1524| 0
|
كوردلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە |
|
كوردلار ئوتتۇرا شەرىقتە ياشايدىغان چارۋىچى مىللەت بولۇپ ،ئاساسلىق ياشاش ماكانى غەرىبى جەنۇبى ئاسيا كوردىستاندۇر . ئومۇمىي نوپۇسى 30 مىليون بولۇپ ،ئاساسلىق تۈركىيە ،سۈرىيە ،ئېراق ،ئېران قاتارلىق تۆت دۆلەتكە جايلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا ئەزەربەيجان روسىيە،ئەرمىنىيە ،ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ جايلاشقان بولۇپ ئوتتۇرا شەرىقتە ئەرەپ ،تۈرۈك ،پارىسلاردىن قالسا تۆتىنجى چوڭ مىللەت. كوردلار بولسا ئوتتۇرا شەرىقتىكى قەدىمىي مىللەتلەردىن بولۇپ ،رىۋايەت قىلىنىشىچە كوردلار قەدىمكى مىدىيە 米底亚 لىقلارنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر،2000يىلدىن بۇيان كوردلار كوردىستان تاغلىق رايونىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشاپ كەلگەن. يىقىنقى يىللاردا كوردلار ئارىسىدا مۇستەقىللىق سادالىرى بارغانچە كۈچەيگەن ،ئەمما ئارقا ئارقىدىن تۈركىيە،ئېراق تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. كوردلار ئاساسەن ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان سۈننىي مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلاردۇر.كوردلارنىڭ تىلى ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسىنىڭ ئىران تىلى تارمىقىغا كىرىدۇ.كورد تىلى ئىككى خىل يېزىققا ئىگە بولۇپ ،ئىراق ئىران تەۋەسىدىكى كوردلار ئەرەپ يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ ،تۈركىيەدىكى كوردلار بولسا لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.گەرچە ئوخشاش تىلنىڭ ئىككى خىل يېزىقى بولسىمۇ ئەمما ئۇزاق يىللىق ئايرىلىپ تۇرۇش ھەر قايسى كوردلىرىدا پەرىق ھاسىل قىلغان تۈركىيە كوردلىرى: كوردلار تۈركىيىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ ، نوپوسى 14 مىليون ، ئارىسىدا 7 مىليون كورد تۈركىيەنىڭ شەرقى ۋە شەرقى جەنۇبى قىسمىدىكى كەڭرى ئەمما ئادەم ئاز رايوندا ياشايدۇ. تۈركىيىدىكى كوردلار ئاساسىي جەھەتتىن مۇسۇلمانلار بولۇپ ،ئۇلار سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە كۆپ پەرىققە ئىگە ئەمەس ،ئەمما تىل ،مەدەنىيەت ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتە ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە. تۈرك ۋە كورد ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا دائىر تارىخى ماتېرياللار بار.تۈركىيەجۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىككى مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتى بارا-بارا يامانلاشقان. ئاتا تۈرك مۇستافا كامالنىڭ ئىسلاھاتى مىللەتچىلىك دولقۇنلىرىنى قوزغىغان ئەمما تۈركىيە تۈرك مىللىتىدىن باشقا ھېچ بىر مىللەتكە ياشاش بوشلۇقى بەرمىگەن،كوردلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ تۈركىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش كۈرىشىنى باشلىۋەتكەن. 1984-يىلى ئابدۇللا ئوچالان( تۈركچە Abdulah Ocalan) كورد ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرغان.1980-يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ بۆلگۈنچى كۈچلەر كۈنسايىن كۈچەيگەن،ھەم تۈركىيىنىڭ شەرقى قىسىم زىمىنلىرى كەسكىن ۋەزىيەت ئىچىدە قالغان .80-90 يىللاردىكى15 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇشتا 30 مىڭدىن كۆپ ئادەم ئۆلگەن.1991-يىلى ئابدۇللا ئوچالان كىنىيەدە تۇتۇلغان ،21 -ئەسىر ھارپىسىدا ئوچالان ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى قورال تاشلاشقا مۇراجەت قىلغان. تۈركىيە نىڭ كوردلارغا بولغان قوپال مۇئامىلىسى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتىپاقىغا كىرىشكە ئىلتىماس قىلىشى بىلەن ئۆزگەرگەن،تۈركىيە ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن ،ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان،2002-يىلى تۈركىيە كورد تىلىدا رادىيو ئاخباراتلاردا تارقىتىش بەرگەن.يەنىمۇ ئىلگىرلەپ مەكتەپلەردە كورد تىلىدا دەرىس بېرىش يول قويۇلغان. مەنبەسى : http://zh.wikipedia.org/wiki/%E5%BA%93%E5%B0%94%E5%BE%B7%E4%BA%BA ۋىكىپېدىيا تورى ئەجداد تارىخ تورىدا ھازىر تەرجىمە قىلىنىۋاتقان ماقالە < كورد ئىشچىلار پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنى > تولۇق مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەزا نامىڭىزدا كىرىڭ: كىرىش ياكى ئەزا بولۇش
|
تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ ! دەپ ئاڭلاپ ق ...
|
|
Archiver|يانفۇن|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )
GMT+8, 2012-8-25 07:33 , Processed in 0.157463 second(s), 19 queries .
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.