690| 0
|
تۈركمەنىستان كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈمنى يولغا قويىدۇ |
|
تۈركمەنىستان پارلامېنتى بۈگۈن(1-ئاينىڭ23-كۈنى) تېلېۋىزىيە خەۋىرى ۋە گېزىتتە بىرلا ۋاقىتتا تۈركمەنىستاننىڭ بۇ يىل نورۇزدىن باشلاپ كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈمگە كىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 20 يىلدىن بۇيان بىر پارتىيەلىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان تۈركمەنىستاندا، يېڭى سىياسىيت پارتىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغان قانۇن تەكلىپى پىرېزىدېنت قۇربان گۇلى بەردى مۇھەمەدوۋ تەرىپىدىن تەستىقلاندى ۋە رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇربان گۇلى بەردى مۇھەممەدوۋ سايلام تەشۋىقات نۇتىقىدا، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ۋە يېڭى سىياس پارتىيلەرنىڭ قۇرلۇشىغا يول قويىىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىش بىلەن بىللە «سىياسى پارتىيەلەرنى قۇرۇش ھەر بىر تۈركمەننىڭ ئەقەللى ھوقۇقى» دېدى ۋە تۈركمەنىستاننىڭ پۇخرالارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى جاكارلىغان ئىدى. پارلامېتنىڭ ئېلان قىلغان قانۇنىغا ئاساسلانغاندا 9 ئادەم بىرلىشىپ بىر پارتىيە تەشكىللەپ پارلامېنتقا تىزىمغا ئالدۇرسا ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىغا پارتىيەنىڭ نىزامنامىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇقلىقىغا ئاساس سالسا بولىدىكەن. ئاۋستىرىيەنىڭ كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈلمىسىگە تەقلىد قىلىپ تۈزۈلگەن قانۇنىدا تۈركمەنىستاندىمۇ ئاۋستىرىيە بىلەن ئوخشاش قىلىپ سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سايلامغا قاتنىشىشى ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئەزا سانى مىڭغا يېتىشى شەرت قىلىنىدىكەن. شۇنداقلا تۈركمەنىستاننىڭ بىتەرەپلىك مەيدانىغا ھۆرمەت قىلىنغان ئاساسى پىرىنسىپ پارتىيەلەرنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىنىڭ كاپالىتى قىلىنىپ، ئاشقۇن پارتىيەلەرنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىشى ۋە دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان، چەتئەلدىكى پارتىيەلەر بىلەن شۆبە مۇناسىۋىتى بولغان پارتىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشى چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن. تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردى مۇھەمەدوۋ، نۆۋەتتە تۈركمەنىستاندىكى بىرىدىنبىر پارتىيە تۈركمەنىستان دىموكراتىك پارتىيەسىنىڭمۇ باشلىقلىق ۋەزىپىسنى ئۆتەپ كەلمەكتە. تولۇق مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەزا نامىڭىزدا كىرىڭ: كىرىش ياكى ئەزا بولۇش
|
ھەقىقىي تارىخ ھامان ئاشكارلىنىدۇ!
|
|
Archiver|يانفۇن|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )
GMT+8, 2012-9-3 23:46 , Processed in 0.172078 second(s), 18 queries .
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.