885| 0
|
تۈركىيە ئارمىيىسىدىكى چوڭ تازىلاش |
|
ئاساسىي قانۇن سىياسىتىدىكى تۈركىيە زىددىيەتلىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئاساس سالغۇچى مۇستاپا كامال ئاتا تۈركنىڭ دۆلەت قۇرۇش روھى يەنى كامالىزىمنى جۇمھۇرىيەتچىلىك، مىللەتچىلىك، دەھرىيلىك، ئاۋامچىلىق، دۆلەتچلىك، ئىسلاھاتچىلىق قاتارلىق ئالتە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. مۇستاپا كامال ئاساس سالغان تۈركىيە ئارمىيىسى ئۆزىنى دۆلەت ئاتىسىنىڭ دۆلەت قۇرۇش روھىنى ۋە دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسىنى قوغدىغۇچى دەپ قارايدۇ، تارىخىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇپ كەلدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇ ئالتە نۇقتىدا تۈركىيەنىڭ سەزگۈر سىياسىي نېرۋىسىغا تەسىر قىلىدىغىنى «دەھرىيلىق» ئىدى. تۈركىيەدىن بۇرۇنقى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى دىن بىلەن سىياسىي بىرلەشكەن دۆلەت بولۇپ، سۇلتان دۆلەتنىڭ پادىشاھى بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلىپىسى ئىدى. مۇستافا كامال زامانىۋىلاشقان تۈركىيە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن سۇلتان ۋە خەلپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىر قاتار سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇپ، «دىن بىلەن سىياسىينىڭ ئايرىلىشى» نى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا دىنسىزلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈردى، ئېدىئولوگىيە جەھەتتە دەھرىيلىك ۋە مىللەتچىلىكنى «پان تۈركسىزىم ۋە پان ئىسلامىزىم» ئىدىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولدى. كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، ئاياللارغا ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇق بەردى، ئاياللارنى باش ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە، پۈتۈن بەدىنىنى مەھكەم ئوراپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى، سىرتقى پائالىيەتلەرنى دادىللىق بىلەن شوغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ ئاممىنى زامانىۋى كىيىملەرنى كىيىپ، كونا تونلىرىدىن ۋاز كېچىشكە رىغبەتلەندۈردى؛ شەھەر يېزا مەكتەپلىرىدىكى دىننىي دەرسلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، زامانىۋى ئىلىم-پەن دەرسلىرىنى كەڭ تۈردە تەسىس قىلدى؛ ئاساسىي قانۇندىكى ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت دىنى بولۇش ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھازىرقى زامان قانۇن تۈزۈلمىسىنى ئىسلام قانۇنىنىڭ ئورنىغا يولغا قويدى. مۇستاپا كامال دەھرىيلىكنى كېڭەيتىشكە پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلدى ھەمدە خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنى ئاساسىي قاتلاملارغىچە كېڭەيتىپ دەھرىيلىكنى تەشۋىق قىلدى. دىنسىزلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىدىن كېيىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتىغا مۇستەھكەم ئاساس سالدى، بۈگۈنكى تۈركىيە دۇنيادىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپلا قالماي، ئەڭ زامانىۋىلاشقان مۇسۇلمان دۆلىتى. ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى يەر شارى بويىچە 17-ئورۇندا تۇرىدۇ، سىياسىينىڭ دېموكراتىيىلىشىش ۋە ئەركىنلىشىش دەرىجىسى ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ ئالدىدا. ئېچىۋېتىلىش دەرىجىسى ئىسلام دۇنياسىدا بىردىنبىر بولۇپ، ھەممە ياردە يېرىم-يالىڭاچ كىيىنىۋالغان مودا قىزلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، چوڭ شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلى ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ شەھەرلىرىدىن قېلىشمايدۇ، ئاخبارات-نەشىرىياتچىلىق ئەركىن گۈللەنگەن.
[url=http://news.okyan.com/View.aspx?ID=3976][/url] تولۇق مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەزا نامىڭىزدا كىرىڭ: كىرىش ياكى ئەزا بولۇش
|
ھەقىقىي تارىخ ھامان ئاشكارلىنىدۇ!
|
|
Archiver|يانفۇن|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )
GMT+8, 2012-9-6 11:08 , Processed in 0.158202 second(s), 18 queries .
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.