"ھېجران ناخشىسى" دىن چىققان چاقچاقلار
ھىجران ناخشىسى
ئابدۇخېلىل مېرخېلىل:
مەن ئەمدى كېتىمەن كۆزۈڭدىن يۇتۇپ ،
قۇچاقلاپ سەن بەرگەن پاتمان ئازاپنى .
يەتكەنسەن ئاقىۋەت تىلەكلىرىڭگە ،
مەن ئۈچۈن كۆز ياشتىن راسلاپ شاراپنى .
ئۆلۈمگە يۈز تۇتۇپ بارىمەن ئۇدۇل ،
جان نېمە ؟ جاناننىڭ ئەھدۇ - ۋاپاسى ،
سەن ئۈچۈن قېنىمدىن رەڭلەرنى بەرگەن ،
ئەقىدە گۈلۈمنىڭ قالدى جاپاسى .
خوش ئەمدى ئۇنتىغىن ، ئەسلىمە مېنى ،
يۇتقۇنۇم قىلقىنىپ ھىجراننىڭ نېنى .
بىر ئۆمۈر شاد ياشاپ ئۆتەرمەن گۈلۈم ،
ساداقەت باغرىغا ئالسىلا سېنى ...
ئابدۇقادىر سادىر
كەتمىگىن يارىغا باتنىغان يىگىت،
ئازاپنى پاتمانلاپ باقمىغان يىگىت.
جان كۈندە ئاتمايدۇ چېچەك، دەپ قوياي،
ئەسلى سەن بوش يەردە ياتمىغان يىگىت.
«ھېجراننىڭ نېنى» بەك قىرتاق بولارمىش،
پىراقى بوينۇڭغا سىرتماق بولارمىش.
كۆڭۈلنى ئالدىراپ بەرسە«ھە- ھە» دە،
سېنىڭدەك بىتەلەي بويتاق بولارمىش.
ئا. مېرخېلىل
تەنبىھتە تەربىيىلەپ كىچىكلىرىنى ،
ئەتكەيلە ئېچىلغان كىتىكلىرىنى .
گەپ ئارا بوپ قالدى سىرلىرى ئايان ،
سۆزلەپلا ئۆزلىرىنىڭ كېچىكلىرىنى .
تېتىغان بىلىدۇ تەمىنى دەيدۇ،
ھىجراننىڭ نېنى راست قىرتاق بولامدۇ ؟
دىسىلە ، ئارىدا تاشلاپ كەتكۈدەك ،
سۆيگۈمۇ مۇشۇنداق مىرتاق بولامدۇ ؟
كېتەلمەس سېلىنى يارلىرى تاشلاپ ،
كەتسىلا ئەكەپلا يەنە ھاپاشلاپ.
سىلىنى ئەگىمەي قاچاي دېگەنىڭ ،
قۇيۇپلا ئالدىغا تاپانچا تاشلاپ .
دەپتىلا جان كۈندەچېچەكلىمەيدۇ،
راست يەنە پىلەكلەپ خەمەكلىمەيدۇ .
قىچىغى بولمىسا سىلىدەك بوۋاي ،
چاچ تاراپ بۇ يولدا چەمەكلىمەيدۇ .
ئا. سادىر
ئەقىيدە گۈلۈڭنىڭ قاپتۇ جاپاسى،
كەم بولغاچ جاناننىڭ ئەھدۇ- ۋاپاسى.
كۆڭلۈمدىن بىر
گۇمان ئۆتتى لىپپىدە،
"ھەي، نېچۈك بولغىتتى يىگىت ساپاسى."
بولمايدۇ ئالغىلى شەنى لاپ بىلەن،
قىزىيدۇ ئۇسسۇلمۇ نەغمە- داپ بىلەن،
نىگارنىڭ مەيلىنى ئۇتىسا، باپ بىلەن،
چىقىدۇ ئەۋجىگە "مەشرەپ" ساداسى.
يىگىتنىڭ پىلىكتەك بولسا بېلى بوش،
بىر كەلگەن ئامەتمۇ كېتەر دېمەي "خۇش"،
كۆز ياشقا لىق تولغان قەدەھلەر قوش- قوش،
قالىدۇ چۆلدەرەپ قەلبىڭ بىناسى.
ئىشەنگەچ ئا. خېلىل ئالىجانابقا،
دوستانە سۆز قاتتىم ئالغان جاۋاپقا،
پاتمىغاي بىھۈدە كۆڭلۈڭ ئازاپقا،
بولسا گەر پېقىرنىڭ سەھۋەن- خاتاسى.
ئا. خېلىل:
يەنە شۇ چاقچاققا چاقچاق
كەتكەنلەر قارىسا سۈلكەت - ساپاغا ،
قالامتىم مەن مۇنداق جەۋرى- جاپاغا .
گۇمانغا گۇماشتا بولۇپ ئاقىۋەت ،
يول قويۇپ يۈرۈپلا يەنە خاتاغا .
شەھەرنى شەمشەردە ئالمىقىمىز بار ،
كەلمەيدۇ شەھەرمۇ لاپ ۋە تاماغا .
بەلنى بىر ھەقىقى تەكشۈرمەي تۇرۇپ ،
چۈشمەيلى ئالدىراپ ئۇسۇل- ساماغا .
ئاتىلار ئۇدۇمى بولغاچ نىشانىم ،
ئەزەلدىن سادىقمەن ئەھدۇ- ۋاپاغا .
ئارتۇقى سۆزۈمنىڭ ئۆزۈمگە ھېساپ ،
نىگارمۇ تۇرمايدۇ قۇرۇق ھابباغا ...
نىگارنىڭ كۆڭلىنى لاپ بىلەن ئۇتقان ،
يىگىتلەر كىرمەيدۇ ھەرگىز قاتاغا .
كىمىكى سۆيگۈگە قىلسا ساختىلىق ،
ساداقەت مۈشىنى يەيدۇ ماخاغا .
بايقىسام داپلىرى قىزىپ تۇراركەن ،
قىزىسا يەكمۇ- يەك چىقسۇن تالاغا .
مېنىغۇ نىگارنىڭ تاشلىغىنى يوق ،
تاشلىسا باراملا سۈلھى- سالاغا .
چۆل ئەمەس گۈلۈستان قەلبىم دالاسى ،
سەيلىگاھ بولغۇسى قاشى قاراغا .
نىگارنىڭ پىقىرنى تاشلاپ كەتكىنى ،
ھار كەپتۇ سېلىدەك باغرى ياراغا .
ئا. سادىر:
شەھەرنى پەم بىلەن ئالغانلىرى راست،
ئېپ تۇرۇپ تالادا قالغانلىرى راست،
ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ، ئىڭەكلىرىگە-
ئۆزلىرى بىر تەستەك سالغانلىرى راست.
قىزىتماي چالغان داپ بەرمەيدۇ سادا،
يەكمۇ- يەك چىقساقمۇ تالا- شۇ تالا.
كەتكەنگە نېمە غەم تۇتۇشقان بىلەن؟
مۇھتاجدۇر ئەسلى ئۇ جىڭ رەھنىماغا.
ئۆلسەممۇ بارمايمەن سۈلھى- سالاغا،
قالغۇم يوق بىھۈدە تۆھمەت- يالاغا.
نە بولسا ئۆزلەگە بولسۇن بىر يولى،
ھاللىرى ئامانەت تەقدىر خۇداغا.
"سەيلىگاھ دىللىرى قاشى قاراغا"،
يار بولغاي ئەبەتلىك سالقىن ھاۋاغا.
بىرلا گەپ، شاماللار چەكسە ئىشىكنى،
"ھارماڭ!" دەپ چىقمىسلا باشتاق تالاغا.
يار دېگەن كەلمەيدۇ شامال سۈرەتتە،
كۆتۈرۈپ مېھرىنى بامبۇك سۆۋەتتە.
ئۆزلەغۇ بەك موللا ئۈشبۇ جەھەتتە،
كەتمىگەي ئىش ئەمدى ھەرگىز خاتاغا
(داۋامى چىقىپ قالسا، ئۇلاپ يوللىنىدۇ)