
مۇھەببەتنامە
(داستان)
ئەھەدى
مۇقەددىمە
قۇتلۇق كېچە،بىرئاللا نىڭ ئىزنى بىلەن،
بولدۇم دىدارـ مۇلاقەتتە لەيلى بىلەن .
ۋاراقلىدۇق‹پەرھات - شىرىن› داستانىنى،
رىئاللىقتىن ئىزدەپ كونا ئەپسانىنى .
قىلسام يۈرەك سۆزلىرىمنى بىر - بىر بايان ،
جاۋابىدىن كۆڭۈل سىرى بولدى ئايان...
(1)
جاھان تىمتاس، ھاياجاندا بىر جۈپ يۈرەك،
كاككۇك - زەيناپ ۋىسالىدىن بەردى دېرەك...
دېسەم:كۆيدۇم ساڭالەيلى ئىشەنگەيسەن،
دېدى:كۆيمەك نىچۇك سەۋدا،چۈشەنگەيسەن.
دېسەم:ئاشىق بولاي نىچۈك چۈشەنمىسەم،
دېدى:دەرقەم بۇلارمىدىم، ئىشەنمىسەم.
دېسەم:كۆڭلۈم سۈزۈك ئاسمان،سەنكى ئايىم،
دېدى:قىسمەت مۇتلەق ئىمىش، يېمە ۋايىم.
دېسەم:كۈلمەك يىغلىغاندىن كۆپ ياخشىدۇر،
دېدى: خىيال باشقا، ئەمەل ھەم باشقىدۇر .
دېسەم: كۆردۇم قاچان، كۆيدۇم پىراقىڭدا،
دېدى:كۆزۈڭ دېمەك ھۆسنى - سىياقىمدا .
دېسەم:باقسام جامالىڭغا كۆزۇم توقتۇر ،
دېدى:سۆيگۈـ مۇھەببەت ئۇ ئەزىم روھتۇر .
دېسەم:كەلدىم ياشاپ شۇ روھ، تۇيغۇم بىلەن،
دېدى: مەنمۇ ۋىدالاشتىم ئۇيقۇم بىلەن .
دېسەم:مەجنۇن كەبى بولدۇم ساڭا ئاشىق،
دېدى: يالغان بولسا لەۋزىڭ، ئۆزۇڭ پاسىق.
دېسەم: ھەددىم ئەمەس خالاپ ساڭا كۆيمەك،
دېدى:بەرھەق ئىرادەتتۇر ياشاپ - ئۆلمەك.
دېسەم:چۈشتى ئىشتىياغىڭ بۇ جانىمغا ،
دېدى: بوينۇم ئىگىك تەقدىر ئىلاھىمغا .
دېسەم:كۆيدۇم ساڭا، سەنمۇ كۆيەرسەنمۇ؟ ،
دېدى:كۆيسەم مىگەر قەدرىم بىلەرسەنمۇ؟
دېسەم: يەتسەم مۇرادىمغا ئۇشبۇ بەستۇر!
دېدى: قىلساڭ ۋاپا بۇ ھەم تەس ئەمەستۇر.
(2)
دېسەم:سۆيگۈ- مۇھەببەتنىڭ نىدۇر شەرھى؟
دېدى:ئىنسان بىلەن ھايۋان ئۇنىڭ پەرقى.
دېسەم:ئاشىق نىچۈك ۋىسال تاپالمايدۇ؟
دېدى: سەيياد كىرىچسىز ئوق ئاتالمايدۇ.
دېسەم:سەيياد ئۈچۈن كىرىچ دېگەن نىدۇر ؟
دېدى: نۇرى ئىمان، جۇپتى ھالالىدۇر .
دېسەم:سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت ئىمىلداشمۇ؟
دېدى:تاشتۇرـ گۆھەر، ياقۇت، شېغىل تاشمۇ.
دېسەم:قايسى مۇھەببەتنىڭ ۋەزنى ئەلا؟
دېدى: ئاللاھ تابارەك ئول ھەق تەئەلا .
دېسەم:ئەۋزەل مۇھەببەتكە مىسال كەلتۇر،
دېدى:كىندىك قېنىڭ تامغان ۋەتەن-ئەلدۇر.
دېسەم:قايسى مۇھەببەتنىڭ ئوتى باشقا ؟
دېدى: كۆيگەن ئاتا - ئانا، قېرىنداشقا .
دېسەم:نىچۈك گاھى ئىنسان ئەجەپ مەخلۇق ،
دېدى:چۈنكى ۋۇجۇدىدا مۇھەببەت يوق!
دېسەم:قانداق ‹مۇھەببەت›تىن قاچماق كېرەك؟
دېدى:شەھۋەت - زاۋاللىقتىن بەرمىش دېرەك!
دېسەم:ئەھلى مۇھەببەتكە نى كېرەكتۇر؟
دېدى: نەپرەت ۋە مۇھەببەت قوش كېزەكتۇر .
دېسەم:سۆيگۈ- مۇھەببەتكە نېمە شەرتتۇر؟
دېدى:شەرتى - ھايا،ئىنساپ، دىيانەتتۇر.
دېسەم:نىدۇر مۇھەببەتتە خاتا قىلماق،
دېدى:ئەھلى مۇھەببەتكە جاپا قىلماق.
دېسەم:قاي ئىش مۇھەببەتتە جىنايەتتۇر؟
دېدى: ئەھدى - ئامانەتكە خىيانەتتۇر .
(3)
دېسەم:سۆيسەڭ بىراۋنى ھەم سۆيۇلمەك بار،
دېدى:ئۆلسەڭ قىيامەتتە تىرىلمەك بار .
دېسەم:ئۆزگە سەنەملەردىن كۈنلەرمۇسەن؟
دېدى: ئەگەر كۈنلىمىسەم كۈنەرمۇ سەن؟
دېسەم: بەندە ئاجىز نېمە، ئازمىقى بار،
دېدى: بىلىپ ئازغانلارنىڭ سورىقى بار.
دېسەم:بىرجۈپ جانۇ - تەندە ئىشەنچ قاندۇر ،
دېدى:قانسىز ئادەم نىچۈك تىرىك جاندۇر ؟
دېسەم:ئاشىق جانان ئۈچۈن كېچەرجاندىن ،
دېدى:كەتسە جېنى قالۇر نېمە ئاندىن؟
دېسەم:جاننى پىدا قىلماق - بۈيۈكلۈكتۇر ،
دېدى:ھايات مۇھەببەتتەك سۆيۈملۈكتۇر .
دېسەم:قانداق يېتەي كۈتكەن ۋىسالىڭغا؟
دېدى:باغلىق ۋاپا، ئىنساپ، ئىمانىڭغا .
دېسەم:چۆكسەم ئىدى ئاھۇ كۆزلىرىڭگە،
دېدى:ئەھدىڭ گۇۋاھ بولسۇن سۆزلىرىڭگە.
دېسەم:سىنچاي ئوتلىسام لەۋ پىيالەڭدىن،
دېدى:كەتسەم ھايا بىلەن بۇ ئالەمدىن.
دېسەم:ماقۇل بولارمۇسەن ، قولۇڭ تۇتسام،
دېدى:رازى بولارمۇسەن زەھەر يۇتسام؟
دېسەم:قىلما باغرى تاشلىق ماڭا بۇنچە،
دېدى:تاشمەن ۋەختى سائەت كەلمىگۇنچە.
دېسەم:بىزگە باقى ئەمەس گۈزەل ياشلىق،
دېدى:مىۋە پىشسا ئاندىن بولۇر تاتلىق.
دېسەم:ساڭا مەپتۇن ئاشىق كۆڭلىن ئايا،
دېدى:جېنى مۇھەببەتنىڭ شەرمى-ھايا.
(4)
دېسەم:رەببىم پاناھ بەرسۇن جۇدالىقتىن،
دېدى:ئەيلە ھەزەر تەركى خۇدالىقتىن .
دېسەم: بىرلا مۇددىئانى تاللا دېسەڭ،
دېدى:خۇشمەن،ھەرتېنىقتا ئاللاھ دېسەڭ.
دېسەم: چۈشسە بېشىمغا كۈن، نى قىلۇرسەن؟
دېدى:ھەر ۋاخ دۇئايىمدا ياد قىلۇرمەن.
دېسەم: باسساكۆزۈمنى نەم،يەلكەمنى غەم،
دېدى:بولاي دەرتكە داۋا،رەنجىڭگە ھەم.
دېسەم: ئاغرىپ ئارامىمدا ئۈتەلمىسەم،
دېدى:ئاردۇر،مىھرىم بىلەن كۈتەلمىسەم.
دېسەم:چەرخى پەلەك تۆكسە چېچىگىمنى ،
دېدى: توساي قالقان قىلىپ ئېتىگىمنى .
دېسەم:نادان ئاشىقلارغا ھەسەت قىلۇر،
دېدى:ۋىجدان ئۇنى تىرىك جەسەت قىلۇر .
دېسەم:پىتنە - پاساتلاردىن ئۆيگەنمۇسەن؟،
دېدى:ئالتۇن داتلاشقاننى كۆرگەنمۇ سەن !
دېسەم: بىركۇن بولۇپ قالسام نامرات گاداي ،
دېدى: كۆڭۈل تەختىمدە سەن يەنىلا باي.
دېسەم:قاتسا بېشىم تەقدىر قىسمەتىدىن،
دېدى: ئۈمىد ئۈزمە ئاللا رەھمەتىدىن.
دېسەم:كەتمەك بولسام ئەگەر يىراقلارغا،
دېدى: ھەمرا بولاي بارساڭ قاياقلارغا.
دېسەم: شەھىدبولسام ۋەتەن،ئەل يولىدا ،
دېدى: ئۆمرۈم ئۆتەر قەبرەڭ ئۇدۇلىدا.
دېسەم:ئۆتسەك ئىدى بولۇپ بىر جان - بىر تەن، ،
دېدى:رەببىم نىسىپ قىلسا بولۇر جەزمەن!
2013-يىلى 25-يانىۋار خوتەن |