پۇلا كىيىپلا ئۆزۈمنى تالاغا ئاتتىم.
-خوتۇن، سەن نەدە؟ سەن نەدە...
كۈچەپ ۋارقىرايىتتىم، بەلكىم ئاۋازىمنى ھېچكىم ئاڭلىمىغاندۇ. ئەمما، مەن نېمىلا قىلماي ئايالىمنى ئىزدىشىم كېرەك، چۈنكى، مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم ئەمەسمۇ؟
-خوتۇن، خوتۇن...
ئاپتۇر:قاغىلىق ناھىيە سايباغ يىزا دۇھۇر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
叶城县萨依巴格乡都尔小学教师库尔班.依布拉依木
邮政编码:844900
تېلىفۇن نومۇرى:13279868857
|
|