ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动交友discuz
كۆرۈش: 1138|ئىنكاس: 0

تۈركىيەنىڭ قىساس ئېلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 00:19:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئاپتورى: دومىنىك موسى (تەرجىمىدە: نەپرەت)

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان يېقىندا، پان ئەرەبىزىم تېلېۋىزىيە تورى ئەلجەزىرە (قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى) تېلېىۋىزىيە ئىستانسىسىغا ھەربىي پاراخوتنى ئىشقا سېلىپ، ئىسرائىلىيە زەربىدار ئەترىتىنىڭ گازاغا ماڭغان تۈركىيە كېمىسىگە چىقىشىنى توسايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. قاھىرەدىكى بىر قېتىملىق نۇتىقىدا، ئۇ يەنە ب د ت نىڭ پەلەستىننى ئېتراپ قىلىشىنى قوللىشى «باش تارتىپ بولالمايدىغان» ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

بۇ ئەھۋالدا، «تۈركىيەنىڭ ياز پەسلى» ئەرەب باھارىدىن كېيىن ئەڭ بالدۇر بارلىققا كەلگەن، ھەتتا ئەڭ مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك نەتىجىمۇ؟ ئوسمان تۈركلىرى رايونلۇق چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە قەد كۆتۈرەمدۇ؟ دۇنيا تۈركىيەنىڭ شەرقلىشىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرامدۇ؟

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى «رەت قىلىش، قوشۇلۇش، ئەمما» دېگەن سۆزلىرى جاراڭلاۋاتقاندا، ئەرەب ئىسيانلىرى تۈركىيەلىكلەرنىڭ قەلبىدىكى شەرقنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى قايتا كۈچەيتتى ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى مىللەتچىلىك ۋە دىننىي ھاياجىنىنى نامايەن قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئەردوغان ھازىرقى ئاشكارا سۆزلىرىدە ئاللاھنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تىلغا ئالىدىغان بولدى.

يېقىنقى يىللاردا، غەرب دۇنياسى خىجالەت بولغان ۋە تەشۋىشلەنگەن ھالدا:«زادى كىم تۈركىيەنى كەتكۈزۈپ قويدى؟» دېگەن سوئالنى قايتا-قايتا سورىدى. ئەمما ھازىر ئىقتىسادىي دېپلوماتىيىسىنىڭ نەتىجىلىرىگە غەرق بولۇپ، ئۆزىدىكى خەۋپلەرنى يوقىتىشقا تەۋەككۇل قىلىۋاتقىنى دەل تۈركىيەنىڭ ئۆزىمۇ قانداق؟

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرقتىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە ئوخشاش، ئەرەب دۇنياسىدىكى بۇ قېتىمقى ئىنقىلابلارنى ئالدىن پەرەز قىلالمىغان ئىدى. 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، باش مىنىستىر ئەردوغان لىۋىيە رەھبىرى مۇئەممەر قازافى تارتۇقلىغان ئىنسانىي ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېرىشكۈچىسى بولۇپ قالدى. گەرچە سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئىنتايىن رەززىل بولسىمۇ، تۈركىيە بەزىدە يەنىلا بەشار ئاساد ھاكىمىيىتى بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى.

تۈركىيەنىڭ مەيدانى «ئەرەب كوچىسى» دېگەندەك يامان جەھەتتىن چۈشەندۈرۈلدى. كىشىلەر تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان قاتتىق قول مەيدانىنى ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئوبرازىنى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرماقچى بولغانلىقىدىن دەپ گۇمان قىلدى.

گەرچە ئەرەب ئىنقىلابلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى بىلىپ يېتىش تەس بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە جارى قىلدۇرغان رولى يەنىلا بۇرۇنقىدىن ئېشىپ كەتتى. تۈركىيە ئېھتىمال ھەقىقىي مەنىدىكى نەمۇنە بولالماسلىقى مۇمكىن، تۇركىيە ماھىيەتلىك ياكى يۈزەكى ھالدا كۆپ قېتىم لىڭگىلتاقتاقلىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىشەنچنىڭ مەنبەسى.

ياۋروپانىڭ 17 ۋە 18-ئەسىرلىرىدە، ئوسمان تۈركلىرىنىڭ «چەتئەلنىڭ سۆيگۈ كۈيلىرى»  ياۋروپانىڭ ئۆزىدىكى كەمچىلىك ۋە خەۋپسىزلىك تۇيغۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتىكى ئەينەك قىلىنغان. فرانسىيەلىكلەر ھەمىشە «تۈركىيە دولقۇنلىرى» تىلغا ئېلىشىدۇ، مەسىلەن موللېرنىڭ «بۇرژۇئازىيەنىڭ سىرى» دېگەن ئەسىرى.

ئوخشاشلا، گەرچە مىسىر بىر مەيدان مالىمانچىلىققا تولغان ئىنقىلابنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئىچكى ئۆزگىرىشكە چوقۇم كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك، ئەمما مىسىرمۇ پەلەستىن مىللىي ھەرىكىتى ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تەسىر كۈچىنى كۆرىنەرلىك جارى قىلدۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى «بىتەرەپ پادىشاھلىق» نىڭ ئەمدى ئۇخلاپ ياتقۇسى يوق.

تولۇق مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەزا نامىڭىزدا كىرىڭ: كىرىش ياكى ئەزا بولۇش
ھەقىقىي تارىخ ھامان ئاشكارلىنىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

GMT+8, 2012-9-3 02:49 , Processed in 0.134449 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش