بۈگۈنكى كۈندە ئىنتېرنېت تورى ناھايتى زور بىر تۇركۈم كىشلەرنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئەپلىك پايدىلىنش قولقىسى بولۇشى بىلەن، ئۇلارنىڭ ماددى ئىھىياجى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشى بىلەن زىچ بىرىككەن ھالدىكى ئالاقىلشش، بىلىم ئىلىش ، سودا- تىجارەت، ۋەياكى ھىسيات ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ھەر تەرەپلەردىن كەڭ بوشلىق سەھنىسىنى بەرپا قىلدى. جۇملىدىن تور ئەدەبىياتى دەۋر تەرەققىياتنىڭ جىددى ئىھتىياجىغا ئۇيغۇن ھالدا بۇ سەھنىدىن بىر كىشلىك ئورۇن ئىلىپ، ئۆزىنىڭ يارتىلىش قىسسى بويىچە ئىنسانلارغا مەنىۋى زوق بىغىشلاپ ۋە ئۇلارغا گۈزەللىك ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان كۇچلۇك تەربىيىۋى رولى بىلەن كىتاپخانلار ئۈچۈن شىپايى كەۋسەر بولماقتا.
پارتىيە ھۆكىمەتنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ئارقىلىق تور ئەدىبىياتنىڭ مانا مۇشۇنداق تەقەززاسى بىلەن بىزنىڭ جەمئىتمىزدىمۇ، قابىل يازغۇچىلار، شائىر ۋە تەقىققاتچى ئۇستازلاردىن تەشكىللەنگەن بىر قىسىم تور بەت، مۇنبەر قاتارلىق تور ئەدەبىيات، تەشۋىقات سەھنىسى ۋۇجۇتقا كەلتۇرۇلۇپ، كىشلەرنى ئەدەبىيات سەنئەت ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشىغا چاقىرىش يولى بىلەن كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۇز كۆرۇشۇپ، يازغۇچى، شائىر، تەقىققاتچى ئالىم ۋە كەڭ كىتاپخانلارغا قۇلايلىق ياراتتى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ كۆۋرۈكلۇك رولى تىخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، پۇختا ئاساسقا ئىگە بولدى.
بۇ بىر قاتار يۇكسىلىشلەر بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشاشلا نوقۇل ھالدا بىر قىسىم، بۇ ساھەگە تەۋە بولمىغان تور بەتلەر ئۆز تور بەتلىرىنىڭ كۆرۇلۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تۈرۇلۈك ئەدەبى ئەسەرلەرنى ئۆز سەھىپىللىرىدىن ئورۇن ئالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئەدەبى ئەسەرلەرنىڭ سۇپىتىگە كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ؟ دىگەندەك تۈرلۈك مەسىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە مىللى ئەدەبىياتنىڭ پەلسەپىۋى نەزىرىيە ئاساسى خىرەلەشكەندەك كۆرنىدىغان بولدى. بۇ نۇقتا دەل بىز دىمەكچى بولىۋاتقان تور ئەدىبىياتى ئوبزورچىلىغىنىڭ ئۇيغىنشنى جىددى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەدەبىياتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئىيتقاندا، ئەدەبى تەنقىدچىلىك – ئەدەبى ئەسەر، يازغۇچى ۋە باشقا ئەدەبىيات ھادىسلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە- مۇھاكىمە، تەھلىل- تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ۋە شۇ ئاساستا ئەدەبىيات ھادىسلىرىگە قارىتا مەلۇم باھالارنى بىرىدىغان بىر خىل ئىلمىي پائالىيەت ۋە پەن بولۇپ بىز ئىيىتپ كېلىۋاتقان ئوبزور- ئۇ بىر ئەدەبى ئەسەردۇر. ئوبزور ئەدەبىياتتىن ئىبارەت چوڭ دەرەختىكى ياۋا شاخ، زىيانداش قاتارلىق ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بىر ئەينەكتۈر.
مەن تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ چولتىلىغىغا باقماي، مۇنبىرىمىزدە ئىلان قىلنغان تۆۋەندىكى شېئىر توغرىسىدا ئاز- تولا كۆز قارىشىمنى ئوتتىرىغا قويۇپ ئۆتمەكچى، تۆۋەندە بۇ شېئىر ئۆ ئەينەن كۆچۇرۇپ كېلىندى:
كۆيەر بەغرىم خۇددى گۈلخاندەك
گۈل سىمايىڭ كۆڭۈل خانەمگە،
يورۇق بىرۇر مەشئەل ياققاندەك.
ھۇزۇر بىرۇر خامۇش كۆڭلۈمگە،
سۈبھىدىكى نۇرلۇق چولپاندەك.
يامان كۆزلەر سالمىسا تۇغان،
مىھرى-ۋاپا،دەريا-قىيانغا.
تاپساق ئەگەر چىن سۆيگۈ ۋىسال،
يىتەر ئىدۇق گۈزەل ئارمانغا.
سۆيگۈ مىھرىڭ بولۇپ بىر ئاتەش،
كۆيدۈرمەكتە پۈتۈن جىسمىمنى.
شۇ ۋەجىدىن ئاشىق مەن ساڭا،
ئۈزەلمەيمەن سۆيگۈ رىشتىمنى.
قانات ياساپ گۈلۈم قىشىڭغا،
ئۇچۇپ بارسام دەيمەن شۇڭقاردەك.
ئوت-پىراقىڭ مىنى لال قىلىپ،
كۆيەر باغرىم خۇددى گۈلخاندەك.
شېئىر ئاستىدا تۆۋەندىكىدەك ئىنكاسلار يېزىلغان:
سەھەر (ئىنكاس يازغۇچى):ئەركاننىڭ سۆيگۈلىرى تېخىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغاي!
ئەپسانە(ئىنكاس يازغۇچى):تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزدىن ئىملانى بۇزۇشنى ئۈگەنسەك بولغۇدەك!
كاراپ(ئىنكاس ياغۇچى يەنى مەن):
قانات ياساپ گۈلۈم قىشىڭغا،
ئۇچۇپ بارسام دەيمەن شۇڭقاردەك.
مېنىڭچە يۇقارىقى مىسرادىكى شۇڭقارنى بۇلبۇلغا ئۆزگەرتسەك تىخىمۇ ياخشى بولاتتى دەپ قارايمەن، چۇنكى گۈل بىلەن بۇلبۇلنىڭ مۇھەببىتى ئەزەلدىنىلا بىرلىككە كەلگەن تەسۋىرغا ئايلىنىپ بولغان.
يۇقارىقى ئىنكاسلاردا دىيىگەندەك بۇ شېئىردا ئىملا جەھەتتىن كەتكەن بىر نەچچە نۇقتا ناھايىتى ئوڭايلا كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا موللا ئەلەم شاھيارىنىڭ «گۈل ۋە بۇلبۇل»، لوتفىنىڭ «گۈل ۋە نەۋرۇز» قاتارلىق ئەدەبى مىراسلاردا : « گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل سايرىدى» دىگەندەك كۇچلۇك ئستىلىستىكىلىق بىرىكتۇرۇشلەر بىلەن ئەزەلدىنلا بىرلىككە كەلگەن تەسۋىر «يىڭلىق يارتىش»دىن ئبارەت ئىدىيە تۇپەيلىمۇ ۋەياكى باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلى بۇزۇپ ئىشلىتىلگەن. بۇگۇنكى كۈندە بىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ ياخشى تەرەققىيات يۈزلىنىشى بويىچە چوقۇم ئەدەبى ئەسەرلىرىمىزنىڭ سۇپىتگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز زورور. ئۇنداق بولمىسا كۇچلۇك گۇللىنۋاتقان دۇنيا ئەدىبىياتىنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىردا شاللىنىپ، ئۆز تەرەققىيات يولىدىن چەتنەپ چىقىپ كېتىشى مۇمكىن، ساقال تارغاقلىق قىلىپ يەنە شۇنى قەيىت قىلغۇم كېلىدۇ، يۇقارىقىدەك ئىنكاسلار يېزىلغان شارائىتتىمۇ، بۇ شېئىرلارنىڭ ئىملا ۋە باشقا تەرەپلىرىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولماي«چاقناپ» تۇرىشى بىزنىڭ مۇھەررىر، تەھرىرلىرىمىزنىڭ خىزمەت ئالدىراشچىلىغى ۋەياكى باشقا ھەرخىل مۇناسىۋەتلەر تۇپەيلى مۇشۇنداق ئىملا خاتالىقى ۋە مەزمۇندىكى تەسۋىر خاتالىقىغا يول قويۇشى ۋەياكى ئازراق بولسىمۇ تەھرىرلەپ، تۈزتىش بىرىشكە ئىتىبارسىز قارىلىۋاتقانلىغى بۇ يەردىكى شېئىردىكى نوقسانلاردىنمۇ چوڭراق نوقسانلارنىڭ بىرى دەپ قارايمەن،چۇنكى تەھرىرىلەرنىڭ تەھرىرلەش، ئۆزگەرتىش ۋەياكى چەكلەش قاتارلىق ھوقوقلىرى بارلىغى ھەممىگە ئايان ئەلۋەتتە. بۇ يەردە ئىيتىلۋاتقىنى مۇشۇ بىر پارچە شېئىر ۋەياكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەرگە ئىيتىلغان بولماستىن، يۇقارقىدەك ئەھۋاللار ئوموميۇزلۇك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا تەھرىرلەردىن سىرىت، باشقا قەلەم ساھىبلىرىنىڭمۇ ئەدەبى باھالاش پىكر ئىقىمى بويىچە، ئوبزور يېزىش قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ھەممە تەرەپنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۇرۇپ ئەدەبى ئەسەرلىرىمىزنىڭ سۇپىتىنى ياخشلاشقا كۇچ چىقارساق دەپ قارايمەن. ئۆزەمنى مىسالغا ئالساممۇ، ئۇيغۇر ئەدەبى تىلى ئىملاسىدىن ساۋات چىقرىش دىگەن كىتاپنى كۆرۇپ، ئۆزەمنىڭ ئىملايىم ۋە تىنىش بەلگىللىرىنىڭ قۇيۇلۇش مەسىللىرىدە خىلى زور نوقسانلار بارلىغىنى ھىس قىلدىم، مۇشۇ ماقالىنىڭ ئىملا ھەر قايسى تەرەپلىرىدە مەسلە ئىغىر، بۇنى ھەممىز ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كىرەك.
يۇقارىقى شېئىرنى تەھلىل قىلپ باقسام، بىرىنچى كوپلىتتىكى گۈلنى مەشئەلگە ئوخشاتقاندىن كۆرە، گۈلنىڭ ئەسلى سۇپىتى بىلەن تەسۋىرلەپ «زىننەت ئاڭا كەشتە تۇتقاندەك » ياكى «زىننەت ئاڭا دەستە تۇتقاندەك » دىسەك، ئاندىن كيىنكى خامۇش كۆڭۇلگە گۈلنىڭ شىرنىسى ئارقىلىق ھوزۇر ئېزدەلسە، يەنى« سۆيگۇم گۇلىدىن ھەسەل يىغقاندەك» ، ئۇندىن باشقا ئاخىرقى كوپلىتىدىكى «ئۇچۇپ بارسام دەيمەن شۇڭقاردەك» دىيىش ئارقىلىق شۇڭقارنىڭ ئۇچقۇر قۇش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، مۇشۇ تەسۋىرنى قوللىنىلغان، ئەمما شۇڭقار ھەر قانچە ئۇچقۇر بولسىمۇ، بۇلبۇلنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، چۇنكى بۇلبۇل پۇتۇن كېچە-كۇندۇز گۈل ئىشقىدا ئۆزىنى بىغىشلاپ ئۆتىۋاتقان قۇش تەسۋىرغا ئىگە، شۇڭا شۇڭقاردەك دىگەننىڭ ئورنىغا بۇلبۇلدەك دىيىلىپ، تۆۋەندىكىدەك ئالساق قانداق بولار دەپ ئويلاپ قالدىم.
كۆيەر باغرىم خۇددى گۈلخاندەك
گۈل سىمايىڭ كۆڭۈل خانەمگە،
زىننەت ئاڭا كەشتە تۇتقاندەك.
ھۇزۇر بىرۇر خامۇش كۆڭلۈمگە،
سۆيگۇم گۇلىدىن ھەسەل يىغقاندەك.
يامان كۆزلەر سالمىسا تۇغان،
مېھرى-ۋاپا، دەريا- قىيانغا.
تاپساق ئەگەر چىن سۆيگۈ ۋىسال،
يىتەر ئىدۇق گۈزەل ئارمانغا.
سۆيگۈ مىھرىڭ بولۇپ بىر ئاتەش،
كۆيدۈرمەكتە پۈتۈن جىسمىمنى.
شۇ ۋەجىدىن ئاشىق مەن ساڭا،
ئۈزەلمەيمەن سۆيگۈ رىشتىمنى.
قانات ياساپ گۈلۈم قىشىڭغا،
ئۇچۇپ بارسام دەيمەن بۇلبۇلدەك.
ئوت-پىراقىڭ مىنى لال قىلىپ،
كۆيەر باغرىم خۇددى گۈلخاندەك.
يارنى گۈلۇم دەپ تەسۋىر قوللىنىلغاچقا، شۇنىڭغا ئاساسەن گۈل بىلەن ماسلاشتۇرۇش دىگەن نوقتىنى تۇتقا قىلىپ مۇشۇنچىلىك يېزىپ باقتىم، يەنە بىر مەقسەت كەڭ ئوقۇرمەن ۋە ھەۋەسكارلارنى مۇشۇنداق ئوبزۇر تەرەققىسىدىكى كۆز قاراشلىرى بولسا، ئوتتىرىغا قويۇپ،نوقۇل قۇسۇر تىپىش نوقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى ياخشى بولغان مۇنازىرە شەكلىللەندۇرۇشكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈندۇر.
ئەدەبى تەنقىدچىلىكتە ئەلۋەتتە شۇ بىر ئەسەرنىڭ مۇۋەپپىقىيتىنى
كۆپرەك كۆرۇش ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇش تەكىتلەنسىمۇ، لېكىن يىتەرسىزلىكلەر ۋاقتىدا ئوتتىرىغا قويۇلۇپ، قوبۇل قىلىنىپ، تۈگىتىلىپ بىرىلمىسا ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئەدەبىباتىمىز نۇرغۇن ئىللەتلەرنىڭ ئاسارىتىدە بۇرۇقتۇم بولۇپ يىمرلىشش گىردابىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئوبزورچىلىق، تەنقىتچىلىك بىلەن بىر قاتاردا ئىنكاس يىزىشكە ئادەتلىنىپ، ئۆز- ئارا قوللاش قۇۋەتلەش ئىلىپ بىرىلسا، ھەر بىر ئادەمنىڭ چۇشىنىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن،شۇ بىر پارچە ئەسەردىن ئوقۇپ ئالىدىغان زوقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بۇنىڭدىن ئورتاق بەھىرلىنشكە قاراپ يىتەكلىنىلسە دەپ قارايمەن.
|