ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动交友discuz
كۆرۈش: 633|ئىنكاس: 0

تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى 9 نەپەر كۇرد قوراللىق ئۇنسۇرىنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 00:23:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


شىنخۇا تورىنىڭ 9-فېۋرال خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى بىنگول ۋىلايىتى ھۆكۈمىتى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ 9-فېۋال مەزكۇر ۋىلايەتتە كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 9 نەپەر قوراللىق خادىمىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتقان.

باياناتتا دېيىلىشىچە، تۈركىيە ئارمىيىسى ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن، 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە بىنگول ۋىلايىتىدىكى بىر ئۆينى قورشىۋالغان، 9 نەپەر كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسى قوراللىق خادىمى ئېتىپ تاشلانغان، 3 ئادەم قولغا ئېلىنغان. تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى يەنە نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلارنى قولغا چۈشۈرگەن.

تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ھاككارى ۋىلايىتىنىڭ باشلىقى تۈركەل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاخباراتلارغا دېيىشىچە، بىر توپ كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسى قوراللىق خادىملىرى 9-فېۋرال سەھەردە ھاككارى ۋىلايىتىدىكى بىر بىخەتەرلىك قىسىملىرى قاراۋۇلخانىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان، تۈركىيەنىڭ بىر ئەسكىرى قازا قىلغان، 6 ئەسكىرى يارىدار بولغان. تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى دەرھال قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان، ئىككى تەرەپ بىر يېرىم سائەت ئېتىشقان، 4 نەپەر كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسى قوراللىق خادىمى ئېتىپ تاشلانغان، باشقىلار قېچىپ كەتكەن.

(نەپرەت)

تولۇق مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەزا نامىڭىزدا كىرىڭ: كىرىش ياكى ئەزا بولۇش
ھەقىقىي تارىخ ھامان ئاشكارلىنىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

GMT+8, 2012-9-5 21:50 , Processed in 0.154308 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش