ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动交友discuz
كۆرۈش: 693|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇرچە – تۈركچە مەسەللەر توپلىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 14:39:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر دوستلار. شۇنداقلا. ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۈرك دوستلارنىڭ پايدىلىنىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، ماي چىچەك نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، ئەڭ گۈزەل مەسەللەر (ھايۋان ھېكايىلىرى) ناملىق كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە – تۈركچە سېلىشتۇرما نۇسخىسىنىڭ ئېلكىتابى، كەڭ دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىلدى.
بۇ كىتاپتا، مەۋلانە، ئىزوپ، لافونتېن ۋە بەيدابا قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانغان بەزى مەسەللەر (ھايۋان ھېكايىلىرى) گە يەر بېرىلگەن. ھەر بىر ھېكايىنىڭ ئۆزى ۋە مەقسىدى، ئىخچام بىر سۆز بىلەن ۋە ياكى بىر ئاتا سۆزى بىلەن ئايدىڭلىتىشقا تىرىشىلدى. بۇ ھېكايىلەر، ئىنسانىيەتنىڭ 2500 يىللىق بىر ئورتاق مەدەنىيەت ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرى دەپ قارالماقتا.
دوستلارنىڭ كىتاپتىكى 150 كە يېقىن ھېكايىنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدىكى تەكلىپ پىكىرلىرىنى، ئېلخەت ياكى ئىنكاس قالدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ماڭا يەتكۈزۈپ بېرىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۆمىد قىلىمەن. كەڭ دوستلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئۇتۇق، ھاياتىغا ئامانلىق يار بولغاي!

- ماھىنۇر ئۇيغۇر

كىتاپ ھەققىدىكى ئۇچۇلار:

كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى: ئۇيغۇرچە-تۈركچە ئەڭ گۈزەل مەسەللەر (ھايۋان ھېكايىلىرى)
كىتاپنىڭ تۈركچە ئىسمى: Turkce-Uygurca En Guzel Hayvan Hikayeleri
كىتاپ ئاپتۇرى: ئىرپان تاتلىق (تۈركىيە)
كىتاپنىڭ تەرجىمە ئاپتۇرى: ماھىنۇر ئۇيغۇر
تەھرىرلىگۈچىلەر: مۇھەممەد ئابدۇللا ئابدۇقادىر، بۈۋىنۇر بەكرى
نەشىر قىلغۇچى ۋە تارقاتقۇچى: ماي چىچەك نەشىرىياتى (ئىستانبۇل)
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: www.Mahinur.Com

ئېلخەت ئادرىسى: uygur@mahinur.com

كىتاپ ئاپتۇرى، تەرجىمە ئاپتۇرى ۋە نەشىرىياتنىڭ رۇخسىتىسىز باستۇرۇپ سېتىشقا بولمايدۇ. ئەگەر باستۇرۇپ ساتماقچى بولسىڭىز كىتاپنىڭ تەرجىمە ئاپتۇرى بىلەن ئالاقىلاشقايسىز.

كىتاپنى تۆۋەندىكى ئادرىسلارنىڭ خالىغان بىرىسىدىن چۈشۈرىۋالغايسىز.
كىتاپنى چۈشۈرۈش ئادرىس ئۇلانمىلىرى:   1 2 3 4 5

چۈشۈرۈش نورمال بولمىسا ئەسلى ئادرىستىن چۈشۈرۈڭ ...  http://www.mahinur.com/uygur/551
تولۇق مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەزا نامىڭىزدا كىرىڭ: كىرىش ياكى ئەزا بولۇش

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 20:15:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ كىتاب تۈركچە ئۆگەگۈچىلەرنىڭ ياخشى دوستى بولالايدىكەن، يوللىغۇچىغا رەھمەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

GMT+8, 2012-8-26 01:47 , Processed in 0.146000 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش