-
ئەيسا قورۇقنىڭ ھىكايىسى - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2010年11月05日
ئەركىن سابىر ئەيسا چوڭنىڭ يوغان بۇرنىغا ھەممە ئادەم ھەيران، يۈزىدىكى توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىغا تارتىلغان قورۇقلار ئارىسىدا كۆپۈشۈپ تۇرغان يوغان بۇرنى خۇددى سانسىزلىغان جىرالار ئارىسىدا دۈمچىيىپ تۇرغان دۆڭگىلا ئوخشايتتى. تېخى كىشىلەر چاقچاق قىلىپ: ‹‹ياراتقۇچى ئۇنى ئادەم سىياقىغا كەلتۈرىدىغان چاغدا ئۇقۇشماي بۇرنىغا لاينى جىق بېرىۋەتكەن ئىكەن›› دېيىشەتتى. ئورۇق يۈزىدىكى قورۇقلارنى ئۇنىڭ يۈزىنى تاراشلىغاندا قېپ قالغان بارماق ئىزلىرىكەن دەيدىغانلارمۇ بار ئىدى. ئەيسا چوڭ بۇنداق گەپلەرگە : — مەن مۇشۇنداق، ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان يارالغانكەنمەن، – دەپ كۈلۈپلا قويىدۇ. دېمىسىمۇ بىزنىڭ مەھەللىلىكلەر ئىچىدە ئۇنىڭكىدەك سەكسەن قورۇقى بارلاردىن يەنە كىم بار؟ تېخى ئەيسا چوڭ بۇ قورۇقلىرى ھەققىدە ماختىنىدۇ. — مانا ماۋۇ پېشانەمدىكى ئىككى تال قورۇق بار چاغدا مەن سالامەتكە كۆيۈپ يۈرەتتىم. ئۇ چاغدا سالامەت شەھلا كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان قىز ئىدى. ئۇ بازارغا مەندىنلا كۆكتات ئالغىلى كېلەتتى ۋە بىر– ئىككى ئېغىز چاقچاق قىلىپ قايتاتتى. ئۇ تولىمۇ ئەدەپلىك، قائىدە – يوسۇنلۇق ئىدى،
-
قاسىم يالغان (ھېكايە) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2010年04月14日
كىچىگىمدە چوڭلار «قىيامەت-قايىم يېقىنلاشقاندا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان غەلىتە ئىشلار كۆپىيىپ كېتىدۇ~~» دىگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى تولا قىلىدىغان.قىيامەت-قايىم بىزدىن زادى قانچىلىك يىراقتا،بۇنى پەقەت ياراتقۇچى ئىگىمىز بىلىدۇ.بىراق،مۇشۇ كۈنلەردە ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان غەلىتە ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ جىقلاپ كەتتى.
ئۆتكەندە،بىزنىڭ مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپنىڭ مۇدىرى ساتتار ئەپەندىم قاتناش ھاددىسىسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىدا 2 ئايچە داۋالىنىپ چىقىپ كەچكىچە ئۆيىگە كىرمەي كوچىدا كېتىپ بارغان ئادەملەرنىڭ يېشىنى سورايدىغان بولۇپ قالدى.ئۇنىڭدىن :«خەقنىڭ يېشىنى سۈرۈشتۈرۈپ نېمە قىلىسەن؟»دەپ سورىسا،«مەن بىر مەخپىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن،ساڭا ئېيتىپ بەرسەم،باشقا بىرسى مېنىڭ بۇ تەتقىقات تېمامنى ئوغۇرلىۋالسا قانداق قىلىمەن؟»دەپ بىر ئادەم كۈندە ئۇنىڭغا 5 قېتىم ئۇچرىسا 5قېتىم،10 قېتىم ئۇچرىسا 10 قېتىم ئۇ ئادەمنىڭ يېشىنى سوراۋېرىپ، مەھەللىلىكلەرنى يىراقتىن ئۇنى كۆرسە قاچىدىغان قىلىۋەتتى. ئادەمنى ئەڭ تېرىكتۇرىدىغان يېرى شۇكى،ساتتار ئەپەندىم ھەممە ئادەمنىڭ(جۇملىدىن ئۆزىنىڭمۇ) ئانىسنىڭ ئىسمىنى خەقنىڭ فامىلىسى ئورنىدا ئىشلىتىدىغان بولىۋالدى،نېمە ئۈچۈنلىكىنى زادىلا خەقكە ئېيتمايتتى.
-
ساراڭنىڭ خاتىرىسى ئاخىرى3 - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2010年04月14日
بىلمەيسەن،مەن سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىمەن بۇنى بىلمەيسەن.قىزلارغۇ بىر نېمە چۈشەنمەيدىغان خەق.زۇلخۇمار،ھەي زۇلخۇمار،سەن ئوغۇل دوستۇڭنى قاقشىتامسەن؟نېمىشقا قاقشاتمايسەن؟قاقشات،سەنمۇ قاقشات مەنمۇ قاقشىتاي،مۇشۇنداق قاقشىتىپ يۈرۈپ مۇھەببەت دېگەن بىر نېمىنى پەيدا بولغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرىۋىتەيلى،ھازىرمۇ مۇھەببەتنى مۇھەببەت دېگەن نامىغا يۈز كەلتۈرۈپ يۈرىدىغانلاردىن قانچىسى بار؟ ئۇنىڭدىن يوقىلىپلا كەتسۇن بۇنداق ئالداش ۋاستىسى دېگەن،مەن ئادۋوكات،مەن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى قانۇنغا مۇھەببەت قانۇنى دەپ بىر قانۇن قوشسۇن...ئاقىل ئاداش قېنى سەن؟مودىل قىزلاردىن تاپ ئاداش،قېنىكەن ئۇ قىزلار؟ پۇلغا جىققۇ مۇشۇ كۈندە قىز بالا دېگەن.ۋەي،كىمۇ؟ئاقىل يوقما....
بىر دەم كايىغاندىن كېيىن ئۆيۈمگە كىرىپ بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئاچتىم ۋە ھاراق ئارقىلىق ئۇيقۇغا كەتتىم.ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئاقىل ،مەخمۇت دەپ ئاتىۋالغانلار كەلدى،ئوبدان ئەسلەپ باقسام راستىنلا شۇلاردەك قىلىدۇ.ئۇلار ئاۋۋال زۇلخۇمارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئاندىن چىقىپ خۇددى ئېچىنغاندەك قىياپەتتە ماڭا قاراپ تۇرىۋاتىدۇ.ھەي،بۇلار كاللىسىدىن كەتمىگەندۇ؟
-
ساراڭنىڭ خاتىرىسى ئاخىرى2 - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2010年04月14日
بۇ ئىشنى بايقاپلا مايسىخانغا تېلىفۇن ئۇرۇپ ئۇ قىز بىلەن ھېسابلىشىپ قويايمۇ دېگەن،لېكىن، ‹‹خاتا قارار تۈپەيلىدىن بولغان زىيان›› بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ قىزنىمۇ ئارتۇقچە سۈرۈشتۈرۈپ كەتمىدىم،سۈرۈشتە قىلمىدىميۇ لېكىن كۆڭلۈمدە ئويلاپ قالدىم،توۋا ،بۇ قىز خېلى چىلرايلىق تۇرۇپ نېمانداق بۇنداق كەسىپ قىلىدىغاندۇ؟ يەنە تېخى كەسىپ ئۈستىدە كەسىپ باركەن،مۇشۇنداق تاپقان پۇلىنىڭ بەرىكىتى بولارمۇ؟ماشىنىغا پىلاستىنكىنى سېلىپ قويۇپ ئاۋازىنى كۈچەيتىپ قويدۇم،چۈنكى بۇنداق قىلسا ئادەم خىياللار قاتلىمىدىن چىقىپ كېتەلەيدۇ،نېمىلا دېگەن بىلەن مەن ھازىر پۇلنى يوقىتىپ قويغۇچى،بۇ خىل ھېسسىياتنى دەرھال يوقىتىش كېرەك،ناخشا توۋلاشنى يەنە باشلىدىم.
-
(مۇز ئەرۋاھ)ساراڭنىڭ خاتىرىسى - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2010年04月14日
بۇ يىلقى ‹‹ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى›› كۈنى مېنىڭ كۆڭلۈم تولىمۇ قالايمىقان ئۆتتى،ئۆتكەن يىلقى ‹‹ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى››ىغۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزگەن،ئۇ ۋاقىتتا سۆيگۈنۈم شۇ كۈننى مەن بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى ‹‹ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى››كۈنى ناملىق بۇچوڭ قالپاقلىق كۈن ئارقىلىق نۇرگۈل بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىدىكى تۆۋەن تىمپۇراتۇرىنى بىر ئوڭشىۋالسامچۇ دېگەن ئۈمىددە ئۇنى كەچلىك تاماققا چاقىرىپ،ئىككىمىز ئوتتۇرىدىكى چېقىلىپ كەتكەن ھېسسىياتىمىزنى ئوڭشىماقچى بولدۇم
-
(ھېكايە)سەكراتتىكى بوۋاي - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2010年04月14日
تولا ئىسلىنىۋېرىپ،قارداپ كەتكەن ئۆينىڭ تورۇسىدىكى ئىنچىكە ،قوپال لىم-چەڭزىلەرنى ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن،سامان لايدا سۇۋالغان تاملارنىڭ ئۇ يەر بۇيەردىكى سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كېتىپ كىسەكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان،سۇنۇپ ،دەز چىقىپ چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغان يەرلىرىگە پىلاستىر <جىياۋبۇ>چاپلاپ تۇرغۇزۇپ قۇيۇلغان كۆزنەكلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندائاساسەن ئەينەكلىرى قالمىغان ،ئېچىلىپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان دەرىزىدىن چۈشكەن نۇر ئۆينى غۇۋا يورۇتۇپ ،ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان بەدبۇي پۇراق بىلەن بىرگە ئادەمگە بىر خىل غەشلىك تۇيغۇسى بېغىشلايتتى. ئۆينىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنى ئىگىلىگەن كاڭ ،كاڭنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن،كۆيە يەپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋەتكەن قارا(رەڭگىمۇ ئۆزگىرىپ كۈلرەڭ بۇلۇپ قالغان)ئىككى پارچە كېگىز،كېگىز ئۈستىدە تۆر تەرەپكە سېلىنغان كىرلىشىپ كاناپتەك قېتىپ كەتكەن ،ئەسلىدىكى قىزىل رەڭگى سۈسلىشىپ سۈس قىزىل رەڭگە كىرىپ قالغان كۆرپە ئۈستىدە ،قاسماقلىشىپ كەتكەن يېشىل دۇخاۋا ياستۇققا بېشىنى قويۇپ ،ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى ئۇزۇن سوزغىنىچە ،ئېغىر -ئېغىر يۆتىلىپ ،قىينىلىپ تەستە نەپەسلىنىپ ،ئاجىز ئېڭراپ ،ياشاڭغۇراپ قالغان كۆزلىرىنى تورۇسقا تىككىنىچە بىر بوۋاي ياتاتتى.
-
ئىككى باينىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى (شېئرى چۆچەك) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年10月03日
بۇرۇن قەدىم زاماندا ،
شۇنچە خىلۋەت ماكاندا،
ياشايدىكەن ئىككى باي،
باياشاتتا خوشلۇقتا .
ھىچنىمىدىن غېمى يوق ،
كۈندە شۇنداق كۆڭۈل توق ،
ئىناقلىقى ئۇلارنىڭ ،
قېرىنداشلاردىن ئارتۇق .
-
سەكراتتىكى بوۋاي (ھېكايە) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年10月03日
تولا ئىسلىنىۋېرىپ،قارداپ كەتكەن ئۆينىڭ تورۇسىدىكى ئىنچىكە ،قوپال لىم-چەڭزىلەرنى ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن،سامان لايدا سۇۋالغان تاملارنىڭ ئۇ يەر بۇيەردىكى سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كېتىپ كىسەكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان،سۇنۇپ ،دەز چىقىپ چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغان يەرلىرىگە سۇلياۋ <جىياۋبۇ>چاپلاپ تۇرغۇزۇپ قۇيۇلغان كۆزنەكلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندائاساسەن ئەينەكلىرى قالمىغان ،ئېچىلىپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان دەرىزىدىن چۈشكەن نۇر ئۆينى غۇۋا يورۇتۇپ ،ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان بەدبۇي پۇراق بىلەن بىرگە ئادەمگە بىر خىل غەشلىك تۇيغۇسى بېغىشلايتتى.
-
مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارغۇ ( ھىكايە) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年10月03日
خىزمەت ئورنۇم ھوكۇمەت ئورۇن بولغاچقا دوختۇرخانا باشلىقلىرى ۋە دوختۇرلىرى بىلەن داۋاملىق يىغىنلارغا قاتنىشاتتۇق ، بىرگە ئۇگىنىش قىلاتتۇق ، شۇڭا دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مىنى ياخشى بىلەتتى .
ئەتىسى دوختۇرخانىدىن بىر ئايال دوختۇر مىنى تىلغۇن قىلىپ چاقىرىتتى ..
-- مىنى چاقىرتىپ بىرەر ئىشىڭىز بارمىتتى ؟
-
شېرىن خىيال كىمدە يوق - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年10月03日
خىيالىمدا خان بولدۇم. خىيالىمدا ۋەزىرمەن،
خىياللىرىم خىلمۇخىل، خىيالىمدا خىزىرمەن،
لەۋلىرىمنى تەمشىيمەن خىياللاردەك بولالماي،
جايىم ئەسكى ئويۇققا، چۈنكى پۇچۇق ھېجىرمەن.
-
زىنادىن ساقلىغان قاشتىشى ( پوۋىست ) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年10月03日
(2)
يىتىملەرنىڭ كۆز يىشى8 - ئاينىڭ ئولتۇر - ئاخىرلىرى بولغاچقا كۇن ناھايتىمۇ ئىسسىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇنىڭ ئۇستىگە چۇشلۇك دەم ئىلش ۋاقتىمۇ بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا ، بىز ياتاقداشلار تاماقلىنىپ بولغاندىن كيىن قايتىپ كىرىپ ئۇخلاۋاتاتتۇق ..
- جىرىڭ ...........جىرىڭ ...
-
زىنادىن ساقلىغان قاشتىشى ( پوۋىست ) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年10月03日
(1)
سوغات ئۇستىدە دە - تالاش
- ئۇف ! كىتاپنى كۆرۇۋىرىپ ھەجەپ كۆزۇم ئاغىردى ، - ئۇستۇنكى كارۋاتتا ئۇنتىنسىز دۇم يىتىپ دەرىس تەكرارلاۋاتقىلى يىرىم كۇن بولغان دىلشات كىتاپنى ئۇستەل ئۇستىگە تاشلىغاچ گەپ باشلىدى، - ھەي باللا ، مانا يازلىق تەتىل توشاش دىگىلى ئازلا قالدى ، بىز بولساق تىرىشچانلىقىمىز تۇتۇپ كىتىپ ، كىلەچەكتە ئۇيغۇلاردىن چىققان ئالىم بولۇپ ، مىللەتكە توھپە قوشىمىز دەپ يۇرىتقىمۇ قايتىماي تەتىل كۇرۇسغا قاتنىشۋلدۇق ، ئاز.......
-
ساغـرىسى ئـوچـۇق قىــز ... - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年09月26日
ساھىپجامال قىزچاقنىڭ ئېچىلىپ قاپتۇ ساغرىسى،
كۆپكۈندۈزدە كەيگەچكە بەكمۇ كالتە يوپكىنى.
چاچقان ئەتىر ئۇپىسىدىن كۆمۈلۈپ ھەم يۈزلىرى،
بۇنى كۆرگەن جامائەت تۇتۇشۇپتۇ ياقىنى..............................
-
زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى (پوۋېست) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
باش-ئاخىرى يوق خىياللار بىلەن تەستە كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنىپتىكەن، تۇيۇقسىز جاراڭلىغان ئاۋازدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئۇدۇل قوشنامنىڭ ئۆيىدىن ئەنسىز ۋاقىراش -جاقىراشلار، ئەرنىڭمۇ، ئايالنىڭمۇ ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. سائىتىمگە قارىسام سائەت ئىككى بوپتۇ. بىچارە چوكاننىڭ ئېرى يەنە مەس كېلىپ زوتاڭزىلىق قىلىۋېتىپتۇ -دە، ئۇرۇش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، چىنە-قاچىلار چېقىلىشقا باشلىدى. ئېرىمنىڭمۇ ئۇيقۇسى بۇزۇلدى بولغاي، ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۈستەل چىرىغىنى ياندۇرۇپ سائىتىگە قارىدى ۋە:
_ تېخى كېچە ئىكەنغۇ؟ نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ بۇ؟ _دېدى.
_ قوشنىمىز يەنە مەست بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ،...........................................................
-
ھېكايە - يولدا - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
قەھرىتان قىش كۇنلىرىنىڭ بىرى ئىدى ،مەن ئاكام بىلەن بىللە ھاممامنىڭ ئۆيىگە كىتىپ باراتتۇق.
ياۋاغ كۆرىكىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە،كىشلەرنىڭ بىريەرگە توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆرۇپ ،كىشلەر توپلاشقان يەرگە بىرىپ باقماقچى بولدۇق .بىز كىشىلەر توپىنى يىرىپ ئۆتۇپ ئالدىغا باردۇق.
چاچلىرىغا ئاق سانجالغان ،يۇزلىرىنى قورۇق باسقان ،ئۇچىسىغا كونا پاختىلىق چاپان ،تولايۇيلۇپ ئەسلىرەڭگىنى يوقۇتۇپ قويغان شىم كىيۋالغان ،پۇتىغا تولا يامالغانلىقتىن غەلىتە بولۇپ قانغان ئاياغ كەيگەن بىر بوۋاي بىشىنى ساڭگىلاتقىنچە تۇراتتى .
.........................................................
-
ياخشى چۈش كۆرۈڭ - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
مەمتىمىن ھوشۇر
مەھەللىمىزنىڭ چېتىدە خېلىلا چوڭ بىر ئاممىۋى باغچا بار . پېنسىيىگە چىققانلار ئاخشىمى- ئەتىسى شۇ يەرگە يىغىلىپ قالىمىز . نېمە ئىش بار دەيسىلەر ؟ بەزىلىرىمىز شاھمات ئوينايمىز ، بەزىلىرىمىز كورت؛ بەزىلىرىمىز بايىلا يەپ چىققان تاماقنى سىڭدۈرۈ ش ئۈچۈن ئۇششاق چامداپ ئۇياق - بۇياققا ماڭىمىز ، ئوڭدا يېتىپ دۈم قوپۇپ ، ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلارمۇ بار ؛ يەنە بەزىلىرىمىز ئولتۇرىۋىلىپ ، ھازىر بازاردا نېمە ئەرزان ، نېمە قىممەت ، قايسى ئاغرىققا قانداق دورا پايدا قىلىدۇ ، ئاخشام تېلىۋوزوردا قانداق يېڭى نۇمۇرلارنى قويدى ، كىمنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتتى ، كىم ياش خوتۇن ئېلىۋالدى ؛ پېنسىيىگە چىقىپ دۇكان ئېچىپ كىم پايدا ئالدى ، كىم زىيان تارتتى ...دېگەندەك پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتىمىز .
كەچكى تاماقتىن كېيىن ، ئازراق سالقىنداي دەپ باغچىغا چىقىۋىدىم ، كۆل بويىدا قولىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ، ئېڭىشىپ كېتىپ بارغان ئۇبۇل ئەپەندىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى .
.............................................................
-
تەستەك - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
« چاڭ !!!»
يۈزۈمگة تةگكةن تةستةكتصن مةڭدةپ تۇرۇپ قالدصم .
ــ ئوقۇمايمةن؟! بۇ گةپنص يةنة بصر دةپ باققصنا قېنص !؟ــ ئاپامنصڭ غةزةپ ئوتلصرص چاقناپ تۇرغان بصر جۈپ كۆزصگة قاراپ پۈتۈن بةدصنصمگة تصترةك ئولاشتص . ئاپامنصڭ ئصلگصرصكص مېھصرلصك چاقناپ تۇرغان بصرجۈپ كۆزصنصڭ ئورنصنص قةھر ـ غةزةپكة تولغان كۆز ئالغانصدص . ئاپام غةزةپتصن پارتصلغۇدةك بولۇپ كةتكةنصدص . ئۇ غةزةپ بصلةن سۆزصنص داۋام قصلماقتا ئصدص ــ ئةمدص ئوقۇمايمةن ، دېگةن گةپنص ئېغصزصڭدصن چصقارغۇچص بولما! بولمصسا مېنصڭ سةندةك بالام يوق!
ئاپامنصڭ سۆزلصرص قةتئصي ئصدص . ئۇ ئةزةلدصن دېگصنصنص قصلماي قويمايتتص . مةن خېلص مةڭدةپ تۇرۇپ قالغاندصن كېيصن ، ھوجرامغا ئۈن ـ تصنسصز كصرصپ كةتتصم......................................................
-
ساتىراچخانا (كۇچادىكى كەچمىش) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﻱ ﺑﯘ ﺗﯜﻛﻠﻪﺭ ﺗﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﺴﺎ، ﻳﺎ ﻗﻮﻳﯘﻕ ئەﻣﻪﺱ، ﻳﺎ ﺳﻮﻳﯘﻕ، ﻳﺎ ﭼﻪﺗﯭﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ئوﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﻳﺎ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ.. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ئاﻟﻤﯩﺴﺎﯓ ﺳﯧﻨﻰ ﻗﯧﺮﻯ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻏﯩﺮﺩﺍﺷﻘﺎ ﭼﻮﻻ ﻳﻮﻕ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻳﻮﻕ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ، ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻳﻮﻕ! ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ئۇﻗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ... ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﯲﺗﯜﭖ، ﻳﯘﺭﺕ ئاﺭﯨﻼﭖ ﻛﯘﭼﺎﻏﺎ ﭼﯜﺷﺘﯜﻡ. ﺑﯘ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﻳﻪﻧﻪ ﯲﺳﯜﭖ ئەﻟﭙﺎﺯﯨﻤﻐﺎ ﭘﯘﺗﻼﺷﺘﻰ، ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﻏﯘﺭﯗﺭ ﻫﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺷﺘﻼﺷﺘﻰ. ئەﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ئۇﺩﯗﻟﻼ ﺗﻪﺗﻪﻱ ﻗﯩﺰﻻﺭ ئاﭼﻘﺎﻥ ﺳﻪﺭﺗﯩﺮﺍﭼﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ "ﭘﺎﻻﻛﻪﺕ ﺗﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ"ﻧﻰ ﻏﯩﺮﺩﯨﻴﺎﻻﻣﺪﯗ-ﻳﻮﻕ.. ﺩﻩﭖ ئوﻳﻠﯩﺪﯨﻢ.. ﻛﻪﻝ ﺩﯦﺪﻯ، ﯴﭺ ﻛﻮﻱ ﺩﯦﺪﻯ، ئوﻟﺘﯘﺭ ﺩﯦﺪﻯ، ﺑﻮﻳﻨﯘﻣﻐﺎ ﻟﯚﯕﮕﯩﻤﯘ ﺳﺎﻟﻤﯩﺪﻯ، ئوﯕﺪﺍ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﺩﻯ، ﻧﻪﻣﺪﯨﺪﻯ، ﺳﻮﭘﯘﻥ ﺳﯜﺭﺩﻯ، ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ، ئاﻕ ﻳﯜﺯﻟﯜﻙ، ﺑﯧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯﻟﯜﻙ، ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﻰ ﺷﺎﻻﯓ، ئەﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ. ئۇﺳﺘﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯩﻎ ﺳﺎﻟﺪﻯ، ﺋﯧﯖﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﻏﯩﺮﺩﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﻗﻮﻝ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ، ﺗﯩﻎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ... ئاﻏﺮﯨﻘﺘﯩﻦ ﻳﯜﺯﯛﻡ ﻗﻮﺭﯗﻟﯘﭖ، ﻛﯚﺯﯛﻡ ﭘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. "ﺘﻮﺧﯘ ئوﻏﺮﯨﺴﻰ"ﺪﯨﻜﻰ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﻳﺎﺩﯨﻤﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ:
__ ئاﺧﺸﺎﻣﻘﻰ ﻛﯩﻨﻮﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﯕﻤﯘ ئاﺩﺍﺵ...
_ ﻫﻪ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ..
__ ئاﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ...................................................
-
راستقا ئايلانغان سۆز - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
پاتىمە ئانىسى بىلەن دادىسىنىڭ تۇپراق بىشىغا كەلدى . ئۇلار قايتىدىغان چاغدا پاتىمە ئانىسىغا :
- ئانا ، قىز دا دىسىنىڭ يىنىدا ياتسا بولامدۇ ؟
بۇگەپنى ئاڭلاپ ئانىسىنىڭ يۇرىگى جىغغىدە قىپ كەتتى .
- ئوش~! داداڭنىڭ ئۆلگىنى ئاز دەپ ، سەنمۇ ئۆلۇمنىڭ گىپىنى قىلىۋاتامسەن ؟ ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمەيدىغان ، ئاغزىڭدىن سائەت چىكەتمىسۇن يەنە .
پاتىمە گەپ قىلماي ئانىسىنى قولتۇقلاپ ماڭدى . ئۇلار بىر ئوچۇق گۆرنىڭ ئالدىغا كىپ قالدى . پاتىمە توختاپ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى . ئانىسى ھەيران قالدى.............................
-
چىن سۆيگۈ - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
جانىم ~! نىمە بولىدۇ ؟ مىنى بىر قۇچاقلاپ قويغىنە ؟ قەلبىمدىكى لاۋىلداپ كۆيىۋاتقان ئىشقى ئوتى بىر ئاز بولسىمۇ پەسلىسۇن . ئۆزۇڭنى قاچۇرما ، قۇچاقلاپ قويغىنىڭغا سەندىن نىمە كىتىدۇ ؟
قىز خىجىللىقتا بىشىنى يەردىن كۆتۇرەلمەيلا قالدى . ئۇ قىزارغان يۇزىنى يىگىتكە كۆرسىتىشنى خالىمىدى بولغاي ، بىشىنى تىخىمۇ تۆۋەن سالدى . ئۇ گەپ قىلشىقا تەمشىلگەن بولسىمۇ ، يەنىلا گەپ قىلالماي قالدى . ئەسلىدە ئۇ يىگىتكە بىرمۇنچە سۆزلەرنى دەيمەن دەپ زور تەييارلىق بىلەن كەلگەن ئىدى . بىراق يىگىتنىڭ ئالدىدا ھەممىنى ئۇنۇتتى ................................
-
شەيتان ھەزەتلىرىدىن پەرمان: - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
<<ئەتە قېرى دەرەخ تۈۋىدە بىر سورۇن تۈزىلىدۇ.بۇسورۇنغا ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتىكى توھپىسى زور بولغان ئىككى قۇلاق مايمۇن قۇيرۇق شەيتان،تۆت قۇلاق ۋىجىك شەيتان ۋە ئوزۇن قۇلاق زىرەك شەيتان قاتنىشىدۇھەم ئۇلارنىڭ تۆھپىسىگە قاراپ ئىنئام بىرىلىدۇ.بارلىق شەيتانلار ۋاقىپ بولىشى كىرەك>> بۇيرۇق تامام...
بۇنى ئاڭلىغان ئۈچ شەيتان بىر كىچە ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتىكى ئاز بولمىغان تۆھپىلىرىنى ئويلاپ ئۇخلاپ قالدى............................
-
«ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ» - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
ﺗﻮﻳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ،
ﻧﯩﻜﺎﮬﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ .
ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻣﻨﻰ ﻳﯩﻐﻼﺗﻘﺎﻥ ﻧﯩﻜﺎﮬ ،
ﭘﯘﺭ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ..................
-
جانان ساڭا(نەسىرلەر) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
ئاھ! ناخشا
ئاڭلىدىم،
يۈرىكىڭنىڭ قات-قېتىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان مۇڭلۇق نالىنى، ماڭا بولغان سۆيگۈڭنىڭ ھىجران ئالدىدىكى ئەلەملىك ئېسەدىشىنى ئاڭلىدىم.
-سىزگە ناخشا ئوقۇپ بېرەيمۇ؟
شۇ دەمدىمۇ قەيسەرلىك بىلەن مەن ئۈچۈن ناخشا ئىيتتىتڭ! ئۈنسىز ھالدا ناخشاڭنى ئاڭلىدىم. قويۇق كىرپىكلىرىڭدە سۇس يالتىرىغان مۇھەببەت ئاستا يۈرىكىمگە ئېقىپ كىردى.
ئاۋازىڭ ھەر چاغدىكىدىن يېقىملىق ئاڭلاندى. ئۇنىڭدا ئاجايىپ بىر مۇڭ، مېھىر بار ئىدى...
-
مەنمۇ قىزاردىم - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
ھاراق دېگەن بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ كارامىتىگە مەن قايىل . ئۆزۆڭنى چاغلىماي بىر - ئىككى رومكا ئوشۇق ئىچىپ قويدۇڭمۇ ، بىر دەمدىلا ساراڭ بولىسەن . مانا مەن ھەر قېتىم ھاراق ئىچسەم ، مەھەللىگە ئۈنۈمنى بولۇشىغا قويۇۋىتىپ ناخشا ئېيتىپ كىرىپ كېلىمەن . دەرۋازىنى تېپىپ ئېچىپ ، ھويلىدا ئايالىم « ھاي خوشنىلار ئاڭلاپ قالسا سەت بولىدۇ » دىگەنچە بەكرەك ۋاقىراپ - جاقىراپ ، ئۆيگە كىرگىلى ئۇنىماي تىرەجەپ تۇرىۋىلىپ ، خېلى قىلىقلارنى قىلىپ باقىمەن . ئەتىسى ئەتىگەندە ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىمىزدا جىدەل باشلىنىدۇ .
_ ئاخشام نىمە ساراڭلىقلارنى قىلىپ كەتكىنىڭىزنى بىلەمسىز ؟_ دەپ گەپ باشلايدۇ ئايالىم ، _ زادى قاچان چوڭ بولىسىز ؟ بىر بالىغا دادا بولدىڭىز ، نومۇس قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟ ....بىر گەپ بولسا « ئەر كىشى دېگەن ھاراق ئىچىدۇ » لا دەيسىز . مانا مېنىڭ داداممۇ ئەر كىشىغۇ ؟ ئۆمرىدە ھاراق دىگەن نەرسىنى ئاغزىغا ئالماپتىكەن ...
-
ماگېزىندىكى دىلو - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
قايناق بازار بولۇۋاتقان چوڭ بىر ماگىزىن، كابى فۇز ئون نەچچە ئايال بىلەن بىرگە ئۆزلىرى ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان، ئەمما مودىدىن قېلىپ باھاسى چۈشۈرۈلگەن رەخت ۋە ئىچ كىيىملەرنى كۆرۈۋاتاتتى.
كابىنىڭ كۆزى سىپتا تىكىلگەن خىلمۇخىل كۇسارلاردا ئىدى. ئۇنىڭ بۇ كۇسارلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالغۇسى بار ئىدى. بىراق، ھەمياندا ئاران بىرنى سېتىۋالغۇدەكلا پۇلى بار. قايسى رەڭدىكىسىنى تاللىسا بولار؟
ئۇ يېشىل رەڭلىكىنى تاللىدى، يەنە ھال رەڭ ۋە كۆك رەڭلىكىنىمۇ ئالغۇسى بار ئىدى. ئۇ ئەتراپىغا تېز كۆز يۈگۈرتۈپ، ھېچكىم دىققەت قىلمىدى، دەپ ئويلىدى بولغاي ئىككى كۇسارنى ئىتتىكلا باغىردىقى ئىچىگە تىقىۋالدى، ئاندىن يەنە بىر كۇسارنى كۆتۈرۈپ بەخىرامان ھالدا كاسسا ئالدىغا كەلدى.
- قىرىق فرانك، - دېدى كاسسىر، - باشقا يەنە نېمە بار؟
مۇشۇلا، - كابى پۇل تاپشۇرۇپ بولۇپ ئۇدۇل سىرتقا قاراپ ماڭدى
-
قوش مەسچىت - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
بوۋا مۆھتەرەم بوۋا، سەن ئېيتىپ بەرگەن چۆچەك رىۋايەتلەر نەقەدەر ئاجايىپ غارايىپ ۋە قىزىقارلىق ئىدى ھە؟ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە يىتىپ بارالايدىغان ئۇچار گىلەم، ئۇچار دۇلدۇللار، خاسىيەتلىك جاھاننامە ئەينەكلەر، «ئېچىلىڭ داستىخېنىم» دەپ بولغۇچە تۈرلۈك تۈمەن نازۇ – نېمەتلەرگە تولۇپ تۇرىدىغان خىسلەتلىك داستىخانلار، بەتنىيەتلەرنى چاڭگالدا قويىدىغان سىرلىق توقماقلار. . . . . ، بوۋام بىر كەچقۇرۇنلۇقى ماڭا مۇنداق بىر چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئىدىڭ
-
كىچىك ئەرۋاھ - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
ئانا: - يېڭى ئۆيىمىزگە كەلدۇق ، قىنى چۇشۇڭلار باللىرىم .
چوڭ قىز : - ئەمدى مۇشۇ سەھرادا تۇرامدۇق ؟
ئوغۇل :- بۇ يەر بەك چىرايلىقكەن .
ئانا: - شۇنداق قوزام ، ئەمما بۇ ۋاقىتلىق . تەتىلىڭلار توشقاندا يەنە قايتىپ كىتىمىز ، بۇ پەقەت بىزنىڭ يازلىق ئارامگاھىمىز خالاس .
چوڭ قىز : - بۇيەر دە ئاران ئون نەچچە ئائىلىلىك باركەن . يەنە كىلىپ پۇتۇن ئەتراپ ئورمانلىق ....
ئانا: - يەنە بىر دەريا بىلەن كۆلچەكمۇ بار .
چوڭ قىز : -
-
جانانغا يىزىلغان ئاخىرقى خەت - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەنا!
بىر مەكتەپتە تۇرۇپ ساڭا پوچتا ئارقىلىق كەلگەن بۇ خەتنى دەسلىۋىدە كۆرۈپ كىملىكىنى بىلىشكە ئالدىرغانلىقىڭ ، خەتنى ئىچىپ كۆرگەندىن كىيىنكى ھەيران بولغان سىياقىڭ كۆز ئالدىمغا كىلۋاتىدۇ.
بۇ ساڭا قارتىپ يازغان نەچچىنچى پارچە خىتىم ئىكەنلىكىنى ئۆزەممۇ ئىيتىپ بىرەلمەيمەن. ئاخىرى سىنى يىغلىتىدىغان مىنى يىغلىتىپ كىلۋاتقان بۇ خەت ئۆز جاينى تاپىدىغان بولدى.
ئىسىڭدىمۇ گۈلۈم
-
ئىشىك چەككۈچى - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
بىرنەچچە كۈندىن بېرى تېلېفۇن ئەجەپ سايراپ قويايمۇ دېمەيدۇ يا! ئەر ئۆز ئۆزىگە غۇدۇڭشۇپ قويدى. ئاندىن ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا قويۇلغان تومپۇچكا ئۈستىدىكى تېلېفوننى ئېلىپ ئۇنىڭ تۇرۇپكىسىنى ۋە سىم يوللىرىنى تەكشۈرۈپ باقتى. ھەممە يەر ساق ئىدى. ئۇ يەنىلا تېلېفوننىڭ ساق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەي يانفونىنى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ نومۇرىغا ئۇرۇپ باقتى. تېلېفۇن جىرىڭلىدى. دېمەك تېلېفۇن ساق ئىدى.
ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتكەن ئايالى تېلېفوننىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئاشخانىدىن بېشىنى چىقاردى.
— مەن ئۆزۈم ئۇرۇپ باقتىم.
ئايالنىڭ ئاشخانا ئىشىكىدە پەيدا بولغان گەۋدىسى يوقالدى،
-
ھىجىران - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年05月21日
ەەرىزىدىن چۈشۋاتىغان ئاينىڭ شولىسى ئۆي ئىچىنى سۇس يۇرۇتۇپ تۇراتتى . ئۇنىڭىغا گۈدەك ئاۋازى يەنىلا ئاڭلاندى .
- جېىنىم،ماڭا قاراپ ياتىقىىنە .
- بولدى قىلىڭە، بەك چارچاپ كەتتىم . ئەتە يەنە مەكتەپكە بارىمەن .
- سەن كەلگۈچە بەك سېغىنىپ كېتىدىكەنمەن ، شۇڭا ساڭا بەكىرەك قېنىۋالاي دەيمەنغۇ .
نائىلاج ئۇ تەرەپكە ئۆرۈلدۈم . ئۇنىڭ گۆش تاغىرىدەك سېمىز تەنلىرى مېنى مەھكەم قۇچاقلاپ ،سوغۇق ،ھارارەتىسىز لەۋلىرى لەۋلىرىمىنى يالىمىدى. يۈزلىرىمگە ، يويۇنلىرىمىغا ،ئىش قىلىپ تەنىلىرىمىنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئۇرۇلغان تىنىقلار ،يىگىتىلىك غۇرۇرمنى، ۋىجدانىمىنى ،شۇنداقلا قەلبىمىنى ۋىژىلدىتىپ كۆيدۈرمەكتە.........