792| 0
|
قازاقىستاندا يېڭى نامايىشلارنىڭ ئالدى ئېلىندى |
|
قازاقىستاندا يېڭى نامايىشلارنىڭ ئالدى ئېلىندى [size=+0]
قازاقىستان ھۆكۈمىتى جانائۆزىن شەھىرىدە ئىش تاشلىغان ئىشچىلارنىڭ ئايلىق مائاشلىرىنى زورلۇق بىلەن ئۆستۈرۈشكە رازى بولۇپ ۋەزىيەتنى تېنچىتىشقا مۇۋەپپەق بولغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، «سەنىمدى قۇرۇلۇش» شىركىتىنىڭ 300 گە يېقىن خادىمى ئىش ھەقلىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ، 25-يانۋار كۈنى ئىش تاشلىغان. ئۇشبۇ شىركەتنىڭ پاي چەكلىرى ئارىسىد ئامېرىكىنىڭ چېۋرون نېفىت گۇرۇھىنىڭ بارلىقىمۇ قەيت قىلىندى. مەھەللە كومېتىتلىرىنىڭ سۆزىدىن ئايان بولىشىچە، مائاشلىرىنىڭ تولۇق بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ 25 %لىك مۇئاش بېرىش تەكلىبىنى قۇبۇل قىلىپ، يېڭى ئەمگەك توختاملىرىنى ئاللىبۇرۇن ئىمزالاپ بولۇشقانىكەن. مېدىيا ئورۇنلىرىنىڭ يېزىشىچە، بۇ «سەنىمدى قۇرۇلۇش» شىركىتىنىڭ ئۆزلىرىدىن ھەقىقىي ئىزاھ ئېلىش مۇمكىن بولمىغانىكەن.
بۇيەردىن 700 چاقىرىمچە كېلىدىغان يىراقلىقتىكى، جانائۆزىن نېفىتچىلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ ئالتە ئايچە داۋام ئەتكەن ئىدى. ئەمما «ئۆزەنمۇناي گاز» شىركىتى ئۇلار بىلەن بىر نەچچە ھەپتە سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، مىڭغا يېقىن ئىشچىنىڭ مۇئاشلىرىنى ئۆستۈرۈشكە رازىلىق بەرمىگەنىدى. شىركەت نارازى ئىشچىلارنى ئىشتىن بوشىتىشنى قارار قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ نامايىشلىرىغا ئارتۇق ئېتىبار بەرمەي قويغانىدى. توقۇنۇشلار قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 20 يىللىق ھارپىلىرىدا، يەنى ئۆتكەن يىلى 16-دېكابىردا، نامايىشچىلار زوراۋانلىقلارنى قىلغان ۋە ساقچى خادىملىرىنىڭ ئوت ئېچىشى نەتىجىسىدە كام دېگەندىمۇ 16 كىشى قۇربان بولغانىدى. جاناۋېزىندە يۈز بەرگەن ئۇشبۇ ھادىسىلەر قازاقىستاننىڭ خەلقئارا مىقياسىدىكى ئابرويىغا تەسىر يەتكۈزگەن ۋە پىرىزدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايىف ھۆكۈمىتى پۇخرالارغا يول قويماسلىق بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغانىدى.
قازاقىستان رەھبىرىمۇ شىركەتلەرنىڭ نارازى ئىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى قۇبۇل قىلماسلىقى بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. جانائۆزەندىكى بۇ ھادىسىلەردىن ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا ئېلان قىلىنىشىچە، يېڭى ئىش ئورۇنلىرى يارىتىشقا سېلىنىدىغان سەرمايىلەرنى چۆنتىكىگە سالغان پارىخور ئەمەلدارلارمۇ تىلغا ئېلىنغانىدى. ئۆتكەن يىلى قازاقىستاننىڭ غەربى ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ئىككى قېتىملىق پارتلاش يۈز بەرگەن، ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ھېلىغىچە نامى تىلغا ئېلىنمىغان -قازاقىستاندا بىر ئىسلامى خەلىپىلىك دۆلىتى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان، ئافغانىستاندىكى تالىبانلار بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان«جۇند ئەل خىلافى» گۇرۇھىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. ئۇشبۇ پارتلاشقا ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ قولغا ئېلىنغان ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئېنتېرنېت ئارقىلىق تەھدىت قىلغان «جۇند ئەل خىلافى» گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ قازاقىستاندا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانىدى. (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)
تولۇق مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەزا نامىڭىزدا كىرىڭ: كىرىش ياكى ئەزا بولۇش
|
ھەقىقىي تارىخ ھامان ئاشكارلىنىدۇ!
|
|
Archiver|يانفۇن|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )
GMT+8, 2012-9-3 22:47 , Processed in 0.185536 second(s), 18 queries .
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.